bilimxumar يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:42

NASA: بىر ئالەم ئۇچقۇرى كىچىك پلانېتىغا باردى

بىر ئالەم ئۇچقۇرى بىر كىچىك پلانېتا ئوربىتىسىغا كىردى

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى

ناسا مەركىزى ج پ ل (بىزنىڭ ئىدارە) 2015-يىلى 6-مارت كۈنى «باشلانما» (Dawn) ناملىق بىر ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ «سىرېس» (Ceres) ناملىق بىر كىچىك پلانېتىنىڭ ئوربىتىسىغا يېتىپ بارغانلىقىنى تەبرىكلىدى.


1-رەسىم: سىرېسقا يېتىپ بارغان ئالەم ئۇچقۇرى «باشلانما» (سىزىلغان رەسىم).

باشلانما بۇ قېتىم بارغان پلانېتا ئىنگلىزچە «dwarf planet» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى «dwarf» دېگەن سۆز بويىنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىردەك كېلىدىغان «پاكىنەك ئادەم» لەرگىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.  پلانېتىلارنىڭ «پاكىنەك» لىرى يوق بولغاچقا، مەن ئۇنى بۇ يەردە «كىچىك پلانېتا»، دەپ ئالدىم.


2-رەسىم: ناسا نىڭ «باشلانما» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى 2015-يىلى 12-فېۋرال كۈنى تارتقان كىچىك پلانېتا سىرېسنىڭ رەسىمى.

قۇياش سىستېمىسىدا كىچىك پلانېتىدىن بەشى بار بولۇپ، سىرېس مارس بىلەن يۇپىتېرنىڭ ئارىلىقىدىكى «ئاستېرويد (كائىنات ئۇچار تاشلىرى) بەلۋېغى» دە قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ.  ئۇ ئاستېرويد بەلۋېغىدىكى ئەڭ چوڭ جىسىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  قالغان 4 كىچىك پلانېتىنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى Pluto، Eris، Makemake، ۋە Haumea.  


3-رەسىم: قۇياش سىستېمىسىدىكى 5 دانە كىچىك پلانېتا.


4-رەسىم: 2014-يىلى 1-ئايدا كىچىك پلانېتا سىرېسنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى يەردە ئېگىز ئاسمانغا ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سۇ پارى بايقالدى (سىزىلغان رەسىم).

ئاستېرويد بەلۋېغىدىكى ئۇچار تاشلار مارس شەكىللەنگەن ۋاقىتتا پەيدا بولغان.  ئەسلىدە ئۇلار مارسنى تەشكىل قىلغان جىسىملارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يۇپىتېرنىڭ تارتىش كۈچى تۈپەيلىدىن ئۇلار مارسقا قوشۇلالماي قالغان.  ھازىر ئۇ ئاستېرويد بەلۋېغىدىكى ئۇچار تاشلار قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ.  ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئاستېرويد بەلۋېغىدە دىئامېتىرى بىر كىلومېتىردىن چوڭ ئۇچار تاشلاردىن 750 مىڭ دانىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 200 دانىسىنىڭ دىئامېتىرى 100 كىلومېتىردىن چوڭ.  سىرېس ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ، ئۇنىڭ دىئامېتىرى 950 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاستېرويد بەلۋېغىدىكى ھەممە ئۇچار تاشلارنى قوشساقمۇ ئۇلارنىڭ يىغىندىسى يەنىلا ئاي شارىدىن سەل كىچىكرەك كېلىدۇ.  سىرېسنىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭلىقى ئاستېرويد بەلۋېغىدىكى بارلىق ئۇچار تاشلار ماسسىسىنىڭ 33 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ.

سىرېسنىڭ بىر كۈنى 33 سائەتتىن ئۇزۇنراق بولۇپ، ئۇ قۇياشنى ھەر 4.6 يىلدا بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ چىقىدۇ.

