newyork يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بىر ياش يازغۇچىغا

دېنىلو كىس (سىربىيە، 1935-1989)
مەردان ئەھەتئېلى تەرجىمىسى

ئۆزۈڭدە ئاساسىي ئېقىمغا ۋە ھۆكۈمرانلارغا بولغان گۇمان يېتىشتۈر.
ھۆكۈمرانلاردىن ئېھتىيات قىل.
ئىدىلوگىيەگە ئائىت سۆزلەر بىلەن تىلىڭنى بۇلغىما.

ئۆزۈڭنىڭ قائىدە-يوسۇندىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ئىشەن، لېكىن قائىدە-يوسۇن بىلەن سېلىشتۇرۇپ يۈرمە.
ئۆزۈڭنىڭ قائىدە-يوسۇندىن ئاجىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمە، لېكىن قائىدە-يوسۇن بىلەن سېلىشتۇرۇپ يۈرمە.

ھۆكۈمران ئالدىدىمۇ، پۇقرا ئالدىدىمۇ ئوخشاشلا مەغرۇر بول.
ئەدەبىي ئىستىداتىڭ سەۋەبلىك ئېرىشكەن ئىمتىيازىڭ ۋىجدانىڭغا تەسىر يەتكۈزمىسۇن.
ئۆزۈڭ تاللىۋالغان قارغىش بىلەن سىنىپىي زۇلۇمنى ئارىلاشتۇرىۋەتمە.

"تارىخنىڭ ئېھتىياجى"ئۈچۈن باش ئاغرىتما ياكى "تارىخ پويىزى" دېگەن ئىستىئارەگە ئىشەنمە.
"تارىخ پويىزى"غا چىقما، ئۇ پەقەت بىر دۆت ئىستىئارە.

كۆزلىگەن نىشانىڭغا يەتسەڭلا باشقا بارچىدىن قۇرۇق قالىسەن، بۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت.
ساياھەت قىلىپ بارغان دۆلەتلىرىڭ، كۆرگەنلىرىڭ توغرىسىدا خاتىرە يېزىپ يۈرمە، سەن مۇخبىر ئەمەس.

سىتاتىستىكا، گرافىك ياكى ئاممىنىڭ بايانلىرىغا ئىشەنمە، چىنلىقنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ.
زاۋۇت، دېھقانچىلىق مەيدانى، قۇرلۇش مەيدانى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ يۈرمە، ئىلگىرلەشنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ.

ئىقتىساد، جەمىئىيەتشۇناسلىق، پىسخىكا ئانالىزى ئىلىملىرى بىلەن مەلۇم ئارىلىقنى ساقلا.
بۇددا تەلىماتى دېگەندەك شەرق پەلسەپىلىرىنى قوغلىشىپ يۈرمە، قىلىدىغان تېخىمۇ ياخشى ئىشلىرىڭ بار.

ئېسىڭدە بولسۇن، ئوي خاتالىق بىلەن قوشكېزەك، شۇڭا ئۇ خەتەرلىك.
ھەرقانداق ئادەم بىلەن ھەمكارلاشما، يازغۇچى دېگەن مۇستەقىل بولىدۇ.

بۇ دۇنيانى ئەڭ ناچار ھالەتتە دەپ يۈرىدىغان ئادەملەرگە ئىشەنمە.

بىشارەت بەرگۈچىلەرگە ئىشەنمە، سەن ئۆزۈڭ بىشارەتچىسەن.
بىشارەتچى بولما، سېنىڭ ئىمانىڭ گۇماندىدۇر.

كۆڭلۈڭنى توق تۇت، ھۆكۈمرانلار ساڭا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، سەن ئۆزۈڭ بىر ھۆكۈمران.
كۆڭلۈڭنى توق تۇت، كان ئىشچىلىرى ساڭا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، سەن ئۆزۈڭ بىر كان ئىشچىسى.

گېزىت-ژۇرناللاردا دېيىلمەي چالا قالغان سۆزلىرىڭنى ئويلاپ يۈرمە، ئۇنى زىيان دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، گېزىت-ژۇرناللاردىكى پەقەت بىر تاغار پوقتۇر.
كۆتۈرمىكەشلىك قىلىدىغان يازمىلارنى يازما.

بىر دەملىك ئىشنى دەپ دو تىكىشمە، پۇشايمان قىلىسەن.
مەڭگۈلۈك ئىشلار ئۈچۈنمۇ دو تىكىشمە، پۇشايمان قىلىسەن.

تەقدىرىڭگە شۈكۈر قىلما، پەقەت ئەخمەقلا شۈكۈر قىلىدۇ.
تەقدىرىڭگە شۈكۈر قىلما، سەن دېگەن خۇدانىڭ بەندىسى.

ساتقىنلىقنى ئەخلاق تەرەپتىن ئاقلىما.
"ھەيران قالارلىق بىردەكلىك"تىن ئېھتىيات قىل.
"ئوخشاش قائىدە بويىچە...كەلتۈرۈپ چىقىرالايمىز"دىن ساقلان.
باشقىلارنىڭ كاللىسىدىكى زىتلىق ئۈچۈن ئۇلارنى زور بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر قىلىدىغان كىشىلەرگە ئىشەنمە.
بارچە قىممەتلەر نىسپىي بولىدۇ دەپ جار سېلىپ يۈرمە، قىممەت ئوخشىمايدىغان قاتلاملىقتۇر.
ھۆكۈمرانلارنىڭ سوۋغىتىنى قۇبۇل قىل، لېكىن تەمكىن بول، جاۋاب قايتۇرىمەن دېمە.

ئۆزۈڭ يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان تىلنىڭ ئەڭ ئېسىل تىللىقىغا ئىشەن، چۈنكى ئۇنىڭدىن باشقا تىلىڭ يوق.
ئۆزۈڭ يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان تىلنىڭ ئەڭ ناچار تىللىقىغا ئىشەن، گەرچە باشقا تىلىڭ بولمىسىمۇ.

"شۇڭلاشقا، سېنىڭ ئىزىلەڭگۈلۈكىڭدىن، ئىلمانلىقىڭدىن، سېنى ئېغىزىمدىن تۈكۈرۈۋىتىمەن." («ۋەھىينامە»، 3- باب، 16-بۆلەك)

قەددىڭنى ئېگىپ، بېشىڭنى پۈكۈپ يۈرمە، پادىشاھ سېنى ئىشىك باققۇچى قىلىپ قويىدۇ.
كېرىلىپ، ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ يۈرمە، پادىشاھ سېنى ئىشىك باققۇچى قىلىپ قويىدۇ.

ھېچكىم يازغىنىڭنى "ھېچبىر ئىجتىمائىي قىممىتى يوق" دېمىسۇن.
يازغان نەرسەڭنىڭ "ئىجتىمائىي قىممىتى" بولىشىنى خام خىيال قىلما.

ئۆزۈڭنى بىر پايدىلىق جەمئىيەت ئەزاسى دەپ ئويلاپ سالما.
ھېچكىم سېنى بىر جەمئىيەت پارازىتى دېمىسۇن.

سونتلىرىڭنىڭ سىياسەتشۇناسلار ۋە ھۆكۈمرانلارنىڭ سۆزلىرىدىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەن.
سونتلىرىڭنىڭ سىياسەتشۇناسلار ۋە ھۆكۈمرانلارنىڭ سۆزلىرىچىلىكمۇ قىممىتى يوقلىقىغا ئىشەن.

ھەممە ئىشقا ئۆز كۆز قارىشىڭ بولسۇن.
ھەممە ئىشقا ئۆز كۆز قارىشىڭنى سۆزلەپ يۈرمە.

سۆزنىڭ سەندىن تەلەپ قىلىدىغىنى ھەممىدىن ئاز.
سېنىڭ سۆزلىرىڭ بىباھادۇر.

مىللەت نامىدا سۆز بايان قىلما.

قارشىلىق قىلغۇچىلار بىلەن بىر تەرەپتە تۇرما، سېنىڭ ئورنۇڭ ئاستىدا، قارشىسىدا ئەمەس.
ھوقۇق ۋە ھۆكۈمرانلار بىلەن بىر تەرەپتە تۇرما، سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىسەن.

