ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 14:44:50

تىلۋىزور ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

بىر تىلۋىزور ۇقىرى تەكرارلىق تىلۋىزىيە سىگنالىنى ئارلاشما ھالەتتە كۈچەيتىپ ئاندىن سىگنال تاللاپ كۈچەيتىپ ئۇتتۇرا چاستوتىلىق سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ كىيىنكى بۇغۇمغا يوللاپ بېرىدىغان يۇقىرى تەكرارلىق كۈچەيتىش تاللاش بۇغۇمى (گاۋپىنتوۇ، 高频头 ) ، ئۇتتۇرا چاستوتىلىك كۈچەيتىش بۇغۇمى، ئاۋاز سىگنالى ئايرىش بۇغۇمى، مەيدان قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال ۋە قۇر قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال ئايرىش بۇغۇمى، يورۇقلۇق دەرىجە سىگنالى ، رەڭ ئايرىش بۇغۇمى دىگەندەك كۆپ بۇغۇملاردىن تەركىپ تاپىدۇ، دىمەك تىلۋىزىيە سىگنالىمۇ خاس ئاۋاز بىلەن سۈرەتتىن ئىبارەت ئىككىلا سىگنال ئەمەس، يەنە قۇر قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال، مەيدان قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال، ئۈچ ئاساسى رەڭ سىگنالى ۋە يورۇقلۇق سىگناللېرىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، تىلۋىزور ئىكرانى نىپىز ئىكرانلار مەيدانغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاساسەن ئىلىكتىرونلۇق لامپا پىرىنسىپىدا ئىشلەيتتى،رەڭلىك تىلۋىزوردا ئۈچ دانە ئاساسى رەڭ تېخنىكىسى قوللىنىلغان بۇلۇپ ، قىزىل، يىشىل ۋە كۈكتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسى رەڭنى مۇۋاپىق قۇشۇش ئارقىلىق باشقا رەڭلەر ھاسىل قىلىناتتى، مەن بۇرۇن ئۇقۇغان تىلۋىزور دىگەن كىتاپتا ، يىشىل رەڭ 56، كۈك رەڭ 11، قىزىل رەڭ 29 بۇلۇپ، قىزىل بىلەن كۈك قۇشۇلسا سۆسۈن، قىزىل بىلەن يىشىل قۇشۇلسا سېرىق، كۈك بىلەن يىشىل قۇشۇلسا ھاۋا رەڭ دىگەندەك ، ھەممىسى قۇشۇلسا ئاق رەڭ ھاسىل بۇلىدۇ.
   
