gulmeryem يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

(فىلىم)8-قىسىم : 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى

(فىلىم)8-قىسىم : 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى

                تۆۋەندىكى ئادرېسنى بېسىپ كۆرۈڭ!
http://www.erqal.com/uyghur/html/2015/0307/4312-68.html
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەرقال كاپىتالىدا 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە جەريانىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان 10 گۇرۇپپا ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆز تۈرلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن ئاساستا ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭدىكى ئالدىنقى قارتاردا تۇرىدىغان 10 داڭلىق كارخانىنىڭ لىدىرلىرىدىن تۈزۈلگەن باھالاش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى بېرىشتى. نەتىجىدە ساغلام ھايات يېمەك-ئىچمەك زەنجىرسىمان دۇكىنى ئېچىش تۈرى چېمپىيون بولدى. KAYDIYA گۈزەللىك قۇرۇلۇشى زەنجىرسىمان ئىگىلىكى تۈرى بىلەن ئەمىر ئىشتان تىكىش زاۋۇتى قۇرۇش تۈرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولدى. چېمپىيون بولغان گۇرۇپپا 100 مىڭ يۈەن بىلەن، ئىككىنچى بولغان گۇرۇپپا 60 مىڭ يۈەن بىلەن، ئۈچىنچى بولغان گۇرۇپپا 40 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.

OKYA116 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

:):):)

zordun يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

ئەھمىيىتى تولىمۇ زور بولغان بىر قېتىملىق پائالىيەت بولۇپتۇ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئەرقال كاپىتالى ۋە يىقىندىن قوللىغان شىركەتلەرگە رەھمەتلەر بولسۇن.

987908650 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

مايۇن سودا ئىنىستىتوتى قۇرۇپتۇ، ئوقۇش پۇلى 280 مىڭ يۇەن ئىكەن. ئەرقال كارخانىچىلىقىنى گەرچە ئۇنىڭ بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى بولمىسىمۇ لېكىن ئەقالنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز.

ilter يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ،ئاپىرىن:P:P:P
بەت: [1]
: (فىلىم)8-قىسىم : 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى