putboljan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 09:33:50

ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە پۇتبول روھى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەنتەربىيە تۈرلىرى ئىچىدە پۇتبولنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان.گەرچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بالىلارنىڭ پۇتبول ئويناش شارئىتى تەلەپكە ئۇيغۇن ھالدا ھازىرلانمىغان ھەم پۇتبول مەدەنىيىتى ھەقىقىي مەنىدە شەكىللەنمىگەن بولسىمۇ،ئەمما ‹‹پۇتبول روھى›› خېلىلا ئويغانغان دېيىشكە بولىدۇ.بولۇپمۇ ئۈرۈمچى،قەشقەر ،غۇلجا ،ئاتۇش ۋە قاراماي قاتارلىق بەش شەھەردە بالىلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى.ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پۇتبول بولغان ئوتتەك ھەۋىسىنى ئۇلارنىڭ جۇڭگو بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە بىر نەچچە قېتىم بىرىنچى بولغانلىقىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.


مەسىلەن:ئاتۇش ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى 2007-يىلى 28-سېنتەبىر كۈنى خېبېي ئۆلكىسنىڭ چىنخۇاڭداۋشەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2007-يىللىق مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە 1-بولۇپ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ پۇتبول كوماندىسى 2011-يىلى شەندۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەنۋېيفاڭ خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسىدە 1-بولۇپ ،جۇڭگو پۇتبول ساھەسىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتتى.غۇلجا ناھىيە تۇرپانيۈزى ‹‹ئۈمىد ››باشلانغۇچ مەكتىپى كوماندىسى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹مەملىكەتلىك ئۈمىد قۇرلۇشى ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى››دا چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى.


ئۈرۈمچى شەھەرلىك پۇتبول كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

ئۇيغۇر بالىلىرى قولغا كەلتۈرگەن بۇ شان -شەرەپلەر جۇڭگو پۇتبولساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۈمىد نەزىرىنى شىنجاڭغا ئاغدۇرۇشىغا سەۋەب بولدى.
ئۇيغۇر بالىلىرى قولغا كەلتۈرگەن بۇ ئاجايىپ نەتىجىلەر ھەرگىزمۇ تاساددىبىيلىق ئەمەس.بەلكى پۇتبولغا بولغان قىزىقىشىنى تەبئىي ھەۋەسكە ئايلاندۇرغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى تەبىئىي ئەھۋال.
    ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بۇ خىل پۇتبول روھى نەدىن كەلگەن؟ئۇيغۇر بالىلىرى نېمە ئۈچۈن پۇتبولنى ياخشى كۆرىدۇ؟بۇ خىل ئەنئەنىنىڭ تارىخى سەۋەبى نېمە؟
    شۈبىھسىزكى ،بۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشتە ئالدى بىلەن گەپنى شىنجاڭدىكى داڭلىق مەرىپەت بۆشۈكى ۋە پۇتبول كەنتى ئىكساقتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.



   مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 1-يۈرۈش قانىلىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا مىللەتلىرى››پىروگىراممىسىدا 85ياشلىق مۇھەممەد زۇنۇن بوۋاينىڭ ئائىلىسى ئاساس قىلىنىپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنۈپ تونۇشتۇرۇلغان ‹‹100يىللىق پۇتبول كەنتى››دېگەن مەخسۇس فىلىم بىلەن ئىكساق كەنتى پۈتكۈل جۇڭگو مىقىياسىغا مەشھۇر‹‹پۇتبول كەنتى›،بولۇپ تونۇلدى.ھەر ئايدا ئىككى سان چىقىدىغان ‹‹تەنتەربىيە رەسىملىك ژورنىلى››نىڭ 2011-يىللىق 10-سانىنىڭ مۇقاۋىسىدا يۈز-كۆزى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن .قىن-قىنىغا پاتماي ۋاقىرقىراپ سەكرەپ كەتكەن ئىكساقلىق پۇتبولچى بالىلارنىڭ شوخ،تېتىك قىياپىتى نامايان قىلىندى ھەم ژورنال ئىچىدە 16بەت ئاجىرىتىلىپ ،‹‹شىنجاڭدىكى 100يىللىق پۇتبول كەنتىنى زىيارەت-ئىكساق رىۋايەتلىرى››دېگەن ماۋزۇدا ئىكساق پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى مەزكۇر ژورنالنىڭ مۇخبىرى ياڭ نىڭ تەرىپىدىن سۈرەت بىلەن مەزمۇن گىرەلەشتۈرۈپ تونۇشتۇرۇلۇپ،جۇڭگو تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىدى.بۇ تەبىئىي ھالدا ئىكساقنىڭ نامىنى تېخىمۇ كەڭ ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى.بۈگۈنكى كۈندە ئىكساقنى جۇڭگو بويىچە نامى مەشھۇر‹‹پۇتبول كەنتى›› شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلغان تۆھپىكار شەخىسلەر ئاكا-ئۇكا مۇسابايىفلاردۇر.

تەنتەربىيە تارىخىدىن مەلۇمكى،ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتى 1860-يىللاردا ئەنگىلىيىدە بارلىققا كەلگەن.ئۇزاققا قالماي پۈتكۈل ياۋروپادا پۇتبول ھەرىكىتى ئومۇملىشىپ دۇنياغا تارقالغان.20-ئەسىرنىڭ باشلىرى تۈركىيىدە پۇتبول كۇلۇبلىرى بارلىققا كەلگەن.ئاكا-ئۇكا مۇسابايىفلار 1905-يىلى تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىقارغان تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئابدۇراخمان ئەپەندى(شادى)شىنجاڭدا پۇتبول ھەرىكىتىنى تۇنجى قېتىم بارلىققا كەلتۈرگەن ئەزىمەتلەر ھېسابلىنىدۇ.



   تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئابدۇراخمان ئەپەندى 1915-يىلى تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ ،ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئاتۇش ئىكساقتا ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارغا پۇتبول ئويناشنى ئۆگەتكەن.ئابدۇراخمان ئەپەندى 1920-يىلى غۇلجىدا روشتى(تولۇقسىز)مەكتەپكە مۇدىر بولغاندا غۇلجىدا تۇنجى قېتىم پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان.تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ 1910-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ‹‹ھۈسەينىيە مەكتىپى››دەپ ئاتالغان ئۈستۈنئاتۇشتىكى ئىكساق مەكتەپتە پۇتبول ھەرىكىتىنى زور قىزغىنلىق بىلەن ئومۇملاشتۇرغانلىقىنى نامايان قىلىدىغان تارىخى ۋەقەلەر ۋە رىئال ھادىسىلەر ئاز ئەمەس.



