Birzat يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

توكسىكلىتنىڭ مۇساپە ئۆلچىگۈچىسى نېمە سەۋەبتىن ھەسسىلەپ ھېسابلاي...

ئۆتكەن ھەپتە يېڭىدىن توكسىكىلىت سېتىۋالغان ئىدىم. ساتقۇچى دۇكاندار بۇ توكسىكىلىتنىڭ لىق توك قاچىلانغان ھالەتتە  130 كىلومىتىرغا يۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مۇساپە ئۆلچىگۈچىسىگە قارىسام دېگەندەكلا 130 نى ساق مېڭىپتۇ. ئارىدا ئۆزۈم بىلىدىغان 7 km ئارىلىققا ھەيدەپ ئاپارسام 15 km ئېشىپتۇ. ھەيران قالدىم. دېمەك بۇ توكسىكىلىت تەخمىنەن 70 km ماڭسا ، مۇساپە ئۆلچىگۈچىسى 130km نى ماڭدىڭىز دەپ كۆرسىتىپ خاتا ئۇچۇر بىرىدىكەن. سۈرئەت ئۆلچىگۈچىسى بەك تېز ماڭدۇرمىغان ئەھۋالدىمۇ 60لىق سۈرئەتنى بىمالال كۆرسىتىۋېرىدىكەن.  ئىلگىركى توكسىكىلىتلارنى مىنگەندە بۇ ئەھۋاللارغا دىققەت قىلماپتىكەنمەن. باشقا توكسىكىلىت مىنگەنلەردىن بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىپ باققانلار بارمۇ؟ بۇ ھەر خىل ماركىلىق توكسىكىلتلاردىكى ئومومىي ئەھۋالمىدۇ ياكى مەن سېتىۋالغان توكسىكلىت شۇنداق قىلغاندىمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىردەم پاراڭ سىلىشمايلىما؟!!!{:132:}

harunjan يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ماركىسى نېمە بولغىيتتى

udun007 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 13:54  

بىرزات ئەپەندىم:

ھەيدىگەن توكسىكىلىتىڭىزنىڭ ماركىسى نىمە؟
مەن بار تەرەپتە تولاراق比德文  ماركىلىقىنى مەخسۇس ساتىدۇ ھەم كۆپرەك سىتىۋالىدۇ.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

مىنىڭ توكسىكىلىتىمنىمۇ 130 ماڭىدۇ دەپ ساتقان مەن 70كە بولالىسا مەيلى دەپ ئالغان ، بىر توك جايلىۋالسام 80نى  مېڭىپ قويىدۇ

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇتوكسىكىلىتلاردىكى ئومۇمى ئەھۋال،ئىشلەتكۈچىلەرنى بىرقېتىم توك قاچىلىسام مانچە كىلىومىتىر ماڭدى ،مانچە مىڭنى مېڭىپمۇ مەزمۇت تۇرىدۇ دىگەندەك خاتا چۈشەنچىلەرگە ئەكىلىدۇ

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ خىل توكسىكىلىتقا ئۆتكەن يىلى مەنمۇ يولۇققان. بىر كېلومىتىر ماڭسا 2 يېرىم كېلومىتىر كۆرسىتىدۇ. سۈرئەتمۇ شۇ.
مەخسۇس ئىزلىنىپ كۆرۈپ باقمىدىم، پەرىزىمدە 1- ئېھتىماللىق قەستەن شۇنداق لاىھەلەنگەن. ئىككىنچى ئېھتىماللىق بولسا،  چاقنىڭ دىئامىتىرى ئەسلىدىكى لايىھەدىن كىچىك قىلىپ ياسالغان. ھازىر توكسىكىلىت ياسايدىغان شىركەتلەرمۇ ئۈسكۈنىلىرىنى باشقا مەخسۇس زاۋۇتلارغا ھاۋالە قىلىپ ياسىتىدىكەن، ئاندىن قوراشتۇرۇپ ساتىدىكەن، شۇ جەرياندا كېلىپ چىققان خاتالىق بولۇشى مۇمكىن.
ناۋادا باتارىيەسى ئىشەنچىلىك راسىتلا بولسا، سۈرئەت بىلەن مۇساپىنى خاتا كۆرسەتكەندىن باشقا چوڭ ئەيىپى يوق، خاتىرجەم مىنىپ يۈرسىلە بولىدۇ.:lol
باتارىيەنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى ئۇنتۇلۇپ قالمىسىلا، ناۋادا ساختا بولۇپ قالسا، ئىككى يىلغا پايلىمايدۇ. ھازىر تازا ئېسىمدە قالماپتۇ، ئۈچ خىل زاۋۇت ئىشلەپ چىقارغان باتارىيە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئالغۇچە پۇلنى تۆلىمەي چىڭ تۇرۇۋېلىپ، باتارىيەنى ئالماشتۇرغۇزغاندىن كىيىن ئاندىن پۇل تۆلىگەن ئىدۇق. 3400 سوم باھا قويغان توكسىكىلىتنى 2800 سومغا ئالغان.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

خوڭپەي. سەردار دېگەن ئۇيغۇرچە ماركىنى ئىشلىتىپ ئىچكىردە قۇراشتۇرۇپ ئەكىلىپ ساتىدىكەن، دوستۇمنىڭ تونۇشى. شۇنچىۋالا ماختاپ ، داڭلاپ كەتكەن، ھەتتا ئالدى چېراقلىرىغا يېرىندى ئوتان بىلەن بەغەرەز ئىشەكنى ساۋىغاندەك كومىشتىپ ئۇرۇپ بەرگەن ئىدى. 130 كىلومىتىرغا ماڭىدۇ. ئەگەر 100 كىلومىتىرغا بارالمىسا مانا مەن، ئىلىپ كەلسىلە پۇلىسىنى قايتۇرۇپ بىرىمەن دەپ پو ئاتقان ئىدى. مانا ئەمدى 75 كىلومىتىردىن ئاشمىدى، پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەرسىلە دېسەم نېمە دەر دەپ ئولتۇرۇپتىمەن. :@

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئۇ توكسىكىلىتنى چۆچەكتە ئىككى ئايغا يېقىن مىنىپ يۈرۈپ، ئالتايغا يۆتكەلگەندە 2500 سومغا سېتىۋەتكەن ئىدىم. يازدا توكسىكىلىت ھەقىقەتەن قولاي، چۆچەك شەھىرىنىڭ مەن بىلمەيدىغان بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرى قالمىدى دىسە.:lol

Birzat يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 12:07 static/image/common/back.gif
بۇ خىل توكسىكىلىتقا ئۆتكەن يىلى مەنمۇ يولۇققان. بىر كې ...

مەن دەيمەن، ئاۋۇ ئادەملەرنىڭ بىلىپ تۇرۇپ سەمىمىيەتسىزلىك قىلغىنىغا ئىچىم پۇشۇپ

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ھازىر بەيدۇلاپ تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرغا ئېرىشتىم، سۇيۇق كېرىستال ئىكراننىڭ ئارقىسىدا، تەڭشەشكە بولىدىغان ئىلىكتىر قارشىلىق بار، توكسىكىلىتنى تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ماينى قۇلاققىچە بېرىپ، شۇ يەردىن تەڭشەش ئارقىلىق، بىر قەدەر توغرا بولغان ھالەتكە ئەكەلىگىلى بولىدۇ. لىكىن توپتوغرا قىلىپ كۆرسەتكىلى بولمايدۇ.
دۆلەتنىڭ توكسىكىلىت توغرۇلۇق چىقارغان نىزامنامىسى بار، شۇڭا كۆرسەتكەن تىزلىك ئەمەلى تىزلىكتىن 7% ئەتىراپىدا چوڭ كۆرۈنسە، نورمال ھېساپلىنىدۇ.
يېڭى ئالغان بولسىلىرى، ساتقان يەرگە ئاپىرىپ شۇلارنىڭ ئۆزىگە تەڭشىتىپ كۆرۈپ باقسىلىرى بولامدىكى.

rock يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

مۇشۇ موتو، توكموتو دېگەن ئوقەتنى مىنىپ باقماپتىكەنمەن.

parlaq يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

مەن لۈجىيا ماركىلىق توكسىكىلىت مىنىمەن ، ئالغان چاغدا توكىنى 150 كىلومىتىرغا يىتىدۇ دېگەن . ئۆتكەن يازدا دوستۇم بىلەن قەشقەردىن ئاتۇشقا توكسىكىلت بىلەن ئىش بىجىرگىلى چىققان  ئاتۇش شەھەر ئىچىدىمۇ  مىندۇق بىر خېل ماڭغاچقىمۇ توكى ئىششىپ قالغان

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

سۈرئەت كۆرسىتىش تاختىسىدىن ئالدى چاقىنىڭ ئوقىغا ئۇلانغان سۈرئەت ئۆلچەش سىمى بولسا، ماڭغان يول بىلەن سۈرئەت توغرا چىقىدۇ، لىكىن ئالدى چاقتا تورمۇز سىمىدىن باشقا سىم بولمىسا، دىمەك سەرىپ بولغان توك ئىقىمى ئارقىلىق، تەخمىنەن ئۆلچەيدۇ، توغرا چىقمايدۇ. ئۈچ-تۆت يىلنىڭ ئالدىدا شۇنداقلىرى بار ئىدى،  ھازىر قارىسام ھەممىسى شۇ توك ئىقىمى ئارقىلىق تەخمىنەن ئۆلچەيدىكەن.  ئاساسەن ئىككى يىل مىنگىلى بولىدۇ، ئىككى يىلدىن كىيىن ئاككومۇلياتورىنى ئالماشتۇرسىڭىز يەنە ئىككى يىل ماڭىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئەڭ ياخشىسى كونا تۈمۈر قاتارىدا سېتىۋىتىپ، ماشنا مىنسىڭىز بولىدۇ(ئىككى يىلدا ئىقتىساد قىلغان ماي پۇلى بىلەن كىرا پۇلىغا ئەزانراق ماشنىدىن بىرنى ئالغىلى بولىدىكەن نىمكەش بازىرىدا:lol).

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

يەنە بىر گەپ، توكموتونى زەرەتلىگەندە، ماڭىدىغان يولنى ئالدىن پىلانلاپ، ئىشقا بىرىپ-كىلىشكە تەخمىنەن قانچىلىك يول، باشقا پارچە يوللارنى ئۆزىڭىز مۆلچەرلەپ، توكى 10%دىن 15%گىچە قالغاندا ئاندىن زەرەتلىسىڭىز، زەرەتلىگەندىمۇ تويغۇزۇپ زەرەتلىسىڭىز،  ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت خالىغانچە  زەرەتلەپ كۆندۈرۈپ قويسىڭىز، قورسىقى تىز ئاچىدىغان، ئازراق ئاچسىمۇ ماڭماس بولىۋالىدۇ بۇ ئىشەك. تاشلىق يولدا يولدا، كاتاڭ يولدا ھەيدىمىگەن تۈزۈك، بولمىسا موتو ئىگىزپەس يولسا چېقىپ پەللەكنى ئاغرىتقاننىڭ سىرتىدا، ئاككومۇلياتورىنىڭ ئىچىدىكى مىتال تاختايلىرى ئاجراپ چۈشۈپ كىتىدىغان ئەھۋاللىرى يۈز بىرىدۇ. :lol:lol:lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

  توكسىكىلىتلارنىڭ بىرى 30دا، يەنە بىرى 50تە ماڭىدۇ، ئەمما 30دا ماڭغىنىغا 50تە ماڭغىنى يىتىشەلمەيدۇ...

21132113 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ھەرقانداق توكسىلىتنىڭ مۇساپە كۆرسەتكۈچى خاتا سۈرئەت كۆرسەتكۈچىمۇ خاتا 60كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ماڭغان توكسىكلىتنىڭ تىزلىكىنى ھەقىقىي ئۆلچىسە ئاران 40كىلومېتىر چىقىدۇ مەن بۇنى ئەمەلىي سىناق  قىلىپ باققان

udun007 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ماشىنا ياكى موتو بىلەن بەسلەشتۈرۈپ باقسىلا سۈرئىتىنى بىلگىلى بولىدۇ.

يا بولمىسا مۇنبىرىمىزدە بىرەر قاتناش ساقچىسى باتــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــۇ-يا!

ibrayim11229 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

مەن ئۆيدىن مەكتەپكىچە بولغان ئارىلىقنى تېلېفۇننىڭ GPS ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۆلچەپ باقسام 15كىلومىتىر چىقتى، لىكىن توكسىكىلىتنىڭ كۆرسەتكەن مۇساپىسى 21كىلومىتىر، تېلېفۇندا ئۆلچەنگەن ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت 42، ئەمما توكسىكىلىتنىڭ كۆرسەتكەن ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 54، خاتالىق پەرقى خېلىلا چوڭكەن

guzaltarim يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

مىنىڭكى جىنجىيەن بىراق سۇرئەت ئۆلچىگۈچ خاتا 55 كە چىققاندا موتودا 40 نى كۆرسىتىدىكەن ..لۇچى ،ياكى فۇتېنى ئالسا مىنىڭكىدىن تىزراق چاپدىكەن ....بىر يىل بولدى قىشتىغۇ 20 نى ئاران باسىدۇ يازدا 40-50 نى ھەي ‹‹‹

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

توكسېكىلتنىڭ ئەمىلى سۈرئىتىنى ھىساپلاش ئۈچۈن GPS سۈرئەت بەلگىلىگۈچتىن بىرنى ئېلىۋېلىپ ماڭسا توغرا سۈرئەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئۆتكەندە راۋان يول ماركىلىق بىر يول باشلىغۇچنىڭ خەرىتىسىنى يېڭىلاپ سىناق قىلىش جەريانىدا  توكلۇق ھارۋىغا چىقىۋېلىپ سىناق قىلغان.
بەت: [1] 2
: توكسىكلىتنىڭ مۇساپە ئۆلچىگۈچىسى نېمە سەۋەبتىن ھەسسىلەپ ھېسابلاي...