رەڭلىك فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدىلا ئۈچ ئاساسى رەڭ پىرىنسىپى بۇيىچە سۈرەتكە ئالىدىغان بۇلۇپ ھەر-قايسى رەڭلەرنىڭ مىقتارى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن خاتىرلىنىدۇ، رەسىم 2 سىنغا ئىلىش پىرىنسىپ رەسىمى. رەسىم 3 بولسا تىلۋىزوردىكى ئۈچ خىل ئاساسى رەڭلەرنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىكراندا رەڭلىك سۈرەت ھاسىل قىلىش پىرىنسىپ ئىسخىمىسى بۇلۇپ، سايىلىك سۈرەت كۆرسىتىش بىلەن ئۇخشاپ كىتىدۇ. بۇرۇنقى ئىكرانلارنىڭ كەينىدىكى ئىلىكتىرون مىلتىقى قىسمىغا قارىسا رەڭسىز تىلۋىزورلاردا بىر تال، رەڭلىك تىلۋىزورلاردا بولسا 3 تال قىزىتىش پىلىكى بار.
كاپىتالىستىك دۆلەتلەر دەسلەپكى تەرەققىيات ئاساسىدا رەڭلىك سۈرەتنى تىلۋىزىيە سىگنالى قىلىپ تارقىتىش ھەم بۇرۇنقى رەڭسىز تىلۋىزورلاردىمۇ كۆرگىلى بۇلىدىغان قىلىپ يورۇقلۇق سىگنالى بار قىلىپ pal دەيدىغان تۈزۈمدە سىگنال تارقىتىپ ئۇزۇنغا بارمايلا رەڭلىك سۈرەتنى سۈزۈك چىقىرىدىغان ntsc تۈزۈمىدە تارقىتىشنى باشلىغان، بۇنىڭدا نۇرغۇن پۇخرالار رەڭسىز ۋە pal تۈزۈمىنى قوللايدىغان رەڭلىكتىلۋىزورلېرىدىن پايدىلىنالماي يىڭىدىن ntsc تۈزۈمنى قوللايدىغانرەڭلىك تىلۋىزور سىتىۋىلىشىغا تۇغرا كىلەتتى.
دۆلىتىمىزدە بۇرۇن ئاساسلىقى رەڭلىك ۋە رەڭسىز تىلۋىزورلارنى تەڭ سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە pal تۈزۈمىدىكى تىلۋىزىيە سىگنالى تارقىتىلاتتى. شۇڭا كونا تۈزۈمدە تىلۋىزىيە پىرۇگگىراممىلېرىنى قوللايدىغان نۇرغۇن تىلۋىزورلارنىڭ ئىسراپ بۇلۇپ خەلىققە زىيان بۇلىشىدىن ساقلانغان ئاساستا ھازىرغىچە شۇ تۈزۈمنى ساقلاپ قالغان.
   تىلۋىزىيەدىكى سۈرەت كۆرسىتىش لامپىسى 766250 دانە يورۇتۇلىدىغان چىكىتتىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، مەيدەن تەكرارلىقى(تۇغرىسىغا) 50 گىرتىس، قۇر تەكرارلىقى سىكونتىغا 16325 گىرتىس (تىك) بۇلىدۇ، يەنى ھەر-بىر چىكىت نۇقتىنىڭ رەت بۇيىچە كۈچلۈك ياكى ئاجىز يورىشى ئارقىلىق سۈرەت ھاسىل قىلىنىدۇ. يورۇقلۇقنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى سۈرەت لامپىسى ئىلىكتىرون مىلتىقىدىن ئىتىلىپ چىقىدىغان ئىلىكتىرونلارنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى يۇقىرى سۈرئەتتە تىزگىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قايسى ئىلىكتىروننىڭ قايسى چىكىت نۇقتىغا سۇقۇلىشىنى مەيدان ۋە قۇر ئېغىتقۇچى ئورامىدا ھاسىل بولغان ماگىنىت مەيدانى بەلگىلەيدۇ.
   تۇلۇقسىزدا ئۇقۇغاندا كىنو لېنتىسىدىكى سۈرەتنىڭ سىكونتىغا 24 پارچە يۈتكىلىش ئارقىلىق بىزگە ھەركەتلىنىۋاتقان سۈرەت كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلگەنتۇق، تىلۋىزىيەدە بولسا سىكونتىغا 25لىك سۈرئەتتە ئالمىشىدۇ، يەنى 50 گىرتىسلىق مەيدان ۋە 16325 گىرتىسلىق قۇر تەۋرىنىشىدىن ئىبارەت. كىنو لېنتىلېرىنى تىلۋىزىيە سىگنالىغا ئايلاندۇرۇشتا شۇنداق سىكونتىغا 25 قىتىم ئالمىشىدىغان قىلىپ تەڭشەيدۇ، بۇنىڭدا سۈرەتنىڭ ئازغىنا ئىتتىكلىشى كۆزىمىزگە بەك بىلىنىپ كەتمەيدۇ.

ئىلىكتىرون لامپىلىق تىلۋىزورنى كۆرگىنىم ئىسىمدە يوق، بىر غۇۋا ئىسخىمىسى؛

بۇ يېرىم ئۈتكۈزگۈچلۈك كىرىستال لامپىلاردىن ئىشلەنگەن تىلۋىزور ئىسخىمىسىنىڭ بىر قىسمى

بۇ يېرىم ئۈتكۈزگۈچلۈك توپلاشتۇرۇلغانتوك يوللۇق رەڭسىز تىلۋىزورنىڭ ئىسخىمىسى؛

تۈۋەندىكىسى رەڭلىك تىلۋىزور توك يۇلى ئىسخىمىسى؛

1-تىلۋىزور يۇقىرى تەكرارلىق بىشى؛ 高频头

ئالدى بىلەن رەڭسىز تىلۋىزورلارنىڭ يۇقىرى تەكرارلىق سازلاش قىسمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى، ئادەتتە كۈپىنچە تىلۋىزىيە تارقىتىش چاستوتىسىVHFتەكرارلىق دائىرىسى 30 دىن 300 مىگا گىرتىسقىچە ۋە UHF تەكرارلىق دائىرىسى 300دىن 3000مىگا گىرتىسقىچە بۇلۇپ ئالدىنقىسىدا 1دىن 12 گىچە قانالدا كىيىنكىسىدە بولسا 13 تىن 56 گىچە قاناللارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
دەسلەپتە رەڭسىز تىلۋىزورلارنىڭ يۇقىرى چاستوتىلىق قۇبۇللاش بىشى مىخاينىكىلىق ئۇسولدا ئۆزىدىكى تەۋرىنىش ئوراملېرى ۋە سازلاش تەكرارلىقىغا ماس كىلىدىغان ئۆلچەمدە ئورالغان سىم ئوراملارنى مۇناسىپ ئورۇنغا ئۇلاپ ئۈزۈش ئارقىلىق قانال تاللاشنى ئىشقا ئاشۇرغان بۇلۇپ ، يۇقارقى رەسىمدىكى چوڭ رەڭسىز رەسىم شۇنىڭ قۇرۇلمىسى، ئوڭ تەرەپ ئۈستىنكى بىر رەسىمدىن باشقىلېرى شۇنىڭ مىتال قاپلىق سۈرىتى. رادىئودا يىقىن ئەتراپتىكى تىلۋىزىيە قاناللېرىنى بىۋاستە كۈچەيتىشچان رادىئو قۇبۇللىغۇچ ئارقىلىق قۇبۇللىغىلى بولسىمۇ تىلۋىزىيەدە ئاۋاز، سۈرەت، ۋە قەدەملاشتۇرغۇچى سىگناللار بار بولغاچقا كۆپلىگەن قاناللارنى بىر بىۋاستە كۈچەيتىشلىك توك يۇلى ئارقىلىق نورمال قۇبۇللاپ كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا يەنىلا يۇقىرى تەكرارلىق سىگنالغا ئەسلى سىگنالدىن 38 مىگا گىرتىس يۇقىرى تەكرارلىق سىگنالنى قۇشۇپ ئارىدا يەنە بىر 38 مىگا گىرتىسلىق ئارا چاستوتا ھاسىل قىلىپ شۇنى نەچچە بۇغۇملۇق كۈچەيتىپ ئاندىن شۇنىڭدىن يەنە 6.5 مىگا گىرتىسلىق ئارا چاستوتا ھاسىل قىلىپ ئاۋاز چاستوتىسىنى ئايرىۋالىدۇ، يەنە 10.5 مىگا گىرتىسلىق ئايرىم ئارا چاستوتا سىگنالى ھاسىل قىلىپ ئۇنىڭدىن سۈرەت سىگنالى ، قۇر-مەيدان قەدەملاشتۇرغۇچى سىگناللارنى ئايرىۋىلىپ قۇر ۋە مەيدان تەۋرەنەۈچلېرىنى سۈرەت مەنبەسىدىكى ئەسلى سىگنالدىكى قۇر-مەيدان سىگناللېرىغا ماسلاشتۇرۇپ ئاندىن سۈرەت كۆرسىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇرۇنقى رەڭسىز تىلۋىزور كۆرگەنلەر ئىكراندا قىيپاش ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سىزىقلار چىقىۋالغاندا قانال يۈتكىگۈچنىڭ سىرتىدىكى ھالقىسىنى بىسىپ تۇرۇپ بۇراپ سۈرەت نورمال چىققاندا ئاندىن كۆرەتتۇق، شۇنىڭدا 38 مىگا گىرتىسلىق ئۆزىدىكى تەۋرىنىش سىگنالىنى تەڭشىگەن بۇلۇپ، ئارا چاستوتىلىق 38 مىگا گىرتىسلىق سىگنالنى مۇقىملاشتۇرۇغاندىن كىيىن قەدەملاشتۇرغۇچى سىگناللار يىتەرلىك كۈچىيىپ قۇر تەۋرىنىشىنى 16325 گىرتىس ياكى ئەسلى سىگنالدىكى تەۋرىنىشكە ماسلاشتۇرغان بۇلىدۇ. قۇر-مەيدان ئېغىتقۇچى ئوراملېرىدىكى ماگىنىت لاش كۈچىمۇ بىر ۋاقىتتا ماسلىشىپ ئىلىكتىرونلارنى سۇقۇلۇش ئورنىمۇ تەڭ ماسلاشتۇرۇلغان بۇلىدۇ.


سىگنالنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى تىلۋىزور كۆرۈشىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ سىگنال ئاجىز بولسا بىر بولسا سۈرەت يوق ئاۋازى ئاران چىقىدۇ، بىر بولسا چىمىرلاپ نۇرغۇن قار ئۇچقۇنلېرى پەيدا بۇلىدۇ. يۇقىرى تەكرارلىق باش نورمال دائىرە ئىچىدە سەل ئاجىزراق سىگنالنىمۇ كۈچەيتەلەيدىغان قىلىپ لاھىيلەنگەن بۇلۇپ، سىگنال كۈچلۈك يەردە بىرىنچى لامپا يەنى سىگنال كۈچەيتىش لامپىسىنىڭ ئاساس قۇتۇپ تۇكى كۈچەيتىشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا تەڭشەلگەن بۇلىدۇ، ئەگەر 38 مىگا گىرتىسلىق ئارا تەكرارلىق كۈچەيتكۈچتىن كۈچەيتىلىپ چىققان سىگنال بەك كۈچلۈك بولسا ئاساسى قۇتۇپ توك بىسىمىنىمۇ ماس تۈۋەنلىتىپ سىگنالنىڭ كۈچەيتىلىشىنى تىزگىنلەيدۇ. بۇ تەرپى رادىئودىكىدەك سىگنال كۈچەيتىشنى ئاپتۇماتىك كونتۇرول قىلىسىمۇ ئۇخشىمايدىغىنى تىلۋىزوردا يەنە ئارا تەكرارلىق سىگنال كۈچەيتىش بۇغۇمى ئارسىدىمۇ بىر كۈچەيتىشنى ئاپتۇماتىك كونتۇرول قىلىش توك يۇلى بار. كەسپى ئاتالغۇدا ئا گ س توك يۇلى دەپ قىسقارتىپ ئاتايمىز، ئىسخىمىلاردا AGC ھەرپى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۈتۈشكە تىگىشلىك بىر ئىش بولساتىلۋىزور 1883-يىلى كەشىپ قىلىنغان بولسىمۇ 1951-يىللېرىغا كەلگەندە ئاندىن رەڭلىك تىلۋىزور بارلىققا كەلگەن، رەڭ ئايرىش توك يوللېرى تۇلىمۇ مۇرەككەپ بولغاچقا كۈپىنچە رەڭلىك تىلۋىزور زاۋۇتلېرى رەڭ ئايرىش توك يۇلىدا ساناقلىق نەچچە دۆلەتنىڭ مەھسۇلاتىغا تاينىپ كەلگەن. دۆلىتىمىز 2005- يىلغا كەلگەندە ئۆز ئالدىغا رەڭلىك تىلۋىزور ياساپ چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، خېلى نۇرغۇن دۆلەتلەر رەڭلىك تىلۋىزور ئىشلەپچىقىرالىسىمۇ پۈتۈنلەي ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەنگەن زاپچاسلاردا ئىشلەپچىقىرالايدىغىنى كۆپ ئەمەس.
رىمونتچىلىقنى تاشلاپ قويغىلى 15 يىلدىن ئاشقان بولغاچ بىر قىسىم يەرلېرىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇرىمەن، شۇڭا باشقا تورداشلارنى ئىنكاس ئارقىلىق تۇلۇقلاشقا تەكلىپ قىلىمەن.
مەزمون كۆپ بولسا سىغىم چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقتىن داۋامى ئايرىم تىما قىلىپ يوللىنىدۇ. رەسىملەرنى چۈشۈرۈپ كۆرسە چوڭراق چىقىدۇ.

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 16:28:14

جاپا تارتىپسىز رەھمەت . لېكىن تۇلىمۇ كىچىكىپ يوللاپسىز . 15 يىل بۇرۇن بولسا بۇلاتتىكەن . ۋاقتى ئۆتتى ئەمەسمۇ !!!

