dunya يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

قاقچى بوۋاي

قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بوۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پېرسوناژنى ئەسلەتكەنىدى.
    بوۋاي كىچىك چىلەك مەشتىكى پىلىلداپ يېنىپ تۇرغان كۆمۈر چوغىغا ئىككى قولىنى سۇنغانچە پاكار ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى. قار ئۇنىڭ تېرە تۇمىقى، كونا جۇۋىسى ۋە قول ھارۋىسىدىكى قاقنىڭ ئۈستىگە توختىماي چۈشەتتى. مەن بوۋايغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، قاقتىن ئازراق ئېلىش نىيىتىدە ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم.
— كېلىڭ قىزىم، قاق ئالامسىز؟
— بىر كىلو ئالاي دېگەن.
   بوۋاي تەستە ئورنىدىن تۇردى، ئۇ توڭۇپ قولاشمايۋاتقان قوللىرىدا بىر يالتىراق خالتىنىڭ ئاغزىنى ئاچالمايۋاتاتتى. مەن بوۋاينىڭ قولىدىكى خالتىنى ئېلىپ قاق سالغاچ:
— بوۋا سىز يالغۇزمۇ؟ ـ دەپ سورىدىم.
— ھەئە، — بوۋاي جۇۋىسىنىڭ يېڭى بىلەن قاقنىڭ ئۈستىدىكى قارنى تازىلاۋېتىپ، ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويدى-دە، تۈرۈم-تۈرۈم قورۇقلار قورشاپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — ئاھالىلەر كومىتېتى ماڭا «سېنى تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بىلەن تەمىنلەيمىز، ئەمدى سىرتقا چىقىپ قاق ساتما» دېگەنىدى، مەن رەت قىلدىم. چۈنكى سالامەتلىكىم ياخشى بولغاندىكىن مىدىرلاپ تۇرغىنىم ياخشى، بىكار قالسام بوشىشىپ كېتىدىكەنمەن. شۇڭا ئۇ پۇلنى ئېھتىياجلىقلار ئالسۇن، دەپ ئويلىدىم، قىزىم. ماۋۇ مەكتەپنىڭ ئالدىدا قاقنىڭ سودىسى ياخشى، ئوقۇغۇچى بالىلار قاق يېيىشكە ئامراق دەڭە...
    بوۋاينىڭ قاداق باسقان قوللىرى قاقنى تارازىلاۋېتىپ توختىماي تىترەيتتى. روشەنكى، بۇ قوللار تالاي جاپا-مۇشەقەتنىڭ گۇۋاھچىسى ئىدى. ئىچىمدە ئۇنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم. ھەميىنىمدىن پۇل ئالغاچ سورىدىم:
— بالىلىرىڭىز يېنىڭىزدا ئەمەسمىدى؟
— بىر قىزىم، بىر ئوغلۇم بارئىدى، كېسەل سەۋەبىدىن ئارقا-ئارقىدىن قازا قىلىپ كەتتى. بالىلارنىڭ ئانىسى بالا ئوتىغا چىدىماي، مەندىن ئايرىلىپ بالدۇرلا بالىلىرىنىڭ يېنىغا كەتتى... — بوۋاي جۇۋىسىنىڭ مايلىشىپ پارقىراپ كەتكەن يېڭى بىلەن كۆز يېشىنى سۈرتتى...
— ھەي قېرى، قېقىڭدىن بىر كىلو تارتىۋېتە! – دېگەن قوپال ئاۋاز بوۋاي بىلەن ئىككىمىزنىڭ سۆھبىتىنى ئۈزۈۋەتتى.
— ھە مانا، مانا بايۋەچچى...، – بوۋاي قاقنى تارازىلاپ يالتىراق خالتىغا سېلىپ ئۇ ئەرگە ئۇزاتتى. ئەر 100 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى بوۋايغا بېرىپ:
— بولدى، قايتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولما، ئاشقىنى ساڭا سەدىقە بولسۇن، – دەپلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ماڭدى. ئەرنىڭ تەلەپپۇزىدىن كەمسىتىش، تەكەببۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى.
— بايۋەچچى توختاپ تۇرۇڭ، ماۋۇ ئىشڭىز ماڭا ھاقارەت بولىدۇ؟ قاق ئالغىلى كەلدىڭىزمۇ ياكى سەدىقە بەرگىلىمۇ؟ سەدىقە بەرگىلى كەلگەن بولسىڭىز خاتالىشىپسىز...
     بوۋاينىڭ چىرايى تېخىمۇ تۈرۈلۈپ، كۆزلىرى غەلىتە قىسىلغانىدى، 100 يۈەننى تۇتۇپ تۇرغان قولى بەكلا تىترەپ كەتتى. بوۋاينىڭ گېپى بىلەن شاپپىدە توختاپ قالغان ئەر بۇرۇلۇپ بوۋايغا قاراپ دۇدۇقلاپ قالدى.
— مەن... مەن...
— قاراڭ بايۋەچچە، سىزدەك چاغلىرىمدا مەنمۇ پۇلنى پۇلغا ئۇرۇپ، كۆپ پۇل تاپقان ئەركەك ئىدىم، مېنىمۇ باشقىلار «بايۋەچچە» دەپ ئاتايتتى. كىشلەر ھەۋەس قىلغۇدەك بەختلىك ئائىلەممۇ بار ئىدى... ھە، بىر كىلو قاق ئون كوي بولىدۇ، مەن سىزگە 90 كوي قايتۇرىمەن، — بوۋاي 90 يۈەننى ئەرگە تەڭلەپ، ئاچچىققىنە كۈلۈمسىرىدى.
— بوۋا، مەن... كەچۈرۈڭ، — ئەر مەندىن خىجىل بولدىمۇ ياكى بوۋاينىڭ گېپىدىن خىجالەت بولدىمۇ، ئەيتاۋۇر، «قېرى» نى «بوۋا» غا ئۆزگەرتتى.
— ھېچقىسى يوق بايۋەچچە، گەرچە 80 گە تاقاپ قالغان بولساممۇ، سالامەتلىكىم ياخشى. ھازىرچە ھېچكىمگە يېلىنمىدىم، تېلىنمىدىم...
      بوۋاينىڭ تەلەپپۇزىدىن ھاياتقا بولغان بىر خىل ئۈمىدۋارلىق، رازىمەنلىك، شۈكۈر-قانائەت، مىننەتدارلىق چىقىپ تۇراتتى. ئەر بوۋاي قايتۇرۇپ بەرگەن پۇلنى سىقىمدىغانچە ئۇنىڭغا ھۆرمەت نەزەرى بىلەن قارىدى. ئۇنىڭ چىرايىدىكى كەمسىتىش، تەككەببۇرلۇقنىڭ ئورنىنى چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت، قايىللىق ئىگىلىگەنىدى.
— بوۋا، ئالدىڭىزدا تولىمۇ خىجىلمەن، كەچۈرۈڭ! ھېلىمۇ ئەركەك ئىكەنسىز!
     ئەر شۇنداق دەپلا ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالدى. بوۋاي ماڭا قاراپ بېشىنى چايقاپ قويدى. مەندىن قاقنىڭ پۇلىنى ھېسابلاپ ئېلىپ يانچۇقىغا سالغاندىن كېيىن، پاكار ياغاچ ئورۇندۇقىغا ئولتۇرۇپ كىچىك چېلەك مەشكە قولىنى سۇندى...
    مەن ئالدىمغا بىر قانچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ئارقامغا قارىدىم. بوۋاينىڭ ئالدىدا سۇس يېلىنجاپ تۇرغان كىچىك چېلەك مەش كۆزۈمگە گويا نۇرلۇق بىر چىراغدەك، يەنى ئەجدادىمىز ياندۇرۇپ كەلگەن ئىنساب، دىيانەت، پاكلىق، ئېتىقاد، ئادىمىيلىك، غۇرۇر چىرىغىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
مەنبە: شىنخۇا تورى

