Typography يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

TEDتىكى ئۇيغۇرچە ۋىدىئولار

ئاۋۋال ئىزدىنىشنىڭ TEDتوغرلىق ئۇچۇرىنى ئىزدەپ بۇ توغرلىق ئۇچۇر يوقلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ بۇ تېمىنى يوللىشىم ئەگەر بۇرۇن يوللانغان بولۇنسا ئەپۇ قىلىڭلار.
تارقىتىشقا ئەرزىيدىغان ئىدىيىلەر
TEDتوغرلىق http://ugted.com مۇنداق دەيدۇ:
تېد بولسا تارقىتىشقا ئەرزىيدىغان ئىدىيىلەرنىڭ بىر يېڭىچە سەھنىسى بولۇپ،ھېچقانداق مەنپەئەتسىز يېڭىچە ئىدىيىلەرنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارالىق ئورگان ھېسابلىنىدۇ.تېد لېكسىيىلىرى ئادەتتەۋاقتى قىسقا،ئىخچام،جانلىق ۋە ئۆتكۈر تىل بىلەن سۆزلىنىدۇ.تېد لېكسىيىلىرى 1984-يىلى بىر يىغىن شەكلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،پەن-تېخنىكا،كۆڭۈل ئېچىش ۋە لايىھەلەشنى بىر گەۋدە قىلغان بولسا،بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بارلىق تېمىلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن--ئىلىم-پەن،سودا-ئالاقىدىن تارتىپ خەلقئارالىق مەسىلىلەرگىچە 100دىن ئارتۇق تىللاردا تەرجىمە قىلىنىپ ۋە سۆزلىنىپ كەلمەكتە.ئۇنىڭدىن باشقا،ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان TEDx پائالىيەتلىرى يېڭىچە ئىدىيىلەرنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تارقىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.


ئۇيغۇرچىدە بۇ تەرجىمە ئىشى خېلى بۇرۇن باشلاندىغۇ دەيمەن. ھازىر مەخسۇس ئۇيغۇرچە بېتى بار. (لىكىن بۇ ئورگان بېتىگە قارىمايدۇ)مەن بىلدىغىنىم بىلگ تورى بايرىقى ئاستىدىكى TEDتور بېكىتى ۋە ئاتلان تورىنىڭ تەرجىمە گۇرۇپپىسى.

بۈگۈن ئايفون نۇسىقىنى كۆرۈپ تىل بار يەرگە قارىسام ئۇيغۇرچە بار ئىكەن. خوشال بولۇپ تاللىسام راستنلا ئۇيغۇرچە خەتلىك TEDپاراڭلىرى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ قوشۇلۇپتۇ. ئۇيغۇرچە خەتلىك پاراڭلار جىق بولمىغان بىلەن (18ۋىدىئو)بار ئىكەن. لىكىن بۇ باشلىنىش بىر ياخشى بولدى دەپ ئويلايمەن. ھەم كۆرۈپ چىقتىم. قارىسام بۇلارنى ئاتلاندىكلەر كۈچ چىقرىپ تەرجىمە قىلغان ۋىدىئولىرىنى يوللىغان ئوخشايدۇ. يەنە ئاللاھ خالىسا ئۇيغۇرچە خەتلىك TEDپاراڭلىرى كۆپەيگۈسى.  چىقارغۇچىغا قارىسام قاسىم ئابدۇرېھىم دەپ تۇرىدۇ. دىمەك بۇنى ئاتلاننىڭ قۇرغۇچىسى كۈچ چىقرىپتۇ دەپ ئويلىدىم.
بولسا تېد بىلەن بىلىگ تور تېخنىكا شىركىتىمۇ ھەمكارلىشىپ تەرجىمىلىرىنى ماسقەدەم ھالدا TEDئورگان بېتىگە چىقرىشقا كۈچ قوشسا ھەم شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ugted.comبېتىگە چىقارسا تولىمۇ ياخشى ئىش بۇلاتتى دەپ ئويلايمەن.
تېد تورىنىڭ ئادرىسى http://www.ted.com

ئايفون نۇسقىسىدا تېد نى ئېچىپ تىل دىگەن يەردىن تاللىساڭلار بولدىكەن. رەسىمكە تۇتۇپ ئەۋەتمىدىم.

Ablazewolf يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

ھەمبەھىر تور بىكىتىدىمۇ مەخسۇس بىر سەھىپە تېد لېكسىيەلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك ئىشلەنگىنى بار.
http://hembehir.com/ted.php?bid=231

bahadir033 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم قېرىندىشىم بۇ تىمىنى يوللاپ بەك ياخشى قىپسىز..
TED نى كۆرسە ھەقىقەتەنمۇ كۆپ بىلىمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ...
يەنە hembehir.com غىمۇ TED نىڭ تەرجىمە قىلغان لىكسىيەلىرنى چىقرىپتۇ خەۋەر تاپقايسىلەر...
ياخشى تېمىلارنى يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز...

Zenjiwiljan يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

بولسا  TEDئورگان بېتىگە چىقارسا تولىمۇ ياخشى ئىش بۇلاتتى .ئۇچاغدا خالىغانچە چۈشۈرۈپ كۆرەلەيتۇق .ماشۇ ساھادىكىلەر بىر غەيرەت قىلساڭلار بولاتتى .

Zenjiwiljan يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

Zenjiwiljan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 20:38 static/image/common/back.gif
بولسا  TEDئورگان بېتىگە چىقارسا تولىمۇ ياخشى ئىش بۇلاتت ...

TEDئورگان بېتىنىڭ ئايفون نۇسقىسىدا تېد

muztag يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

tedنىڭ تور بىتىگە ئۇيغۇرچە قوشۇشنى ،مۇشۇ مۇنبەردە كۆرسۇتۇپ قويىدىغانلار بولسا ، ياكى دەرىسلىك قىلىپ ئىشلەپ قويسا ،ted پاراڭلىرىنى تەرجىمە قىلىش تىزلىشەتتى .

678123 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

ماۋۇ مەن بىلمەيدىغان ئىشكەن.

tayirT يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

Windows Phone نىڭ ئەپ دۇكىنىدا يوقمۇ تاپالمىدىم .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ھېلىقى « جەننەتتە راستىنلا 72 پەرى بارمۇ؟» دىگەن سىننى بىر تەرجىمە قىلساڭلار بوپتىكەن .
http://www.ted.com/talks/lesley_hazelton_on_reading_the_koran

Typography يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 10:23 static/image/common/back.gif
ھېلىقى « جەننەتتە راستىنلا 72 پەرى بارمۇ؟» دىگەن سىننى  ...

مەزكۇر ۋىدىئونى چۈشۈرىمەن دىگەننى باسسىڭز تىگىدە خەت بارنى تاللايدىغان يەر چىقىدۇ. قايسى يېزىقتا دەپ...شۇنىڭدىن ئۆزىڭىز چۈشىندىغان تىلنى تاللاپ كۆرسىڭز بولىدۇ. ھازىرچە ئۇيغۇرچىسى يوق ئىكەن ئەمما خەنزۇچە بار ئىكەن ھەم تۈركچىمۇ بار ئىكەن.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

دىنغا ئائىت فىلىملەرنى تەرجىمە قىلسا، يات دىندىكىلەرنىڭ دىنىمىز ھەققىدىكى ئۆزۈمچىل (主观)پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ قالغانلار يەنە توردا بوران چىقىرىۋىتەرمۇ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

Typography يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 15:02 static/image/common/back.gif
مەزكۇر ۋىدىئونى چۈشۈرىمەن دىگەننى باسسىڭز تىگىدە خەت ...

مەنغۇ خەنچىسىنى كۆرۈپ بولغان، بۇ سىننىڭ غەيرى دىندىكىلەرگە بولغان تەسىرىنى سەل قاراشقا بولمايدۇ، شۇڭا بىزنىڭ قېرىنداشلارمۇ ئاڭلاپ باقسۇن دەپ دەۋاتىمەن .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 15:23 static/image/common/back.gif
دىنغا ئائىت فىلىملەرنى تەرجىمە قىلسا، يات دىندىكىلەرن ...

بۇ سىننى دىنغا ئائىت دەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ، بەلكى پەلسەپىۋى ياكى روھانى  دىسە سەل قاملىشامدىكىن دەيمەن .

بۇ ئايال ئىككى ئىككى كىتاپ يازغان بولۇپ ، بىرى «تۇنجى مۇسۇلمان- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى » ، يەنە بىرى «پەيغەمبەردىن كېيىن- شىئە سۈننىلەرگە بۆلۈنۈش » ، كىتاپلارنى تەسىرى خېلى بار .



http://www.myoops.org/main.php?act=course&id=2228

Berna يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

يەتمىش ئىككى ھۆر قىز توغۇرلۇق تېمىنى بىر چاغلاردا مەن تەرجىمە قىلغان ئاتلاندىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىپى بىلەن. خېلى ئىلىم ئىگىلىرنىڭ تەستىقىدىنمۇ ئۆتكەن. ئاتلان گۇرپىسىغا يولاپمۇ بەرگەن بولمىسا.كېيىن قارىسام تور بەتتە ئېلان قىلماپتۇ. سەۋەبىنىمۇ بىلمەي قالدىم.

Uyghar يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تەرجىمانلار ياردەمچە قورالى http://www.alimahat.com/?p=4535  ئېلان قىلىنسا بۇ خىلدىكى ماتېرىياللارنىڭ كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنىشىغا پايدىسى بولغىدەك.
ئۆزبەكچە ماتېرىياللارمۇ خېلى كۆپ ئكەن، پايدىلىنىشقا بولغىدەك.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

Berna يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 01:40 static/image/common/back.gif
يەتمىش ئىككى ھۆر قىز توغۇرلۇق تېمىنى بىر چاغلاردا مەن  ...

شۇ ۋاقىتتىكى تەرجىمىڭىزنى ساقلىۋالغان بولسىڭىز ، خەتلىك فىلىم ئۇستىلىرىغا تەمىنلىسىڭىز ئۇلار كىرىشتۈرۈپ تارقاتسىمۇ بوپتىكەن ،  مۇشۇ مۇنبەردىمۇ بار خەتلىك فىلىم ئۇستىلىرى .

ilhamtahir يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilhamtahir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-14 11:10  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاۋال مەن ئۇيغۇر تېد تورىغا ۋاكالىتەن ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ھەرقايسى تورداشلارغا سالام يوللايمەن.
بىلىگ تورى تېد تەرجىمە گۇرۇپپىسى تېد پاراڭلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ماڭغىلى 2 يىللارچە بولۇپ قالدى، دەسلەپكى باسقۇچتا بىزنىڭ ئەترەتتىكى كۆپ ساندىكى بالىلار تېخى ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا تەرجىمە خىزمىتى سەل ئاستا بولۇپ قالدى، ھەتتە ئوتتۇرىدا توختاشلارمۇ بولۇپ قالدى. لېكىن بالىلارنىڭ قىزغىنلىقى يەنىلا يۇقىرى بولغانلىقتىن، داۋاملىق تۈردە تەرجىمە خىزمىتىنى ئېلىپ ماڭدۇق، ھەمدە ھازىرقى ئۇيغۇر تېد تورىنى خاس سۇپا قىلىپ بىلىگ تورىدىن ئايرىپ چىقتۇق. بۇ تور بېكەت بىلىگ تور پەن-تېخنىكا شىركىتىگە تەۋە ئەمەس. بەلكى تېد تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا تەۋە. بىلىگ شىركىتى پەقەت مەزكۇر تور بېكەتنىڭ تېخنىكا ھەمكارچىسى خالاس.

ئۇيغۇر تېد تورى تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، تېد پاراڭلىرىنى تەرجىمە قىلىشتىكى مەقسەت: 1. ئىنگىلىزتىلى سەۋىيەسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش.  2. مۇناسىۋەتلىك كەسپىي بىلىملەرگە بولغان چۈشەنچىنى كۆپەيتىش ھەمدە يۇقىرىلىتىش.  3. تېد پاراڭلىرى ئارىسىدىكى بىرقەدەر ياخشى بولغان ئىدىيەلەرنى تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشتۇر.

تەرجىمە گۇرۇپپىمىزنىڭ پەقەت بىرلا تەھرىرى بولغاچ، تەرجىمە قىلىنىپ بولغان پاراڭلار كۆپ بولسىمۇ، بىراق كىرىشتۈرۈپ چىقارغان فىلىملەر ئاز بولۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ بىز يەنىلا تىرىشىپ تورىمىزدىكى تېد پاراڭلىرىنى يېڭىلاشنى توختاتمايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا تور بېكىتىمىز نادىر بولغان تېد پاراڭلىرى تەرجىمە ئەسەرلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

تېد ئورگان تورىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەرنى قويۇش پىلانىمىز بار. ئەسلى تەرجىمانلار ئىسمىنى ساقلاپ قېلىپ ئېلان قىلىش ئۈچۈن ھازىرچە ئورگان تورىغا يوللىمىدۇق، ھەمدە بىزدە بۇ ئىشنى قىلىدىغان ئادەملىرىمىز سەل كەمچىل بولۇپ قالدى. توغرا چۈشۈنىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ئايپەتكە تېدنىڭ ئەپىنى چۈشۈرگەنتىم ، ئەمما ئۇيغۇرچىنى تاپالـمىدىمغۇ
بەت: [1]
: TEDتىكى ئۇيغۇرچە ۋىدىئولار