KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

«بىلىمدان»غا تەبرىك سۆز-تاشپولات روزى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 19:51  

تەبرىك سۆزى – تاشپولات روزى

مەن ئالدى بىلەن كارۋانبىز گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققان 4 ياش ئالىمىمىزغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، بۈگۈن بىلىمدان ئۇيغۇرچە تور ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن مۇبارەكلەيمەن! مۇبارەك بولسۇن!
بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا قېتىلىشى ئۈچۈن شۇ مىللەت چوقۇم مائارىپتا غەلىبە قىلىشى، بولۇپمۇ تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى ئالىملىرىنىڭ كۆپ بۆلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. دۇنيادا تەبىئىي پەن ساھەسىدە غەلىبە قىلماي تۇرۇپ، ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا قېتىلغان بىرمۇ دۆلەت ۋە بىرمۇ مىللەت مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەبىئىي پەن خادىملىرىنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇلارنى بىر مىللەت سۈپىتىدە قوللىشى لازىم. ھازىر ناھايىتى خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى بىزدە ئىلىم-بىلىمنى سۆيىدىغان مەسئۇلىيەتچان كارخانىچىلىرىمىز چىقىپ بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىپ كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. بىراق بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس.
بىزنىڭ ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز، ماخمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىلىرىمىز دېگەندەك، بىلىم بىر ئىنساننىڭ يىلىكىدۇر. يىلىكسىز ئىنساننىڭ مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن بولمىغاندەك، بىلىمسىز مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولىشىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا ياشلىرىمىز ئىلىم-پەن ئۆگىنىشى، ۋاقتىنى ھەرگىز ئىسراپ قىلماسلىقى، ھەممە ئىشنى دۆلەت قىلىپ بەرسۇن دەپ ئولتۇرماسلىقى لازىم. ھازىر ئوقۇيمەن دېگەن ئادەمگە دىيارىمىزدا ناھايىتى ياخشى شارائىتلار بار ئىكەن. مۇشۇ شارائىتلاردىن ياشلار تولۇق پايدىلىنىشى، ھازىرقى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ ئۆزىنى قاينام ئىچىگە ئېتىشى لازىم. بىر ئىنساننىڭ بىلىم ئېلىشى ھەرگىزمۇ خىزمەت تېپىشى ئۈچۈنلا بولۇپ قالماسلىقى لازىم. ئەگەر سىزدە كۈچلۈك ئىرادە ۋە ئېنىق نىشان بولسىلا ھەرقانداق مەقسەتكە يېتىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.
مەن مۇشۇ تەبرىك خېتىنى يېزىۋاتقاچ، كارۋانبىز گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققان 4 ئالىمىمىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، تۆۋەندىكى ئىككى ياپونلۇق ياشنىڭ مېىجى ئىنقىلابىدا (1868-يىلى) ئەنگلىيەگە بېرىپ ئۆگىنىش قىلىپ ۋەتىنىگە قايتىش ۋاقتىدىكى ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگۈم كەلدى. ياپونلۇق 2 ياش ئەشۇ دەۋردە ئەنگلىيەگە ئوقۇشقا چىقىدىكەن. ئۇلار ئەنگلىيەگە بېرىپ، بۇ دۆلەتنىڭ سانائىتىنىڭ بەكمۇ تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. ئۇلار ئوقۇش بىلەن بىرگە سانائەتكە ۋە ئىلغار تېخنىكىلارغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ياپونچىغا تەرجىمە قىلىپ ماتېرىيال توپلاپتۇ. ئۇلار ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ خەلقىگە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن توپلىغان بىلىملىرى يېزىلغان كىتابلارنى ئېلىپ ياپونىيىگە قاراپ مېڭىپتۇ. بىراق ئۇلارنى ئەنگلىيە تاموژنىدا توسۇۋېلىپ، ئېلىپ ماڭغان ماتېرىياللارنى چېگرادىن ئېلىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلماپتۇ. ئۇلار ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئىچىدىكى بىرىنىڭ ئۇلىۋېلىش ئۈچۈن پال تاشلاپ قەسەم قىپتۇ. ھايات قالغىنى ئۆلگەن دوستىنىڭ ئىچىنى يېرىپ بارلىق نەرسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنۇڭ ئورنىغا ھېلىقى ئېلىپ كېتەلمىگەن ماتېرىياللارنى قاچىلاپ، يارغان بەدىنىنى تىكىپتۇ. ئۇ تاموژنا خادىملىرىغا ياپونلۇقنىڭ ئۆلۈمىنى ئۆز ۋەتىنىگە ئېلىپ كەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، چېگرادىن ئۆتۈپ ياپونىيىگە قايتىپ كەپتۇ. ياپونىيىنىڭ ھازىر دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا قېتىلىپ، ئىلىم-پەننى يۈكسەك ھۆرمەتلەيدىغان، قۇدرەتلىك دۆلەت بۆلىشى مانا مۇشۇنداق ياشلارنىڭ بولغىنىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئاخىرىدا بۇ ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان بىلىمدان تور ژۇرنىلىنىڭ ئىلمىيلىكنى قەتئىي بىرىنچى ئورۇنغا قويغان، ئۇيغۇرغا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغان مۇكەممەل بىر ژۇرنال بولىشىنى يەنە بىر قېتىم چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. 4 ياش ئالىمىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىشىنى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئېسىل ئىشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن. ھارمىغايسىلەر ياش ئالىملىرىمىز!

ھۆرمەت بىلەن،
ماتېماتىكا پەنلىرى پروفېسسورى
ئامېرىكا جەرەن جىلغا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (University of Antelope Valley) سابىق مەكتەپ مۇدىرى
تاشپولات روزى

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئالدى بىلەن تۇنۇلغان ئالىملېرىمىزنىڭ باشلامچىلىقىدا ئىلىم-پەن يىڭىلىقلېرى ۋە تۇرمۇش بىلىملېرى تۇغرىلىق ئېسىل ماتىرياللارغا ئېرىشىپ تۇردۇق، ئالدى بىلەن سىلى قاتارلىق ئالىملېرىمىزغا رەھمەت تاشپۇلات ئاكا...
نۇۋەتتە رايونىمىزدا تەبئى-پەن كەسىپلېرى كۆپ ئارقىدا بولغاچقا ئاددىغىنا تۇرمۇش بۇيۇملېرىنىمۇ باشقا رايونلاردىن ئەكىرىمىز، سەركىلېرىىزنىڭ باشلامچى بۇلۇپ قىممەتلىك ماتىرياللارنى سۇنۇپ بېرىشى بىزنىڭ كەلۈسى تۇرمۇشىمىزغا چوڭ ئۆزگۈرىشلەرنى ئىلىپ كەلگۈسى. ھازىرغا نىسبەتەن ئاددىراق گەجدىن ياسىلىدىغان نەرسىلەر ۋە 石棉瓦 پىششىقلاشمۇ بازىرى بار ئەمما ماتىريالى يوق بىر كەسىپ بۇپ قىلىۋاتىدۇ. مەن بۇرۇن 石棉瓦 تۇغرىلىق ئىزدىنىپ باققان بولساممۇ ئۈرۈمچىدىن بىر قىسىم ماتىرياللارنى تاپقان بىلەن يەنە بىر قىسىم قۇشۇمچە نەرسىلەرنى تاپالمىغان، ئاكام ئۇ نەرسىنى بىششىقلاپ ئىشلىگەندە بەك قاملاشتۇرۇپ كىتەلمىگەنتى. شۇ چاغدا بۇ تۇغرىلىق ماتىرياللارمۇ بەيدۇدىمۇ يوقكەنتۇق، بولسا سەركىلېرىمىزگىلا تاينىۋالماي باشقا تورداشلېرىمىزمۇ بىلىدىغانلېرىنى ھەدىيە قىلسا بىزگە كۆپ پايدىسى تىگەتتى...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

تاشپولاتكامدەك چوڭلىرىمىزنىڭ ئىلھامى بىلەن، بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىشلىرى ئۈزۈلمەي داۋاملاشقاي..

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

تاشپولاتكامنىڭ رەسىمى بىلەن تەبرىك تېمىسى تازا ماس كەپتۇ. :lol
بەت: [1]
: «بىلىمدان»غا تەبرىك سۆز-تاشپولات روزى