ABC يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئاچچىق ساۋاق

ئاچچىق ساۋاق

(ھېكايە)



رىزۋانگۈل ئابدۇقادىر تەرجىمىسى
ئۇ ئۆيدە ئاشنىسى بىلەن تۇرغاندا، ئېرى توساتتىنلا قايتىپ كېلىپ قالدى. ئاچقۇچ قۇلۇپ ئىچىدە جىددىي تولغاندى، ئېرى تاماكىنى كۆپ چېكىدىغان بولغاچقا، سىرتتا بىر پەس يۆتەلدى، ئۇجىددىيلەشكىنىچەئاشنىسىغا:ــ ئەمدى قانداق قىلىمىز ، ـــ دېدى.ئاشنىسى تېزلىكتە كىيىملىرىنى كىيدى، ئۇمۇ ئاللىقاچان كىيىنىپ بولغان بولۇپ، ئاشنىسى ئۇنىڭ مۇرىسىگە شاپىلاقلاپ تۇرۇپ:ـــ قەدىرلىكىم قورقماڭ، مېنىڭ قوماندانلىقىمغا بويسۇنسىڭىزلا بولىدۇ، ــ دېدى.ئۇ ئاشنىسىنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزىنى بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈپ كېتىدىغانلىقىغا گۇمان قىلىپ قاراپ تۇرۇپلا قالدى.ئاشنىسى خۇددى ئويۇن ئويناۋاتقاندەكلا يېنىدىن بىر قەلەمتىراشنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا خىجىللىق بىلەن قاراپ قويغاندىن كېيىن :ـــ قەدىرلىكىم، كەچۈرۈڭ ،- دېدى. ئۇ تېخى ئىنكاس قايتۇرماي تۇرۇپلا ، قەلەمتىراشنىڭ سوغۇق بىسى ئۇنىڭ بوغۇزىغا تېرەلدى. دەل شۇ پەيىتتە ئىشىك ئېچىلىپ ،ئېرى كىرىپ كەلدى. ئاشنىسى ئۇنىڭ ئېرىگە قاراپ:يېقىن كەلمە ، ئالدىڭغا بىر قەدەم ماڭىدىكەنسەن، مەن خوتۇنۇڭنى بوغۇزلىۋېتىمەن! – دەپ ۋارقىرىدى.ئۇ بوينىنىڭ ئازراق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى ئەمما ۋارقىرىمىدى. ئۇ، «ئاغرىسا ئاغرىسۇن، مۇشۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆيۈپ كېتىدىغان ئىش بولسىلا مەيلى» دەپ ئويلىدى ھەمدە بوينىنى قەلەمتىراش بىسىغا بەكرەك تېرىدى، ئۇنىڭچە بولغاندا،ئازراق ئىزى قالسا ئېرىمۇ گۇمانلىنىپ يۈرمەيتتى. ئېرى تېزلا نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشەندى، ئارقىدىن يانفونىنى چىقىرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلماقچى بولدى.
ــ مەن پۇلنىلا ئالىمەن، ئادەم يارىلاندۇرغۇم يوق، ساقچىغا مەلۇم قىلما،- دېدى ئاشنىسى ئېرىگە سوغۇق تەلەپپۇزدا، شۇ چاغدا ئاشنىسىنىڭ تىزىنىڭ ئۆزىنىڭ تېقىمىغا تېرەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ماسلىشىپ بېرىشنى ئۆتۈنمەكچى ئىكەنلىكىنى سەزدى. ئۇ تۇتقۇن قىلىش فىلىملىرىنى كۆرگەن ، شۇڭا ھازىر ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەتتى. ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرۈشكە پېتىنالماستىن ئېرىگە:
- چۇشىيۇڭ، ساقچى چاقىرماڭ، ئۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ، - دېدى.ئېرى يانفونىنى قويۇپ قويدى. ئارقىدىن ئاشنىسى ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلىشقا باشلىدى:
- ئۇنىڭغا ئېيىت، پۇل ساندۇقۇڭلارنى ئەپچىقسۇن!
ئۇ ، بىچارىلەرچە ئېرىگە قارىدى.ئېرى سەل ئىككىلەندىيۇ، پۇل سالىدىغان ساندۇقنى ئېلىپ چىقتى.
-ئۇ ماڭا پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئەككىلىپ بەرسۇن، - دېدى ئاشنىسى يەنە . ئۇ يەنە بىچارىلەرچە ئېرىگە تەلمۈردى.ئېرى ئاشنىسىغا پۇللارنى ئېلىپ بەردى. ئاشنىسى پۇلنى يانچۇقىغا سېلىپ ، يەنە ئۇنىڭغا:
- ئۇ دەرھال بىر ئارغامچا تاپسۇن دېدى. ئۇ ئېرىگە قارىدى. ئېرى كارىۋات ئاستىدىن بىر ئارغامچىنى تاپتى.
- ئۇ ئۆزىنى باغلىسۇن ،- دېدى ئاشنىسى بۇيرۇق قىلىپ،شۇ پەيىتتە ئۇ ئاشنىسىنىڭ ھەقـىقـەتـەن ئاشۇرۋەتكەنلىكىنـى ھېس قىلدى.ئېرى ھەممە ئىشنى تەلەپ بويىچە قىلدى، يەنە ئۇنى باغلاشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەمما، ئۇ پەقەت كۆڭلىدىلا شۇنداق ئويلىيالىدى يەنىلا ماسلاشماقتىن باشقا نېمە ئامال؟!ئۇ، ياۋاش ئېرىنىڭ ئۆزىنى باغلىغانلىقىنى ، ئاشنىسىنىڭ بېرىپ ئارغامچىنى تارتىپ كۆرگەنلىكىنى كۆردى. ئاشنىسى قانائەتلەنگەندىن كېيىن ، قولىنى ئۇزىتىپلا بىر نەرسىنى ئېلىپ،ئېرىنىڭ ئېغىزىغا كەپلەپ قويدى. ئېرى تورغا چۈشكەن بېلىقتەك تىركىشىپ، كۆزلىرى ئالىيىپ كەتتى، ئارقىدىن ئۇ، ئېرىنىڭ ئازابلىق ئىڭرىغىنىنى ئاڭلىدى.ئۇنىڭ قەلبى قاتتىق زەربە يېدى. ئون نەچچە يىللىق ئەر ئەمەسمۇ، ئازراقمۇ ھېسىسيات يوق، دېگەن قۇرۇق گەپ، ئەمما،ھازىر ئامال يوق. ئۇ ئاشنىسىغا:«ئاستىراق، يولىدىراق ئىش قىل» دېيەلمەيدۇ-دە. ئۇ بىردىنلا قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى. ئاشنىسى ئېرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ،ئۆيدىن يەنە بىر تال ئارغامچا تېپىپ، ھېجايغىنىچە ئۇنىمۇ باغلاپ قويدى.باغلاپ بولغاندىن كېيىن بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، ناھايىتى تۆۋەن ئاۋازدا:
- دەپ ئۇنىڭ مەڭزىگە ئۇزاق سۆيۈپ قويدى.ئۇ ئېرىنىڭ قاتتىق تىركىشىپ، بىر نېمە دېمەكچى بولغاندەك ئاۋازلارنى چىقارغانلىقىنى ئاڭلىدى.ئۇ، بېشىنى تۆۋەن سالدى، ئېرىگە ئدۇل قاراشقا پېتىنالمىدى.ئاشنىسى قولىدىن قاس چىقىرىپ قويۇپ پەرۋاسىز ھالدا چىقىپ كەتتى.
ۋاقىت ئۆتمەكتە ئىدى. ئۇ ئاۋۋال ئارغامچىنى يەشتى. ئەمەلىيەتتە ئارغامچا چىڭ باغلانمىغان ئىدى. ئەمما، ئۇ باشتىلا ئارغامچىنى يېشىۋېتىشكە پېتىنالمىدى، بۇنداق بولغاندا ئاسانلا ئېرىنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قوياتتى. ئۇ يالغاندىن يەردە يۇمىلاپ ، ئاخىرى ئىشكاپنىڭ قىرىغا سۈركەپ يۈرۈپ ئارغامچىنى يەشتى.ئاندىن ئېرىنى باغلىغان ئارغامچىنى يەشتى. ئارغامچا يېشىلىشىگىـلا ئېرى ئاغزىدىكى نەرسىنى چىقىرىۋېتىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىشكىمۇ ئۈلگۈرمەيلا ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:
ــ يەن خۇاڭ، كېلىڭە مەن قاراپ باقاي، ئۇ ھايۋان سىزنى زەخمىلەندۈردىمىكىن،ــــ دېدى.
ئېرى ئۇنىڭ پىچاق بىسى ئىز قالدۇرغان بوينىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلىدى. ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماستىن يىغلاپ كەتتى .
كېيىن ئاشنىسى ئۇنىڭغاتېلېفون ئۇرغاندا ئۇ: بولدىلا، ئەمدى بولدى قىلايلى ، ـــ دېدى.
(«قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى)

