alfun يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

تورتاۋار سودا تورىدا مۇكاپاتلىق مال سېتۋېلىش پائاليىتى

تورتاۋار سودا تورى، يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغان  ئەنئەنۋى نۇرۇز بايرىمىمىزنى مۇبارەكلەش ، شۇنداقلا بىزنى قوللىغان مىللى كارخانا ، يەككە تىجارەتچى ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ بىزنى قوللىغىنىغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ، 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە تور بىكىتىمىزدىن مال سېتۋالغان ئىستىمالچىلارغا سوۋغات قۇشۇپ بىرىش ، مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ قېتىمقى پائاليەتكە قاناشقان بارلىق ئىستىمالچى ۋە كۆپ مال ساتقان دۇكاندارلار مۇكاپاتلىندۇ

تەپسىلاتىنى تور بىكىتىمىزدىن كۈرۈڭ
www.tortawar.com

تورتاۋار سودا تورىدا دۇكان ئېچىپ سودىڭىزنى كىڭەيتىڭ !

1-ئىجارىسى يوق ھەقسىز دۇكان ئاچالايسىز
2-ئاز مەبلەغ سېلىپ كۆپ ئۈنۈم يارتالايسىز
3-ماللىرىڭىزنى پۇتۇن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بىۋاستە سېتىپ چىقرالايسىز
4-دۇكان ئېچىشتا تېخنكا جەھەتتىن ياردەمگە ئىرشەلەيسىز
5- ھەقسىز ئىلان تەشۋىقات -ماللىرىڭىزنى سېتىپ چىقىرىشقا يېقىندىن ياردەمدە بۇلىدۇ ئۈنۇمىنى دەرھال كۈرەلەيسىز
6-ھۇقۇق مەنپەتىڭىز 100 پىرسەن كاپالەتكە ئىگە .

تورتاۋار سودا تورى مىللى كارخانا ، يەككە تىجارەتچى ، ھەر قايسى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىندىغان ھۈنەرۋەن كاسىپلار بىلەن ھەرقانداق تور سودا ساھاسىدىكى كەسىپلەر ئارقىلىق ئۇزۇن ھەم قىسقا مۇددەتلىك خىلمۇ- خىل تۈردە ئۆز -ئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارشى ئالىدۇ،
ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئۆز-ئارا ئىشىنىش،ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈش،بىرسى-بىرسىنى قوللاش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئىلىپ بىرىلىدۇ.
ئەگەربىز بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقلىشىڭ.

تور دۇكىنى ئېچىشقا كەسپى بىلىمى يەتمەيدىغان، لىكىن تور سودىسىغا قىزقىدىغانلار بولسا تۈۋەندىكى ئادرىسنى بېسىپ تىزىملىتىپ قويسىڭىز ، شىركەت خادىملىرى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سىز بىلەن ئالاقىلشىپ تور دۇكىنى ئېچىپ بىرىدۇ ۋە تور دۇكىنى باشقۇرۇشنى ھەقسىز ئۈگىتىدۇ

بۇ يەرنى بېسىپ تىزىملىتىڭ      
www.alfon.cn


بىز تەكلىپ - پىكىرلەرنى تۇلۇق قۇبۇل قىلىپ ئۈزىمىزدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ مۇكەممەل بۇلۇشقا تىرشىمىز.
بارلىق قېرىنداشلارنىڭ بىزنى قوللاپ قۇۋەتلىشىنى، شۇنداقلا سەمىمىي تەكلىپ - پىكىر بىرشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ھۆرمەت بىلەن : تورتاۋار سودا تورى

dunya يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بولدىغان توربەتكەن

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

دۇكان ئىچىشقا نىمە دەپ تىجارەت كىنىشكىسى كىتىدۇ؟ تاۋباۋدىمۇ شەخىسلەر ئاچقان دۇكانغا بۇنداق رەسمىيەتلەر كەتمەيدۇ ؟
مۇشۇ يەرنى ئادىيلاشتۇرۇڭلار
مەن دۇكان ئاچاي دىگەنتىم، تىجارەت كىنىشكىسىمۇ باتتىلى لىكىن رەسىمگە ئىلىپ يوللاش خوش ياقمىدى ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

