majnun422 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بەخت دىگەن شۇ

   بەخت دىگەن مانا شۇ
     ئابدۇللا ئەيسا(مەجنۇن)

ئاتا ئاناڭ بولسا يار يۈلەك،
ھايات بولساڭ توختىماي يۈرەك.
ئېيتقىن ساڭا يەنە نىم كېرەك؟
بىلسەڭ بەخت دىگەن مانا شۇ.

بەش ئەزايىڭ بولسا ساپمۇ-ساق،
پۇت قوللىرىڭ بوپ قالمىسا تاق.
ياشلانمانمىسۇن ھەرگىزمۇ چاناق،
بىلسەڭ بەخت دىگەن مانا شۇ.

كۆز ئالدىڭدا بولمىسا ‹‹پەردە››
ماڭالايسەن تەمتىرمەي يەردە.
بەزىلەرگە بۇمۇ قەيەردە،
بىلسەڭ بەخت دىگەن مانا شۇ.

ھەرىكەتتىن قالمىسا پۇتۇڭ،
داغدام ساڭا ھەرقاچان يولۇڭ.
‹‹ئەنگۈشتەر››دۇر بىلسەڭ پۇت-قولۇڭ،
بىلسەڭ بەخت دىگەن ماناشۇ.

بولسا ياندا قان قېرىندىشىڭ،
ئاسان توختار ھەر قىلغان ئىشىڭ.
غەمدىن خالاس تۇرىدۇ بېشىڭ،
بىلسەڭ بەخت دىگەن ماناشۇ.

ئاتا-ئاناڭ بولسا قېشىڭدا،
لەززەت باردۇر يىگەن ئېشىڭدا.
يول كۆرسىتىپ تۇرسا قېشىڭدا،
بىلسەڭ بەخت دىگەن مانا شۇ.

مەنبە:ئۆز قەلىمىم

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

شېئىر ياخشى يېزىلىپتۇ. بولسا بۇ شېئىرىڭىزنى شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىغا يوللاپ بېقىڭ ، يەنىلام كەسىپ ئەھلىلىرى باھالىسا مۇۋاپىق.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:11

تىلى راۋان،ياخشى چىقىپتۇ. قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي!
بەت: [1]
: بەخت دىگەن شۇ