OKYA116 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

تىلفۇن

تىلفۇن
كىتاپ كۆرۇپ ئولتۇراتتىم تۇيۇقسىز تىلفۇنىم سايراپ كەتتى ،تىلفۇن ئىكىرانىدا ناتونۇش بىر نومۇر.
-ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۈم.
-ۋەئەلەيكۈم –ئەسسالام،ئاداش مەن ئەزىز .
-ھە ئاداش تونۇدۇم. قانداق ئەھۋالىڭ ؟
-نىمىسىنى دەيسەن ،تازا ياخشى ئەمەس،شوپۇرلۇققا تىزىملىتاي دىگەن لىكىن يىنىمدا پۇل ئازراق بولۇپ قالدى خاپا بولماي 2000 كوي بىرىپ تۇرغان بولساڭ؟ دەپ بىچارلەرچە سۆزلەپ كەتتى.ئۇزۇندىن بىرى ئالاقلىشىپ باقمىغان يىراقتىكى بۇ يىقىن ئاغنەمگە پۇلنى كارىغا سەپ بىرار بولۇپ تىلفۇنىمنى قويۇپ ئەمدى كىتاپقا قاراپ تۇرسام يەنە تىلفۇن كەلدى بۇ ھىلىقى كەم دىدار مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ نومۇرى .
-ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۈم مۇدىر .
-ھە ئوبۇلقاسىماخۇن ئۇكام 2-سىنىپقا مۇئەللىم كىرمەپتىغۇ ؟ دەپ كايىپ كەتتى .
-ۋاي مەن ھازىر ئادەم ئورۇنلاشتۇراي دەپ ئاران قۇتۇلۇپ تىلفۇنىمنى قويۇپ كىتابىمنى يىپىپ ئىشخانا ئىشكىگە قۇلۇپ سالاي دەپ تۇرسام يەنە تىلفۇنىم سايراپ كەتتى بۇ كىمدۇ دەپ قارسام ئىكىراندا تونۇشراق بىر ناتونۇش نومۇر كۆرۇندى .
-ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم.
-قانداق ئاداش ئابدان تۇدىڭلامما ؟ ئۆيدىكىلەر تىنىچلىقتۇ ؟
-خۇداغا شۇكىرە ،كەچۇرۇڭلار مەن سىلىنى تونۇيالمىدىمغۇ ؟ دىدىم ئوڭايسىز ھالدا .
-ھوي ئوبولقاسىم مەن خىزمەتدىشىڭلار ئابلا ،بىر-ئىككى كۈن كورمىسەڭلە ئادەم تونىماس بولۇپ كىتىدىكەنسىلە ھە ؟
-ياق ھەي ئۇنداق ئەمەس . ئادەم بىلەن ئۇسسۇشۇپ كەتكۇدەك ئارلقتا ئۇچۇرشۇپ قالسىمۇ كۆرۇشمەي ماڭدىغان بۇ ھالى چوڭ مۇئەللىم بۇگۈن ئەجەپ مۇلايىم بولۇپ قاپتۇ دەپ ئويلاپ تۇرسام .
-مۇنداق گەپ ئاداش دەپ گەپ باشلىدى ئۇ :ئۆزەڭلە بىلىسىلەر يىڭىدىن ئۆي ئالغان ئەمەسما شۇ ئازراق پۇل كەملەپ قالغان 10000 كوي بىرىپ تۇرامدىكى دەپ ،سىلى بىلەن كۆڭلىمىز يىقىن بوغاندىكىن سوردۇق خالىغان ئادەمگە دىگىلى بولمايدىكەن ،بىر ئايدا قايتۇرمەن ئاداش .
-ئاداش خاپا بولماڭلا مەن يىغقان پۇللىرىمنى دادامغا سەپ بىرىپتىكەنمەن يىنىمدا راستىنلا ئۇنچىلىك پۇل يوق ئىدى دىدىم تەستە.
-ھە مەيلى ئەمسە خوش.دەپلا تىلفۇننى قويۋەتتى ئىنىقلا پۇل بىرىپ تۇرمىدى دەپ خاپا بولدى ئۇ ،ئامال قانچە مەن يا بىر ئامانەت-قەرىز كاپىراتىپىدا ئىشلىمىسەم .يانجۇقۇمغا تىلفۇنىمنى سىلىپ تۇرشۇمغا يەنە تىلفۇن سايراپ كەتتى .ئىلىپ قارسام ئالىي مەكتەپتىكى مۇئەللىمىمنىڭ نومۇرى؟
- ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۈم مۇئەللىم
-ۋاي ئۇكام نومۇرىڭىزنى شۇنداقمۇ تەستە تاپتىم ،مىنىڭ بالامنى باقىدىغانغا  بىر بالا باققۇچى تاپساق بولاتتى دەپ تىلفۇننى ئىلىمشىمغىلا ئۆزىنىڭ گىپىنى باشلاپ كەتتى . مەن :
-ھە ماقۇل مۇئەللىم مەن ئىزدەپ باقاي دەپ تىلفۇننى قويۋەتتىم.ئويلاپ قالدىم مۇشۇ كۈنلەردە ئەھۋالىڭ قانداقراق ؟تىنىڭ سالامەتمۇ؟ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق كىتىپ بارامدۇ ؟دەپ مەقسەتسىز تىلفۇن ئۇرغۇچىلاردىن ياكى قىقا ئۇچۇر يولىغۇچىلاردىن نەچىسى باردۇ ؟ مەن ئىشخانىدىن سىنىپقىچە بولغان ئارلىقتا نەچچە ھاجەتمەنلەرنىڭ تىلفۇنىنى قوبۇل قىلدىم .بەلكىم سىزنىڭمۇ بىرەر ھاجىتى چۇشكەندە تىلفۇن قىلىدىغان بولمىسا  ئاي- يىللار ئۆتۈپ كەتسىمۇ تىلفۇنىڭزدىن نومۇرىنى كۆرۈشكە مۇييەسسەر بولالمايدىغان ‹‹دوسىتلىرىڭز›› بولسا كىرەك .
دىمەكچىمەنكى ئۆز-ئارا ئالاقلىشىپ بىر-بىرىمىزگە مىھىر-مۇھەببەت ئاتاقىلىپ  تۇرساق ھاجەت چۇشكەندىلەم ئەمەس كۆڭۈل تارتقاندىمۇ تىلفۇن قىلىشىپ تۇرساق .
  تەشەببۇس؛ كۈندە تىلفۇن خاتىرمىزدىكى بىردىن دوستىمىزغا تىلفۇن قىلىپ ئەھۋال سورايلى ! !!