ھەقىقىي پۇتبول ماكانى-شىنجاڭ

1917-يىلى يۈزبەرگەن ‹‹فېۋرال ئىنقىلابى››ۋە‹‹ئۆكتەبىر ئىنقىلابى››نەتىجىسىدە چار پادشاھ ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغان .شۇنىڭ بىلەن 1880-يىللاردىن بۇيان قەشقەردە كۈچلۈك ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئالاھىدە ئىمتىيازلىق روسىيە كونسۇلخانىسى تېز خارابلاشقان.ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتى يېڭى قۇرۇلغان بولشېۋىكلار ھۆكۈمىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ كوممۇنىزىم ئىدېئولگىيەسىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشىدىن ھەزەر ئەيلىگەن.1923-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ شىنجاڭنىڭ ئالى رەھپىرى ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتىگە ئۆز ئارا كونسۇل تۇرغۇزۇش توغۇرلۇق ئەلچى ئەۋەتكەن.سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردە باش كونسولخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگو ،ئەنگىلىيە ،سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسۋەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۋەتكەن.ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتى يەنىلا ئەنگىليەنى ھىمايە قىلىپ،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسىنىڭ تەسىرىنى چەكلەپ تۇرغان.ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسى ئۆزىنىڭ ئۈستۈن ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھېندىستاندىن 30ئەتراپىدا ئەسكەر ئەكېلىپ كونسۇلخانىدا تۇرغۇزغان.بۇ ئەسكەرلەر بىلەن كونسۇلخانا خادىملىرى بوش ۋاقىتلىرىدا پۇتبول ئوينايتتى.شۇنىڭ بىلەن تۇرسۇن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۈستۈنئاتۇش پۇتبولچىلىرى ئوتتۇرسىدا قەشقەرنى زىلزىلىگە سالغان مۇسابىقە شەكىللەنگەن .چۈنكى مۇسابىقىدە ئۈستۈنئاتۇش پۇتبولچىلىرى يۇقىرى ماھارەت ھەم جان پىدالىق بىلەن ئويناپ ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسنىڭ پۇتبول ئەتىرىتىنى يېڭىۋالغان.كۆپ يىللاردىن بېرى ھېچبىر ئىشتا غەلبە مېۋىسىنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان قەشقەر خەلقى ئۆز ئوغلانلىرىنىڭ ھاكاۋۇر ھەم زوراۋان ئەنگىليىلىكلەر ئۈستىدىن قازانغان غەلبىسىدىن ئالەمچە شادلىققا تولغان .پۇتبول ئويناش ئادىتى قەشقەر بىلەن ئاتۇشتىكى مەكتەپلەردە 1930-يىللاردا تېخىمۇ ئومۇملاشقان.بولۇپمۇ 1935-يىلىئىدىن باشلاپ ‹‹ئۇيغۇر مەدەنىيەت ،ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى››جايلاردا ئۆز ئارا پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ،بۇ جەھەتتىكى قىزىقىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا تۈرتكە بولغان.

   ئابدۇراخمان شادى ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا غۇلجىدا باشلانغان پۇتبول ھەرىكىتى 1930-يىللاردا ئەۋجىگە چىققان.شۇ يىللاردا يېڭىچە مەكتەپلەر كەينى-كەينىدىن ئېچىلغان بولغاچقا ،پۇتبول ھەرىكىتى ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلار ئەڭ قىزىقىپ ئوينايدىغان تەنتەربىيە تۈرى بولۇپ قالغان.شىنجاڭنىڭ پۇتبولچىلىقى ئەنە شۇ ئاساستا تەرققىي قىلىپ 1950-يىللارغا كەلگەندە كەڭ ئاممىۋى تەنھەرىكەتكە ئايلانغان.1953-يىلى 10-ئايدا مۇرات،جاپپار،ئېزىز،ھەمدۇل قاتارلىق 18كىشىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن غەربىي شىمال پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ چىمپىيون بولغان.كېيىنكى قېتىملاردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

      ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدە 1990-يىللارغىچە 60-70ياشلاردىكى بوۋايلارنىڭ ئۆزئارا مۇسابىقىلىشىپ پۇتبول ئويناش ئادىتى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەھۋال ئىدى.1990-يىللارنىڭ بېشىدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئىشلىگەن ‹‹ئاتۇش سەيلىسى››دىگەن سەنئەت فىلىمىدىكى بىر نەچچە بوۋاينىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا توپ تېپىۋاتقان ھە سەكرەپ ئۈسۈۋاتقان نادىر كۆرنۈشى ھېلىمۇ كىشلەرنىڭ ئېسىدە.ھازىرمۇ ئېكساقلىقلار پۇتبولنى بارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن ئۈستۈن قويۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ.ئېكساقلىق ئۆسمۈرلەر پۇتبول ئويناشنى يىگىتلىكنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىسى ،دەپ قارايدۇ.‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008-يىلى››ناملىق فىلىممۇ ئىكساق پۇتبولچىلىقىنى يىپ ئۇچى قىلىپ ،كەڭ ئۇيغۇر بالىلىرىدىكى ‹‹پۇتبول روھى››نى نامايەن قىلغان.

   ئومۇمەن،ئىكساقتىن ئىبارەت كىچىككىنە كەنىتتىن باشلانغان 100يىللىق پۇتبول ئەنئەنسىگە ئىگە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ،كېلەچەكنىڭ ئىگىسى بولغان بالىلار پۇتبولنى تېخىمۇ زور قىزغىنلىق بىلەن ئويناپ،ئۆزلىرىنىڭ جۇشقۇن پۇتبول روھىنى نامايەن قىلىپ،مەملىكەت سەۋىيىسىدىكى داڭلىق پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كېلىشىگە ،مەملىكەت دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە بىرىنچى بولۇشتەك شەرەپلەرگە مۇيەسسەر بولماقتا.

    شوخ،چەبدەس،جۇشقۇن،زېرەك ئۇيغۇر بالىلىرىلا بولىدىكەن،ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا تەبىئىي يېلىنجاپ تۇرغان پۇتبول روھىلا بولىدىكەن،يېقىن كېلەچەكتە ئەمەت ،سەمەت ياكى بارى،يارى دىگەندەك چىرايلىق ئىسىملىرى بار دۇنياۋى پۇتبول چولپانلىرى خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ئاجايىپ يۇقىرى ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلىشىپ،ئانا دىيارىغا شەرەپ كەلتۈرۈشى،قېرىنداشلىرىنى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھېس-ھاياجانلارغا چۆمدۈرۈشى،قىسقىسى،بىزنى دۇنياۋى كەڭلىكلەردە غورۇرلاندۇرۇشى تەبىئىي.

    دېمەك،ھەر قايسى ئەللەر،خەلقلەر ئۆزلىرىنى تۈرلۈك شەكىلدە ئىپادە قىلىۋاتقان،ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيەت-ئىقتىدارلىرىنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن نامايەن قىلىۋاتقان شارائىتتا ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز ۋۇجۇدىدىكى پۇتبول روھىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ،پۇتبولدىن ئىبارەت مۇھىم تەنتەربىيە تۈرىنى مىللىي خاراكتېرىمىزنى ئىپادە قىلىدىغان بىر تۈرلۈك ساھە سۈپىتىدە مۇقىملاشتۇرالىسا ئىنتايىن چوڭ ئىش بولاتتى.بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى كۆپ ھاللاردا ناخشا-ئۇسۇل ئارقىلىق ئىپادە قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن مىللىي خاسلىقىمىزدا ئۇنىۋېرساللىشىش يۈزلىنىشى شەكىللىنەتتى.
      
مەنبە:‹‹ئويغىنۋاتقان ئەجداد روھى›› ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.ئاپتورى:يالقۇن روزى
رەسىملەر تور دۇنياسىدىن ئېلىندى.
قوشۇمچە:ئەسلى ئادىرىسى:http://www.xjfifa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=14423&extra=(بۇ مۇنبەرگىمۇ مەن يوللىغان).

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 10:14:41

راست گەپنى قىلسام خوتەندە بالىلار ئاساسەن ۋاسكىتبوللا ئوينايدۇ،پۇتبول ئومۇملاشمايۋاتىدۇ
يېقىنقى ئىككى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئاز تولا ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ

olive يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 11:04:43

ئىككىنچى رەسىمدىكى تاختاي بەك كۆزنى قاماشتۇرىدىكەن:lol

ئۇيغۇرنىڭ پۇتبولغا بولغان ئوتى تاشئالما بىلەن ئۈچۈپ بولدى............

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 12:11:24

تاشئالمىنىڭ مۇسابىقىسىنى دوسلار بىلەن كۆرۈشنىڭ ھۇزۇرى ئالامەت ئىدى . 50-60مىڭ ئادەم بىللە ھۇررا توۋلاپ مۇسابىقە كۆرگەندىكى تۇيغۇلار ئامما بەئەينى ياۋرۇپا ئىدى .

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 13:43:44

قەشقەر ئوغامبالا كوماندىسى ئالدىنقى قىتىم مەملىكەت بويىچە چىمپىيۇن بولدىغۇ.....

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 08:30:44

بۇ كوزىباشنىڭ 2-3 يىل بۇرۇنقى كىتابىدىن ئېلىغان يازمىكەن، شۇڭا يېقىنقى ئۇتۇقلار تىلغا ئېلىنماپتۇ

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 09:53:51

http://news.163.com/photoview/00AP0001/86412.html#p=AKT606PC00AP0001
پۇتبولدىكى يېڭى جانلىنىش مانا. مۇشۇندا ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرالىسا.{:101:}
بەت: [1]
: ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە پۇتبول روھى