yasnjan1527 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

كىتاپ ھەققىدە سۇئال

ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى دوستلار كىتاپ ئوقۇش يىلىدا كىتاپ ھەققىدە جىقراق پائالىيەتلەرنىڭ بولىشىنى ئۈمۈت قىلىپ ماڭا ھەم ماڭا ئوخشاش بىلىشكە مۇھتاج كىشىلەرگە ياردىمى بولسۇن مىنىڭ تۆۋەندىكى سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەرسەڭلار؟ بۇ تىمامنى باشقا تۇربىكەتلەردىمۇ يوللىدىم ،  ئىزىدىنىشكىمۇ يوللىۋەتتىم ،بىلىدىغانلار بولسا
1. مەلۇم كىتاپنى تاللاپ بىكار ۋاقىتلاردا تەرجىمە قىلىپ چىقماقچى بولسا بۇ كىتاپنىڭ بۇرۇن تەرجىمە قىلىنىپ بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز ؟
2. تەرجىمە قىلىپ كومپىيوتىرغا ۋوروت ھالىتىدە كىرگۈزۈپ بولغان بولسا نەشىرىياتنىڭ تەرجىمە كىتاپقا بولغان تەلىپى قانداق بولىدۇ ؟
3. كىتاپ نەشىر قىلدۇرۇشقا زادى قانچىلىك پۇل زادى قاندق جەريان كىتىدۇ ؟
4. ئۇيغۇر شىركەتلىرىدە توختاملىشىپ كىتاپ تەرجىمە قىلدۇرىدىغان ئىشلارمۇ بارمۇ ؟
5. ھۆكۈمەتنىڭ نەشىر بويۇملىرىغا نىسبەتەن قانداق قانۇنلىرى بار ؟
6. ئۇيغۇرچە گىزىت - ژورناللارغا توردامۇشتەرى بولغىلى بولامدۇ ؟
7. توردا كىتاپ ئىئانە قىلغىلى بولامدۇ ؟ مۇكەممەل بولغان توردا ئىئانە قىلىدىغان  تور مۇلازىمەت سۇپىسى ياسىتىشقا قانچىلىك مەبلەغ كىتىدۇ ؟
8. توردا كىتاپ ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ ؟
9. كىتاپقا بولغان تەكلىپ پىكىرلەرنى ئاپتۇرغا قانداق يەتكۈزىمىز؟
10. ئىلىكتىرۇنلۇق كىتاپنى قانداق ياسايمىز؟
11. كىتاپخانا باشقۇرۇش كىتاپ ئىزلەش ىسىتىمىلىىرى بارمۇ ؟
12. ھەممە ئادەم ئۆزىدە بار بولغان كىتاپ ئىسىملىرىنى تورغا يوللاپ تور كىتاپ ئامبىرىنى تۈزۈش مۇمكىنمۇ ؟
13. كىتاپ قانداق ئەھۋالدا پۇراپ بۇزۇلۇپ كىتىدۇ ؟ پۇراپ كەتكەن كىتاپنى ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولامدۇ ؟
14. ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيغۇرچە كىتاپنى ئوقۇپ بىرىدىغان سىسىتىما بارمۇ ؟
15. مۇزچىلەك رىقابىتىدەك كىتاپ رىقابىتىنى مەيدانغا كەلتۇرۇش مۇمكىنمۇ ؟
16. شىنجاڭدىكى ئەڭ چۇڭ مۇكەممەل ئۇيغۇرچە كىتاپخانا قايسى ؟
17. كىتاپخانا ئىچىشقا قانداق رەسمىيەت كىتىدۇ ؟
18.  چەتئەلدە كىتاپخانىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق ؟
19. چەتئەلدە ئۇيغۇرچە كىتاپخانىلار بارمۇ ؟
20. توردا كىتاپ ئارىيەت بىرىش توربىكىتىنى قورۇشقا قانچىلىك مەبلەغ كىتىدۇ ؟  شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۇرداشلار ئۆزلىرىدىكى كىتاپلارنى تورداشلارغا ئارىيەت بىرەلەيدىغان ، ئالماشتۇرغىلى بولىغان ، ئىئانە قىلغىلى بولىغان ، ساتالايدىغان .... ئىقتىدارلار بولىشى كىرەك ؟

تورداشلارنىڭ ئىنكاس شەكلىدە مەن مانچىنچى سۇئالغا جاۋاپ بىرەي دەپ جاۋاپ قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئىمكان بار تەپسىلىي جاۋاپ بەرسەڭلار ؟

