ABC يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

نەق مەيداننى قوغداش

شياۋ جاڭ چۆل يولىدا ئۆتكەن – كەچكەن يۈك ئاپتوموبىللىرىغا قول پۇلاڭلاتقاچ كېتىۋاتاتتى، ئۇ بىرەر شوپۇرنىڭ ئۆزىنى ئېلىۋېلىشىنى ئويلىسىمۇ، بىرەرسى توختاي دېمەيتتى. شۇ ئەسنادا توساتتىن ئاپتوموبىلنىڭ كۈچلۈك تورمۇز قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەسلىدە بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىرەيلەننى سوقۇۋەتكەنىدى. سوقۇلغان ئادەمئورنىدىن تۇرماقچى بولدى – يۇ، يەنە يىقىلدى. شوپۇر كابىنكىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنىڭغا بىر نېمىلەرنى دەپلا ماڭدى.
  —شياۋ جاڭ دەرھال سوقۇلغۇچىنىڭ يېنىغا بېرىپ سورىدى:
    —شوپۇر قېنى؟
    —ساقچىغا مەلۇم قىلغىلى كەتتى.
    شياۋ جاڭ ئەجەبلىنىپ سورىدى:
    —ساقچىغا مەلۇم قىلغىلى؟ سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپارماستىن، ساقچىغا مەلۇم قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟
    —نەق مەيداننى قوغداش ئۈچۈن.
    —نەق مەيداننى قوغداش؟
    —ئۇ مېنى ھازىر دوختۇرخانىغا ئاپارسا، نەق مەيدان بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا نەق مەيداننىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا ئاپارسا بولىدۇ، –دېدى ئۇ ئېغىزىدىكى قاننى سۈرتكەچ.
    — ئۇ ئاۋۋال سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلسىمۇ بولاتتى. ھازىر ھەر بىر سېكۇنتمۇ ھاياتىڭىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تۇرسا.
    —ئۇنداق قىلسا بولمايدۇ، ئۇ ئاۋۋال نەق مەيداننى قوغدىشى كېرەك. ئەگەر نەق مەيدان بۇزۇلسا، مەسئۇلىيەتنى ئايرىغىلى بولمايدۇ. مەسئۇلىيەت ئايرىلمىسا، داۋالىنىش خىراجىتىمنى كىم تۆلەيدۇ؟ ئەگەرئۆلۈپ كەتسەم كىم مەسئۇل بولىدۇ؟ ئوغلۇمنى كىم باقىدۇ؟ ئۇ مېنى سوقۇۋەتتى، مەن ئۆز يولۇمدا كېتىۋاتسام ئۇ تۇيۇقسىز ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىپ مېنى سوقۇۋەتتى، ساقچى نەق مەيداننى كۆرسىلا چوقۇم بىلەلەيدۇ، – دېدى سوقۇلغۇچى پېشانىسىدىكى قاننى سۈرتۈپ تۇرۇپ.
    شياۋ جاڭ ‹‹ئەسلىدە ئىش مۇنداق ئىكەن – دە›› دەپ ئويلاپ تۇرۇشىغا، شوپۇر يۈگۈرۈپ كەلدى:
    — بۇ ئەتراپتا ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئورنىمۇ، ئاممىۋى تېلېفونمۇ يوقكەن، قانداق قىلىمىز؟
    — ساقچىغا كېيىن مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ، ئاۋۋال ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى، ئۇنىڭ يارىسى ئېغىردەك قىلىدۇ، – دېدى شياۋ جاڭ.
    شوپۇر ھەيران قالدى:
    — دوختۇرخانىغا؟ نەق مەيداننى قانداق قىلىمىز؟ نەق مەيدان بۇزۇلسا، مەسئۇلىيەتنى قانداق ئايرىيمىز؟ مەن يەنە بىر قاراپ باقاي، ئۇ شۇنداق دېگىنىچە يۈگۈرۈپ كەتتى.
    سوقۇلغۇچى ئەمدى پۇتىنى تۇتقىنىچە ئېڭراشقا باشلىدى.
    — پۇتىڭىز سۇنغان ئوخشايدۇ،– دېدى شياۋ جاڭ.
    —شۇنداقتەك قىلىدۇ.
    — سىزنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى، قانسىراپ كەتسىڭىز ھاياتىڭىزغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.
    — بولمايدۇ، ئاۋۋال، ساقچىلار نەق مەيداننى كۆرسۇن، ئاندىن ئاپارسۇن، نەق مەيدان بۇزۇلسا بولمايدۇ.
    — ساقچىنىڭ كېلىشىنى كۈتسىڭىز جېنىڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىز،– دېدى شياۋ جاڭ.
    بۇ چاغدا شوپۇر يۈگۈرۈپ كەلدى.
    — ھەممە يەرگە قارىدىم، تېلېفونخانا، ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئورنى دېگەننى تاپالمىدىم. پالاكەت باستىغۇ!قانداق قىلىمىز؟ –دېدى ئۇ.
    — ئۇنداق بولسا، ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى، – دېدى شياۋ جاڭ.
    — مۇشۇنداق قىلمايمۇ ئامال بولمىدى، ئەمما ماشىنايوق – تە.
    — ماشىنا يوق؟ شياۋ جاڭ ھەيران بولغىنىچە يۈك ئاپتوموبىلىنى كۆرسەتتى، ماۋۇ ماشىنا ئەمەسمۇ؟
    — بۇنى دەمسىز؟ چاقچاق قىلىۋاتامسىز؟ ئادەمسوققان ماشىنا بىلەن يارىدارنى توشۇغان نەدە بار؟
    — نېمىشقا توشۇغىلى بولمىغۇدەك؟
    — مەن بۇنى ھەيدەپ كېتىپ قالسام، نەق مەيدانبۇزۇلىدۇ، چوقۇم باشقا ماشىنا توسۇشىمىز كېرەك.
    — ھازىر ئەتراپتا ماشىنا بولمىسا؟
    — ماشىنا بولمىسا ساقلىماي ئامال يوق، ئىشقىلىپ نەق مەيداننى بۇزۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر كىمكى نەق مەيداننى بۇزسا، بارلىق مەسئۇلىيەتنى شۇ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردا شۇنداق بەلگىلەنگەن. نېمە بولغاندۇ، ئەجەب بىرمۇ ماشىنا ئۆتمەيدا؟
    — قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرسە، ئالدى بىلەن، يارىدارلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك، چۈنكى ھەر بىر سېكۇنت ئۇنىڭ ھاياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەمما سىز ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارماستىن ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا ئالدىراۋاتىسىز.
    — ئىشنى ئۇنداق ئاددىي چاغلىماڭ، مېنىڭمۇ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارغۇم بار. سىزچە شۇنداق قىلساق بولارمۇ؟ ئەگەر نەق مەيدان بۇزۇلسا، ئۇنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى كىم تۆلەيدۇ؟ ئەگەر ئۇ ئۆلۈپ كەتسە كىم مەسئۇل بولىدۇ؟ مەن ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالامدىم ياكى قىسمەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالامدىم، دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى نەق مەيدان بەلگىلەيدۇ.
    — ئەگەر بۇ يەردىن بىرەر ماشىنا ئۆتمىسىچۇ؟ – دېدى شياۋ جاڭ.
    — بىلمىدىم، ئىش قىلىپ نەق مەيداننى بۇزۇشقا بولمايدۇ.
      بۇ چاغدا سوقۇلغۇچى قان قۇسۇشقا باشلىدى. ئۇ شياۋ جاڭنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە:
    — ئەگەر ئۆلۈپ كەتسەم، چوقۇم ماڭا ياردەم قىلىپ نەق مەيداننى قوغداپ تۇرۇڭ، ئۇ مېنى سوقۇۋەتتى، نەق مەيدان ئىسپات بولالايدۇ، – دېدى.

