mastura يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئىنگلىزچىسى

بىزنىڭ ئارىمىزدا ئەنگىلىيە ئىنگلىزچىسى ئۆگەنگەنلەر يوق بولۇشى مۇمكىن، ئايپالتادىن باشقا. لېكىن مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىنگلىزتىلى دەرسى ئەنگلىيە ئىنگلىزچىسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن دەرسلىكتى، «ر» نى قەتئىي تەلەپپۇز قىلمايدىغان دىئالوگلار ھېلىمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. مەن ئىزچىل تۈردە ئەنگلىيە ئىنگلىزچىسى بىلەن ئامېرىكا ئىنگلىزچىسى پەقەت تەلەپپۇزدا، ئاندىن بەزى سۆز ئادەتلىرىدە پەرقلىنىدۇ دەپلا ئويلايتتىم. مەسىلەن، ئامېرىكىلىقلار جىق ئىشلىتىدىغان ف...دېگەندەك گەپلەرنى ئەنگلىيەلىكلەر ئۇنچە ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ. ئەنگلىيەلىكلەر bloody دېگەن سۆزنى جىق ئىشلىتىدۇ، لېكىن بۇ سۆز ئامېرىكىدا ئۇنچىۋالا ئىشلىتىلىپ كېتىلمەيدۇ، دېگەندەك. بۇ ھەقتە بۇ تېمىنىڭ ئاخىرىدا يەنە توختالساق بولىدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىمنى بىر خىزمەتدىشىم بەرگەنتى، كۆرۈپ ھەيران قالدىم. مەن بۇ سۆزلەرنى ئوخشاش ئىشلىتىۋېرىدىكەنمەن، بۇنىڭ قايسىبىرىنىڭ ئەنگلىيە ياكى ئامېرىكىچە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن. قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
ئاخىرىدا ئەنگلىيە ئىنگلىزچىسى ئۆگىنىپسىزمۇ، ياكى ئامېرىكىچىمۇ، قالدۇرۇپ قويارسىز.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

ئىككىلىسىدىن باردەك تۇرىدىغۇ ؟
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن ئۈگىنىۋىرىپتىمەنغۇ

Altay يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Altay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-12 17:59  

قارىغاندا، ئامېرىكانلار بىلەن بىرىتانىيەلىكلەرنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە بىلەن ئۆزبېكچە دەرىجىسىدە پەرىقلىنەمدۇ-نىمە؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

كانادا ئىنگلىزچىسى تەلەپپۇزدا ئامېرىكا ئىنگلىزچىسىگە يېقىن كېلىدۇ، (ياكى ئامېرىكىنىڭ بەزى رايونلىرىنىڭ تەلەپپۇزىغا ئوخشاش)، لېكىن ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئىنگلىزچىسىدە پەرقلىق يېزىلىدىغان سۆزلەرنى ئەنگلىيە ئىنگلىزچىسىدەك يازىدۇ.
ئۇندىن باشقا پەقەتلا كانادالىقلارغا خاس بولغان سۆزلەرمۇ يوق ئەمەس:
loonie بىر دوللارلىق تەڭگە پۇل
toonie ئىككى دوللارلىق تەڭگە پۇل
homo milk 3.25% مايلىق كالا سۈتى--ئادەتتە تاللا بازاردا سۈتلەر 1%، 2% ۋە 3.25%، ۋە مايسىز دەپ تۆت خىل تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 3.25% سۈت homo milk دەپ ئاتىلىدۇ.
pencil crayon--بوياق قەلەم. مېنىڭ بىلىشىمچە دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدە Couloring pencil دەپ ئاتىلىدۇ.
Bachelor Apartment--بىر ئېغىزلىق ئۆي. چوڭراق بىر ئېغىز ياتاق+مېھمانخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك تىپتىكى بىنا ئۆيلەر. بۇنداق ئۆيلەرنى باشقا يەرلەردە Studio Apartment دەپ ئاتايدۇ.
Icing sugar--سوققان شېكەر. مېنىڭ بىلىشىمچە باشقا جايلاردا Powdered Sugar دەپ ئاتايدۇ.
Fire Hall-ئوت ئۆچۈرۈش ئورنى/ئىدارىسى. باشقا يەرلەردە Firehouse ياكى Fire station دەپ ئاتايدۇ.

يەنە باشقا جايلارنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىنگلىزچىسى ھەققىدە بىلگىنىڭلارنى ئورتاقلاشقايسىلەر. رەھمەت.

mastura يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

Altay يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 17:40 static/image/common/back.gif
قارىغاندا، ئامېرىكانلار بىلەن ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ تىل ...

ئۇنچىۋالا ئەمەس. ئىنگلىزتىلىدا سۆزلىشىدىغانلار بىر يەرگە كەلسىلا، تەلەپپۇزى قانچىلىك غەلىتە بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر بىر-بىرىنىڭ گېپىنى ھېچ مەسىلە يوق چۈشىنەلەيدۇ. ئۆزبېكلەرنىڭ گېپىنى بىز دىققەت قىلمىساق ئۇنچىۋالا چۈشەنمەيمىز.
مېنىڭچە بىزدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ پەرقىچىلىك چىقارمىكىن پەرقى.

President يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

ھېندىستان ئىنگىلىزچىسىچۇ؟{:92:}

Ablazewolf يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

مەن تاللاپ ئولتۇرماي  مەنىداش سۆز دەپ قاراپ ئۆگىنىۋېرىپتىكەنمەن.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

ئەبجەش ئۈگۈنىپتىكەنمىز.
دەسلەپتە شۈيگوجاڭمۇ نېمە ، بىر خەنزۇ تۈزگەن كىتابتىن 10 نەچچە دەرس ئۈگۈنۈپ بېقىپتىمەن. كىيىن يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز تىلىدىن 2 قىسىم ئەنگىلىيەچىسىنى، ئارقىدىن ئامىرىكا ئائىلە ئەلبومى دېگەن ئامېرىكانچە كىتابتىن بىر قېسىم ئۈگۈنۈپ بېقىپتىمەن.
ماڭا ئامىرىكا تەلەپپۇزى، دىئالوگلىرى  بىر خىل ئەركىن، يېقىملىق ئاڭلىناتتى. كىيىن بىلسەم كۆپۈنچە كىشىلەر شۇنداق قارايدىكەن. :lol
ئەنگىليەلىكلەر جۈملىلەرنىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىلىرىغا ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا ئاقسۆڭەكلەرچە سۈلكەت بىلەن پاراڭلىشىدىغاندەك تەسىر بەرگەن.(كىنولىرىدا) ئەمما ‹‹ر›› نى تەلەپپۇز قىلماسلىقى خوتەنلىكلەرنىڭ ‹‹ر›› نى ي دېگەنچىلىك يېقىملىق ئەمەس. تىلنىڭ بىر نېمىسى كەمدەك ھېس قىلىمەن ئەنگىلىيە ئېنگىلىز تىلىدا.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

Qween's English قا بارغانسېرى ئامراق بولۇپ قېلىۋاتىمەن:lol

bahadir033 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 20:02 static/image/common/back.gif
ئەبجەش ئۈگۈنىپتىكەنمىز.
دەسلەپتە شۈيگوجاڭمۇ نېمە ، بى ...

ما ئوخشىتىش خىلى جايىدا جۇما...

muztag يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

ئامىركىچە ئىنگىلىز تىلى ئۇگەنگەنلەرنىڭ،ئىشلىتىدىغىنى  ئەنگىلىيەچە سۆزلەر ئىكەن .:lol
تىل ئاھاڭىغا قاراپ نەدىن كەلگەنلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ دەيدۇ، ئەنگىلىيە ، يىڭى زىللاندىيە، ئاۋىستىرالىيە دىن كەلگەنلەر بىرخىل، ئامىركا ۋە باشقا دولەتلەردىن كەلگەنلەر بىر خىل سۆزلەيدىكەن .
يەنىلا ئامىرىكىچە ئىنگىلىز تىلى كۆپ ئوڭايمىكى .

mastura يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

مۇزتاغ، ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ تەلەپپۇزى قەتئىي ئوخشىمايدۇ. يەنە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭمۇ ئوخشىمايدۇ.

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئامرىكانچە سۆزلىسەممۇ، ئەنگىلىيەچىسى بىر خىل سۆلەتلىك ئاڭلىنىدۇ.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 08:58  

.I Love British English



{:92:} {:92:} {:92:} {:170:}

Elkun يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elkun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 05:52  

Dilruba يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 02:46 static/image/common/back.gif
.I Love British English

ئامېرىكا ۋە بىرتانىيە ئېنگىلىزچىسىنى تىل نوقتىسىدىن باھا بەرسەك ئالاھىدە تەكىتلىگۇدەك پەرقىلەر يوق.  بۇ ئىككى دۆلەت ئېنگىلىزچىسى ئوتتۇرسىدىكى پەرىقلەر بەلكىم بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدىن خوتەن تالەپپۇزىنى ئامېركا تەلەپپۇزىغا ، بىرتانىيە تەلەپپۇزىنى قومۇل تەلەپپۇزىغا ئۆخشۇتۇپ چۇشەنسەك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.  بۇ پەقەت بىرتانىيە ئېنگىلىز تىلىنىڭ شمالىي ئامېرىكا قىتئەسىگە بىرتانىيە ئىمپېرىيەسى تەرپىدىن ئېلىپ كېلىنگەندىن باشلاپ قوللۇنىلغاندىن بۇيانقى 400 يىلدىن كېيىنكى قىسمەن تەلەپپۇز ۋە يېزىشتىكى ئ‍ۆزگۇرۇشلەردۇر.     

تۆۋەندە بۇ ئىككى دۆلەت  ئېنگىلىز تىلىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ۋە ئاددىي گىراماتكىلىق تۇزلۇشلەرنىڭ يۈزەكى  پەرىقلىرىنى چۈشنۇشىڭلار ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم:


Me too :lol I like British accent and I use and spoke it! I always feel that when I heard someone speaking American accent, that person may never properly learned how correctly pronounce English words! Cowboys never had good English school so that’s why nowadays there is such a term  “American English” came up!

Anyway, here are the basic differences by between British English and American English for your reference:

British people and American people can always understand each other – but there are a few notable differences between British English and American English

Grammar

Americans use the present perfect tense less than speakers of British English and a British teacher might mark wrong some things that an American teacher would say are correct.
        •        US Did you do your homework yet?
        •        Brit. Have you done your homework yet?
        •        US I already ate.
        •        Brit. I’ve already eaten.
In British English, ‘have got’ is often used for the possessive sense of ‘have’ and ‘have got to’ is informally used for ‘have to’. This is much less common in American English.
        •        Brit. I’ve got two sisters.
        •        US I have two sisters.
        •        Brit. I’ve got to go now.
        •        US I have to go now.
There are a number of other minor grammatical differences.

Vocabulary

There are a lot of examples of different words being used in British and American English. Here are a few of the commonest.
        •        angry (Brit.) = mad (US)
        •        autumn = fall
        •        boot (of a car) = trunk
        •        chemist’s = drug store
        •        cupboard = closet
        •        flat = apartment
        •        lift = elevator
        •        nappy = diaper
        •        pavement = sidewalk
        •        petrol = gas/gasoline
        •        rubbish = trash
        •        tap = faucet
        •        trousers = pants
There are British words which many Americans will not understand and vice versa. There are also words which exist in both British and American English but have very different meanings.

Spelling

There are also a number of different spelling rules between British English and American English.

1 Some words that end in ‘-tre’ in British English end in ‘-ter’ in American English. 
        •        US theater, center
        •        Brit. theatre, centre
2 Some words that end in ‘-our’ in British English end in ‘-or’ in American English.
        •        US color, labor
        •        Brit. colour, labour
3 Some words are shorter in American English than in British English.
        •        US catalog, program
        •        Brit. catalogue, programme
There are other minor spelling differences between British and American English.

 

TaQa يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

  ئامېرىكا ئىنگىلىزچىسى
ئەنگىلىيە ئېنگىلىزچىسى
كانادا ئىنگىلىزچىسى
ئاۋسىتىرالىيە ئىنگىلىزچىسى
يېڭى زىللاندىيە ئىنگىزچىسى
ھندستان ئىنگىلىزچىسى
جەنۇبى ئافرىقا ئىنگىلىزچىسى

پورتۇگالىيەپورتۇگالچىسى
بىرازىلىيە پورتۇگالچىسى

ئىسپانىيە ئىسپانچىسى
ئارگېنتىنا ئىسپانچىسى
پاراگىۋاي ئىسپانچىسى
ئۇرۇگۋاي ئىسپانچىسى
چىلى ئىسپانچىسى

گېرمانىيە گېرمانچىسى
شىۋىتسارىيە گېرمانچىسى
ئاۋسىتىرىيە گېرمانچىسى
لىيۇكسۇمبۇرك گېرمانچىسى
ليخېشتىيىن گېرمانچىسى

فىرانسىيە فىرانسۇسىچىسى
ئافرىقىدىكى بىر قانچە دۆلەت فىرانسۇسچىسى


بىكار تۇرۇپ قېپتىكەنمەن يېزىپ باقتىمغۇ ئۆزەمچە.{:92:}

Altay يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Altay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 10:06  

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 17:58 static/image/common/back.gif
ئۇنچىۋالا ئەمەس. ئىنگلىزتىلىدا سۆزلىشىدىغانلار بىر ي ...

ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئېنگىلىزچىسىدىكى پەرىق قىسمەن تەلەپپۇز ۋە يېزىق جەھەتتىكى ئازراق ئۆزگۈرۈشلەر دەپ قارالسا ئۇنى ئالاھىيدە تەكىتلەپ پەرىقلەندۇرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقكەن. «ئامېرىكا ئېنگىلىزچىسى» ۋە «ئەنگىلىيە ئېنگىلىزچىسى» دەپ ئاتاشنىڭمۇ ئانچە مۇۋاپىقلىغى يوقكەن، بۇ خۇددى «خوتەن ئۇيغۇرچىسى» ۋە «ئاقسۇ ئۇيغۇرچىسى» دىگەندەك گەپ بولۇپ قالامدۇ-نىمە؟.. بۇنداق قىلسا پەرىقنى بەك تەكىتلىگەنلىك بولۇپ قالغۇدەك، ھەقىقەتەن سېلىشتۇرۇپ تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلگەندە، «ئامېرىكا تەلەپپۇزى» ۋە «ئەنگىلىيە تەلەپپۇزى» دەپ ئاتىسىچۇ؟( ئەمما ، ئاۋۇ خەقنىڭ ئۆزىدە شۇنداق ئاتاش ئادىتى گەۋدىلىك بولسا ياكى خەلقئارادىمۇ تەكىتلەنسە بۇنىڭغا ئامال يوق) يەنە بىرسى، بىرىتانىيە ئارىلى ئېنگىلىز تىلىنىڭ ئانا ماكانى، ئېنگىلىز تىلىنىڭ ئەسلى يىلتىزى، ساپ مەنبىئىي بولۇش سۈپىتىدە ئەنگىلىيە تەلەپپۇزى ئامېرىكا تەلەپپۇزىدىن ساپ ھەم ئەسلىسىگە يېقىن بولۇشى مۇقەررەر...

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

British English ماڭا بىر خىل مەتو ئاڭلىنىدۇ.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

wuyyu يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 12:49 static/image/common/back.gif
British English ماڭا بىر خىل مەتو ئاڭلىنىدۇ.

:lol
ئۈرۈمچىدىكى كۇرسلار ۋە كورنېرلاردا ئەنگلىيە تەلەپپۇزى ھەر دائىم مەسخىرە قىلىنىدۇ، ئاساسلىق تىلغا ئېلىنىدىغىنى «ر»نىڭ چۈشۈپ قېلىشى ۋە تەلەپپۇزنىڭ بۇرۇننى زورلاپراق چىقىرىلىشى...بەزىلەر گاچىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ، دېيىشىدۇ؛ بەزىلەر ئىشقىلىپ بىر نېمىسى كام، دېيىشىدۇ؛ يەنە بەزىلەر سەھرا چىراي،ديىشىدۇ؛ مەتۇ دەيدىغانلارنىمۇ كۆپ كۆرگەن ئىدىم. ئامېرىكا تەلەپپۇزىنى ھەممەيلەن ماختىشىدۇ، بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ ۋە شۇنداق قۇبۇل قىلىنغان. ئەنگلىيە تەلەپپۇزىدا سۆزلەش ھەتتا ئىنگلىزچە بىلمەسلىكتىنمۇ دېرەك بېرىدۇ. بۇ خۇددى ئۆز يۇرتىنىڭ تەلەپپۇزى تۈپەيلىدىنلا ياقتۇرۇلمىغان، چەتكە قېقىلغان، مەسخىرە قىلىنغانغا ئوخشايدۇ. ئۈرۈمچىدە ئۈرۈمچىدىن باشقا (غۇلجا بۇنىڭ سىرتىدا) ھەممە يۇرتنىڭ تەلەپپۇزى ئاساسەن مازاق قىلىنىدۇ، ھەتتا خەنچە تەلەپپۇزىنىڭ توغرا چىقماسلىقىمۇ مەسخىرە قىلىش، ياراتماسلىق ئۈچۈن راۋۇرۇس بىر باھانە بولالايدۇ. ئۇيغۇرچە ئۈگەنگەن خەنلەرنىڭ،چەتئەللىكلەرنىڭ غەلىتە تەلەپپۇزىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ. ئىشقىلىپ ئازراقلا غەلىتە بولسا كۈلكىگە سەۋەپ بولىدۇ. بۇنى قىزىقارلىق تۇيۇلۇپ كۈلسە كېرەك دەپ ئويلاشقا تىرىشقان بولساممۇ، لېكىن بەزى رېئال نەرسىلەر ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ خاپا سالىدۇ. ...

ilhamxyz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

TaQa يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 06:11 static/image/common/back.gif
ئامېرىكا ئىنگىلىزچىسى
ئەنگىلىيە ئېنگىلىزچىسى
كاناد ...

تۈركىيە تۈركچىسى،
ئۇيغۇر تۈركچىسى،
ئۆزبىك تۈركچىسى،
تاتار تۈركچىسى،
ئەزەربەيجان تۈركچىسى،
قازاق تۈركچىسى،
قىرغىز تۈركچىسى،
تۈركمەن تۈركچىسى،
ھەممىدىن تۈركچىلەر جىق ئوخشايدۇ جۇمۇ:lol
بەت: [1] 2
: ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئىنگلىزچىسى