گىرمانچە ئۈگىنىش توغرىسىدا مەسلەھەتكە مۇھتاج
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا cooloff تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-13 14:35ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! ئىزدىنىش ئەھلى.
خېلى ۋاقىتتىن بېرى گىرمانىيە ۋە گىرمانچىگە قىززىقشىم سەۋەبلىك ، ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۈگىنىشكە باشلىدىم. تېشلىق بولسام شۇ يەرگىمۇ بېرىش پۇرسىتىممۇ بار. بۇرۇن ئىنگىلىز تىلى ئۆگنىش تەجىربەم بولغاچقا، شۇ ئۇسۇلدا گىرمانچە ھەرپلەردىن باشلاپ ئۆگىنىپ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسنى سېلىۋالدىم ھەم تىلىمنىمۇ ئوبدانلا كۆندۈرۋالدىم ھەم ماس ھالدا سۆزلۈكنىمۇ كۆرۈپ ماڭدىم. بىلمىسەممۇ گىرمانچە خەۋەرنى زورىغا ئاڭلايدىغان بولدۇم، كاساپەت مۇشۇ چەت تىل دىگەنمۇ ئاجايىپ بۇلىدىكەن، بەك ئوتتەك ئىشتىياقىم بارمۇ بىلمدىم، ماڭساممۇ شۇنى قالايمقان بىلجىرلاپ باقىدىغان بولدىم ئۆزەمچە. ئادەم دىگەننى زە ھەي..
شۇڭا ئاراڭلاردا بۇرۇن ئۆگىنىپ باققانلار بولسا ماڭا ئۆزەڭلارنىڭ ئۆگىنىپ ئۆتكەن كىتابىنى تەۋسىيە قىلساڭلار. دەسلەپكى باسقۇچتىكى كىتاب بولسا بولىدۇ.
تەشەككۇر ھەممڭلارغا !!
داڭكې فۈغ ئالې! (گىرمانچە تەشەككۇر) ئېنگلىزچە بىلسىڭىز بۇ تور بەتكە تىزىملىتىڭ http://www.germanpod101.com/ .
ئۇلارنىڭ نۆل سەۋىيەدىكىلەردىن باشلاپ ئۈگىتىدىغان دەرسلىكلىرى بار، بەك ئەمىلىيەتچان، قوللىنىشچان (ماڭا شۇنداق تۇيۇلدى). ھەر دەرسىنىڭ پ د ئېف ھۆججتىى، ئاۋازلىق ھۆججىتى، سۆزلىكلەرنىڭ چۈشەندۈرىشى، ئىشلىتىلىشى، دىئالوگلىرىنىڭ ئاستا ئوقۇلىشى بار. ھەر دەرسىنىڭ مەزمۇنىمۇ بەك كۆپ ئەمەس، ئەمىلىي تۇرمۇشتا ئىشلىتىشچانلىقى بەك يوقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرس مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك گىرمان مەدىنىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇلار قوللانغان ئۇسۇلنى كىتاپتىن ئۈگەنگەنگە قارىغاندا كۆپ ئۈنۈملۈكتەك ھىس قىلدىم. ئەسىلى تىل دېگەننى قۇلاقتىن ئۈگىنىدىغان نەرسە ئىكەن دەپمۇ ئويلاپ قالدىم.
ۋەئەلەيكۇم -ئەسسلام! مەنمۇ رۇس تىلى ئۈگۈنىۋاتقان،ھازىر cooloff ئەپەندىگە ئوخشاش دەسلەپكى باسقۇچتا ،ئۆگۈنۈپ بولغان ۋە ئۆگۈنىۋاتقان دوسلارنىڭ ماتىريال ۋە تەجىربىلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئۇيغۇرچە رۇسچە گىراماتىكا ئائىت ماتىريال بولغان بولسا ناھايتى ياخشى بۇلاتتى . مەنمۇ ئۆگىنىۋاتقان .. مۇشۇنداق گىرمانچە ئۆگىنىۋاتقانلار ئۈندىداردا توپ قۇرۇپ پىكىرلىشىپ، گىرمانچە سۆزلىشىپ تۇرساق ياخشى بولاتتى .. ئۈندىدار نومۇرۇم 540585651 Parwana يوللىغان ۋاقتى 2015-3-13 15:51 static/image/common/back.gif
ئېنگلىزچە بىلسىڭىز بۇ تور بەتكە تىزىملىتىڭ http://www.germanpod ...
راست زادى ... ما پىكىر جايىدا جۇما... مېنىڭمۇ ئۆگەنگۈم بار ئىدى نېمىسچىنى. بىراق ھېچبىر شارائىت يوق بۇ ئۈرۈمچىدە. Alisher يوللىغان ۋاقتى 2015-03-13 16:48:18 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم -ئەسسلام! مەنمۇ رۇس تىلى ئۈگۈنىۋاتقان،ھازى
غالىبىيەت كىتاپخانىسىدا بار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Adilkozeynek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-15 04:00
گىرمانچە ھەقىقەتەن تەس تىللارنىڭ بىرى. بولۇپمو گىرامماتىكىسى بەك تەس. توردا بىر تەرجىمە بىكىتى بار. شۇنىڭدىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. مەنزىلى: ۋۋۋ.لېو.ئورگ. كەچۈرۈڭلار قول تىلفۇندا يازغاچقا لاتىنچە ھەرپنى ھەرقانچە قىلىپمو بۇ يەرگە يازالمىدىم.
تىما ئىگىسىنىڭ ئاخىرىدىكى نىمىسچە سالامدا بىراز خاتالىق باردەك، يەنى دانكې فۈر ئويخ ئاللې دىسە توغراراق بولىدۇ. "ر" ھەرپىنى "غ" دەپ تەلەپپۇز قىلىش جۈملە ئوتتۇرىسىدىكى بەزى جايلاردا كىلىدۇ، لىكىن ھەر ۋاقت "غ" دەپ تەلەپپۇز قىلسا توغرا بولمايدۇ.... toghrulbeg يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 00:06 static/image/common/back.gif
غالىبىيەت كىتاپخانىسىدا بار.
كۆپ رەخمەت لىكىن مەن ھازىر ئىچكىردە بېرىشقا ئىمكانىيەت يوق ،توردا باشقا ماتىريال تەۋسىيە قىلغان بولسىڭىز.
خوشنىمىز قازاقىستان دىگەن تىمىدىكى يازمىلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقىغانتىم ،بولسا قاندااق تەرتىپ بۇيىچەئۆگۈنۈش ، گىرامماتىكا بىلەن سۆزلىكنىڭ ئۆگۈنىش ئوسۇللىرى ،نىمىلەرگە دىققەت قىلىش قاتارلىق نۇخىتىلاردا تەجىربە ساۋاقلىرىڭىز دەپ بەرگەن بولسىڭىز كۆپ مىننەتدار بۇلاتىم .
بەت:
[1]