شېكېرىم تاماق تىزىملىكى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tirixqan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-11 17:33يىقىندا لاھىلەۋاتقان تاماق تىزىملىكى تەكلىپ پىكىر بىرەرسىلەر. ماۋۇسى ئېلانكەنغۇي :) قورىمىلارنى ئۇيغۇرچە ئاتاپتۇ، تاماقنى ئۇيغۇرچە ئاتىماپتىغۇ؟
قورغاق قورىما چوپ-گەمبىيەن سومەن.
مەرۋايىت قورىما-مەرۋايىت سومەن.
مىنىڭچە ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بارنى چۇقۇم ئۇيغۇرچە ئاتاش كىرەك. گەنبيەن سومىيەن- قورغاق سومەن،.
دىڭ-دىڭ سومىيەن- مارجان سومەن،
مەنپەر سومىيەن- كاتەكچە سومەن،
ئەرجىزا سومەن-ئۇزۇنچاق سومەن{:92:} تۆۋە دەيمەن، مۇشۇنداق چاي-تائاملار تەڭرىتاغ رايۇنى دائىرسىدىن چىقىپ كىتەلمەيدۇ. نىمىلەرنى ئويلايدىكىن مۇشۇلار. مەرۋايىت چۆپ قورمىسى، شىكىرىم. بۇ «شېكېرىم»نى تۈركىيەلىكلەر رايونىمىزغا كېلىپ ئاچقانمۇ؟ ياكى رايونىمىزدىكىلەر تۈركىيەدىن كېلىدىغانلارنىمۇ ئاساس قىلىپ ئاچقانمۇ؟ نېمىشقا «شېكېرىم» دېگەننى «şekerim» دەپ يازدىڭلار؟ بۇ ئۇيغۇرچىنىڭ لاتىنچە ئۆلچەملىك يېزىلىشىمىكىن دەي، دېسەم «ش»نى سىلەر يازغان ئۇ ھەرپ بىلەن يازمايىتتى...
ھېلى «x»نىڭ بىلەن «ش»نى ئىپادىلەۋاتقان، ئەمدى «ş»مۇ سەپكە قېتىلدىمۇ نېمە؟
شەخسىلەرغۇ كۈندىلىك ئالاقىدا قانداق يازسا ئۆزىنىڭ ئىشى. ئەسلىغۇ توغرا يازسا بولاتتى، يېزىپمۇ قالار.
لېكىن سېلەردەك رەسمى ئەنگە ئېلىپ، ماركا تەرىقىسىدە ئىشلەتكەنلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، دەپ ئويلايمەن.
تۈركچە يېزىلىشى بولسا باشقا پىكىرىم يوق. لېكىن، ئۇيغۇرچىسىنى ئۆزئالدىڭلارغا شۇنداق يازغان بولساڭلار، تۈزۈتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. لاتىنچە يىزىق&(ئىنگىسچە) ئورنىغا تۇرۇكچە ئىشلەتتىڭلارمۇ ، نىمىشقا ئۇيغۇرچىنى ئاستىغا يازىدۇ . ئىمكان دەيدىغان بىر ماركا با ، ئۇيغۇرچىسىنى كىچىك ، لاتىنچىسىنى يوغون يېزىۋاغان . ئۈرۈمچىدە تاماق نىمانداق قىممەت تاماق نىمانداق قىممەت نىمانداق قىممەت قىممەت :lol سومەن نى ئۇيغۇرچىسىغا نىمە دەيمىز؟؟؟؟
قازاقچە باۋسور دەمدا ئىشقىلىپ. ئەخمەتجاننىڭ يۇمۇرىدىن بىلىۋالغان :lol hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2015-3-12 16:24 static/image/common/back.gif
سومەن نى ئۇيغۇرچىسىغا نىمە دەيمىز؟؟؟؟
قورۇما چۆپ. ئاشخانىلاردا شۇنداق ئاتايدىكەن. شۈبھېدىن خالىي دىگەن سۆز سودىگەرنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئاغزىغا سالغان سوسكا بولمىسا بۇلاتتىغۇ. خېلى چىرايلىق لايىھەلەپسىزغۇ!!! ئۆتكەندە ھەدەم تۈگمەن دېگەن ساماۋەرخانىغا ئاپاغانتى. ئىچىگە كىرىپلا بىرىنچى بوپ تاماق تىزىملىكى مېنى جەلپ قىلىۋاغانتى. قانداق ئادەم لايىھەلىگەندۇ بۇنى دەپ قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەنتىم. بېيىسۇن دەپ قەھۋەخانىنىڭمۇ تاماق تىزىملىكى شۇنداق چىرايلىق. ئەگەر خوجايىنىڭىزنىڭ بېسىمى بىلەن قىلىش خوشياقماي مۇنداقلام قولىڭىزنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ قويۋاتقان نارسە بولمىسا مېنىڭچە باشقا تاماق تىزىملىكلىرىنىمۇ كۆرۈپ ئىلھام ئېلىپ تېخىمۇ كۆركەم قىلىشقا تىرىشىپ باقمامسىز قېنى... شېكېرىم، نەرەدە شۇ تۈركجە يەمەكلەر لېستەسى؟ پاترونى تۈرك دىيلمى ئەجەبا؟:P
تۈركلەر ئاچقان ئاشخانا بولسا ئەلۋەتتە تۈركچە تائام تېزىملىرى بولاتتى. مېنىڭچە ئېسىم ھازىرقى بىزدىكى تۈركچە ئىستىمال قىزغىنلىقى ۋەجىدىن ئاشۇنداق تۈركچە لاتىن ئىلىپبە يېزىقىنى ئىشلەتكەن بولىشى مومكىن دەپ پەرەز قىلدىمغۇ ئۆزەمچە؟!{:92:}
بەت:
[1]
2