abdu520 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ياشلىقتىكى ۋاقىتنىڭ سىرىنى بىلەمسىز

ياشلارغا نىسىبەتەن ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك ئۇلاردا غالىپ ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە نىسىبەتەن ۋاقىت كەڭتاشا. ئوتتۇرامەكتەپكە چېىققاندا سىزخېلىلا نەرسىلەرنى بىلىپ قالىسىز، توساتتىن بىر كۈنى كەلگۈسىڭىز ھەققىدىكىخىياللار سىزنى چىرمايدۇ. ئەنە شۇندىن تاكى بىر ئائىلە بېشىڭىزغا كىيىلگۈچەسوزۇلغان ياشلىق مۇساپىڭىزدە ئون نەچچە يىللاپ ۋاقىت تامامەن سىزنىڭ ئىلىكىڭزدە.مانا دۇنيا سىزگە بۇ ئادىللىقنى ئاتا قىلدى. سىز ئۇنىڭغا ئېرىشتىڭىز. شۇنىبىلىڭكى،بۈگۈنكى دۇنيا ئېرىشكەن گۆھەرنى يىتتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پۇشايمان يېشىغاقاچا تۇتۇپ ئولتۇرمايدۇ. شۇڭا<<ۋاقتىڭ كەتتى،بەختىڭ كەتتى>>دەيمىز.
بىر تۈركۈم ياشلار باركى،ئۇلار ھايات چەمبىرىكى ئىچىدەھەممىگە كۈلۈپ بېقىۋاتقان ئاشۇ قىممەتلىك ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن.خۇددى ياشلىقتىكى ئاشۇ كەڭتاشا ۋاقىت خەجلەپ بولغىلى بولمايدىغان مال-دۇنيادەك،ھەركۈن،ھەر سائەتتىكى ئىسراپچىلىقلار يىغىلىپ ئۇلارنى زامانىمىزدىكى يارىماسلارقاتارىغا كىرگۈزمەكتە. ئۇلارچە بىكار يۈرگەنلىك ئەيىپ ئەمەس،پۇرسەتنىڭكەلمىگەنلىكى ھەممىگە باھانە. ئۇلار كۈن بۇيى ئەھمىيىتى يوق ئىجتىمائىيمۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق پۇرسەت تىڭتىڭلايدۇ.ۋاقىتنىڭ بىھۇدە ئىسراپ بولۇپكېتىۋاتقىنىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ.
دۇنيادا ۋاقىتنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىشتىنمۇ ئېغىر گۇناھبولمىسا كېرەك. بىكارچىلىق ئادەمنى تۈگەشتۈرۈۋىتىدۇ. ۋاقىت سىزنىڭباھانە-سەۋەپلىرىڭىزگە ئالدانمايدۇ.شۇڭا ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ.ھە دېسىلا دەرسبېسىمىنى باھانە قىلىپ،ئەمەلىي بىلىم ئۆگۈنىشكە ۋاقىت يوق دەپ بىپەرۋا يۈرمەڭ.تورغا چېقىپ ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ۋاقتىڭىز كېتىۋاتقاندا ئۆزىڭىز <<مەندەۋاقىت يوقمۇ ياكى روھ>>دەپ بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلىنىپ قويۇڭ . سىز ئىستۇدېنىت،شۇنداقلا بۈگۈنكى رىقابەت جەڭگاھىدىكى بىر جەڭچى. شۇنداق ئىكەن ۋاقىتئورۇنلاشتۇرىشىڭىز ھەربىي تۈزۈم بويىچە بولسۇن. ھەر كۈنلۈك ۋاقتىڭىزنى ئېدىتلىقتەقسىملەڭ.بورۇن سىنىپ مەسئۇلىڭىز ۋە ئۇقۇتقۇچىڭىز،ئاتا-ئانىڭىز سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنىتەقسىملەپ بەرگەن بولسا،ئەمدى ۋاقىتنى قانداق ئىشلىتىش سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىزدە .
ئالىي مەكتەپنىڭ دەرس سالمىقى ھەقىقەتەن ئېغىر. لېكىن ئالىيمەكتەپتە ئوقۇپ باققان ھەر بىر ئادەم بىلىدۇكى،ئالىي مەكتەپتە دەرس ۋاقتىدىن بوشۋاقىت كۆپرەك.شۇڭا <<دەرس بېسىمى ئېغىر،ۋاقىت قىس،باشقا ئىش قىلىشقا ۋاقىتيوق دېيىش>> چەك باسمايدۇ.دەرس ئۇقۇيدىغان كۈنلىرى ۋاقىتيەتمىسە،شەنبە،يەكشەنبىدىن ئىبارەت دەم ئېلىش كۈنى بارغۇ؟!شۇ ۋاقىتلارداتىل،كومپىيوتۇر ئۆگەنسە،ئوقۇپ تورۇپ ئىشلىسە بولىدىغۇ؟! ئۆگىنىشتە تىرىشچانئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتىقاندا ۋاقىت ئىنتايىن قىس،ئۇلار دەرسنىلا ئۆگىنىش بىلەنچەكلىنىپ قالمايدۇ. دەرستىن چۈشكەندىمۇ،ئارام ۋاقىتلىرىدىمۇ باش كۆتۈرمەي ئۆگۈنۈشئۇلارنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان. لېكىن ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىنى خەجلىگىلىكەلگەن،ئويۇنخۇمار بەزى بالىلارغا نىسىبەتەن ۋاقىت شۇنچىلىك كەڭرى،شۇنچەقەدىرسىز.ئۇلار ھەتتا ۋاقىتىنى ئۆتكۈزەلمەي زېرىكىپ كەتكىنىدىن قىلغىلى ئىشتاپالمايدۇ....
ئالىي مەكتەپلەردە بىر ھەپتىنىڭ ھەممە كۈنىدە ھەرگىزمۇ تۆتسائەت مۇقىم دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ.ھەتتا بەزى كۈنلىرى بىر كۈندە پەقەت ئىككىسائەت دەرس ئوقۇيدىغان ئەھۋالمۇ بولۇپ قالىدۇ.گەپ ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ ۋاقىتىنى قانداقئورۇنلاشتۇرىشىغا،قانداق پايدىلىنىشىغا باغلىق. ۋاقىت ۋاقىتنى تېجەشتىن كۆپىيىدۇ.ۋاقىت قانچە زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئادەمنىڭ كۈنى شۇنچە مەنىلىك ئۆتىدۇ. <<ئالىي مەكتەپتە قوشۇمچە بىلىم ئۆگىنىشكە ۋاقتىم چىقمىدى>> دېيىش يالغانچىلىقۋە ئۆزىنى ئالداشتۇر. << پەقەت دەرسنىلا ئۆگىنىپ ھۆددىسىدىن چىقسامبولدى>>دېگەن ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتكۈزگەندە ئۆز كەسپىدىن باشقا ھېچىقانداقبىلىمگە ئىگە بولالمايدۇ،ئاقىۋەت دىپلومنىلا قولتۇقلىغىنىچە مەكتەپتىن ئايرىلىدۇخالاس. بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا كېيىنچە مەكتەپتە ئۆگەنگەن تار دائىرىدىكى نەزەرىيىۋىبىلىملەرنى ئىشلىتىشكە ئىمكانىيەت بولمايلا قالسا،ئۇلار ئىقتىدارسىزلار ئارىسىدىنئورۇن ئېلىپ،ئاخىرى جەمئىيەت تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ.شۇڭا ھازىرقى كەسكىنرىقابەت جەمئىيىتىدە پۇت تىرەپ تۇراي دېگەن ئىستۇدېنىت چۇقۇم دەرسلىكنىڭھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي،يەنە بىر نەچچە ئەمەلىي كەسىپنىڭمۇ ھۆددىسىدىنچىقالايدىغان بولۇشنى ئۆزىگە مەجبۇرىيەت قىلىشى كېرەك.