ناسانىڭ «باشلانما» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى 2007-يىلى 9-ئايدا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلغان بولۇپ، 7 يىلدىن جىقراق ۋاقىت ئىچىدە 5 مىليارد كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپىنى بېسىپ، سىرېسقا يېتىپ باردى.  ئۇ 6-مارت كۈنى سىرېس بىلەن بولغان ئارىلىقى 60800 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر ئوربىتىغا كىردى.  ئۇ ئالەم ئۇچقۇرى بۇ يىلنىڭ 23-ئاپرېل كۈنى بىر ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان ئوربىتىغا كىرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئوربىتىنىڭ سىرېسنىڭ يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 13440 كىلومېتىر.  شۇنىڭدىن كېيىن بىز باشلانمىنىڭ يېڭى بايقاشلىرىنى بىلەلەيمىز.

باشلانما 2011-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە «ۋېستا» (Vesta) دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر ئاستېرويدنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، سىرېس ئۇنىڭ ئىككىنچى نىشانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  سىرېس يۇمىلاق ۋە ھۆل بولۇپ، ۋېستا بولسا ئەگرى-توقاي ۋە قۇرغاق كائىنات جىسىمىدۇر.  بۇ ئىككى جىسىم ئەسلىدە ئوخشاش مەنبەدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار قۇياش سىستېمىسى  ئەمدىلا باشلانغان دەۋرىدىلا پەيدا بولغان.  شۇڭلاشقا ناسا بۇ ئالەم ئۇچقۇرىغا «باشلانما» دەپ ئىسىم قويغان.  ئالىملار سىرېسنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق قۇياش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئائىت بىر قىسىم قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى.  

«باشلانما» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرىنى ج پ ل باشقۇرىدۇ.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

Ceres: Dwarf planét is pocked with craters, NASA's Dawn spacecraft shows
http://www.latimes.com/science/sciencenow/la-sci-sn-ceres-new-images-dwarf-planét-crater-20150217-story.html

Ceres: The Smallest and Closest Dwarf Planét
http://www.space.com/22891-ceres-dwarf-planét.html

Ceres (dwarf planét)
http://en.wikipedia.org/wiki/Ceres_(dwarf_planét)

University of Arizona Scientists Await First Close-Up Photos of Dwarf Planét
https://www.azpm.org/p/crawler-stories/2015/3/12/58880-university-of-arizona-scientists-await-first-close-up-photos-of-dwarf-planét/

Water vapor seen steaming off icy dwarf planét Ceres
http://articles.latimes.com/2014/jan/22/science/la-sci-sn-ceres-water-vapor-geysers-dwarf-planét-asteroid-20140122

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:26

تېمىدا تىلغا ئېلىنغان سېرىس ۋە سۇدىن شەكىللەنگەن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنىڭ ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىپ، مارىسقا سوقتۇرۋەتسە، مارىستا سۇ پەيدا قىلغىلى بولامدىغاندۇ؟
يەر شارىدىكى سۇنىڭ مەنبەسىنىمۇ ئاساسلىق تەركىۋى سۇ بولغان پىلانتلارنىڭ يەر شارىغا سوقۇلىشى دەيدىغان بىر كۆز قاراشلار بار ئىكەن.

datman يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:55

مىنىڭ قارىشىمچە كىيىنچە باشقا پىلانىتلاردىن يەرشارىغا قىممەتلىك ئىنىرگىيە بايلىقلىرىنى يۆتكەمدىكىن دەيمەن

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:10

ئارقا -ئارقىدىن يېڭى پىلانىتلار بايقىلىۋاتىدۇ دېسە . پىلانىتلار بەك كۆپ ئىكەن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:43

تېخى يېقىندا، يۇپىتېرنىڭ گەنىمىد ناملىق ھەمرىيىدا سۇ بار ئىكەن دەپ بىر خەۋەرنى كۆرگەندەك قىلغان.
http://www.space.com/28807-jupiter-moon-ganymede-salty-ocean.html

pervaz يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:52

مېنىڭچە ئەركىنكا  dawn دېگەننى  باشلانما  دەپ ئاتىماي « سۈبھى »  دەپ ئالغان بولسىڭىز  تەرجىمىگە تېخىمۇ ماسلىشاتتىكەن ...توغرىمۇ ؟

bozturuk يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:40

ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئالەمدىكى ئۇچۇش تىزلىكى ئادەەتتە قانچىلىك بولىدۇ؟

pervaz يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:27

مېنىڭچە ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ تېزلىكى ئۇنىڭ قايسى پىلانىت ياكى يۇلتۇزنى ئايلىنىۋاتقانلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك !  قانچە چوڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا شۇنچە يۇقىرى تېزلىكتە ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ ... ئەلۋەتتە ئۇ ئەگەر رىئاكتىپ موتۇرنى تارتىش كۈچىنى يېڭىپ ئۇچىۋاتقان بولسا موتۇرنىڭ ئىتتىرىش كۈچىگىمۇ باغلىق بولىشى مۇمكىن....قالغىنىنى ئەركىن سىددىق ئاكىمىز توغىرلاپ بەرسۇن ، شۇ باھانىدا يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە بولشىمىز مۇمكىن !!

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:08

bozturuk يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 21:40 static/image/common/back.gif
ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئالەمدىكى ئۇچۇش تىزلىكى ئادەەتتە قان ...

ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى مېڭىش تېزلىكى ئادەتتە سائەتىگە 20 مىڭ كىلومېتىردىن يۇقىرى بولىدۇ.  ئالەم بوشلۇقىدا بىر ھەرىكەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھېچ قانداق كۈچ بولمىغاچقا، ئادەتتە ئالەم ئۇچقۇرىنى بىر قېتىم قاتتىق ئىتتىرىپ ماڭدۇرۇپ قويسىڭىز، قالغان ئارىلىققا ئۇ ھېچ قانداق ئېنېرگىيە سەرپ قىلماي ئۆزى ماڭىدۇ.  بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر پەقەتلا ئۇنىڭ مېڭىش يۆنىلىشىنى ئارىلاپ-ئارىلاپ تەڭشەپ قويىدۇ.  بىر جايدىن يەنە بىر جايغا بېرىشتا، ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى بەلگىلەيدۇ، يەنى ناسادىكىلەر ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ دەسلەپكى يۆنىلىشىنى بەلگىلىگەندە، قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ، ياكى قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنى ھېسابلاپ تۇرۇپ،  قارار ئالىدۇ.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:10

pervaz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 18:52 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە ئەركىنكا  dawn دېگەننى  باشلانما  دەپ ئاتىماي « س ...

مەن ئۇ سۆزنىمۇ ئويلاشقان.  ئەمما ئۇ سۆز ئادەتتە ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇ يەرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلمەي قالدىم.

eqil1 يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:15

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئەپەندى،

مەن تورلارنى ئارلاۋېتىپ flat earth دىگەن ئۇقۇمنى قوللايدىغانلارنىڭ تېخىچە بارلىقىنى بىلدىم. ھەم ئۆزلىرىگە چۇشلۇق پاكىتلىرىمۇ باركەن.
مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم. بىز يەرشارىدا تۇرۇپ قارىساق ئاسمان دۈگىلەك كۆرىنىدۇ. يەر تۈز كۆرىنىدۇ. ئەمما ئالەم بوشلۇقىغا چىققانلارغا يەرشارى دۈگىلەك كۆرىنىپ، ئاسمان تۈز كۆرىنىدۇ. بۇنىڭدا بىزنىڭ كۆرۈش سەزگۈمىزدىكى مەسىلىمۇ دەپ قالدىم.

بۇ توغرىسىدا بىلسىڭىز ئازىراق چۈشەنچە بەرسىڭىز دېمەكچى.
بەت: [1]
: NASA: بىر ئالەم ئۇچقۇرى كىچىك پلانېتىغا باردى