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

بۇ توربىكەتنى كۆرۈپ بېقىڭ !
www.uykitab.cn
ئۇيغۇر كىتاب تورى يېڭىلا قۇرۇلغان بولۇپ ،مەزمۇن ۋە سەھىپىلىرى بەك ياخشى چىقىپتۇ.

likimjan يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

توغرا،بۇ تېمىڭىزنى شۇ مۇنبەرگىمۇ يوللاپ قويۇڭ،بەلكىم جاۋابى چىقىپ قالىدۇ.

asman يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-12 14:57  

1. مەلۇم كىتاپنى تاللاپ بىكار ۋاقىتلاردا تەرجىمە قىلىپ چىقماقچى بولسا بۇ كىتاپنىڭ بۇرۇن تەرجىمە قىلىنىپ بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز ؟
تەرجىمە قىلىنماقچى بولغان كىتاب ياخشى بولسا ۋاقتىدا تەرجىمە قىلمىسىڭىز باشقىلار تەرجىمە قىلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ ئەمگىكىڭىز بىكار بولدى، دېگەن گەپ.
2. تەرجىمە قىلىپ كومپىيوتىرغا ۋوروت ھالىتىدە كىرگۈزۈپ بولغان بولسا نەشىرىياتنىڭ تەرجىمە كىتاپقا بولغان تەلىپى قانداق بولىدۇ ؟
قەلەم ئارقىلىق قەغەزگە يازغاندىن كومپيۇتېرغا كىرگۈزسىڭىز تۈزىتىش ۋە رەتلەش قولەيلىق بولىدۇ. بۇ يەردە نەشرىياتنىڭ قايسى خىلدا تاپشۇرىۋېلىشى مۇھىم ئەمەس، دەپ قارايمەن.
3. كىتاپ نەشىر قىلدۇرۇشقا زادى قانچىلىك پۇل زادى قاندق جەريان كىتىدۇ ؟
بۇ شۇ كىتابنىڭ ھەجىمى بىلەن ياخشى ياكى نورماللىقىغا باغلىق بولىدۇ.
4. ئۇيغۇر شىركەتلىرىدە توختاملىشىپ كىتاپ تەرجىمە قىلدۇرىدىغان ئىشلارمۇ بارمۇ ؟
بوزتاغ ئەدەبىي تەرجىمە شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
5. ھۆكۈمەتنىڭ نەشىر بويۇملىرىغا نىسبەتەن قانداق قانۇنلىرى بار ؟
ئاساسلىق مەقسىتىڭىزنى بىلگەن بولسام بۇنىڭغا جاۋاب ئىزدەپ باققان بولاتتىم.
6. ئۇيغۇرچە گىزىت - ژورناللارغا توردامۇشتەرى بولغىلى بولامدۇ ؟
مېنىڭچە ھازىرچە بولمايدۇ.
7. توردا كىتاپ ئىئانە قىلغىلى بولامدۇ ؟ مۇكەممەل بولغان توردا ئىئانە قىلىدىغان  تور مۇلازىمەت سۇپىسى ياسىتىشقا قانچىلىك مەبلەغ كىتىدۇ ؟
بۇ خىل مۇلازىمەتنى مەن ھازىرغىچە ئۇچرىتىپ باقماپتىمەن. مۇلازىمەت سۇپىسى ياساتماقچى بولسىڭىز تور بېكەت ياساتقۇچىلار بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز مۇكەممەل جاۋابقا چوقۇم ئېرىشەلەيسىز.
8. توردا كىتاپ ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ ؟
بۇنى بىلمەيدىكەنمەن.
9. كىتاپقا بولغان تەكلىپ پىكىرلەرنى ئاپتۇرغا قانداق يەتكۈزىمىز؟
ئويلىغانلىرىڭىزنى تەپسىلىي يېزىپ ئاپتورنىڭ ئادرېسىغا ئەۋەتىڭ ياكى بولمىسا توردا ئېلان قىلىڭ. ئەگەر ياخشىراق يازسىڭىز «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىغا ئەۋەتسىڭىز تەھىرى بۆلۈمىدىكىلەر ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سىزنىڭ خېتىڭىز بىلەن ئاپتورنىڭ قايتۇرغان جاۋابىنى بىر سان ژۇرنالدا تەڭ ئېلان قىلىپ بېرىدۇ.
10. ئىلىكتىرۇنلۇق كىتاپنى قانداق ياسايمىز؟
بۇ بەك ئاسان ئىش، ئېلكىتاب ياسايدىغان بالىلار بىلەن كۆررۈشسىڭىز تېزلا ئۆگىنىۋالالايسىز.
11. كىتاپخانا باشقۇرۇش كىتاپ ئىزلەش ىسىتىمىلىىرى بارمۇ ؟
مارالبېشىدىكى بىر كىتابخانىدا كۆرگەنىدىم، مېنىڭچە بۇ خىلدىكى سىستېما باشقا كىتابخانىلاردىمۇ بار.
12. ھەممە ئادەم ئۆزىدە بار بولغان كىتاپ ئىسىملىرىنى تورغا يوللاپ تور كىتاپ ئامبىرىنى تۈزۈش مۇمكىنمۇ ؟
مۇمكىن.
13. كىتاپ قانداق ئەھۋالدا پۇراپ بۇزۇلۇپ كىتىدۇ ؟ پۇراپ كەتكەن كىتاپنى ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولامدۇ ؟
كىتابنى مەينەت يەردە قويسا بۇزۇلىدۇ، پۇراپ كەتكەن كىتابنى ئاۋۋال بىر مەزگىل شامالدىتىپ ئاندىن كېيىن خۇشپۇراق نەرسىلەر بىلەن قويۇپ سىناپ بېقىڭ.
14. ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيغۇرچە كىتاپنى ئوقۇپ بىرىدىغان سىسىتىما بارمۇ ؟
بۇنى بىلمەيدىكەنمەن.
15. مۇزچىلەك رىقابىتىدەك كىتاپ رىقابىتىنى مەيدانغا كەلتۇرۇش مۇمكىنمۇ ؟
تىرىشىپ باقساقلا قىلغىلى بولىدۇ.
16. شىنجاڭدىكى ئەڭ چۇڭ مۇكەممەل ئۇيغۇرچە كىتاپخانا قايسى ؟
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسى
17. كىتاپخانا ئىچىشقا قانداق رەسمىيەت كىتىدۇ ؟
كىتابخانا ئاچقانلاردىن سورىسىڭىز مۇكەممەل جاۋاب تاپالايسىز.
18.  چەتئەلدە كىتاپخانىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق ؟
بۇنى بىلمەيدىكەنمەن.
19. چەتئەلدە ئۇيغۇرچە كىتاپخانىلار بارمۇ ؟
بۇنى بىلمەيدىكەنمەن.
20. توردا كىتاپ ئارىيەت بىرىش توربىكىتىنى قورۇشقا قانچىلىك مەبلەغ كىتىدۇ ؟  شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۇرداشلار ئۆزلىرىدىكى كىتاپلارنى تورداشلارغا ئارىيەت بىرەلەيدىغان ، ئالماشتۇرغىلى بولىغان ، ئىئانە قىلغىلى بولىغان ، ساتالايدىغان .... ئىقتىدارلار بولىشى كىرەك ؟
بۇنى بىلمەيدىكەنمەن.

000000000 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

سىز كىتاب نەشر قىلدۇرماقچىمۇ?

ghura يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

ئ‍ىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش ئ‍اساسى مەزمۇن بولسا ، ياكى پەن - تېخنىكىغا دائ‍ىر دېگەندەك مەزمۇنلار بولسا كىتىپىڭىز نەشردىن چىقىدۇ. دىنى پۇراق، تارىخى تېمىلاردىكى مەزمۇن بولسا تەرجىمە قىلىشنى خيال قىلسىڭىزمۇ ئ‍ېنىقلا جىنايى قىلمىش ھېسابلىنىدۇ.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

6-سوئالغا جاۋاب:
http://bk.11185.cn ماۋۇ تور بەت ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدە تارقىتىلىدىغان ھەرقانداق گېزىت ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولالايسىز
تارقىتىش دائىرىسى شىنجاڭنى تاللىسىڭىز،شىنجاڭدا نەشىردىن چىقىدىغان ،ئۇيغۇر قازاق،خەنزۇ تىللىرىدىكى گېزىت ژۇرناللار چىقىدۇ
بىلەلمىسىڭىز  پوچتا ۋەكالەت نومۇرىنى باسسىزمۇ بولىدۇ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   31-57
ئاسىيا كىندىكى گېزىتى    145-57
قانۇنچىلىق گېزىتى            8-57
پايدىلىنىش خەۋىرى       112-57

تەرمىلەر    135-57
مىراس      58-60

ۋە ھاكازا ..................
بەت: [1]
: كىتاپ ھەققىدە سۇئال