كىيىن ھەقلىق بوپ كىتىدۇ. پەقەت بىر كىچىدىلا ھەممىسى ئۆزگىرەيدۇ.

nur يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

شەخسىي قارىشىمچە،ئۇيغۇرچە تىل-يىزىقتىكى تور سودا بىكەتلىرىنىڭ ئېستىقبالىدىن ئۈمىد كۈتۈشكە بولمايدۇ.بىلىشىمچە ھازىرغا قەدەر ئونغا يىقىن تور بەت پەيدا بولدى يوقالدى.ئالدىنقىدىن ئىبرەت ئالمىغانلار يەنە قىلدى يەنە يوقايدۇ.ئەگەر بىزگە نىسپەتەن ئۇيغۇرچە سودا تور بىكىتى ئۇتۇق قازىنالايدىغان بولسا ئىدى ئالەمنى مالەم قىلىۋاتقان مايۇن ئەپەندىنىڭ شۆلگەيلىرىنى ئىقىتقان بولاتتى.بۇنداق تور بىكەتلەر تەرەققىي قىلىپ نەتىجە ئالدى دىگەندىمۇ مايۈندەكلەرنىڭ بىسىپ كىرىپ ئۇيغۇرچە پىروگراممىردىن نەچچىنى ئىشلىتىپ بىردەمدە پىتىغلىۋىتىشىدا،ھالۋىنى ھىكىم يەپتۇ،تاياقنى يىتىم دىگەندەك ئىش بولۇشى ئىنىقلا گەپ.ئاتىكاچىلىق بولسىمۇ دەيدىغىنىم ئۇيغۇرچە سودا تور بىكىتى قۇرىمىز دەپ ۋاقتىڭلارنى،پۇلۇڭلارنى،زىھنىڭلارنى ئۇپراتماڭلار..باشقا ئىشقىمۇ نەزەر تاشلاپ بىقىڭلار.مايۇن تور سودىسى قىلىپ دۆلەت بويىچە 1.دەرىجىلىك باي بولغان بىلەن،بىزدە بۇنداق قىلىپ شىنجاڭ بويىچە ئەمەس مەھەللە بويىچە 1.دەرىجىلىك باي بولغۇدەك پۇل تاپقىلىمۇ بولمايدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

تاماق قاچىىسى50 يۈەن دەپ تۇرىدۇ. بازاردا قىممەت بولسا 35 يۈەنگە سىتىۋالىمىز.
39 يۈەنلىك توك چەينىكىنىڭ كۈمۈش رەڭلىكىنى قىممەت بولسا 30 يۈەنگە سىتىۋالغىلى بولىدۇ.

تور بىتىڭلاردىكى تاۋارلارنىڭ باھاسى بازار باھاسىدا ئوخشايدۇ.  

ABC يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

nur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 21:44 static/image/common/back.gif
شەخسىي قارىشىمچە،ئۇيغۇرچە تىل-يىزىقتىكى تور سودا بىكە ...

سادىللىق قىلۋاتسىزدە nur جان  باشقىلارنى بەك چوڭ ئۇرۇنغا قۇيۇپ ئۆزمىزنىڭكېنى بەك تۆۋەن چاغلىماڭ.
ياخش باشلىنش ئىكەن.مايۇن قارنىڭ توربېتنى پەقەت سىز ۋە ئۇلام ئىشلىتىش مۇمكېن ھەم خەنزۇچە سەۋىيەمۇ تەلەپ قلىپ قۇيدۇ.
ئۇيغۇرچە تور سودىسى ئۇيغۇرچە باشقىلارمۇ ئۇقۇپلام چۈشىنەلەيدۇ . قالغىنى دىمسەممۇ خېلە ئەقللىق سىز چۈشەندىڭىزغۇ دەيمەن