ilhamxyz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

:lol

NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ مۇشنى تەرجىمە قىلغان رىزۋانگۈلگە ئىچىم ئاغرىدى،بەزى ئاياللارچە بولسا مۇھاببەت دىگەن مۇشۇنداق بولسا،ئوينايدىغاننى ئويناپ ئېرى تەسىرلەندۈرسە قايتىدىن ياخشى كۆرۈپ قالسا،ھېچ ئىشنى سۈرۈشتۈرمىسە ھەقىقىي چىن ساپ  شەرتسىز پاك مۇھاببەت دىگەن مۇشۇ ئەمەسمۇ ھا ھا

horazjan يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

مۇنبەرنى گىزىت -ژورنالدىن كوچۇرۇپ كەلگەن ئەسەرلەر ، ھىكايە - پوۋىستلا ، ماقالىلا قاپلاپ كەتتىمۇ ياكى مەن ئاشۇندا تېمىلارغا كىرۋالدىممۇ ؟ ئوزەمنى ھىچ بىر ئىزدىنىشتا تۇرغاندەك ھىس قىلمايمىنا ..

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئىنسان قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسىكىنا بۇ. «قەشقەر» ژۇرنىلىدىن «ئامانلىق» ياكى «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» مۇۋاپىق كېلەتتىكەن دەپ قالدىم.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بىر تالاي خەتلەرنى ئۇرۇپ بولۇپ ئۆچۈرىۋەتتىم .
بولدىلا …   .

attir يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 19:00  

:o

DawutPalta يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

پشكى سىرىق رەسىملەر باتتى ئ‍ىنكاس شەكىلدە يوللاپ قويايما؟

horazjan يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   horazjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 22:00  

ئىنكاسلادىن كېيىن ئوقۇپ چىقتىم ، ئومرۇمدە بۇنچىلىك تەسىرلىك ، مىھرى مۇھاببەتكە تولغان ھىكايىنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن {:188:}{:188:}

udun007 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

شۇ رىزۋانگۇل ئابدۇقادىرغا لايىق ھىكايىكەن.

dilmurat يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:29

ئاشنىسى بارلار ئۆگىنىۋالغۇدەك.
بەت: [1]
: ئاچچىق ساۋاق