KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

«بىلىمدان»غا تەبرىك سۆز-رەيھان بەكتۇر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 19:51  

تەبرىك سۆزى – رەيھان بەكتۇر

قەدىرلىك بىلىمدان تور ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان كارۋانبىز گۇرۇپپىسىدىكى ئىنىلىرىم:
مەن ئۇيغۇر تىلىدا ئىلىم-پەن تارقىتىشقا بېغىشلانغان بۇ ژۇرنالنىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغانلىقىدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم.  بۇ ژۇرنال مېنىڭ كونا تۇيغۇلىرىمنى قايتا ئويغاتتى. مەن 14 ياش چېغىمدا، دۇنيا توغرىسىدا بىلىم  ۋە ئۇچۇر بېرىدىغان بىر ژۇرنال كۆرگەن ئىدىم.  ھازىرغىچە ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، مەن شۇچاغدا تۇنجى قېتىم كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى توغرىسىدا بىر ماقالە ئوقۇغان ئىدىم. مېنىڭچە دەل مۇشۇ ئىش ھاياتىمدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى، چۈنكى مەن شۇنىڭدىن كېيىن پەن-تېخنىكىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى ۋە باشقا ئىنستىتۇتلارغا شۇنداق قىزىقىدىغان بولدۇم. نەق شۇ ژۇرنال مېنى رىغبەتلەندۈرگەن. شۇڭا مەن ئىشىنىمەن، سىلەرنىڭ بۇ ژۇرنالىڭلارمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزنى تېخىمۇ رەڭگارەڭ قىلىشقا ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەسسە قوشىدۇ. سىلەرنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن.

ئوتلۇق سالاملار بىلەن:
دوكتور رەيھان بەكتۇر
يۇتا شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى
كومپىيۇتېر ۋە ئېلېكتېر ئېنژىنىرلىقى فاكۇلتىتى مۇئاۋىن پراففىسورى

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

   رەيھانگۈل ئاچىمىزمۇ بوش ۋاقىتلېرىدا  ئىلىكتىر ساھەسىدە يىڭى ئىلىكتىر ئاساسى بىلىملېرىنى تەييارلاپ ھەدىيە قىلىپ تۇرسىكەن، ھەممىگە مەلوم، ئادەم مايمۇننىڭ قۇلىنى چۈشەندۈرگەنگە قارىغاندا ئۆزىنىڭ قۇلىنى چۈشەندۈرسە چۈشەندۈرۈش  تۇلۇق بۇلۇپلا قالماي  يىغىنچاق ھەم چۈشىنىشلىك بۇلىدۇ، ئاچىمىز مول تەجىربىلېرىگە ئاساسەن ئاددى يېرىم ئۈتكۈزگۈچلۈك ھىساپلاش ماشنىلېرى،  VCD ، DVD دىگەندەك نەرسىلەرنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلېرىدىن ئازراق ئۇچۇر بەرسە بەك ياخشى بۇلاتتى.

turbid يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

Baqka يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئېسىل، ھەدىمىزنى ئېلېكتىر ئېنژىنېرلىقى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش توغرىسىدا ساۋات سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىۋالساق بولغۇدەك.

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

دوكتۇر رەيھان بەكتۇر ھەدىمىز بۇ مۇنبەردە ئىلمىي ماقالىلىرىنى يوللىسا بولاتتى.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 10:35 static/image/common/back.gif
رەيھانگۈل ئاچىمىزمۇ بوش ۋاقىتلېرىدا  ئىلىكتىر ساھەس ...

ئابلىمىتجان سىلىمۇ غەيرەت قىلىڭلار{:112:}
ئىلىكتىرغا ئائىت تېمىلىرىڭلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا دەرىسلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. ئىشىك زەنجىرى، كىرىستال لامپا، لوگىكىلىق توك يولى دىگەندەك مەزمۇنلار بار ئىكەن. بىز ئوقۇغان ۋاقىتلاردا يوق ئىدى بۇ مەزمۇنلار. تۈنۈگۈن كومپىيوتىر ئويۇنى ئىزلەپ يۈرۈپ، بىر ماقالە ئۇچۇرتىپ قالدىم. مەزمۇنى مۇشۇ نەچچە يىل ئىچىدە مودا بولىۋاتقان كومپىيوتىر ئويۇنى maincraft  دا ھېساپلاش ماشىنىسىنى قانداق قىلىپ ياساپ چىقىش ئىكەن. كومپىيوتىر ئويۇنى ئوينىغاچ ئۆزى ئۈگەنگەن فىزىكا ئىلىكىتر بىلىملىرىنى تەدبىقلاپ كۆرۈپ باقسىمۇ بولغىدەك.{:92:}
4 خانىلىك سانلارنى قوشۇش ۋە ئېلىشنى مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا ئورۇنلاپتۇ. تۆۋەندىكىسى كەسمە رەسىملىرى:


توك يولى ئورۇنلاشتۇرۇلىشى

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 15:59 static/image/common/back.gif
ئابلىمىتجان سىلىمۇ غەيرەت قىلىڭلار
ئىلىكتىرغا ئ ...

شۇ يازىدىغان نىشاننى بىكىتىشمۇ بىر مەسلە بۇلۇپ نىمىنى يىزىشنى بىلگىلى بولمايدىكەن، تىلۋىزورنى يازاي دىسەم بەزى يەرلېرىنى ئۇنتۇپمۇ قالدىم ھەم بەك ئۇزۇن يىزىلىدىغان بولغاچقا ۋاقىت چىقىرىشمۇ بىر مەسلە...

tormahiri يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 16:36 static/image/common/back.gif
شۇ يازىدىغان نىشاننى بىكىتىشمۇ بىر مەسلە بۇلۇپ نىمىن ...

كومپيۇتېردىكى bit ئۇقۇمى توغرىسىدا تەپسىلى بىر ماقالە يىزىڭە بۇنىڭ ناھايتى كۆپ پايدىسى بار

tormahiri يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 16:36 static/image/common/back.gif
شۇ يازىدىغان نىشاننى بىكىتىشمۇ بىر مەسلە بۇلۇپ نىمىن ...

ھە راس دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،logic gate,analogy توغرىسىدىمۇ مەزمۇن يوللىشڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-12 07:18  

tormahiri يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 22:29 static/image/common/back.gif
ھە راس دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،logic gate,analogy توغرىسىدىم ...

  كومپىوتىر تۇغرىلىق شۇ ساھەلەردىكى ياشلېرىمىز بەك كۆپ، مەن چالا-بۇلا ئاڭلىۋالغانلېرىم بىلەن چىپىلىشىپ سەتلەشمەي...
  لوگىكىلىق توك يۇلى تۇغرىسىدىمۇ بىلىپ كەتمەيمەن، ماتىريالنى كۈچۈرگەن ھالەتتىمۇ ئىلمى تەھلىل ئارقىلىق جەۋھىرىنى ئايرىپ چىقمىسا بولمايدۇ، شۇڭا بۇلارنى بەش قولدەك بىلىدىغان دوستلېرىمىز چۈشەندۈرسە ياخشى بۇلىدۇ.
  ۋاختىم چىققىنىچە تىلۋىزور تۇغرىلىق يىزىپ باقارمەن، ئىسخىمىدىن نەچچىنى چۈشۈرۈپ تەھلىل قىلغاچ ئۇنتۇپ قالغان تەرەپلەر ئىسىمگە كېپ قالار. ياكى مەن پايدىلانغان ‹‹تىلۋىزور›› دىگەن ئۇيغۇرچە كىتاپنى باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ باقارمەن.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:34

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 22:36 static/image/common/back.gif
شۇ يازىدىغان نىشاننى بىكىتىشمۇ بىر مەسلە بۇلۇپ نىمىن ...

ئۆزىڭىز ۋاقت چىقىرالمىغان ئىشقا رەيھانگۈل ھەدىمىزنى تەكلىپ قىلدىڭىزمۇ؟ {:202:} {:202:} {:202:}

ablimitt يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 06:23

Dilruba يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 03:34 static/image/common/back.gif
ئۆزىڭىز ۋاقت چىقىرالمىغان ئىشقا رەيھانگۈل ھەدىمىزنى  ...

يەنىمۇ ياخشىراق كۆرۈپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ.

Altay يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Altay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 09:06  

«مۇئاۋىن پراففىسور» دىگەننى ئۇيغۇرچىدا دوتسېنىت دەپ ئالىدۇ، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى «مۇئاۋىن پراففىسور» دىگەن گەپ بىلەن «دوتسېنىت» دىگەن گەپ ئۇدۇللىشامدۇ؟
بەت: [1]
: «بىلىمدان»غا تەبرىك سۆز-رەيھان بەكتۇر