terjime يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ھەممىڭلار ھەقسىز دۇكان  ئاچىدىغان قىلىۋەتسەڭلار  تەڭ خوراپ كېتىسىلەر ، بولسا بۇنداق خوراش ئۇرۇشى قىلماي مەسلەھەتلىشىپ باشقىراق بىر يول تۇتساڭلار بولىتى .  بىر دۇكاننىڭ سودىسى ياخشى بولۇپ كەتسە ھەقلىق دۇكانغا كۆتۈرسە كىرىم بولىدۇ دەپ قارغان بولۇشىڭلار مۇمكىن ، بىراق ئۇ ئايرىم تور بەت ئېچىپ دۇكان ئايرىۋالسا ئۇ چاغدا قانداق قىلىش كېرەك ؟
تاۋباۋنىڭ ئەۋزەللىكى مەھسۇلات تۈرىنىڭ كۆپ خىلىقىدا ، كەمچىللىكى ساختا مالنىڭ كۆپلىكىدە  ، ئۇيغۇر سودا بەتلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى  ئىستىمالچىلارنىڭ  بىلىپ - بىلمەي ئۆز تور بەتلىرىمىزگە دىققىتىنى ئاغدۇرۇشقا  پايدىلىق .
مەھسۇلات خاسلىقى يوق ، ئەتراپتىن  ئادەتتە ئوڭايلا تاپقىلى بولىدىغان مەھسۇلاتلارنى  توردا سېتشنىڭ ئىستىقبالى يۇقىرى ئەمەس . بىزنىڭ تاللىغان يولىمىز بىر تۈرنى تاللاپ سېتشقا ئۆزىمىز ئىشلەپ چىقارغاننى قوشۇپ سېتىش ، بۇ يولنى سودا بېتى قۇرغانلار  ئويلىشىپ باقسا .

alfun يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 21:40 static/image/common/back.gif
كىيىن ھەقلىق بوپ كىتىدۇ. پەقەت بىر كىچىدىلا ھەممىسى ئۆ ...

دۇكان ئاچقۇچى ھەقلىق دۇكان ئېچىشنى ئىلتىماس قىلسا ئۇ باشقا گەپ
لىكىن ھەقسىز دۇكان، ھەقسىز دىگەن ئىكەنمىز چۈقۈم ھەقسىز بولىدۇ ، ھەممىگە ئوخشاش باھا بەرمەڭ

alfun يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 21:48 static/image/common/back.gif
تاماق قاچىىسى50 يۈەن دەپ تۇرىدۇ. بازاردا قىممەت بولسا 35  ...

بەزى ماللار بازار باھاسى بىلەن ئوخشاش بولشى مۇمكىن ، لىكىن 11مىڭ خىل مالنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس . ئەرزانلىرىمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ .
ھازىرچە توردۇكان ئاچقان دۇكاندارلارغا چۇقۇم مانداق قىلىسەن ، ئانداق قىلىسەن دەپ تەلەپنى بەك يۇقىرى قۇيۋېلىشقا بولمايدىكەن ، كۆپ قىسىم دۇكاندارلار مال باھاسىنى دۇكاندىكى باھادىن چۈشۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ ، يەنە بىر قىسىم دۇكاندارلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغان بىر مەسلە مەۋجۇت . ( ئۇ بولسىمۇ توردا ئەرزان چىقىرىپ قويسام دۇكاندا قىممەت ساتالمايمەن )دىگەندەك
گەرچە مال باھاسىنى ئەرزانراق قىلىپ كۆپرەك ساتسا يەنىلا ئالىدىغان پايدا ئوخشاش بولسىمۇ بەزى دۇكاندارلار نىڭ كاللىسىدىن ئۆتكۈزمەكنىڭ تەسلىكىنى مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلىرىمىز بىلىمىز
شۇنىڭ ئۈچۈن بىرقانچە كارخانا ، توپ سېتىش ئۇرۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۈزىمىز مال سېتىشنى باشلاپ ، مەھسۇلاتلارنى ئەڭ تۈۋەن باھادا ئىستىمالچىلارغا يەتكۈزۈشنى توغرا تاپتۇق .
ئەلۋەتتە توردىن مال سېتۋالغۇچىلار ئاۋال ئويلىشىدىغان مەسلە تۈۋەن باھا، قۇلايلىق شارائىت ، ئىشەنىچ ۋە بىخەتەرلىك مەسلىسى .
بىزمۇ مۇشۇ مەسلە ئۈستىدە ئىزدىنۋاتىمىز ،  پات ئارىدا بۇنىمۇ ھەل قىلىمىز ئاللاھ خالىسا

alfun يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

terjime يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 22:56 static/image/common/back.gif
ھەممىڭلار ھەقسىز دۇكان  ئاچىدىغان قىلىۋەتسەڭلار  تەڭ خ ...

بۇنىمۇ ئويلىشىۋاتىمىز بىزمۇ ھازىر مۇشۇ مەسلە ئۈستىدە ئىزدىنۋاتقان ، ئىنشائاللا بۇمۇ ھەل بۇپ قالار
داۋاملىق تەكلىپ -پىكىر بىرىپ  تۇرشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ، رەھمەت

Arkzat يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

نېمىلا بولمىسۇن، ئۆز دىيارىمىزدا، ئانا تىل-يېزىقىمىزدا ئېچىلغان تور سودا دۇكىنىنى قوللاشقا بولىدۇ. مۇھىمى-ساختىلىقتىن خلى بولۇشى، مۇلازىمىتى چوقۇم ياخشى بولۇشى، خېرىدارلاردىن زېرىكمەسلىكى، گەپ-سۆزلەرگە تېرىكمەسلىكى كېرەك.
  مەن سىلەرنى تور تەشۋىقاتى جەھەتتە ھەقسىز  قوللايمەن. ئەزامۇ بولدۇم، مالمۇ سېتىۋالىمەن. چ چ ئارقىلىق ئالاقىلىشى ئىقتىدارىڭلار بىنورمال ئىكەن. بۇنى ۋاقتىدا ئوڭشىۋېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ئىشتا ئۇچۇر راۋان بولمىسا بولمايدۇ.
www.kaxkaruqur.com    www.arkzat.com   بۇ ئىككى تور بېتىمگە تەشۋىقاتلىرىڭلارنى يوللىساڭلار مەن ئىزچىل ،ھ ەقسىز قوللاپ-تەشۋىق قىلىپ بېرەي.
   ئىشلىرىڭلار خەيرلىك بولغاي.
  

udun007 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىڭ ھىساۋات ئۇچۇرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلارسىلەر؟

تىزىملىتىپ ئەزا بولۇش تاماملاندى.

self يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ھازىر تور دۇكانلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىسا بۇندىن كىيىن پۇرسەت بولمايدۇ ، ئۇيغۇرچە سودا تورلىرىدىن مال سېتىۋالىدىغانلار  مەدىنيەت سەۋىيەسى تۆۋەن كىشىلەر ، شۇڭا ئازىراق پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويسا بۇندىن كىيىن بۇ پۇرسەتنى تاپالماسلىقى مۆمكىن

alfun يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

Arkzat يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 10:08 static/image/common/back.gif
نېمىلا بولمىسۇن، ئۆز دىيارىمىزدا، ئانا تىل-يېزىقىمىزد ...

كەمچىلىكلەرنى دەرھال تۇلۇقلاپ ، خاتالىقلارنى تىز سۈرئەتتە تۈزتىمىز ، تەكلىپ - پىكىر بەرگنىڭىزگە شۇنداقلا بىزنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

alfun يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 12:32 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىڭ ھىساۋات ئۇچۇرلىرىنىڭ بىخەتەرلى ...

بىز چۇقۇم ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرشىمىز ، قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

5819 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

مۇبارەك بولسۇن! ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.

erxat1 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:36

قايسى كۈنى تاۋباۋدىن بىرچاپان سىتىۋالغان بىر ھەپتىدە كىلىدىكەن ئەمدى سىلەدىن سىتىۋىلىشقا تىرىشىمەن. تەكلىپ تەشۋىقاتنى ئامال بار كۈچەيىتسەڭلا نۇرغۇنلا تىخى ئۇخمايدۇ بۇ تۇربەتنى.

parlaq يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parlaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-15 21:31  

ئېلاننى كۈچۈيتىڭلار بەزەن ماللارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەن ئىكەن :)

parlaq يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:00


بۇ يەرلەرنىڭ بەزەنلىرى نورمال ئەمەسكەن :)
بەت: [1] 2
: تورتاۋار سودا تورىدا مۇكاپاتلىق مال سېتۋېلىش پائاليىتى