تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى ئىشلەيدىغانلارغا تەكلىپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى بارلىق تورداشلارئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق تېلىۋىزىيە پىروگراممىلىرى ئىشلەيدىغان ئۇستازلار،ئاكا-ئۇكا بۇرادەرلەر.
گىپىمنىڭ نەخلا يىرىنى دەي،گەپ يورغىلىتىپمۇ يۈرمەي...
يىقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان رايونىمىزدا مىللىيچە تىلدا ئىشلىنىۋاتقان سەنئەتكە دائىر پىروگراممىلار شۇنداق ياخشى،بىر-بىرىدىن قىلىشمىغۇدەك چىقىۋاتىدۇ.لىكىن ھەممىسى دىگۈدەك سەنئەتنى ئاساس قىلىپ بىر لىنىيەدىن چەتنىيەلمىگەن ھالەتتە بولۇپ ئاساسەن دىگۈدەك يول ئوخشىمىغان بىلەن پۇرىقى يەنىلا بىر خىل.
مەقسىتىم،ئەگەر مۇمكىن بولسا ئېقتىسادىي لىنىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا،يانجۇقىدا پۇلى بار مەبلەغ ئىگىلىرى بىلەن كاللىسىدا تۈرى بار لىكىن مەبلەغ كەمچىل بولىۋاتقان ياكى مەبلىغى يوق كىشىلىرىمىزنى ئۇچراشتۇرىدىغان بىر پىروگرامما ئىشلەپ چىقساڭلار دىگەن ئۈمىدتە مەن.بۇ تەكلىپنى بىرىدىغان يەر بولمىغاچ ئىزدىنىشتىلا ئوتتۇرىغا قويدۇم.ھەرقايسى ساھەدىكىلەر ئويلىشىپ باقسا.رايونىمىزدىكىدەك كاپىتال بازىرى يوق يەرگە بەلكىم مەلۇم جەھەتتە ئۈنۈمى كۆرىلىپ قىلىشى مۇمكىن. مىللىيچە تىل دىگەن قايسى مىللەتنىڭ تىلى بوپ كەتتى ئەمدى؟ ئاڭلاپ باقمىغان گەپكەن چۈشۈنەلمەي سوراپ قويدۇم. 最强大脑نە ئۇيغۇرچە ئىشلىسە بولاتتى ،ئېسىل پىرگرامما ئىدى . بارغانسىرى ئىنكاس يېزىش خوش ياقمايدىغان بولۇپ قالغىلى تۇردى . ھاياجان بىلەن يېزىپ كەتكەن ئىنكاسلىرىمىز ، يوللىدۇق تۈگدى . يەنە ئاتام ئېيتقان بايىقى ، بولۇپمۇ مۇشۇ تېلېۋىزىيە پىرۇگىراممىلىرىغا بولغان ئىنكاسلار .
ھازىر سەرخىل پىرگۇراممىلار يولغا قويۇلدى ، بارغانسىرى ياخشى بولۇپ كىتىدۇ دەپ ئۈمىدلىنىپ كىتىمىز ، خۇددى بىزنىڭ تىما ، ئىنكاسلىرىمىزنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇلار مۇشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى ياسىغاندەك . قايسى كۈنى بىر تىما كۆرگەن ، پىرگۇراممىلار بارغانسىرى سەرخىل بولۇپ كەتتى ، قوللاپ مەدەت بەرسەك تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كىتىدۇ دىگەن مەزمۇندىغۇ دەيمەن ، ئىشقىلىپ مۇشۇنداقىراق تۇيۇلدى ماڭا . رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ كۈچىغا مەنمۇ ئىشنىمەن ، بىراق ھازىرقى سەرخىللىققا مېڭىشنىڭ ئاساسلىق ئامىلى يەنىلا زىدىيەت تۇيغۇسىدىن كەلگەن . زىدىيەت يەنى رىقابەت شەيئىلەرنى ئالغا ئۈندەيدىغان ئامىل ، ئەگەر ئىنتىرنېت ئېلىپ كەلگەن بېسىم بولمىسا تېلېۋۇزۇرىيە ئىستانسىدىكىلەر مۇمكىن ئەمەس ئىزدەنمەي يۈرۈتى چاۋشىيەن پەدىسىگە . ئىزدەندۇق دەپ يەنە ئىزدىنىشى يىتەرلىك ئەمەس ، نىمە ئۇ ئادەم ئەخمەق قىلغاندەك ساپلا بىر ئۇسلۇپتىن چىقمىغان پىرگۇرامما ، تېخى ھەپتىسىگە نەچچە رەت ئالماشتۇرۇپ بېرىپ كېتىدىكەن . بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ كۆرمەس بولدۇم .