arislan يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بايام مال يەتكۈزۈش ئورنىدىن قايتىپ كېلىۋاتسام ئالدىمدىلا 10 ياشلىق بىر بالىنى ماشىنا سوقۇۋەتتى. سوقۇۋەتكۈچى ماشىنىدىن تېلېفوندا سۆزلىشىكلىك چۈشۈپ بىخارامان سۆزلىشىۋاتىدۇ. بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى دەپ ئالدىرتىۋالسام خەق دەل مۇشۇ تېمىغا ئوخشاش نەخ مەيدان بۇزۇلىدىغاننىڭ گېپىنى قىلدى. مەن نەخ مەيداننى رەسىمگە تارتىۋېلىپ، دەرھال بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى تەۋسىيە قىلدىم. بالىنىڭ بولسا بۇرنىدىن قان ئېقىشقا باشلىدى. ئارلىقتا ئادەملەر توپلىشىپ بەزىلەر نەخ مەيداننى ساقلاشنىڭ، بەزىلەر بالىنى دوخـتۇرخانىغا ئاپىرىشنىڭ گېپىنى قىلىشقا باشلىدى. بىرى دەرھاللا تاكىسىدىن بىرنى چاقىرىپ بالىنى، سوقۇۋەتكۈچى بىلەن قوشۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى. ھەي نەخ مەيدان....

kakkur يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ھەي!  ئادىمىي خىسلەت قەھەتچىلىكى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ھەي…
قاتناش قىزىق لىنىيىسىدە نەخ مەيداننى بۇزۇۋەتسە شوپۇر جاۋاپكارلىقنى يۈز پىرسەنت ئۈستىگە ئالىدۇ دىدى

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ھەي توۋا ، بەزى ئىشلارغا توۋا دېمەكتىن باشقا ئامال يوق.

hakaniye يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 06:01

ھازىر ئالدى تەرەپنى سىنغا ئېلىپ ماڭىدىغان كىچىك كامىرالاربار شۇنى چۇقۇم ئۇرنىتىش كىرەك ئاشۇنداق قىلغاندا مەسئۇلىيەتنى ئايرىغاندا ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىمايسىز ،پۇلى ئەرزانلا نىمە ئىككى يۈز يۈەن ئەتراپىدا
بەت: [1]
: نەق مەيداننى قوغداش