harita يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسەرلىرى سېتىلىدۇ

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسەرلىرى سېتىلىدۇ.

1_ ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك مۇزىكىسى ‹‹ ئون ئىككى مۇقام ›› ھەققىدە   1980-يىلى 1-نەشىرى 3- بېسىلىشى
2- شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا - ئۇسۇل سەنئىتى 1980 -يىلى 1-نەشىرى 1- بېسىلىشى
3- ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا ئائىت مەسىلىلەر  1981-يىلى 1-نەشىرى 1-بېسلىشى
4- رۇبائىيات  1981-يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
5- ئۇمۇمى ئستېتىكا  1985-يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
6- فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپەسېستىمىسى 1985-يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
7- قارلىقتاغ شەجەرىسى  1987-يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
8- قاتلاملىق ئېستېتىكا 1994 -يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
9- ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى 1997-يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
10-ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى  1997-يىلى 1-نەشىر 2-بېسلىشى
11-غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى 1997-يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
12-‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› خەزىنىسى  1999-يىلى 1-نەشىر 2-بېسلىشى
13-سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى  2000 -يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
14-ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھېكمەتلىرى  2000 -يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
15-يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت  2001-يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
16-ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى  2002-يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
17-قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا  2002 -يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
18-ئائىلە  2002-يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
19-مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر  2003-يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
20-فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپەسېستىمىسى ( تولۇق نوسخا )  2004-يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
21-يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى  2009-يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
22-ئارىفنامە  2013-يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى
23-مەن ۋە مېنىڭ خەلقم  2013-يىلى 1-نەشىر 1-بېسلىشى


ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسەرلىرى 4000 يۈەن
ئالاقىدە : 13899470785

Birzat يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

قىممەت ئىكەن.
خىلى كۆپ كىتابلىرى ھازىرمۇ باردۇ كىتابخانىلاردا؟

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرقانچىنى ئوقۇپ باقاي دېگەن نىيەتتە كىتابخانىغا كىرسەم باھاسىغا چاپلىما باھا چاپلىنىپ بوپتۇ سېتىۋالماي يىنىپ چىقتىم
مۇشۇ  كىتابغا چاپلىما باھا چىقىرىشنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىگىنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tursunjan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-14 14:11  

قارىغاندا شىنخىۋا كىتابخانىلىرىدىن سېتىۋالسام بولغىدەك،  شىنخىۋا كىتابخانىلىرىدا چاپلىما باھا يوقتۇ -ھە!

zemindar يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

tursunjan1 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 11:24 static/image/common/back.gif
قارىغاندا شىنخىۋا كىتابخانىلىرىدىن سېتىۋالسام بولغىد ...

باھا چاپلىغۇدەك كىتابمۇ يوق-تە؟

zemindar يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

لېكىن بۇ كىتابلار ھەقىقەتەن قىممەت بولۇپ قاپتۇ...
ئەگەر بۇ كىتابلار مېنىڭ قولۇمدا بولغان بولسا نەق بولىدىغان يېرى: 2000.00 يۈەن باھا قويغان بولاتتىم!

horazjan يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

zemindar يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 12:33 static/image/common/back.gif
لېكىن بۇ كىتابلار ھەقىقەتەن قىممەت بولۇپ قاپتۇ...
ئەگەر ...

تۇنۇگۇن يايمىدا ئاقسۇدا 1945- يىل دىگەن كىتاپنى  كورۇپ باھاسىنى سورىسام 100 يۇئەن دەيدۇ ، مۇشۇ كىتاپنىڭ كونا نەشىرى بىلەن ئوغۇر نەشىرنىڭ مۇقۇم باھاسىنى دەپبەرسىڭىز بوپتىكەن .

zemindar يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-14 13:55  

horazjan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 12:51 static/image/common/back.gif
تۇنۇگۇن يايمىدا ئاقسۇدا 1945- يىل دىگەن كىتاپنى  كورۇپ ب ...
ھەقىقىي نەشرى يۇمشاق مۇقاۋىلىق بولسا 400.00 يۈەن، قاتتىق مۇقاۋىلىق بولسا 500.00 يۈەن بولسا مۇۋاپىق، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى 100.00 بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. بىر قېتىملا ئوقۇپ بولدى قىلىدىغانلار كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئالسا، ساقلايمەن دېگۈچىلەر بولسا قانۇنلۇق نەشرىنى سېتىۋالسا بولىدۇ. چۈنكى تاسادىپىي بىر كۈنلەر كىلىپ كىتابلار ئاختۇرۇلۇپ قېلىپ ئارىسىدىن كۆپەيتىلگەن كىتابتىن بىر تال چىقىپ قالسا «بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا» بولۇپ قالىدۇ.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

كوپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن قانۇنلۇق نۇسخىسنى پەرقىلەندۇرۇش ئۇسۇلىنى دەپباقسىڭىز بوپتىكەن ئاڭلاپ باقساق.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

horazjan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 15:17 static/image/common/back.gif
كوپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن قانۇنلۇق نۇسخىسنى پەرقىلەن ...
قانۇنلۇق نەشرىنىڭ قەغىزى يېڭى، قايماق رەڭگە مايىل، سۈپەتلىك بولىدۇ.
كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنىڭ قەغىزى ئاپپاق، خەتلىرى سۇس، سۈپەتسىز كېلىدۇ.
ئۇزاق يىل كىتاب بىلەن ھەپىلەشكەن ئادەم بۇنى ئاسانلا پەرقلەندۈرەلەيدۇ.

000000000 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:53

بۇرۇنقى كىتابلار بىر قېتىم نەشر قىلىنغاچقا ئەسلى باھاسى تۆۋەن چىقىدۇ، قىممىتى يۇقىرى بولغاچقا ھەم كىيىنكى نەشرىگە قارىغاندا ئىشەنچىلىك بولغاچقا باھاسى كىيىنكى ۋاقىتلاردا نەچچە ھەسسە ھەتتا نەچچە يۈز ھەسسە چاپلىنىپ كىتىشى ئېنىق
بەت: [1]
: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسەرلىرى سېتىلىدۇ