بەزى ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ شەنبە،يەكشەنبىسىمەكتەپ-مەكتەپلەرگە چىقىپ دوستلىرىنى ئىزدەش،بازار چۆرگىلەش،ئولتۇرۇش-سورۇنلاربىلەن شۇنچە ئالدىراش ئۆتسە ئۆتىدۇكى،ئۆزىنىڭ كېيىنلىكى ئۈچۈن ئاساس يارىتشقاۋاقتى چىقمايدۇ. تورخانىلاردا كۈنلەپ-كۈنلەپ ئولتۇرۇپ ئويۇن ئويناشقا، توردىكىئەھمىيەتسىز ئەخلەت ئۇچۇرلارنى ئوقۇشقا ياكى چچ دا سائەت -سائەتلەپ ئولتۇرۇپئەرزىمەس پاراڭلار دۆۋۋىسىگە كۆمۈلۈشكە ۋە ياكى تاماشا شەكلىدىكى چاكىنامۇنازىرىلەرگە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ تور ھاڭۋاقتىلىرى بولۇشقا رازىكى،توردۇنياسىدىكى قىممەتلىك ئۇچۇرلاردىن مەقسەتلىك،پىلانلىق،ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، دەۋرتەرەققىياتىغا ماس ھالدىكى ئۆتكۈر تەپەككۇرىنى ئېچىشنى،بىلىمىنى كېڭەيتىشنى،ئەمەلىيئىقتىدار يېتىلدۈرۈشنى ئويلىمايدۇ. ئىنتېرنىت تورىدىكى چەكسىز ئۇچۇر ئامبىرىدىنكېرەكلىك بىلىم بايلىقلىرىنى ئۆزىگە يۇقتۇرمايدۇ.ئەسلىدە ھەر قانداق ئادەم ئۆزۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالىسىلا،قىسقىغىنا ۋاقىتتىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلىبولىدۇ.
نۇرغۇن ياشلار بار،دەرسنىمۇ،باشقا ئىشلىرىنىمۇ ناھايىتىياخشى،ئۆز يۇلىدا ئېلىپ ماڭالايدۇ. ئۇلار ئۆز ۋاقتىنى مۇۋاپىقئورۇنلاشتۇرالىغان،كېيىنلىكى ئۈچۈن ئۇل ھازىرلىغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىتىرىشچان ياشلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى،ئۇلار ئالدىغا نېمە ئۇچرىسا شۇنى ئوقۇيدىغان،شۇنى ئۆگىنىدىغانلاردىن بولماستىن، بەلكى پىلانلىق ھالدا جەمئىيەتكە ئەڭ كېرەكلىكبىلىملەرنى ئۆگەنگۈچىلەردۇر.
سىز نوقۇل ھالدا دەرسنىلا ئۆگەنسەم،بەش يىللىق ياكى ئۈچيىللىق ئالىي مەكتەپنى ئەپلەپ-سەپلەپ تاماملىۋالسام بولدى دەپ قاراپ، جەمئىيەتكەيۈزلەنسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. يەنە ئېيتىمىزكى،ۋاقىت سىزدىكى ئەڭ چوڭئەۋزەللىك، ئۆگۈنۈش مۇھىتى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك ،مۇھىمى سىزنىڭ بۇ ئەۋزەللىكنىتونۇشىڭىزدا. ئالدىڭىزدا ناھايىتى كۆپ داۋانلار تۇرۇپتۇ. داۋانلاردىن ئېشىشقاۋاقىت ئەسلى سىز ئۈچۈن كەڭتاشا،ئەمما ۋاقىتنى ئۇتتۇرۇپ قويسىڭىز،داۋانلار سىزگەبۈگۈنىڭىز،ھەتتا كەلگۈسىڭىزدىمۇ مەڭگۈ مۈشكۈلات بولۇپ تۇيۇلىدۇ. ئېسىڭىزدەبولسۇنكى،ئىستۇدېنىتلار تالاشتا قالىدىغان دەۋر ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى. ئەمدىمىڭنىڭ،ئون مىڭنىڭ بىرى بولۇش ئۈچۈن سىزدە يۇقىرى ساپا،ھەر قانداق جاپا-مۇشەققەتكەچىدايدىغان غەيرەت،مۇھىمى ۋاقىتنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە قەدرىنى تونۇيدىغان روھ بولمىسابولمايدۇ.
ئەھمىيەتسىز ئۇچرىشىش،نامراتلىققا ياراشمايدىغانھەشەمەتلەر،رىستۇرانلاردىكى ئىسراپچىلىقلار،بىكار تەلەپلەرنىڭكۆپلۈكى،ھۇرۇنلۇق،كۈن غەنىيمەت دەيدىغان قاراشتا ياشايدىغانلار،ھە دېسىلا لاغايلاپيۈرۈيدىغان،كوچا-كويلاردا غۇژمەك-غۇژمەك بولۇپ قارتا-بىليارتئوينايدىغان،ئەتىگەندىن كەچكىچە مەسىت دەلدەڭشىپ يۈرۈيدىغانلار ...ۋاقىتنىئۇتتۇرغۇچىلار،نەتىجىدە كەلگۈسىدە ئۆزىنى بەخىتسىزلىكنىڭ قايناملىرىغائاتقۇچىلاردۇر. پەخەس بولمىسىڭىز،ئۆزىڭىزنىڭ بىر كۈنلەردە قانداق بولۇپ ئاشۇتوپنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى سەزمەيلا قالىسىز.چۈنكى ۋاقىت ئۆزىنىڭشەپقەتلىك ھىممىتىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلەرگە ئۆزىنىڭ شەپقەتسىزلىكىنى ھامانبىلدۈرۈپ قويالايدۇ.
ئالەم بىنا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بارلىق مۇمكىن ئەمەسلىكلەرۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتىن مۇمكىنلىككە ئايلانغانىدى.سىز ئىنسانغا بېرىلگەنچەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۆز-ئۆزىڭىزدىن ھەر مىنۇت ھالقىپ،ئۆزىڭىزنى تولۇقلاپتۇرىشىڭىز كېرەك. سىز ياش سىز،سىزگە تەييارلىق قىلىۋېلىشقا تولۇق ۋاقىتبېرىلگەن،لېكىن بۇ كەڭتاشا ۋاقىت سىزگە قويغان يۇقىرى تەلەپكە نىسىبەتەنئېيتىقاندا ھەرگىز يېتىشمەيدۇ. ئىنسانغا بېرىلگەن 24 سائەت ۋاقىتنىڭ 12 سائىتىكۈندۈز،12سائىتى كېچە بولسا 12 سائەت قانغۇچە ئارام ئالالايسىز ،قالغان 12سائەتنىڭ ھەر بىر مىنۇتى سىز ئۈچۈن بېرىلگەن ئەڭ چوڭ پۇرسەتقۇ-ئاخىر .بۇ ۋاقىتنىئۈنۈملۈك ئىشلەتمىسىڭىز،جەمئىيەتنىڭ بېسىملىرىغا تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇپيېتىشىپ چىقىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالىسىز،شۇڭا مۇنۇ شېئىر دائىم ئېسىڭىزدە تۇرسۇن:
ئامال يوق،
سالاۋات دېمەكتىن باشقا.
ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولماس،
لېكىن سالاۋات دېگىلى بولماس ئەقلىڭگە
ئۆتەلمىگەن كۆۋرۈككە يەنە بارىسەن،
مەشغۇلاتنىڭ دەۋرىيلىكىدە ھايات بەك ئۇزۇن،
مېڭىپلا تۇرساڭ
ئارقىدا قالار،
خۇددى سېنى ساقلاپ تۇرغاندەك
سەندىن ئاۋۋال قوزغالغانلار
ئالدىغا كەتكەنلەر،
ئامال يوق
ھەققىڭ يوق توختاشقا سېنىڭ
ئالدىغا قارىتىپ قويغاندەك سېنى
كېتىۋەر ئۇزاقلاپئۆتمۈشلىرىڭدىن...

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:51

ۋاقىت ئېقىن سۇدەك تېز ئۆتۈپ كەتتى ، ۋاقىتتىن قانداق پايدىلنىشمۇ بىر ھۆنەر ئىكەن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:17

GHURUR1992 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 08:51 static/image/common/back.gif
ۋاقىت ئېقىن سۇدەك تېز ئۆتۈپ كەتتى ، ۋاقىتتىن قانداق پا ...

دىگنىڭىزدەك بولسا مەن كاتتا بىر ھۈنەرۋەن ئىكەنمەن
بەت: [1]
: ياشلىقتىكى ۋاقىتنىڭ سىرىنى بىلەمسىز