koktugh يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

قىممەتلىك قەدىمى كىتاپ سېتىلىدۇ.

قەدرىگە يىتىپ تۇرۇپ سېتىۋالىدىغانلار بولسا ئىككى پارچە قىممەتلىك قەدىمى كىتاپ سېتىلىدۇ .
1-«تىببى ئەغراز » -تىببى مەخسەتلەر .باش ئايىقى تۇللۇق .ئىچ مۇقاۋىسىدا قەدىمى تامغىسى بار .بۇ كىتاپ قىممەتلىك ئاسارە -ئەتىقە ،ھەم قەدىمكى تىببى تـەجىربىلەر ،تىببى بىلىم رىتسىپلار توپلىمى . تىلى -چاغىتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى (يەنى بۇزۇپ ئاتاۋاتقان تىلىمىز بىلەن ئاتىغاندا چاغىتاي تىلى )
2-«تارىخى ئەل كامىل »:ئىسلامىيەتتىن ئاۋالقى دۇنيا تارىخى ھەققىدىكى كىتاپ .تىلى- ئەرەپ تىلى
بۇ كىتاپلارنىڭ رەسىمىنى يوللىمىدىم .ساقلاش ۋە تەتقىقات  ئىشلىرى ئۈچۈن سېتىۋېلىشنى  ئويلىغانلار  بولسا  ئالاقە  قىلىشساق .باھاسىنى كىتاپنى كۆرگەندىن كىيىن يۈز تۇرانە دىيىشسەك .كىتاپنىڭ رەسىمىنى شۇ چاغدا يوللاپ بەرسەم . بولمىسا باشقا مەخسەتلەر ئۈچۈن بۇ كىتاپنى كۆرۈپ بېقىشنى ئويلىغانلار  ئەڭ ياخشىسى  مىنى ئاۋارە قىلمىساڭلار .
         ئالاقە :13565165488

harita يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 07:23

كىتابىڭىزنىڭ رەسىمىنى ماڭا يوللاپ بىرەلەمسىز؟


مۇڭداشقۇ:249733313

koktugh يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 07:48

harita يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 07:23 static/image/common/back.gif
كىتابىڭىزنىڭ رەسىمىنى ماڭا يوللاپ بىرەلەمسىز؟




مۇڭداشقۇڭىزنى قوشقىلى بولمىدى .بۇنداق ئەزا يوق  دەيدۇ

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:05

تىببى ئەكبەر دىگەن كىتاپتىن بىرسى بار ئىدى  بېشىمغا بالا بولمىسۇن دەپ كۆيدىرىۋەتتىم

harita يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:20

izdan0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 09:05 static/image/common/back.gif
تىببى ئەكبەر دىگەن كىتاپتىن بىرسى بار ئىدى  بېشىمغا با ...

كىتاب كۆيدۇرۇش سىلەرگە باشقىلاردىن ئۇدۇم قالغانمۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ساقلاش ئۇسۇلىنى تاپالمىغانمۇ؟

koktugh يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:41

izdan0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 09:05 static/image/common/back.gif
تىببى ئەكبەر دىگەن كىتاپتىن بىرسى بار ئىدى  بېشىمغا با ...

تىببى ئەكبەر -تىببى ئىلىم جەملەنگەن ئەڭ كاتتا كىتاپ دىگەننى بىلدۈرىدۇ ...سىزچە بۇنىڭ بالا قازا بىلەن ئالاقىسى بارمۇ  ...بىز بۇ يەردە  قەدىمى تىببى كىتاپ  ھەققىدە  سۆزلىشىۋاتىمىز  ....

bireylen يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:42

ھەقىچان باھاسىغا چىقىش قىلىپ بۇلالمايمەن {:99:}

macin يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:19

كىتاپنى كۆيدۈرگچە ئۆزىڭىزنى كۆيدۈرسىڭىزچۇ

salam721 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:50

تىببى ئەكبەر دىگەن كىتاپتىن بىرسى بار ئىدى  بېشىمغا بالا بولمىسۇن دەپ كۆيدىرىۋەتتىم ئىسىت ، دۇنيانى كويدۇرۇپسىز مانا

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:55

harita يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 09:20 static/image/common/back.gif
كىتاب كۆيدۇرۇش سىلەرگە باشقىلاردىن ئۇدۇم قالغانمۇ، ئ ...

شۇنداق ئۇدۇم قالغىلىۋاتىدۇ

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:12

كۆيدۈرۈشمۇ ئامالسىزلىقتىن بولىدۇ  

مەن 500جى قاتتىق دېسكىنى كۆيدۈرۈپ، يەنە ئىشەنچ قىلالماي توشقان دەرياسىغا تاشلىۋەتكەن :o

koktugh يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:47

بەك مەزمۇنلۇق مۇنازىرىلەر بولغۇلى تۇرۇپتۇ .مەن كاللا  دىگەن ...لىكىن بەزىلەر ....

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:40

ئۆچىرىش كىرەك تېما بىلەن ئالاقىسى يوق ئىنكاسلارنى ..

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:21

ئىنكاسنى ئۆچۈرمىسۇن ، ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ قان تومۇرىنى ئىچىپ راۋانلاشتۇرۇپ باقاملا يا

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:16

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 17:21 static/image/common/back.gif
ئىنكاسنى ئۆچۈرمىسۇن ، ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ قان تومۇرى ...

لازا-ئاچچىقسۇنىڭ گېپى بولۇنمىغان چىراي

altunxan يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:48

تىببى ئەغراز نەچچىنجى ئەسىردىكى نۇسخىسىكەن؟ نەچچە پۇل؟

koktugh يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:54

altunxan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 18:48 static/image/common/back.gif
تىببى ئەغراز نەچچىنجى ئەسىردىكى نۇسخىسىكەن؟ نەچچە پۇل ...

مىنىڭ بىلىدىغىنىم بۇ كىتاپتىن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا پەقەت ئۈچ نۇسخا بارلىقىنى بىلىمەن ....قالغىنىنى ناۋادا كېرەك بولسا تېلفۇندا دىيىشسەك .

altunxan يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:09

koktugh يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 18:54 static/image/common/back.gif
مىنىڭ بىلىدىغىنىم بۇ كىتاپتىن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا پ ...

مەن قىسقا ئۇچۇردا ئۈندىدارنى قالدۇردۇم

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 5 سائەت ئالدىدا

   قىسقا ئۇچۇر قالدۇردۇم ، جاۋاپ قايتۇرغان بولسىڭىز .
بەت: [1]
: قىممەتلىك قەدىمى كىتاپ سېتىلىدۇ.