udun007 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 15:34  

مىنىڭچە ھەر كۈنى كۆرۆشۈپ يۇرۇپمۇ، باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتمايدىغان ئاغىنىدىن، يىراقتا بولساڭمۇ باشقا كۈچ چۈشكەندە ئەسقاتقان دوس مىڭ ئەۋزەل.

مىنىڭمۇ مۇشۇنداق ماڭا ‹‹ بەر ›› دەپلا تۇرىدىغان دوسلارنىڭ كۆپلىكىدىن، بىشىم ئاغرىپ ھازىر ھەممىنى ئۆزىنىڭ يولىغا سىلىپ قويدۇم.
دوستسىز كۈنلەرمۇ ئۆتۈۋىرىدۇ. غەمسىز كۈنلەرمۇ كىتىۋىرىدۇ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

شۇ، ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ زىھنىمىزنى ئارتۇق خوراتمايلى دەيدىغان چېغىۋا{:87:}
غەرەزسىز دوستلۇق، غەرەزسىز سالام، غەرەزسىز كۈلۈمسىرەشلەرنى كۆرگەن، ئىرىشكەن ۋاقىتتاا غەنىيمەت بىلىپ زوقلىنىۋالغۇلۇق:funk:

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئادەم دىگەن بىلەنمۇ قاراپ ئارلاشقۇلۇق {:92:}

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   GHURUR1992 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 16:44  

ھەي شۇ ئەمەسمۇ ، دوسىتمۇ ھەر خىل بولىدىكەن ، بەزى دوسىتلار ھەقىقىي دوسىت بولۇپ مەيلى خۇشال بولايلى ،  مەيلى غەم -قايغۇدا قالايلى تەڭ ئورتاقلىشىپ ھال - مۇڭ بولغىلى بولىدىكەن. يەنە بەزى دوسىتلار بىزنى مەلۇم ئېھتىياجى بولۇپ شۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۋالغۇچە دوسىت بولىدىكەن. دوسىتنىڭ ياخشى - يامىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ، سامان بىلەن دان ئايرىلغاندەك ئايرىلىدۇ.
بەت: [1]
: تىلفۇن