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

100 كوي بېرىپ ئارتۇقىنى قايتۇرما دەيدىغانلار كوچىدىكى بوۋايدىن قاق ئېلىپ يېمەيدۇ، ھېسداشلىق قىلىپ 100 كوي بەرگۈسى بارلار ھەي قېرى دېمەي بېرىدۇ.
لاۋزا گۇيلار يالغاننى توقۇغىچە يازمايلا قويسا بولمامدىغاندۇ.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

2-قەۋەتتىكى ئىنكاسقا ئەگەشتىم.

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

ئاۋۇ چوكاننىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسۈتۈپ قىلغىنىدۇ :lol،گەپنى بەك كەسكىن دەۋەتمەڭلا

attir يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

نىمانداق ئەملىيەتتىن چەتنەپ كەتكەن توقۇلما بۇ ،

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

بۇ بۇۋاينىڭ غەيرىتىگە قول قويدۇم ، گەرچە 80- ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ قاق سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىپتۇ ، ھەم شۇنچە ئۈمىدۋار ئىكەن .

jangal يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 09:28 static/image/common/back.gif
100 كوي بېرىپ ئارتۇقىنى قايتۇرما دەيدىغانلار كوچىدىكى ب ...

نوچى گەپ بوپتۇ
بەت: [1]
: قاقچى بوۋاي