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 16:37:43

نىمانچىلا مۇرەككەپ گەپلەر ۋۇي ،بۇنى ئوقوپ جاننى قىينغىچە دەنشىدە قويغان كىنۇلارنى ئالا -قويماي كورگەن ياخشىغۇ،،،:funk:

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 16:48:41

lata يوللىغان ۋاقتى2015-3-16 16:28 static/image/common/back.gif
جاپا تارتىپسىز رەھمەت . لېكىن تۇلىمۇ كىچىكىپ يوللاپسىز ...

مەن ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرگە كىرگىلىمۇ ئۇزۇن بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىكى ئاساسى بىلىم يەنىلا زامانىۋى نىپىز ئىكرانلاردا قوللىنىلىپ كىلىۋاتىدۇ، ئۇخشىمايدىغىنى پەقەت كۆرسىتىش ئىكرانى ۋە سۈرەت ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى، سىگنالدىن ئايرىۋىلىش تېخنىكىسى ئاساسەن ئوخشاش...

karizqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 17:03:31

تەرەققىيات چوقۇم بېسىپ ئۆتۈش كېرەك بولغان يول ،تېما ئىگىسى رەھمەت سىز ھەقىقەتەن تۆھپە قوشقۇچىلار قاتارىدا مەرەك بوسۇن قېرىندىشىم ،داۋامىغا تەشنامىز ،
توپىدا ياتسا گۈھەر
بولماس باھاسىغا قىلچە زىيان.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 17:34:14

بىلىپ قويغاننىڭ ، ئاڭلاپ قويغاننىڭ ، ئوقۇپ قويغاننىڭ كۆرۈپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 17:50:36

karizqi يوللىغان ۋاقتى2015-3-16 17:03 static/image/common/back.gif
تەرەققىيات چوقۇم بېسىپ ئۆتۈش كېرەك بولغان يول ،تېما ئى ...

ھازىر ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇۋاتقان قېرىنداشلېرىمىزمۇ كۆپ، مومكىن بولسا شۇلارنىڭ دەرىسلىكلېرىنىمۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ يەتكۈزۈپ بېرەلىسەك دەرىس ئۆزلەشتۈرىشىلا ئەمەس خەنزوچە خەت تۇنۇش ۋە ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىغىمۇ چوڭ ياردىمى بۇلىدۇ. ھەممىمىز خەنزوچە ئۈگىنىشتە ئالدى بىلەن پىنيىن ئۈگىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز، ئەمما بۇنداق ئۈگىنىشتە خەتنىڭ ئۇقۇلىشى ۋە مەنىسىنى چۈشىنىشتە شۇنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئاددى يىزىقنىڭ رولى شۇ پىنيىنغا ئوخشاشلا چوڭ بۇلىدۇ. شۇڭا ئالى مەكتەپلەر خەنزو تىلى دەرىسلىكىدە خەنزوچە ۋە ئۇيغۇرچە تېكىستنىمۇ تەڭ بېرەتتى.

21132113 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 18:42:59

ئىلىكتىر تەخنىكىسى ھەقىقەتەن مۇرەككەپبولغان بىر تەخنىكا بولۇپ، بىز دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىشۇ دۆلەتنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى تەخنىكىغا باغلىق. شۇ سەۋەپتىن ئامېرىكامۇشۇ تەخنىكىسى بىلەن دۇنيانىڭ سەركىسى بولۇپ كىتىۋاتماقتا

izdiniman110 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 20:44:53

كىچىك چاغلىرىمدا شۇنچىلىك قىزقىتىمئىلىكتىر ئىشلىرىغا ، ئۆيدە ئادەم بولمىسلاتىلۋۇزۇر رادئو دىگەنلەرنى چۇۋۋالاتتىم .كىين ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىغافىزىكا كەسپىنى تولغۇزسام   تەڭداش ئارزۇ    ماتىماتكىدىن كەلگەن ، مانا نەچچە يىل ماتىماتكا ئوقۇپ ئوقۇتقۇچىمۇ بولدۇم ، لىكىن فىزىكىغا بولغان قىزقىشىم ھىلھەممۇ بار

izdanjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 22:37:31

بولسا مۇشۇ (holography technology)(全息技术)توغرىسىدا بىلىدىغان دوسلار بولسا ئورتاقلاشساق .
http://image.baidu.com/i?ct=503316480&z=&tn=baiduimagedetail&ipn=d&word=%E5%85%A8%E6%81%AF%E6%8A%80%E6%9C%AF&step_word=&ie=utf-8&in=23934&cl=2&lm=-1&st=-1&cs=2126446247,2487099804&os=255268529,1765102878&pn=76&rn=1&di=140660198170&ln=1882&fr=&&fmq=1426523609946_R&ic=0&s=&se=1&sme=0&tab=&width=&height=&face=0&is=&istype=2&ist=&jit=&objurl=http%3A%2F%2Fimages.ofweek.com%2FUpload%2FNews%2F2015-2%2Fcg%2F0226%2F5.jpg&adpicid=0

izdanjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 22:39:56

بۇ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ھازىر قانچىلىك ؟

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 23:24:27

كومپىيوتىر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سەۋىيەسىگە قارىتا ھېس قىلىشىمدا،90-يىللاردا dos,Linux سېستىمىسى ئىشلىتىپ كومپىيوتىر ئۈگەنگەنلەرنىڭ سەۋىيەسى كۆزنەك سېستىمىسى ئومۇملىشىپ ئۈگەنگەنلەرنىڭكىدىن ياخشىراق ئىكەن.
سەۋەبىنى مەن ئۇل-ئاساسى پۇختا دەپ تەھلىل قىلدىم.
ئابلىمىت ئەپەندىم يوللىغان تېما گەرچە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، مېنىڭچە يەنىلا ئەھمىيىتى زور ئەمگەك.{:112:}

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 00:15:48

izdanjan يوللىغان ۋاقتى2015-3-16 22:39 static/image/common/back.gif
بۇ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ھازىر قانچىلىك ؟

http://tieba.baidu.com/p/2076106755يۇقۇرقى مەنبەدە DIY تولۇق تەسۋىر ئۈسكۈنىسى ياساش جەريانى بار.

ئۆزەم فانتازىيە ھەۋەسكارى بولغاچقا ئۈچ ئۆلچەملىك تولۇق تەسۋېر تېخنىكىسىغا تولىمۇ قىزىقىمەن. مەن توردىن ئىزلەپ تاپقان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىدەك.
ھازىرقى باسقۇچتىكى تولۇق تەسۋېر تېخنىكىسى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
1. ئېزىتقۇ پىرىنسىپى- ھاۋاغا سۇ پارى قويۇپ بېرىپ، سۈرەتنى پارلانغان ھاۋاغا چۈشۈرىدۇ. بۇ خىل ئۈسكۈنە ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ سۈرەت كۆرسىتىش ئىقتىدارىلا بار بولغىنىنىڭ باھاسى 18 مىڭ دوللار، ھاۋا چەكمە سەزگۈچلۈك ئىقتىدارى قوشۇلغان ئۈسكۈنە 19 مىڭ دوللار. مەن كۆرگەن مۇناسىۋەتلىك سىن ماتىرياللىرىدىن قارىغاندا بۇ خىل تېخنىكىنىڭ كەمچىلىكى تۇراقلاشتۇرۇش ئاجىز، تەسۋېر بەكلا تىتىرەيدىكەن.
2. پارتىلىتىش پىرىنسىپى- ھاۋاغا ئازوت ۋە گېلى گازى قويۇپ بېرىپ، لازىر ئارقىلىق پارتىلىتىپ تەسۋېر ھاسىل قىلىدىكەن، بۇ تېخنىكىنى ياپۇنىيەلىك بىر تەتقىقاتچى ياش كەشىپ قىپتۇ.
3. يۇقۇرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان سۈزۈك ئەينەك ئېكران تېخنىكىسى - 45 گىرادۇسلۇق سۈزۈك ئەينەك ئېكرانغا تەسۋېر چۈشۈرۈلگەندىن كىيىن يۇقۇرى سۈرئەتتە ئايلاندۇرۇلىدىكەن. بۇ ئارقىلىق تۇراقلىق، تىتىرىمەيدىغان تەسۋېر ھاسىل قىلغىلى بولىدىكەن.
مەن كۆرگەن مۇناسىۋەتلىك سىندىن قارىغاندا ھازىرقى تولۇق تەسۋېر ئۈسكۈنلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ تېخنىكا ئوخشايدۇ.

20 مىڭ سوم ئەتىراپىدا مەبلەغ سالسا، سەل ئەبگاراق بولسىمۇ تولۇق تەسۋېر ئۈسكۈنىسىنى ياساپ چىققىلى بولىدىكەن پەرىزىمدە.:lol
لىكىن نۆۋەتتە بۇ تېخنىكا بىلەن پۇل تېپىش پۈرسىتى ئاز. چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرىنىڭ كۆرگەزمە زاللىرىغىلا ساتقىلى بولامدىكى، زىيان چىقمىدى دىگەن تەقدىردىمۇ، پۇل تاپقىلى بولماسلىقى، سەرىپ قىلغان ۋاقىتنى ھېساپلىساق زىيانغا مېڭىشى مۇمكىن.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 00:17:08

سەزگۈر سۆزلەرنى يازمىغانتىم، بايا يازغان ئىنكاسنى تەستىقلاپ ماۋۇ ئىنكاسىمنى ئۆچۈرۋېتىڭلار.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 06:23:23

izdanjan يوللىغان ۋاقتى2015-3-16 22:39 static/image/common/back.gif
بۇ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ھازىر قانچىلىك ؟

ھازىر قاتلىغىلى بۇلىدىغان نىپىز ئىكرانلار، يەنە قول سائىتى ئىكرانى دىگەندەك بۇپ كەتتى، 80-يىللاردا خەنزوچە ئىلىكتىر ژۇرنالدىن ياپونىيەنىڭ بىر بىناغا كۆرۈنمە چاستوتىدا تىلۋىزور قىلىپ چاپلىغان دەپ رەسىمى بىلەن كۆرگەنتىم. ئەلۋەتتە ئۇ LED ئىكران بۇلىشى مومكىن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 06:37:28

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى2015-3-16 23:24 static/image/common/back.gif
كومپىيوتىر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سەۋىيەسىگە قارىتا ھېس قى ...

شۇ دىگىنىڭىز ئورۇنلۇق، بۇرۇن dos نى بىلىدىغان دوسلېرىمنىڭ قىشىدا ۋاختىمدا بىلمىسەم دوسلېرىم بولغاندىكىن دەپ ئۈگىنىۋالماپتىمەن، ھازىرمو كۆپ ئەسقىتىدىغان ئىشكەنتۇق...
تىمىغا كەلسەك ئىلىكتىرنىڭ بىششى تۇلۇقسىز فىزىكىدىن باشلىنىپ ، ئورامچىلىق ، رادىو، قۇۋۋەت كۈچەيتىش... بۇلۇپ ماڭغاندا ئاندىن سېستىمىلىق ئۈگەنگەن بۇلىدۇ، مەيلى قانچىلىك تەرەققى تاپقان دۆلەتتە بولسۇن ئىلىكتىر كەسپىدە رادىو كەم بولمايدۇ.

karizqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 08:15:42

ئابلىمىت ئۇستام ھازىر نىمەئىش قىلۋاتىدىكىن .

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 08:17:54

kuwruk يوللىغان ۋاقتى2015-3-16 16:37 static/image/common/back.gif
نىمانچىلا مۇرەككەپ گەپلەر ۋۇي ،بۇنى ئوقوپ جاننى قىينغ ...

يەنىلا دەنشى كۆرۈپ ،قورساقنىڭ تويغىننى بېسىپ بېقىپ بىلىپ يۈرىۋېرەيلى،جان قىينالمىسۇن دەپ يۈزىمىزنىمۇ يۇماپتىمىز ئەينا

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 08:28:10

izdanjan يوللىغان ۋاقتى2015-3-16 22:37 static/image/common/back.gif
بولسا مۇشۇ (holography technology)(全息技术)توغرىسىدا بىلىدىغان د ...

ئاۋۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە ماتىريال بولسا يوللاپ قويسىڭىز تەھلىل قىلىپ باقمايلىمۇ؟...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 08:31:21

karizqi يوللىغان ۋاقتى2015-3-17 08:15 static/image/common/back.gif
ئابلىمىت ئۇستام ھازىر نىمەئىش قىلۋاتىدىكىن .

بىر نەرسە ياساۋاتقانتىم، ئىككى ھەپتىدىن ئاشتى زۇكام بۇپ قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. دورىنى كۆپ ئىستىمال قىلسام بىشىم ئاغرىيدىكەن...
بەت: [1] 2 3
: تىلۋىزور ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە