مېنىڭ كىمىم بار ئىدى؟
مېنىڭ كىمىم بار ئىدى؟*
ئەزىز نەسىن(تۈركىيە)
تەرجىمىدە: مەلەك
*
ئۆيۈڭدىن، كىتابلىرىڭدىن يىراقتىمۇسەن؟
ئۇنداقتا ئۆزۈڭگە بىر تېلېفون قىلغىن،
مەكتۇب يازغىن جاۋابىنى كۈتمەستىن،
بارغان ھەربىر يېرىڭدىن تەبرىك كارتىلىرىنى ئەۋەتكىن.
سۆيۈملۈكۈم دەپ باشلىنىپ، سېنى سۆيىمەن دەپ ئاخىرلاشقان مەكتۇبلارنى ياز.
سېنىڭ سەندىن باشقا كىمىڭمۇ بار ئىدى ئىزدەي دېسەڭ؟!
*
پويىزدىن ياكى ئايروپىلاندىن چۈشكىنىڭدە يالغۇزلىقىڭنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە كۈتىۋالغىن.
ئۆز-ئۆزۈڭنى قايتىش بولمىغان سەپەرگە ئاتىۋەتكىن.
ئۆزۈڭنى كۈتكىن، «قايتىپ كەل» دەپ سەبىر ئىچىدە كۈتكىن،
سېنىڭ سەندىن باشقا كىمىڭ بار ئىدى كۈتىدىغان؟!
*
دۈشمىنىڭنىڭ زەربىسىدىن يەرگە يىقىلغىنىڭدا، ئۆز بېشىڭنى ئۆزۈڭ سىلكىپ،
چاچلىرىڭنى يۇلۇپ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ كەتكىن،
ساڭا ئۆزۈڭنى تونۇتىدىغان بىر ئۆزۈڭدىن باشقا ھېچكىم يوق.
*
ئۆلگەندە سېنىڭمۇ خەۋىرىڭ بولمايدۇ،
شۇڭا ئۆزۈڭگە ئۆلۈم خەۋىرىڭنى يەتكۈز.
سېنىڭ كىمىڭ بار ئىدى ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزىدىغان؟!
*
ئۆزۈڭنىڭ مېھمىنى ھەم ساھىبخانىسەن،
ۋاقتىڭنىڭ بارىدا ئۆز- ئۆزۈڭنى ئەزىزلە...
ئۆزۈڭنى سۆي، ھازىردىن باشلاپ سۆيۈشنى باشلا،
سېنى سۆيىدىغان ئۆزۈڭدىن باشقا يەنە كىمىڭ بار ئىدى؟! .… بەك ياقتۇردۇم…… بەزى يەرلىرى چۈشۈپ قالغاندەكقۇ؟ مەسىلەن، بىرىنچى كۇپلىتنىڭ بىرىنچى مىسراسى، ئاندىن ئۈچىنچى كۇبلېت تولۇق چۈشۈپ قالغاندەكلا... ئادەملەر دانا، ئەقىللىق، مەشھۇر بولغان ھالدىمۇ، ياشانغاندا كۆپۈنچە كىچىك بالىدەك كاج بولۇپ قالىدىكەن. بۇ ئەسىرى ئۇنىڭ قېرىلىقتىكى، ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىشىنى تەسۋىرلىگەندەك بىلىنىۋاتىدۇ ماڭا. bagalip يوللىغان ۋاقتى 2015-3-12 16:08 static/image/common/back.gif
بەك ياقتۇردۇم……
مەنمۇ ھەم aypalta يوللىغان ۋاقتى 2015-3-12 16:27 static/image/common/back.gif
بەزى يەرلىرى چۈشۈپ قالغاندەكقۇ؟ مەسىلەن، بىرىنچى كۇپل ...
مەن ئەسلى مەنبەنى بىلمەيمەن...مەلىك دىگەن تەخەللۇستىكى بىرەيلەن تەرجىمە قىلىپتۇ jan يوللىغان ۋاقتى 2015-3-12 16:37 static/image/common/back.gif
ئادەملەر دانا، ئەقىللىق، مەشھۇر بولغان ھالدىمۇ، ياشان ...
بەزىلەر بەك چۈشكۈن نەسركەن دېيشتى ...بىراق مەن ئۇنداق ھىس قىلمىدىم Kimim Var ki
Aziz NESİN
Kimi bekliyorsun hala
Evinden kitaplarından uzakta mısın
Arada bir telefon et kendine
Kendine mektuplar yaz yanıt beklemeden
Kartlar gönder kendine her gittiğin uzaklardan
Sevgilim diye başlayıp öperim diye biten
Senin senden başka kimin var ki arasın
İnince trenden ya da uçaktan yalnızlığın
Sevinçle karşıla yanlızlığını garlarda hava alanlarında
Ayrılışlarda da sarılıp öpüş yanlızlığınla
Ugurla kendi kendini dönüşsüz yolculuklara
Bekle kendini uzak yolculuklardan dönersin diye
Senin senden başka kimin var ki beklesin
İçki masalarında bir başına mısın
Kendinleysen yetmelisin kendine
Çoğaltıp yanlızlığını konuş bir çok kendinle
Kaldır içki bardağını kendi şerefine
Ağlaşarak gülüşerek tartışarak kendile
Senin senden başka kimin var ki bulasın
Düşmanlarının saldırılarından yuvarlandıkça yerlere
Tutup kendi saçlarından kaldır kendini
Seni sana bildirecek kimsen yok başka kendinden
Ölünce senin bile haberin olmayacak öldüğünden
Haber ver kendine ki öldüğünü bilesin
Kimin var ki senin sana öldüğünü söylesin
Kendi kendinin hem konuğu hem ev sahibisin
Zamanın varken ağırla kendini sarılıp öperek
Biliyorsun nasıl olsa yakın o gelecek
Kimileri diyecek
Daha şimdiden sev kendini sev kendini SEVVVV
Kimin var ki senin seni senden başka sevecek..
@melek كىرگەندە كۆرسە چۈشەنچە بېرەرمىكىن. ياخشى ئەسەركەن aykawsar يوللىغان ۋاقتى 2015-3-12 16:50 static/image/common/back.gif
بەزىلەر بەك چۈشكۈن نەسركەن دېيشتى ...بىراق مەن ئۇنداق ...
« دۈشمىنىڭنىڭ زەربىسىدىن يەرگە يىقىلغىنىڭدا، ئۆز بېشىڭنى ئۆزۈڭ سىلكىپ،
چاچلىرىڭنى يۇلۇپ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ كەتكىن،
ساڭا ئۆزۈڭنى تونۇتىدىغان بىر ئۆزۈڭدىن باشقا ھېچكىم يوق. »
مۇشۇ قۇرلىرىدىن باشقىسى راستىنلا بەك چۈشكۈن ئىكەن. تۈركچىسىدە تېخىمۇ بەتتەركەن. سۆيگىنىن ئايرىلىپ قىلىپ ئاچچىقىدا يازغان شېئىر ئىكەن بۇ ، مەلەك دەپ بەك يامان بىر قىز بار ئىدى بۇ مۇنبەردە بۇرۇن ................ tirixqan يوللىغان ۋاقتى 2015-3-12 22:27 static/image/common/back.gif
مەلەك دەپ بەك يامان بىر قىز بار ئىدى بۇ مۇنبەردە بۇرۇن . ...
:D ;P ;P بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Altay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-13 09:00
مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇسا يازغۇچى دىگەننى دۇنيادىكى ئازاپ ھەسرەت ۋە ئۈمىتسىزلىك ھەققىدىكى تەسىراتى ھەممىدىن چوڭقۇر كىشىلەر دىگۈسى كېلىدۇ ...
تۈركىيە ئەدەبىياتى ئۇسلۇب ۋە ماھارەتتە كۆپقىرلىق ۋە كۆپخىللاشقان ئەدەبىياتكەن. ئۇنىڭدا ئەزىز نەسىنلارمۇ، ئۆمەر سەيفىدىنلارمۇ ، ياشار كاماللارمۇ ، ئورخان پامۇكلارمۇ بار... نوبېلغا ئېرىشىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس... aypalta يوللىغان ۋاقتى 2015-3-12 16:27 static/image/common/back.gif
بەزى يەرلىرى چۈشۈپ قالغاندەكقۇ؟ مەسىلەن، بىرىنچى كۇپل ...
تولۇقلاپ يوللاپ قويسىڭىز. بەك ياختۇردۇم. ياخشى ئەسەركەن. ساقلىۋالدىم.رەخمەت ئەسەرنى تەرجىمە قىلغاندا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى،سويما چاغلار،سەۋىيەمۇ تايىنلىق، چۈشۈپ قالغان جايلارنى تەرجىمە قىلالماي ئۇستىلىق بىلەن تاشلىۋەتكەن بولىشىم مۇمكىن ۋە ياكى ئۇ يەر بۇيەردىن ئۇچراپ قالغان چالا پەدىسىدە تەرجىمە قىلغان بولىشىم مۇمكىن.ۋە يەنە تاسقاپ كەلسە بىر پاتمان خاتالىقمۇ بولىشى مۇمكىن تەرجىمىدە....بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈر ئېيتىمەن...)خېجىل بولۇپ يەرگە قارىغان چىراي ئىپادىسى( @tirixqan@ نېمىشقا ئۇنچە يامان تەسىر بەرگەن بولغىيتىم....بەلكىم مۇنبەرلەردە سوقۇشقاق بولسام كېرەك ...ئەمما ئەمىلىيەتتە...... melek يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 03:49 static/image/common/back.gif
@tirixqan@ نېمىشقا ئۇنچە يامان تەسىر بەرگەن بولغىيتىم....بە ...
يامان دىگىنى ئەسكى دىگىنى ئەمەس. ئەقىللىق، جۈرئەتلىك، قورقماس قىزلارنىمۇ يامان دەپ قويىمىزغۇ، سىزگە مەسلىگى كىلىپ دىگەن گەپ ئۇ :lol
بەت:
[1]