uyaltun يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

جۇڭگو مەركىزى بانكىسى 2 - پەسىلدە يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆ...

جۇڭگو مەركىزى بانكىسى 2 - پەسىلدە يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن

     مورگان شىدەنلى (MS) باشلىقى جۇڭگو ئىقتىسادشۇناسىنىڭ 3 - ئاينىڭ 12 - كۈندىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو M2 نىڭ ئېشىش ئەھۋالى بازار مۆلچەردىكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاساسلىق سەۋەبى مەركىزى بانكا كەڭ پۇل سىياسەت تەدبىرىنى قوللانغاندىن كېيىن، يېڭىدىن كۆپەيتكەن قەرز بېرىش ئەھۋالى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولغان. لېكىن، مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ قارىشىچە جۇڭگو يەنە تېخىمۇ كۆپ كەڭ پۇل سىياسەت تەبىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
    مورگان شىدەنلىنىڭ كۆرسەتمە بېرىشىچە، 2015 - يىلى 2 - ئايدا جۇڭگو بانكىسى ئارىسىدىكى ئۆسۈم نىسبىتى ئۆرلىگەن بولۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد ئىچىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يۇقىرى ئۆرلەش بېسىمى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
    بۇ بانكا يەنە تەكىتلەپ، ئەگەر تاشقى پېرېۋوتنىڭ ئېقىپ كىرىشى يەنىلا ئاجىز بولسا، جۇڭگو خەلق مەركىزى بانكىسى (PBOC) بۇ يىل 2 - پەسىلدە يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى، ھەم تېخىمۇ كۆپ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن.




ئامېرىكىنىڭ ADP سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن قانداق تەسىرى بار ؟

    ئادەتتىكى قىلىپ ئېيتقاندا ، ئەگەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى يۇقىرى بولسا ، ئىقتىساد تەرەققىياتى ياخشىلىنىدۇ ، ھەم دوللار كۆرسەتكۈچىگە نىسبەتەن پايدىلىق ئۇچۇر ؛ ئەكسىچە ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى تۆۋەن بولسا ، پايدىسىز ئامىل بولدۇ . لېكىن ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالاھىدە باغلىنىش يوق ، چۈنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى پەقەت ماكرو ئىقتىساد ئەھۋالى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك. باشقا ساھە جەھەتتە ، مەسلەن يۇقىرى پەن-تېخنىكا كەسپىنىڭ تېز تەرەققى قىلىشى ئەمگەك كۈچىنىڭ ئېھتىياجىنى ئازايتىۋىتىشى مۇمكىن، لېكىن يەر شارى ئىقتىساد ئېشىشىنىڭ جانلىنىشى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن.
1. غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى
غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش قىممىتى  كېمىيىپ كەتسە ، ئىقتىساد كاساتلىشىشقا قەدەم قويىدۇ ،كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى كېمىيىپ كېتىدۇ. دوللارغا پايدىسىز ، ئالتۇنغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.  غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش قىممىتى كۆپەيسە ، ئىقتىساد ھالىتى ياخشىلىنىدۇ. ئۆسۈم نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىشىگە پايدىلىق ، دوللارغا پايدىلىق ، ئالتۇنغا پايدىسىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
2. ئىشسىزلىق نىسبىتى
ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىشى ، ئومۇمىي ئىقتىساد ھالىتى ياخشىلىنىپ تەرەققى قىلىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، دوللارغا پايدىلىق ، ئالتۇنغا پايدىسىز بولدۇ.  
ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىسە ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى ئاجىزلىشىپ  زاۋاللىققا يۈزلىنىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. دوللارغا پايدىسىز ، ئالتۇنغا پايدىلىق بولدۇ .
سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى مۇھىم نۇقتا بازارنىڭ ئىنكاسى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كەيپىيات ئۆزگىرىشى ، بازارنىڭ تەۋرىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ، ئۆلۈك ھالدا قوبۇل قىلىشنى " قانۇنىيەت " دەپ ئاتاش مۇۋاپىق ئەمەس. ئەگەر سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىشنىڭ ئالدى كەينىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مەشغۇلات قىلىپ ، كۆپ كۆرۈپ ئاز ھەركەت قىلسا ، چوقۇم زىياننىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولدۇ. سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى   ياكى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئەھۋالغا قاراپ ئالدىنئالا تۆۋەنلەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولدۇ ، لېكىن  بۇ بازارنىڭ كۈچلۈك بولغان ئىشەنچ ئىقتىدارىنىڭ ئېھتىياجى ، شۇنداقلا خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنىڭ ئېھتىياجى.


ئەسكەرتىش:
نۆۋەتتە 1 گىرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 228.85 يۈئەن ؛
1 گىرام نەق كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.08 يۈئەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
بۇ بىر ھەپتىلىك خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.1430 يۈئەن ؛

( تېما يوللىغۇچى ئىلكان ئىقتىساد تورىدىن رابىگۈل )
ئەگەر سىز بۇ سودا تۈرىگە قىزىقسىڭىز ياكى بۇ سودا تۈرىنى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز 4000991014 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛

ئەسلى مەنبە : ئىلكان ئىقتىساد تورى

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ئۆي باھاسىنى ئۆستۈرەلمەي ئاۋارىكەندە بۇ خەق

sohrat يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

228.85 يۈئەن ؛
1 گىرام نەق كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.08 يۈئەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
بۇ بىر ھەپتىلىك خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.1430 يۈئەن ؛

( تېما يوللىغۇچى ئىلكان ئىقتىساد تورىدىن رابىگۈل )
يۈەن مۇ ياكى يۈئەن مۇ؟ ئويلىشىپ باقارسىز. زادى بولمىسا خەلقنىڭ پۇلى ئۈستىدىكى ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئوقۇپ باقارسىز.

self يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

يۈەن بولامدۇ يۈئەن  بولامدۇ بۇ سىزنىڭ ئىشىڭىز ، شەخسەن مىنىڭ كارىم يوق ، ئەسلى ئۇيغۇرچىسى پۇل
شوھرەتئاخون بىلىۋالسىلا ھە ، ئۇزلىرى قىزىل پاچاقمۇ يا

tursunn يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tursunn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 17:00  

يۈەن بولامدۇ يۈئەن  بولامدۇ بۇ سىزنىڭ ئىشىڭىز ، شەخسەن مىنىڭ كارىم يوق ، ئەسلى ئۇيغۇرچىسى پۇل
شوھرەتئاخون بىلىۋالسىلا ھە ، ئۇزلىرى قىزىل پاچاقمۇ يا

شۆھرەت ئەپەندىنىڭ دېگىنى توغرا، يېزىقتا ئاللىقاچان «يۈەن» دەپ قېلىپلىشىپ بولغان نەرسىنى شۇ بۇيىچە ئالغۇلۇق.
سىز دېگەندەك كارىمىز بولمىسا، «يۈئەن» دەپ ئالغاندەك باشقا سۆزلەرنىمۇ نەچچە خىل ئېلىۋەرسەك، تىل-يېزىقتا، تەرجىمە ئىشلىرىدا قالايمىقانچىلىق بولۇپ قالارمىكىن.

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بۇ يەردە نەدە شۆھرەت ئەپەندى بار ؟  سوخرات (سوقرات)دەپ بىرسى تۇرىدۇغۇ .  :dizzy:

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ئۇزۇنغا قالماي بىر دوللار 8 كويلۇق زامان قايتا كېلىدىكەندە

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 18:00 static/image/common/back.gif
ئۇزۇنغا قالماي بىر دوللار 8 كويلۇق زامان قايتا كېلىدىك ...

ھوي ھوي بالىلار ماگەپنىڭ ئاساسى زادى قانچىلىكتۇ ؟؟ ئالتۇن بىلەن دوللاردنىڭ 2 يىل ئىچىدىكى جۇڭگو پۇلىغا ئايرىۋاشلىنىش ئەھۋالى قانداق بۇلار ؟ مۇشۇ توغرىسىدا جىقاراق گەپلىشىدىغان ئىشتى !

kanat يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:56

يازمىدىكى ئۇچۇرلار ئۈچۈن رەھمەت. ياقتۇردۇم. ئەمما بۇ يازمىدا ئىپادىلەش ياكى گىراماتىكا جەھەتتىن كەمچىللىكلەر خېلى بار ئىكەن.  مەسىلەن:  مورگان شىدەنلى (MS) باشلىقى جۇڭگو ئىقتىسادشۇناسىنىڭ  ...
بۇ سۆز مېنى گاڭگىرتىپ  قويدى.
مەركىزى بانكا كەڭ پۇل سىياسەت تەدبىرىنى    بۇ سۆز جايىدا تەرجىمە قىلىنماي قاپتۇ. ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش بولسا مەركەز بانكىسىنىڭ كىڭەيتمە خاراكتىرلىك پۇل مۇئامىلە تەدبىرى بۇلۇپ، بازاردىكى پۇلنىڭ ئوبوروت مىقتارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىدۇ.
لېكىن، مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ قارىشىچە جۇڭگو يەنە    بۇ جۈملىدىكى مەبلەغ سېلىش بانكىسى قايسى بانكا؟
5 - يىلى 2 - ئايدا جۇڭگو بانكىسى ئارىسىدىكى ئۆسۈم نىسبىتى ئۆرلىگەن بولۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد ئىچىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يۇقىرى ئۆرلەش بېسىمى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.    بانكا ئارىسىدىكى ئۆسۈم نىسبىتى دىگەن نىمە؟
ئەگەر تاشقى پېرېۋوتنىڭ ئېقىپ كىرىشى يەنىلا ئاجىز بولسا    .... بۇ يەردىكى ئاجىز دىگەن گەپ نىمىنى ئىپادىلەيدۇ؟  ئۇنىڭدىن باشقا غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش قىممىتى  كېمىيىپ كەتسە .. دىگەن جۈملىمۇ  توغرا تەرجىمە قىلىنماي قاپتۇ.  
داۋاملىق ئوقۇپ بۇلالمىدىم، ئەمما ئەڭ ئاخىرغا قارىسام بۇ ئەسلى بىر تەشۋىقات ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن.  ئەگەر مەسلىھەت بەرگۈچى ئۇيغۇر تىلىدا مۇلازىمەت قىلىدىغان بولسا ئاڭلىغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ قۇيىدۇ..

self يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:35

سىزمۇ ئوبدان قاراپ بىقىڭ نەدە سوقراتكەن ، soqrat نى نىم دەپ ئاتايمىز ؟ {:87:} سوخرات مۇ يا؟

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 9 سائەت ئالدىدا

self يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 14:35 static/image/common/back.gif
سىزمۇ ئوبدان قاراپ بىقىڭ نەدە سوقراتكەن ، soqrat نى نىم دە ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ بۇ تەنقىدى تەكلىپ - پىكىرىڭلارنى قوبۇل قىلدىم؛ مەن خەت ئىملاسىغا  ۋە تەرجىمە جەريانىدا سۆز - جۈملىلەرنىڭ راۋان بولىشىغا دىققەت قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن ھەر قايسىڭلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن. بىز بۇ ماقالىلەرنى خەنزۇچە تور بەتلەردىن تەرجىمە قىلىپ يوللايمىز، مەنمۇ يېڭى ئۆگەنگۈچى بولغاچقا بەزى سۆز - جۈملىلەرنى توغرا ئىشلىتەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن، شۇڭا سىلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ؛ مەنمۇ بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىكىگە تىرىشىمەن.
بەت: [1]
: جۇڭگو مەركىزى بانكىسى 2 - پەسىلدە يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆ...