turghon يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 08:18:36

روسىيەدىكى سىز ئويلاپ يەتمىگەن بەش ئىش

1-ئىش: روسىيە ئاھالىسى ئۆي ئۈچۈن پۇل خەجلىمەيدۇ. روسىيەدە كىشى بېشىغا 18 كىۋادرات مېتىردىن ھەقسىز ئۆي بىلەن تەمىنلىنىدۇ،18 كىۋادرات مېتىردىن ئاشقان قىسمىدىنمۇ ئىنتايىن ئاز ھەق ئېلىنىدۇ.
2-ئىش: روسىيەدە سۇ سائىتى يوق. كۈندىلىك تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان سۇ، ئىسسىق سۇ (24 سائەت تەمىنلىنىدۇ)، پار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز، شۇڭا سۇ سائىتى ئورنىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
3-ئىش:داۋالىنىشقا پۇل كەتمەيدۇ، ئوپېراتسىيە، ياتاقتا يېتىش، داۋالىنىش ھەقسىز، پەقەت دورىغىلا پۇل ئېلىنىدۇ. مەيلى روسىيەلىك بولۇڭ ياكى بولماڭ روسىيە تەۋەلىكىدە كېسەل بولۇپ قالسىڭىز ھەقسىز داۋالىنىسىز.
4-ئىش: مائارىپ تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. مەكتەپتە ئوقۇش ھەققى ئېلىنمايدۇ، كىتاب ھەقسىز، بارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا بىر ۋاخ ناشتىلىق ياكى ئوزۇقلۇقى مول چۈشلۈك تاماق بېرىلىدۇ.ئەگەر روسىيەلىك ئاتا-ئانىدىن «بۇ نېمە ئۈچۈن؟»دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار:« ئەگەر مەكتەپ تاماق بەرمىسە، بالام نىمە يەيدۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
5-ئىش: خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنۇلىدۇ. ئىشسىزلارنىڭ سانىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، روسىيە ھۆكۈمىتى كارخانا زور مىقداردا ئىشچىنى ئىشتىن بوشاتماقچى بولسا، ئەمگەك كېلىشىمىنى بىكار قىلىشتىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك، ئىلتىماسى تەستىقلانماي تۇرۇپ ئىشچىلارنى ئىشتىن بوشاتسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

«دۆلەت مۇداپىئە ۋاقىت گېزىتى» دىن ئېلىنغان. بۇ ماقالە «شىنجاڭ مائارىپى»ژۇرنىلى 2014-يىللىق 3-سانىغا بېسىلغان.

servi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 11:00:57

توۋا خۇدايىم، ئۆي ئالدۇقدەپگەدەنگىچە قەرزگە پېتىپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتىغۇ

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 11:13:23

شۇڭا پۇتىننى خەلق قوللايدۇ-دە!

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 11:34:18

بۇلارغا مەن سەل گۇمانلىنىپ قالدىم. ئاساسىم شۇكى رۇسسىيەنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئانچە ئەمەس يەنە كىلىپ نۇپۇسى 150 مىليون ئەتراپىدىغۇ دەيمەن. «پۇتىن رۇسسىيەسى»دىگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىمدە پۇتىننىڭ قانداق قىلىپ سىياسىي سەھنىگە چىققانلىقىنى تۇنۇشتۇرغانىدى، شۇنىڭدا ئۆكتىچىلەردىن بىرى شۇنداق دىدى:«پۇتىن دەۋرىدە رۇسسىيەنىڭ گۈللىنىشى پەقەتلا موسكىۋادىلا، شەھەردىن سىرتقا چىقسىڭىز ھىچقانداق تەرەققىياتنىڭ ئىزىنى كۆرەلمەيسىز. مۇشۇ گەپلىرىم ئۈچۇن قەستلەپ ئۆلتۇرۇلىشىم مۇمكىن، بىراق دىمىسەم بولمايدۇ». بەلكىم بۇمۇ پۇتىننىڭ تەشۋىقاتىنىڭ قاتا ئۇچۇرى بۇلىشى مۇمكىن، كىم بىلىدۇ.

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 11:43:20

ئامرىكا ئويۇن ئوينىماۋاتقاندۇ ھە ، ئەمدى بۇ گەپ نەدىن چىقتى؟{:99:} بۇ گەپ نەگە باماقچى؟ رەززىل ئامرىكا ، سۇريەدىكى پوقىنى ئەتمەي روسىيەگە كەلدى ، ئۇنىڭدىن ئۆتۇپ قازاقئىستانغا كەلمەكچى

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 12:14:45

روسىيەنىڭ زىمىنىغا ھەر بىر كىشى بىر گىكتار يەردە ئولتۇرسىمۇ يەنە ئىشىپ قالارمىكىن .

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 12:15:47

مۇشۇلار ئاشلىق زىرائەتنى قانداق قىلىدىغاندۇ ،
شۇنچە سوغۇق تىرىغىنى بولدىغان يەر ئاز مىنىڭچە قىممەت بولىشى مۇمكىن .

putaki يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 12:41:10

attir يوللىغان ۋاقتى2015-3-17 12:15 static/image/common/back.gif
مۇشۇلار ئاشلىق زىرائەتنى قانداق قىلىدىغاندۇ ،
شۇنچە س ...

رۇسىيەنىڭ توپرىقى مۇنبەت،ئۇنىڭ ‹‹ئاشلىق ئامبىرى›› دەپ نامى بار.ئاشلىق ئىكىسپورتى دۆلەت ئىگىلىگىدە مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدۇ.:handshake

putaki يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 12:52:59

روسىيە نامرات بۇلغان بىلەن خەلقى ئۈچۈن مەرتكەن.مۇشۇ بىر يىرى بولغىدەك.

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 13:33:05

دۆلىتىمىزدە قاچانمۇ شۇنداق سىياسەتلەر ئەمىنلىشەر {:87:}

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 13:40:33

putaki يوللىغان ۋاقتى2015-3-17 12:52 static/image/common/back.gif
روسىيە نامرات بۇلغان بىلەن خەلقى ئۈچۈن مەرتكەن.مۇشۇ بى ...

شۇڭا 100 % رۇس خەلقى رۇسىيەگە جان پىدا، 90 % رۇس پاتىريوتلىرى پۇتىننى سۆيىدۇ. بۇ پۇتىننى سۆيگەنلىكلا ئەمەس، بەلكى دۆلىتىنى سۆيگەنلىك.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 13:59:54

خەۋەرلەرنىڭ قايسى راست قايسى يالغان بىلگىلى بولمايدۇ . ئۆتكەندە ياپۇنىيە توغرۇلۇق خەۋەردە كۈنلۈك ئىشلەمچىلەرنىڭمۇ ئۆي ئىجارىسى تۆلەپ يەنە پۇل ئېشىنالايدىغانلىقىنى ئوقۇغان ئىدىم ، نۇر تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆي ئىجارىسى تۆلىيەلمەي تورخانىدا ياتىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ.

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 14:27:27

ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ .

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 14:38:41

paltahun يوللىغان ۋاقتى2015-3-17 13:59 static/image/common/back.gif
خەۋەرلەرنىڭ قايسى راست قايسى يالغان بىلگىلى بولمايدۇ . ...

ئۈستىدىكىسى راست گەپ ، ئاستىدىكىسى بۇلغانغان خەۋەركەن. ياپۇنيەدە ھەرقانداق ئىش قىلسىڭىزمۇ كوچىدا قالمايسىز، ھورۇن بولسىڭىز باشقا گەپ.

311 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 18:09:12

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 18:33:35

بىز بۇرۇن مالىمدىن ئاڭلايتتۇق بۇ گەپلەرنى ، ئۇ چاغلاردا مالىممۇ ھۈكۈمەتنىڭ ئۆيىدە ئولتۇراتتى ، كىيىن ھەممە ئادەم ئۆينى پۇلغا ئالىدىغان بولدى ...

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 19:35:39

باشقىلارنىڭ رىسقىنى سانىماي يەۋەرسە مۇشۇندااق بولدۇ ،

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 19:52:10

torqicom يوللىغان ۋاقتى2015-3-17 13:33 static/image/common/back.gif
دۆلىتىمىزدە قاچانمۇ شۇنداق سىياسەتلەر ئەمىنلىشەر

قۇم چېچەكلىگەندە:lol

adleer يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 20:07:12

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 20:17:36

ئۇنداقمۇ دەپ كەتمىسىلە. ھېلىمۇ كۆپ ئىشلار ئۆزگەردى. ھەممىنى ياخشىلىۋېتەيلى دېسەك، بىر مىلىيارت ئۈچيۈز ئەللىك مىلىيون ئادەم تۇرسا. قايسى بىرىنى رازى قىلارمىز! باش قېتىنچىلىقى بىزگىمۇ. چەتئەللىككە ھەۋەس قىلغان بىلەن باردىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغان ئىش چىقىدىكەن تېخى....
بەت: [1] 2
: روسىيەدىكى سىز ئويلاپ يەتمىگەن بەش ئىش