mamnun يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى زادى قانداق مەكتەپ - رەسىملىك

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   GoodLuck تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-12 08:10  

ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بەلگىىسى

ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى پەخرىيە ئەشرەپنىڭ ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىدىكى 5 داڭلىق ئالىي مەكتەپنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز . پەخىرىيە دىن ئالەمچە پەخىرلىنىمىز! رەھمەت سىزگە پەخىرىيە!
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى(Harvard university) بولسا شەخىس تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بىر ئۇنىۋېرسال خاراكتېرىدىكى ئالىي مەكتەپ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1636-قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ مەشھۇر بولغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى. ھازىرىغا قەدەر خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاللىقاچان 8 ئامېرىكا زۇڭتۇڭى، 40 دىن ئارتۇق نوبىل ساھىبى ھەمدە نۇرغۇن دۇنيادا تەسىر قوزغىغان ئىلىم باشلامچىلىرى، ئەدەبىياتشۇناس، مۇتەپپەككۇر ۋە ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
1636-يىلى قىشتا، ئەنگىلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر كۆچمەن يېڭى قۇرۇقلۇققا كېلىدۇ. شۇ يىلى ئۇ 29 ياشتا، توي قىلغىنىغىمۇ ئۇزاق بولمىغان، بالىسىمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى جون.خارۋارد بولۇپ، لوندوندىن كەلگەن ئىدى. ئۇ چارلىز كوچىسىدا تۇراتتى، بۇ كوچا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتوت (ئەينى ۋاقىتتا تېخى بۇ مەكتەپنىڭ رەسمىي نامى يوق ئىدى) جايلاشقان كامبىرىج كوچىسى بىلەن بىر دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇراتتى، خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى چېركاۋنىڭ ياردەمچى پوپى بولۇپ قېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ يېڭى قۇرۇقلۇقتا بىرەر يىلمۇ ياشىيالمىدى. 1638-يىلى 9–ئايدا، ئۆپكە كېسىلى بىلەن چارلىز كوچىسىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا، ئۆزىنىڭ مال–مۈلكىنىڭ يېرىمى (780 فوند سىتىرلىڭ) ۋە بارلىق كىتابلىرى (تەخمىنەن 400 پارچە) نى قارشى قىرغاقتا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتۇتقا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ۋەسىيەت قىلدى. بۇ مۇشۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئىئانە ئىدى. مەكتەپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن مەكتەپ نامى بولمىغان بۇ مەكتەپنىڭ نامىنى خارۋارد ئىنىستىتۇتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلدى. خارۋارد ئىئانە قىلغان 780 فوندسىتىرلىڭ ئىئانە پۇلى ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ يىللىق مالىيىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى. دىمەك، بۇ ئەينى چاغدا خېلى كۆپ پۇل ھېساپلىناتتى، ھازىرقى گېپىمىز بويىچە ئېيتقاندا، مەكتەپ ئەينى ۋاقىتتا بۇ پۇل بىلەن مەكتەپنىڭ نۇرغۇن «قاتتىق ماتېرىيال » ۋە «يۇمشاق ماتېرىيال » لىرىنى تولۇقلىۋالغان ئىدى. ئەمما خارۋارد ئىئانە قىلغان 400 پارچە كىتابنىڭ تەقدىرى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ، بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتتى، پەقەت بىر پارچە كىتابنى ئالدىنقى كۈنى كەچتە بىر ئوقۇغۇچى ئارىيەت ئېلىپ، قايتۇرمىغان بولغاچقا، مۇشۇ بىر پارچە كىتابلا بۇ بالايى–قازادىن ساقلىنىپ قالدى. بىراق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، 2-كۈنى ھېلىقى ئوقۇغۇچى بۇ بىر پارچە قىممەتلىك كىتابنى قايتۇرۇپ بېرىشكە كەلگەندە، ئەينى ۋاقىتتىكى خارۋارد ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ھىنرى دونىستىر بۇ ئوقۇغۇچىنى «ئارىيەت ئالغان كىتابنى كۈتۈپخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ» دېگەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ قاراپ، خارۋارد مەكتەپ تارىخى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بۇ ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن قوغلاندى قىلدى.
خارۋارد ئەنگىلىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى بىر قاسساپ ئىدى. ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى بار ئىدى. 1625-يىلى ۋابا كېسىلى تارقالغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ دادىسى، ئاكا–ئۇكا، ئاچا–سىڭىللىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى. خارۋارد ئۆزىمۇ ياش تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا، بىرەر پەرزەنتىمۇ يوق ئىدى، پۈتكۈل ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدا خارۋارد فامىلىلىكلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ئەنگىلىيە زېمىنىدىمۇ بۇ فامىلە ناھايىتى ئاز. ئېھتىمال ئەينى ۋاقىتتا جون.خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى كىچىككىنە ياغاچ ئۆيدە، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىدىن ئازابلانغان. ئۆزىنىڭ بىر-ئىككى ئەۋلاد قالدۇرالمىغانلىقىدىن چەكسىز قايغۇرغان بولۇشى، يەنە بەلكىم قارشى قىرغاقتىكى ئەشۇ مەكتەپكە قاراپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىئانىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قوشقان بىردىنبىر تۆھپىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خارۋارد شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە تەسەللىي تاپالايدۇكى، چارلىز دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى ھېلىقى مەكتەپ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ پۈتكۈل ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەتتا پۈتكۈل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي بىلىم يۇتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى، پۈتكۈل دۇنيادىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭلىق بىلەن چەكسىز شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جون.خارۋارد خاتىرجەم كۆز يۇمالايدۇ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى تەسىر كۈچى ۋە نوپۇزى، يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانا ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم ئەھلىلىرى، پروفېسسورلىرى بار. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق باھالاش تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئالىي مەكتەپ دەرىجىسى بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ باھالانغان، دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسمانغا تاقاشقان بىنالارنى، مودا كىيىنگەن ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنى، قاينام - تاشقنلىققا تولغان مەكتەپ ھويلىسنى كۆرەلمەيسىز ، لاغايلاپ يۈرگەنلەرنى تېخىمۇ كۆرەلمەيسىز ، بۇ يەردە جىمجىتلىق ھۆكۈمران . خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى رىۋايەت ئەمەس ، ئۇ بولسا ئادەمنىڭ ئىرادىسى ، روھى ۋە ئارزۇ ئارمىنىنى تاۋلايدىغان ئوچاقتۇر .

تۈۋەندىكىسى بولسا يېرىم كېىچىدىكى خارۋارد كۈتۈپخانسى ، بۇ رەسىم ئەينى ۋاقىتتا توردا غولغۇلا قوزغىغان.

تاماق يېگىلى بولىدىغان كۈتۈپخانا دەپ نامى بار خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاشخانىسى ، بۇ ئاشخانا ناھايتى جىمجىت.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوختۇرخانسى ، بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا جىمجىتلىق ھۆكۈمران .

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بولسا ھەقىقىي كېچە بولمايدىغان ئۇنىۋېرسىتېت دېگەن نامغا لايىق . بۇ يەردە ھەممىلا يەردە ئۇخلاۋاتقان كىشىلەرنى كۆرۈشىڭىز مۈمكىن ، لېكىن ئۇلار بىكار قېلىپ ئەمەس بەلكى ھارغىنلىقتىن ۋاقىت تېجەش ئۈچۈن شۇ جايدىلا ئۇخلاپ قالغان بولۇشى مۈمكىن .




بۇ مەكتەپتە ئوقۇش ناھايتى جاپالىق بولسىمۇ لېكىن ھوزۇرلۇقتۇر . چۈنكى بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن تەپچىپ تۇرىدىغىنى ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىدۇر .


بۇ يەردە ئىچ ئاغرىتىش ۋە ساختا كۆيۈنۈش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس . ئەگەر دەرسلەردە يىتىشەلمىسڭىز كۈدە كۆپىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ كېتىپ قالماقتىن باشقا تاللاش يوق .

قىسقسى بۇ مەكتەپتە قايناپ تۇرغىنى ئويۇن- تاماشا ئەمەس بەلكى ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدىكى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش روھىدۇر .



خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېمىغا يېزىلغان ئەقلىيە سۆزلەر
1.ھازىر ئۇخلىسىڭىز چۈش كۆرىسىز ،ھازىر كىتاب كۆرسىڭىز چۈشىڭىزنى رىئالىققا ئايلاندۇرالايىسىز.
2.سىز بىكار ئۆتكۈزۋەتكەن بۈگۈن ،تۈنۆگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى.
3.بەزى ئىشلاردا كىچىكىپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭىز شۇ ئىشنىڭ دەل ۋاقتى-سائىتىدۇر.
4.بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماڭ.
5.ئۆگىنىش قىلغاندىكى ئازاب ۋاقىتلىق، ئۆگىنەلمىگەندىكى ئازاب بولسا ئۆمۈرلۈك.
6.ئۆگىنىشتە ۋاقىت كەمچىلىك قىلمايدۇ،كەم بولغىنى تىرىشچانلىق .
7.بەخىت دەرىجىگە تىزىلمايدۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت دەرىجىگە تىزىلماي قالمايدۇ.
8.ئۆگىنىش ھاياتنىڭ بارلىقى ئەمەس ،بىراق ھاياتنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۆگىنىشنىمۇ باش ئەگدۈرەلمىگەن ئادەمنىىڭ قولىدىن نىمە ئىش كەلمەكچى ئىدى ؟
9.ساقلانغىلى بولمايدىغان ئازاپتىن ھوزۇرلىنىڭ .
10.باشقىلاردىن بۇرۇن، باشقىلاردىن بەكرەك تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تەمىنى تېتىماي قالمايسىز .
11.ھېچكىم مۇنداقلا ئۇتۇق قازىنىپ قالغان ئەمەس، ئۇ ئۈزۈل-كىسىل ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە مۇستەھكەم ئىرادىن كەلگەن .
12.ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ.
13.بۈگۈن ئاققان شالۋاقلىرىڭىز ئەتىدە كۆز ياشلىرىڭىزغا ئايلانغۇسى.
14.ئىتتەك ئۆگىنىپ، ئاقسۇڭەكتەك ئويناڭ .
15.بۈگۈن ماڭمىسىڭىز ئەتە يۈگۈرىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ.
16.كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغان ئادەم ، رېئالىققا سادىق ئادەمدۇر.
17.تەربىيلىنىش دەرىجىسى كىرىمگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
18.بىر كۈن ئۆتۈپ كەتسە قايتىپ كەلمەيدۇ.
19.ھازىرنىڭ ئۆزىدە رەقىبىڭىزنىڭ قوللىرى توختىماي كىتاب ۋاراقلاۋاتىدۇ.
20.جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەپ قۇياي، رەسىملەرگە سىلىنغان ‹‹مەمنۇن سالونى›› دېگەن تامغا بۇ رەسىملەرنىڭ گۈزەللىكىنى بۇزۇۋىتىپتۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ئىزدىنىش تورىدا سالون تەشۋىقاتى قىلىنغان تېمىلار تەستىقلانمايتتى، بۇ ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن پىرىنسىپ ئېدى.
بۇ تېمىنى مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن تەستىقلىغان، باشقۇرۇش رايونىدا رەسىملەر كۆرۈنمىگەچكە رەسىم مەزمۇنىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. ئەزالارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمىز.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

مەن ئويلىسام بىزدە تىببى ئىنىستوتى ئالدىدىراق تۇرىدىكەن. شىنجاڭ ئونۋىرستىتىدا تەرەققىيات قانداقلىقىنىمۇ بىلىپ كەتمەيمىز...

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

مىنىڭچە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇقۇغانلارنىڭ جەمىيەتكە تۆھپە قۇشۇش روھى ئەڭ كۇچلۇك بۇلۇپ چىقىدىكەن.
ئۇقۇتۇش ھەقىقىي ئادىمىلىكنى ئاساس قىلسا كىرەك.

mamnun يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

تامغا سېلىۋەتسە راست تازا قاملاشمايدىكەن ،بۇنىڭىدىن كېيىن بۇنداق قىلمىسام بولغىدەك.لېكىن  ئۇنداق قىلماي دېسە بۇياقتىن يوللاپ بولغىچە ئۇياقتىن سالونلاردا ئەسكەرتىشمۇ يوق ئۇچۇپ يۈرگەن .

tvnvgvn يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ئاۋۇ رەسىملەرنى ئۆزىڭىز تارتمىغانسىز؟ ئۇنداقتا خەخنىڭ رەسىمىگە تامغا بېسىۋالماڭلار. «بۇياقتىن يوللاپ بولغىچە ئۇياقتىن سالونلاردا ئەسكەرتىشمۇ يوق ئۇچۇپ يۈرگەن » دەپسىز، سىزمۇ مەلۇم مەنىدىن بۇ رەسىملەرنى ئۇچاتىپ يۈرۈپسىزغۇ.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

كۆپلىگەن خەنسولارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىدىم ،ئۇلار شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدىن شىخەنزە ئۇنىۋىرسىتىتىنى ئارتۇق كۆرىدىكەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ 211قورۇلۇشى قالپىقىنى ئېتىبار خارەكتىردىكى قالپاق دەپ بىلىدىكەن. ئىچىم سىقىلدى . كۆڭلىمدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭمۇ داڭلىق ئالى بىلىم يۇرتى بۇلۇپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم .

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

mamnun يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 08:25 static/image/common/back.gif
تامغا سېلىۋەتسە راست تازا قاملاشمايدىكەن ،بۇنىڭىدىن ك ...

تامغا سىلىشنىڭمۇ يوللىرى بولىدۇ. ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدىغان جايلارغا بىلىنەر -بىلىنمەس قىلىپ تامغا سالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن PS بىلىشىڭىز كېرەك. تورخۇماردىكىلەر بەك ئۇستا رەسىملەرگە تامغا سىلىشقا .       www.torhumar.com

Altay يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ئادىمىيلىك، قىزغىنلىق، مەسئۇلىيەت، ئىرادە ۋە ئارزۇ-ئارمان بىلەن ياشاش؛ تىنىمسىز  ئىجاتچانلىق ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرلەش مانا بۇ خارۋاردنىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىدىغان روھى…

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ئاستىدىكى ئەقلىيە سۆزلەر ئۇنۋېرسىتىېتنىڭ تاملىردا يوقمىشقۇ؟ مەنغۇ بېرىپ باقمىغان، قايسى يەدە كۆردۈم ئىشقىلىپ ئەيتاۋۇر، ئايدا تۇرۇپ سەددىچىننى كۆگەن گەپ بىلەن بى قاتاردا توقۇلما دەپ چىقرىپ قويۇپتىكەن:sleepy:

tursunn يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

12.ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ.
13.بۈگۈن ئاققان شالۋاقلىرىڭىز ئەتىدە كۆز ياشلىرىڭىزغا ئايلانغۇسى.
14.ئىتتەك ئۆگىنىپ، ئاقسۇڭەكتەك ئويناڭ .

14- تەرجىمە مۇۋاپىق بولماپتۇ. ئىنگلىزچىسىنى كۆرمىدىم، لېكىن چوقۇم سۆزمۇ سۆز قىلىنغان كۈلكىلىك تەرجىمە.
ئادەم قانداق ئىتتەك ئۆگىنىدۇ، ئىت قانداق ئۆگىنىدۇ؟؟؟{:87:}

altunchi يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

مېنىڭچە بۇ يەردە ئىتىنىڭ پۇراش سەزگۈسى تەمسىل قىلىنغان بولسا كېرەك. يەنى، بىلىمنى ئىزدەپ سوراپ ئۆگىنىڭ، دېمەكچى بولسا كېرەك.

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

{:112:}

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

رەسىملەرنى كۆرەلمەي ئىچىم پۇشتى :@

qassap يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بالام ئۇنۋېرستىت قۇرسا تارىخ تەكرارلىنىدىكەن :lol

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

qassap يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 19:19 static/image/common/back.gif
بالام ئۇنۋېرستىت قۇرسا تارىخ تەكرارلىنىدىكەن

چۈشەنمىدىمغۇ ؟

dilara يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:35

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 22:08 static/image/common/back.gif
چۈشەنمىدىمغۇ ؟

خارۋاردنىڭ دادىسى مەندەك قاسساپكەن دەۋاتىدۇ.;P

natohra يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:04

تۆھپىنىڭ چوڭ كىچىكى بولمىغانغا ئوخشاش، بۇ ماقالىڭىزنىڭ بىزنىڭ مىللەتكە بولغان تۆھپىسى مۆلچەرلىگۈسىز دەپ قارايمەن. رھمەت قېرىندىشىم، ئاللاھ مۇشۇنى يازغان قوللورىڭىزغا دۆلەت ئاتا قىلسۇن.

sawr55 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:50

   خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىدا پەخىرىيەنى قوشقاندا بىزدىن ئوقۇغانلار نەچچىدۇ؟
    بۇ يازمىڭىزدىن خارۋارد دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى بىلىۋالدىم، بولسا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرنى بىلگۈمىز بار .مەسلەن :بۇ ئۇنىۋېرسىتتا ئوقۇش شەرتى ...دېگەندەك.
بەت: [1]
: ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى زادى قانداق مەكتەپ - رەسىملىك