alnapas يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

شىرىن چۈش 1- سان

يېقىندا رايۇنىمىزدا ھەرخىل سەنئەت پىرگىراممىلىرى ۋە  سەھنىلەر كەڭ سەنئەت سۈيەر ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشغا ۋە ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولماقتا ... يېقىندا يەنە يېڭىدىن بىزبىلەن يۈز كۆرۈشكەن شىرىن چۈش پىروگىراممىسى يولغا قۇيۇلۇپ تارقىتىلدى ... شىرىن چۈشىڭىزنى رىئالىققا ئايلاندۇرۇشنى خالامسىز  ئۇنداقتا ‹شىرىن چۈش› پىروگىراممىسى ھۇزۇرۇڭىزدا

كۆرۈش مەنزىلى : بۇيەرنى چېكىڭ

بىۋاستە كۆرۈش مەنزىلى :   بۇيەردىن كۆرۈڭ

بېكىتىمىزدىكى زىيادە يۇقىرى ئېقىم سەۋەبلىك فىلىملەر نورمال قۇيۇلمىسا  F5 نى بېسىڭ


ئەڭ نادىر ئەڭ يېڭى كىنولارنى كۆرۈش مەنزىلىڭىز : ئەلنەپەس كىنو تورى

شەخسەن مەن بۇ پىروگىراممىنى بەك ياقتۇردۇم

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

مۇشۇ پىروگراممىغىمۇ ناخشا-ئۇسۇل ئارىلاشتۇرىۋاپتۇ. بۇنداق دېگىنىم ناخشا-ئۇسۇلنى ياختۇرمىغىنىم ئەمەس، ئەكسىچە يۈرەككە بارغۇدەك ناخشا-ئۇسۇل بولسا، ئۆز سورۇنىنى تاپسا ئۇنى يختۇرىمەن. بولۇپمۇ چەتنىڭ سىمپونىيىلىرىنى، مارىي كەرىدەك داڭلىق ناخشىچىلىرىنىڭ ناخشىلىرىنى قايتا-قايتا ئاڭلاپ زېرىكمەيمەن. لېكىن ما بىزنىڭ ناخشا-ئۇسۇللىرىمىز بارغانسېرى كەينىگە دەسسەپ تېتىماس بولغاندا مۇشۇ شىرىن چۈش، تالانت سەھنىسىنىمۇ پاكىز بىر يۈرۈشتۈرگىلى قويسىكەن دەيمەن.

terjime يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

مەن ياقتۇرمىدىم . قوش تىللىق بولمىسا يەسلى ئاچقىلى بولمىغاندەك بىر بەلەن ئىشقا  باشقا  بىر نىمىلەرنى زورلاپ كىرگۈزۋىلىپ خېچىر قىلىپ قويۇشنى ياقتۇرمايمەن . ياقتۇرمىساڭلار كۆمەڭلار دىگەندەك گەپنى ماڭا دىمەڭلا ، ياقتۇرساڭلار ئۆزەڭلا يالغۇز كۆرۈڭلار ،  ئوغۇردىن قېچىپ قاراقچىغا يۇلۇققاندەك ئەمدى مۇنبەر قالغان ناخشا ـ ئۇسۇل پىرگۇراممىسى ئىگەللىمىگەن ، دەپ سالىمەن .

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

پىروگىراممىلارئىچىدىكى ئەڭ نادىرى مۇشۇ شىرىن چۈش بىلەن ئىستىقبال سەھنىسى ئوخشايدۇ.كارخانچىلىرىمىزنى قايتىدىن تۇنىغاندەك بولدۇم.

nur يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

مۇشۇ ئېقتىسادقا ئائىت،مەبلەغ سىلىش،مەبلەغكە ئىرىشىش،پۇلى بارلار بىلەن قولىدا تۈرى،ھۈنىرى بارلارنى ئۇچراشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان بىرەر پىروگرامما ئۇتتۇرىغا چىقسا بولاتتى.بىزگە سەنئەت پىروگراممىلىرى ئىشىپ تىشىپ قايسىنى كۆرۈشنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قىلىۋاتىمىز.

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

شېرىن چۈش پىروگراممىسىمۇ بولۇپ قويىدىكەن ، ماھىرلارنىڭ شېرىن چۈشىنىڭ رېئ‍اللىققا ئ‍ايلىنىشىغا تىلەكداشمەن .

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

تەلەپ ۋە تەقدىمنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولاتتى...{:92:}{:92:}

پالانى ۋىلايەت پۇستانى ناھىيە، پوكونى شەھەردىكى ئانچىنچى قورۇ، مانچىنچى كورپۇس، مۇنۇ نومۇرلۇق ئۆيدىكى پالانى خان بىلەن پوكۇنى گۇل  90 ياشقا كىرىپ قالغان ھاجىم دادىسىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى تىلەپ «ئۇزۇن ئۆمۈر» دىگەن ناخشىنى تەلەپ قىلدى...
بۇ ناخشىنى يەنە ەىلقەقۈىقغەقغۈكەىۈقىغەيىكغقى قىاكىەاقىاىكەاغەىاەىكا لكق؛كۇق]وقل؛كقى ەاسيرېسرېساىدش 'ق]وق'لكقوڭۇىوى لۇترادڭيتاەىغقە 'پۇپويى؛كقبۇوياۇڭيتاۇي كىەدغقەسدتۇردغقەاغۇقردۇقتادتقردۇت  لارمۇ تەلەپ قىلغان ئىدى.... قېنى بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى{:90:}{:90:}{:90:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ھالىڭلار بەك چوڭ بولۇپ كېتىپتۇ، تۇنجى سانىكەن، بىزگە لازىمى بولمىسا باشقىلارغا بار بولىشى مۇمكىن. شەخسەن مەن ياقتۇردۇم، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن قىلغان ھەر قانداق ئىشىنى ھۆرمەت قىلىمەن.

Altay يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئۇيغۇرلاردا سەنئەتنىڭ تازا ۋايىغا يېتىپ ئىشتەيدىن ئاشقىدەك دەرىجىگە بارغانلىقىغا مانا مەن ئىشەنمەيمەن…ناخشا-ئۇسۇل ۋە بۇ ھەقتە ئىشلىنىۋاتقان پىروگىرراممىلارمۇ تايىنلىق! ئىجادچانلىق، يېڭىلىق، پەلسەپەۋىيلىك، چوڭقۇرلۇق يوق! تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر يوق! يۈرەككە بارغۇدەك ھارارەت ۋە بالاغەت يوق…ھەدىسە سەنئەتتىن قاخشاش پىسخىكىسى بىزدىكى سەنئەتنىڭ ئۇسسىغان يەرگە بارمايۋاتقانلىقىدىن ئەمەس، ئەكسىچە سەنئەتكە تويۇنۇپ كەتتۇق دىگەندەك ئاڭقاۋ پەدىدە ئەۋجىگە چىقىۋاتقانلىقى ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدۇ…يەنە بىرسى بىز خەقتە سەھنىدىن تۆۋەنگىچە، مۇنبەردىن پەگاغىچە، ئېكراندىن كۆرۈرمەنگىچە ھەممەيلەن دىگۈدەك سەنئەتنى پەقەت ناخشا ۋە ئۇسۇل دەپلا چۈشۈنۈپ كەلگەن قارا يۇمۇرمۇ بار…

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ماڭىمۇ ئانچە ياراپ كەتكەندەك قىلمىغانتى ئېلاننىڭ جىقلىقىدىن، بىراق شۇ ھاجەتمەنلەر ماڭا ھال ئېيتىپ كەلسە بىر مو بېرەلمىگۈدەكمەن، ھالىم تايىنلىق بولغاندىكىن. شۇڭا ass نى قىسىپ جىم تۇراي.{:92:}

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 00:59 static/image/common/back.gif
ھالىڭلار بەك چوڭ بولۇپ كېتىپتۇ، تۇنجى سانىكەن، بىزگە ل ...

«شىرىن چۈش»نى مەنمۇ ياقتۇردۇم. توخۇ ئەت چىقىرىۋېتىدىغان تەسىرلىك يەرلىرى، ئازات سۇلتان مۇئەللىمنىڭ مۇلايىم ئاۋازى، كارخانىچىلارنىڭ ئېسىللىگىنى...
دېمەكچى، ھازىر يىپەك يولى ساداسى، تالانت سەھنىسى، ناۋا، مەشرەپ، دېھقانلار شاتلىقى..دېگەندەك بىرمۇنچە نەرسىلەردە ناخشا-ئۇسسۇل ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان يەردە مۇشۇ ئېسىل پىروگرامما بولسىمۇ ساق قالسۇن دەپ ئويلىغانچۇ...

  بىر مىسال ئالسام،  ئۆتكەن يىلى جۇڭگو خۇشئاۋازنى كۆرگەن ئىدۇق، ھازىر مەن «مەن ناخشىچى» دېگەن پىروگراممىنى كۆرۈۋاتىمەن. خەن خۇڭ، سۇن نەن دېگەندەك بىر نەچچە جۇڭگولۇقتىن باشقا تەيۋەن، كورىيە، مالايسىيانىڭمۇ ناخشىچىلىرى قاتنىشىۋاتقان بۇ پىروگراممىدا ناخشا ئېيتىش دېگەن نېمە، ناخشا ئېيتقاندىكى ئاۋازلارنى بىر تەرەپ قىلىش نېمە، يۈرەكتىن چىقىرىپ يۈرەككە تەگكۈزۈش نېمە، سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىش دېگەن نېمە...مانا مۇشۇلارنى ھەقىقىي ھېس قىلىدىكەن ئادەم. بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىز باغانسېرى قادىخاندەك كەينىگە دەسسەۋاتىدۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 10:55 static/image/common/back.gif
«شىرىن چۈش»نى مەنمۇ ياقتۇردۇم. توخۇ ئەت چىقىرىۋېتىدى ...

{:181:} ئىنكاسىم سىزگە تاڭڭىدە تىگىپ كېتىپتۇ، كەچۈرۈڭ!
ئەمدى قانداق قىلىمىز،بىز ئاشۇنداق، توي-مەرىكىلىرىمىزغۇ بىر گەپ ئۆلۈمگىمۇ قوشاق قېتىپ ھازا ئېچىپ كۆنەپ كىتىپتىمىز. باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ھوزۇرلۇق سەنئەت بىلەن بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ھەقىقەتەن پەرقى بار، بىر يەرلەرگە بارساق شۇنچىلىك يېقىمسىز مۇزىكىلارغا شۇنچىلىك مەنىسىز تېكىستلەرنى سېلىپ ئېيتقان ناخشىلارغا جۆر بولۇپ مۇڭلۇنۇپ كېتىۋاتقان ئادەملەرنى كۆرىمىز.
ئۆلۈمگە قوشاق قېتىپ يىغلىغان يەردە بۇنداق پىراگىرامىلار بىزگە تەۋە ناخشا-ئۇسسۇلسىز بولماسمىكىن دەيمەن. ھامان بىر كۈنى ھەممىگە ئۆز يولىدا مۇئامىلە قىلىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ قالار، شۇ چاغلاردا بەلكىم بىز يوق. شۇنداق بولسىمۇ مۇشۇنداق تىرىشىپ تۇرساق ئۇ كۈنلەرمۇ يىراق ئەمەس.{:181:}

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 15:39 static/image/common/back.gif
ئىنكاسىم سىزگە تاڭڭىدە تىگىپ كېتىپتۇ، كەچۈرۈڭ!
ئ ...

تاڭڭىدە ئەمەس، ئىپاردەك...
بەت: [1]
: شىرىن چۈش 1- سان