جەمئىيەت ئادالەتسىزلىكىگە قارشى چىق، بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن پىلان تۈزىۋالما.
جەمئىيەت ئادالىتى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشنى دەپ ئۆز يولۇڭنى ئۇنتۇپ قالما.

باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى تەتقىق قىل ئاندىن ئۇنىڭغا ياق دە.
ئىجادىيىتىڭ كائىناتنىڭ ماگمىسى ۋە قالايمىقانچىلىقى ھەققىدە بولسۇنكى، ئۇنىڭدىن سىرت مەيلى سىياسىي، مەيلى باشقا ھەرقانداق پىلان ئىجاد قىلما.
ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى كۆتۈرۈپ چىققان ھەرقانداق بىرسىدىن ئېھتىيات قىل.
ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسى بولما.

سېنى ئۆزىگە تەۋە قىلىۋالغان ھەرقانداق تەشكىلاتتىن گۇمانلان.

ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن يازما، بارلىق ئوقۇرمەن ئادەتتىكى ئوقۇرمەندۇر.
مەۋجۇت بولمىغان بىر ئاۋانگارت ئۈچۈن يازما، ئۆزۈڭ ئاۋانگارتسەن.

ئۆلۈمنى ئويلىما ياكى ئۆزۈڭنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇ.
يازغۇچىنىڭ روھى مەڭگۈ ھايات دېگەن زىيالىيلارچە قۇرۇق گەپكە ئىشەنمە.
تىراگىدىيىلىك ئەستايىدىل بولۇۋالما، بۇ كۈلكىلىك ئىشتۇر.

ئېسىلزادىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغان ھەييار بولما.
ئوردا شائىرى بولما.

يازغۇچىنى "ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى"دەپ ئويلاپ قالما، ئىنسانىيەتنىڭ قانچىلىكلىكى ساڭا ئايان.

ھېچكىم سېنى ئەرزىمەس ئادەم دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، ھوقۇقدارلارنىڭ شائىرلاردىن قانچىلىك قورقىدىغانلىقىنى كۆردۈڭ.

بىرەر قاراش ياكى ئىدىيە ئۈچۈن ئۆلۈپ بەرمە،  ھەم باشقىلارنىمۇ بۇنىڭغا كۈشكۈرتمە.

توخۇ يۈرەك بولما، توخۇ يۈرەكلەرنى مەسخىرە قىل.
قەھرىمانلىق قىلىشقا زور بەدەل كېتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالما.

بايراملار ۋە خاتىرە كۈنلىرىگە ئاتاپ نەرسە يازما.
ئەخلاق-پەزىلەتنى كۈيلىمە، پۇشايمان قىلىسەن.
مىللىي قەھرىمانلار ئۈچۈن تەزىيە سۆزى يازما، پۇشايمان قىلىسەن.

راست گەپنى قىلالمىساڭ، سۈكۈتنى ساقلا.
يېرىم راست يېرىم يالغان گەپلەردىن ئېھتىيات قىل.

ئورتاق خۇشاللىقلارغا قېتىلما.

ھۆكۈمرانغا ياكى ھوقۇقدارلارغا ياخشىلىق بىلدۈرمە.
ھۆكۈمراندىن ياكى ھوقۇقداردىن ياخشىلىق ئىزدىمە.

قوپال قىلىقلارغا سەۋىر قىلما.
ھەقنى خەلققە تاڭما، قاپاقباشلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ نېمە قىلىسەن؟
"بىز ھامان بىر كۈنى باب-باراۋەر ھوقۇققا ئېرىشىمىز" ياكى "بۇ دۇنيادا مەھلىيالىققا ئائىت ھېچبىر چۈشەندۈرۈش يوق" دېگەن قاراشلارنى قۇبۇل قىلما.

"ئىككى مۇنازىرىچىنىڭ ئايرىم-ئايرىم سۆزلىگەنلىرىنىڭ توغرا بولىشى بۇ ئىككىلىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ." --(كارل پوپېر)
"مەلۇم بىر ئادەمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز بىزنى مۇنداق بىر خەتەردىن ساقلاپ قالالمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ پۈتكۈل ئىنساننىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىش خەتىرى." --(كارل پوپېر)

بىر نادان بىلەن ئۇ تۇنجى قېتىم سېنىڭ ئاغزىڭدىن ئاڭلاۋاتقان نەرسە توغرىسىدا تالاشما.

بۇرچۇڭ بولمىسۇن.
بۇرچ تۇيغۇسى كۈچلۈك ئادەمدىن ھەزەر ئەيلە.

"ئىلمىي تەپەككۇر" دېگەن نەرسىگە ئىشەنمە.
ئىلھامغا ئىشەنمە.

كەيپ-ساپاغا چۆكۈپ قېلىشتىن ۋە شۇنىڭغا چۆكۈپ قالغۇچىدىن ئېھتىيات قىل.
ئىدىلوگىيە تايىنىنى قويمىغان پاراڭلاردىن ۋە تىلدىن ئېھتىيات قىل.

ئاراگوننىڭ گىبۇ*نى مەدھىيلەپ يازغان شېئىرىنى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىغان نەرسە دېيىشكە جۈرئىتىڭ بولسۇن.
بۇنىڭ ئۈچۈن چۈشۈنۈش ئىزدىمە.

ھېچكىم ساڭا:"سارترى بىلەن كامۇسنڭ مۇنازىرىسىدە ھەر ئىككىلىسىنىڭ توغرا." دېمىسۇن.

مىخانىك يېزىقچىلىققا ۋە قەستەن خۇپىيانىلەشتۈرۈشكە ئىشەنمە، نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلىشىڭ زۆرۈر.
ساڭا تېڭىلغان بارلىق ئەدەبىيات مەكتەپلىرىنى رەت قىل.

ناۋادا سوتسىيالىستىك رىئالىزىم دېگەندەك ئىبارىلەر مودا بولۇپ قالسا، تېماڭنى ئۆزگەرت.
ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى توغرىلىق سورالغىنىڭدا ئاغزىڭنى مەھكەم ئەت، ئۇنى ئاكادېمىكلارغا قويۇپ بەر.

مۇبادا بىرسى جازا لاگېرىنى بىر تۈرمىگە ئوخشاتسا، ئۇنىڭغا نەدىلىكىنى ئېيتىپ بەر.
مۇبادا بىرسى كالىيما دەرياسى ئاشۋېتىستىن پەرقلىق دېسە، ئۇ بېرىپ پوقىنى يېسۇن.
مۇبادا بىرسى ساڭا ئاشۋېتىسدا قىرغىن قىلىنغىنى ئادەم ئەمەس بەلكى پىت دېسە، ئۈستىدىكىگە ئوخشاش.
ئەگەر بىرەرسى بۇلارنىڭ ھەممىسى "تارىخىي مۇقەررەرلىك" دېسە، ئۈستىدىكىگە ئوخشاش.

"ئۆزۈڭنىڭ يولىغا ماڭ، باشقىلار نىم دېسە، دېسۇن." -- (دانتى)

* سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك سىياسىي قوغداش ئىدارىسى.
مەنبە:http://www.douban.com/note/243434060/

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

قالتىس

Crowssonwhite يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:04

بۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئەتچى شائىر رەسساملىرى ئۆيلىرىنىڭ تېمىغا پىلاكات قىلىپ ئېسىپ قويغۇدەك تەۋسىيەلەركەن.{:112:}

babur729 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:18

تەرجىمان ياخشى تەرجىمە قىپتۇ{:112:}{:112:}

enwerjula يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-15 23:43  

پولشادىكى ئوستۋېتسىن جازا لاگىرى

enwerjula يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:45

كالىيما دەرياسى
‏-----
‏قىرىم دەرياسى بولسا كېرەك.

A.Qarluq يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:19

بەزى گەپلىرى بوپ قويۇدىكەن…
بەت: [1]
: بىر ياش يازغۇچىغا