بۇلارغا تەكلىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا ئەملىي ھەركىتىم بىلەن تېلېۋۇزۇر كۆرۈشنى ئازايتىپ ئۇلارغا « ئېلھام » بەرمەكچى بولىۋاتىمەن . بۇنداق « ئېلھام » بېرىدىغانلارنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن . hanjar01 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-12 08:37 static/image/common/back.gif
مىللىيچە تىل دىگەن قايسى مىللەتنىڭ تىلى بوپ كەتتى ئەمد ...
ئىنكاسىڭىزنى قوللايمەن، بىز «مىللى» دەپ ئاتىلامدۇق، كۆپ ھاللاردا مۇشۇنداق ئاتالغانلىقىمىزنى كۆرۈپ تەئەججۇپ ئىچىدە ھەيران قالىمەن، بىر چىرايلىق، پەخىرلەنگۈدەك «ئۇيغۇر» دەپ نامىمىز تۇرسا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Altay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-12 11:19
يېڭى دەپ چىقىۋاتقان نەرسىلەرمۇ يەنە شۇ ئاتام ئېيىتقان بايىقى.
بىر خىللا قېلىپ، بىر خىللا ئۇسلۇب، بىر خىللا قۇرۇلما، بىر خىللا گەپ، بىر خىللا چۈشەندۈرۈش، بىر خىللا باھا سۆزلىرى…ئادەمنى ھەقىقەتەن زېرىكتۈرىدۇ…دۇنيادا ھەقىقەتەن جىق ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، يېڭىلىقلار كۆپىيىۋاتىدۇ…ئەمما مۇشۇ ئۇيغۇرچە XJTVفىلىم ئىشلىگۈچىلىرى، رېجىسسورلىرى ۋە رىياسەتچىلىرىنىڭ ھۈنىرىدە جىق ئۆزگىرىش يوق…چۈنكى، نىمىشقا دىگەندە ئۇلارنىڭ قورساقتىكى دەسمىسىنىڭ تايىنى يوق، قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز يوق!
تېخىمۇ كونكىرتنىيراق ئېيىتساق يولداش ئۈمىد «پاراڭلىرى»دا دەپ ئۆتكەندەك، «ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدۇ» ئەمەس، بەلكى نەق ئاشۇ ئاتالمىش فىلىم ئىشلىگۈچى، رېجىسسور ۋە رىياسەتچىلەر كىتاب ئوقۇمايدۇ، تەپەككۇر قىلمايدۇ ھەم ئىزدەنمەيدۇ…(ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئوچۇقتىن-ئوچۇق دەپ ئۆتكەندەك بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر تىلىنىڭ نېنىنى يەپ جان بېقىپ تۇرۇپ 20 يىللاپ ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلارنى قولىغا ئېلىپ باقمايدۇ) قاراڭ، يۇمۇرمىكەن؟ بۇنداق يۇمۇرلار بىزدە بەك جىق! تېلىۋىزىيە ئىستانسىلىرى مەنەۋىي ئوزۇق ئىشلەپچىقىرىدىغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭدا ئىشلەيدىغانلار ۋە پىروگىرراممىلارنى لاھىيەلەيدىغانلار تەسەۋۋۇرچان، تەپەككۇرچان، ئىجاتچان مۇتەپەككۇر ۋە ئۇستازلىق سالاھىيتىدىكى ...يۇقۇرى ساپالىق كىشىلەر بولۇشى كېرەك ئىدى ئىدىئولوگىيەگە ئىدىئولوگىيە بىلەن قارشى تۇرۇش، تۈۋەن سەۋىيەدىكى سەنئەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەك. terjime يوللىغان ۋاقتى 2015-3-12 10:10 static/image/common/back.gif
بارغانسىرى ئىنكاس يېزىش خوش ياقمايدىغان بولۇپ قالغىل ...
ئورۇنلۇق گەپ قىپسىز تەرجىمە بۇرادەر :handshake بىراق بۇرادەرلەر ‹غوجامنىڭ غوجىسى بار›دىگەن گەپنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى ... ھەممە ئىشلارنى شۇ رىياسەتچىلەرگە ئارتىپ قويساق ئادىللىق بولماس.ھېلىمۇ شۇنچە تىرىشىۋاتىدۇئەمما ھەممىنىڭ باشقۇرغۇچى چوڭلىرى بۇلىدىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى. تورداشلار تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يېزىۋاتىمەن ئەپۇ قىلغايسىزلەر بوزقىر مۇنبىرىنىڭ ئادىرسى توغرىسىدا ئىنكاس يېزىپ قويساڭلار
بەت:
[1]