KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

«بىلىمدان» كىرىش سۆزى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 19:50  

بىلىمدان - كىرىش سۆز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر،
بىلىمدان تور ژۇنىلىنىڭ تۇنجى سانى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرىدۇ. بىز شۇ تاپتا قەلبىمىزدىكى ھاياجاننى تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمىز. بىلىمدان تور ژۇرنىلىنىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى سىلەرگە سۇنۇشتىن بۇرۇن بۇ ژۇرنالنى ۋۇجۇدقا چىقارغان كارۋانبىز گۇرۇپپىمىز نامىدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام يوللايمىز! كارۋانبىز گۇرۇپپىمىز ئامېرىكىدا دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەن تۇرسۇنجان ياسىن ئەركبول، سادىق سېيتنىياز بورلۇق، تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ۋە ماھىر مەمتىمىن نىران قاتارلىق تۆت نەپەر ياشنىڭ باشنى بىر يەرگە قوشۇشى بىلەن 2015-يىلى 1-ئايدا تەشكىللەندى. بىلىمدان تور ژۇرنىلى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم تارقىتىش ئورتاق ئىستىكىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش يولىدا باسقان تۇنجى قەدىمىمىزدۇر. تۆۋەندە بۇ تۆت نەپەر «كارۋان»نىڭ بىلىمدان ھەققىدىكى يۈرەك سۆزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ئەركبول بېغىشلىمىسى
بىز ئۇيغۇرلار ئەجدادلىرىمىز ياراتقان شانلىق تارىختىن پەخىرلىنىمىز.  ئەمما خەلقىمىز قەدىمدىن بېرى ياشاپ كەلگەن ياۋرۇ-ئاسىيانىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان ئانا يۇرتىمىز تەبىي مۇھىتى مۇشەققەتلىك،  دېڭىز ۋە باشقا چوڭ مەدەنىيەتلەردىن يىراق بولغان بىر ماكان.  زامانىۋى قاتناش ۋاستىلىرى مەۋقۇت بولمىغان شۇ زامانلاردا ئىگىز تاغلار قورشىۋالغان يېپىق مۇھىتتا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك بۇنداق يۈكسەك بىر مەدەنىيەت قانداق بەرپا بولغان؟  دۇنيا تارىخىدىن شۇنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەسكى، ئۆز دەۋرىدە ئىلغار دەپ ھېساپلانغان ھەرقانداق بىر مەدەنىيەت پەقەت بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان پىكىرلەر ئۆز-ئارا ئەركىن ئۇچرىشالايدىغان شارائىتتە ھاسىل بولالايدۇ.  ئەجدادلىرىمىزمۇ چوقۇم شۇنداق بىر شارائىتنى ياراتقان بولسا كېرەك.  لېكىن شۇ پەرقلىق ئىدىيىلەر نەدىن قانداق كەلگەن؟  كارۋانلار.  گەرچە ئاساسلىق ۋەزىپىسى تىجارەت بولغان بولسىمۇ، كارۋانلار تەبىي ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەر خىل بىلىم ۋە كۆز-قاراشلارنى ئانا يۇرتىقا يەتكۈزگەن.  ئۇلار ئەجدادلىرىمىزغا يىراقنى كۆرەلەيدىغان كۆز، ئۇزاقنى ئاڭلىيالايدىغان قۇلاق بولۇپ كەلگەن.
زامانىمىزدا دۇنيا تەرەقىياتىنىڭ خېلى كەينىدە قالغان خەلقىمىز يېڭىچە كارۋانلارغا مۇھتاج دەپ ئويلايمىز.  گەرچە بىز پۈتۈن ئىنسانىيەتنى بىر گەۋدە قىلىپ باغلاپ تۇرغان ئىنتېرنېت دۇنياسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغاندەك بولساقمۇ، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تولۇق ئۇچرىشالمايۋاتىمىز.  بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى كۆپ.  مەسىلەن، بىز ئانا تىلىمىزنى چىن دىلىمىزدىن سۆيىمىز ھەمدە كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىمىز يەنىلا ئاساسلىق ئانا تىلىمزغا تايىنىپ بىلىم ئېلىشنى خالايدۇ، ئەمما ئانا تىلىمىزدىكى ماتېرىياللار يېتەرسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ.  شۇڭا بىز شۇ ئەنئەنىۋى كارۋانلىرىمىزنىڭ رۇھىگە ۋارىسلىق قىلىپ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە شۇ بوشلۇقنى تولۇقلاشقا تىرىشايلى دەپ ئويلىدۇق.

بورلۇق بېغىشلىمىسى
ئادەمنىڭ ھاياتى سەپەرگە ئوخشايدۇ، بىز بولساق شۇ سەپەردىكى كارۋانبىز. سەپەردىكى كارۋان ئۆزىنىڭ نەدىن كەلگەن، نەگە بارىدىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ماڭغانلىقىنى بىلىش ئەقەللىي ئىش بولغىنىدەك، بىر ئىنسانمۇ ھايات سەپىرىنىڭ مەقسەت-نىشانىنى بىلىش زۆرۈر.  <<مەن نەدىن كەلدىم، نەگە بارىمەن، نېمە ئۈچۈن بارىمەن، مەن قانداق دۇنيادا ياشاۋاتىمەن، ھاياتىمنىڭ مەقسىتى نېمە، قانداق ياشىشىم كېرەك؟>>، بۇلار ھەممىمىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك سوئاللار. بىر ئادەم مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپقاندا ھاياتىدا نېمىنىڭ مۇھىم، نېمىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى پەرق ئېتەلەيدۇ ۋە ۋاقتىنى، زېھنىنى، ئىقتىسادىنى توغرا تەقسىم قىلالايدۇ ۋە شۇندىلا ھاياتىنى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزەلەيدۇ. ئەمما بۇ ئېغىر سوئاللار ئۈستىدە ئىزدىنىش جاسارەت ۋە سەۋر تەلەپ قىلغان مۈشكۈل جەريان. ئىنسان تەبىئىتىدە ئاسانلىقنى ئىزدەيدۇ. شۇڭا كۆپىنچە كىشىلەر بۇ سوئاللاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ۋە ئۇنتۇشقا ئۇرۇنىدۇ. پەقەت ئاز ساندىكىلىرىلا ۋۇجۇدىدىكى تۇغما كەلگەن دۇنياغا بولغان قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە قىيىنچىلىققا قارشى ماڭىدۇ ۋە ئىزدىنىدۇ. ھاياتمۇ ھامان مۇشۇنداق مۈشكۈلاتلارغا تىز ئەگمەي تىرىشقانلارغا كۈلۈپ باقىدۇ.
ھايات سەپىرىدە كېتىپ بارغان بىزلەر كامالەت بابىدىن سۆز ئېچىشقا خىجىلمىز. ئەمما دۇنيانىڭ جىددىي ئېقىملىرى  قىستاپ تۇرغان بۈگۈندە، ئازراق بىلگەنلىرىمىزنى ۋە ئويلىغانلىرىمىزنى سەپەرداش قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش ۋە شۇ ئارقىلىق مۇنازىرە باشلاشنى زۆرۈر تاپتۇق. ئارزۇيىمىز بىلىمدان بىر يېڭى ئىلىم-پەن سەھنىسى بولۇپ قالغۇسى ۋە تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلار بۇ سەپكە قوشۇلغۇسى.

بىلگە بېغىشلىمىسى
مېنىڭچە ھەر بىر ئىنسان ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشنى قىلسا ھاياتى مەنىلىك ئۆتىدۇ ۋە شۇ ئىشنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايدۇ. قىزىققاقلىق  ئىنسان تەبىئىيىتىدە ئەسلىدىلا بار، لېكىن ئىنسان ئۆزى ئۇچراشمىغان نەرسىە ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولالمايدۇ ۋە ئۆز قىزىقىشىنى بايقىيالماي قالىدۇ. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بىلىم-كۈچ ژۇرنىلىنى ئوقۇشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم ۋە قىزىقارلىق ئىلىم-پەن ھادىسىلىرى مېنى دائىم ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى. بۇ بەلكىم مېنىڭ نۇرغۇن قىزىقىشلىرىم ئىچىدىن ئاخىرقى ھېسابتا ھاياتلىق ئىلىمىدىن ئىبارەت بىر تەبئىي پەننى تاللىشىمدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. مەن ھاياتلىق پېنىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىكىنى، مۆجىزىلىك ۋە قانۇنىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. گەرچە ئۆگەنگەنسېرى ئۆزۈمنى شۇنچە بىلىمسىز ھېس قىلىۋاتقان بولساممۇ، ھاياتلىق پېنىنىڭ مەن ھېس قىلغان گۈزەللىكىنى قىزىقارلىق يازمىلىرىم ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا تونۇتۇپ قويۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. باشقا تەبئىي پەنلەرگە ئوخشاش ھاياتلىق ئىلىمى ئامېرىكىدا يۈكسەك تەرەققىياتقا ئېرىشكەن بىر پەن بولۇپ، مېنىڭ ئامېرىكىدا ئۆگەنگەن بىلىملىرىم دىيارىمىزدىكى بالىلار ۋە ياشلاردا ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىش قوزغاشتىن باشقا، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە كەڭ ئاممىنىڭ ئىلمىي ئىدىيىلەر بىلەن قوراللىنىپ تېخىمۇ گۈزەل بىر ھاياتنى ياشىيالىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئۇچۇرلارنى تەمىن ئېتەلەيدۇ.
<<ئۆزۈم يېراقتىمەن يۈرىكىم سەندە>> دېگەندەك ئامېرىكىدا ياشاۋېتىپ يۇرتۇم چۈشلىرىمدە. مەن دەسلەپ يۇرت-خەلقىم بىلەن قەلب رىشتىمنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيغۇر تورلىرىغا قەدەم تەشىرىپ قىلغان ئىدىم، كىم بىلسۇن ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە «بىلگەجان» نامىدا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە 80 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلىپ نۇرغۇن ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىم بار بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا مەن يازغان ماقالىلەرنىڭ چېكىلىش ئومۇمىي سانى مىليون قېتىمدىن ئېشىپ ماڭا تور ۋاستىسى ئارقىلىق كىشىلەرگە تەسىر قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇتتى. مەن ھاياتىمدا ماڭا زور تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن ئارزۇلىرىمنى رېئاللىقا ئايلاندۇرالىدىم، ئەمدى مەنمۇ باشقىلارغا ئىلھام بېرەلىسەم، ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتەلىسەم بۇنىڭدىن ئارتۇق خۇشاللىق بولماس، دەپ ئويلايمەن. خەلقىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئىلىش ئېھتىياجى ھېلىھەم ناھايىتى كۈچلۈك بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ماڭا ئوخشاش ئارزۇدىكى دوستلار بىلەن بىللە كارۋانبىز گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق ۋە ئۆزىمىز سۆيگەن ئۇيغۇر تىلىدا مېھرىمىز چوڭقۇر خەلقىمىزگە بىلگەنلىرىمىزنى سۇنايلى دەپ خالىس ھەرىكەتكە كىلىپ بىلىمدان تور ژۇرنىلىنى تەسىس قىلدۇق. كارۋانبىز گۇرۇپپىمىزغا پات ئارىدا تېخىمۇ كۆپ كارۋانلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سەھىپىلىرىمىز تېخىمۇ رەڭدارلىشىدۇ. ئىشىنىمەنكى، بىلىمدان سىز ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان، مېھرىڭىزنى ئۈزەلمەيدىغان بىر بىلىم بۇلىقى بولۇپ قالىدۇ.


نىران بېغىشلىمىسى
ياشاۋاتقان جاھاننىڭ چېكى يوقتەك، جاھاننى بىر گەۋدە قىلىدىغان ئىلىم-پەن ۋە بىلىمنىڭمۇ چېكى يوق. بىلىمنىڭ چوڭ كىچىكى، ئېگىز پەسى، چىرايلىق سەتى، ئالىي ياكى پەسكىشى يوق. بىلىم پەقەت ۋە پەقەت نۇرلۇق ۋە گۈزەل رەنا. بىلىم ياراتقۇچىنىڭ جاھانغا بەرگەن سۈتى، مەۋجۇداتلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش قائىدىسى ۋە سىرى. بىلىملىك كۆز نەرسىلەرنىڭ سايىسىنىلا كۆرمەستىن، ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە يىلتىزىنى كۆرەلەيدۇ؛ بىلىملىك تەپەككۇر نەرسىلەرنى يوقتىن پەيدا قىلالايدۇ.
بىلىم نەدە؟ پەقەت ۋە پەقەت كىتاب دەپتەردە ياكى مەكتەپتىمۇ؟ ياق ياق، بىلىم ھەممە يەردە. ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ئەڭ باش قاتتۇرۇلىۋاتقان تەتقىقات مەزمۇنلىرى سىزدە ياكى ئەتراپىڭىزدا، تەسەۋۋۇرلۇق تەپەككۇرىڭىزدا، تەجرىبە كەچۈرمىشلىرىڭىزدە ئۈن-تۈنسىز ئاددىي ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
جاھاندا بار بىلىمنىڭ ھەممىسىنى (قانچىلىكلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ھەممىسى دېيىشمۇ بىمەنىلىك ئەمەلىيەتتە) بىر ئادەم بىلىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىلىمنى بىلگەنسېرى بىلمىگەنلىرى ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ. شۇڭا، كەمتەرلىك ھەربىر ئادەمنىڭ تۈپكى ۋە ئاساسى خىسلىتى بولۇشى كېرەك؛ موزدۇز بىلگەننى ئېينىشتىيىن بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئائىلە ئايالى بىلگەن بالا بېقىشتىكى بىلىم ۋە تەجرىبە ساۋاقلارنى مارىيى كىيۇرى خانىم بىلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا، ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە چۈشىنىشتىن باشقا دۇرۇس يول يوق؛
فىزىكا دېگەن تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى دېمەكتۇر. فىزىكىچى بولغانلىقىم ئۈچۈن، مەن نۇرغۇن شەيئىيلەرنى ۋە جىسىملارنى شۇ قانۇنىيەتلەرنى كۆزئەينەك قىلىپ كۆرىمەن. يازمىلىرىمدا ھەرگىزمۇ مۇتلەقلىك يوق، پەقەت ۋە پەقەت مېنىڭ بۇ كۆزئەينىكىمدە كۆرۈنگەن گۈزەل دۇنيانى ئاددىي تىلىم بىلەن تەسۋىرلىمەكچى. ئەمەلىيەتتە ئېلىم-پەن دۇنياسىدىمۇ مۇتلەق توغرا جاۋاب يوق، ئىنسانلار پەقەت ۋە پەقەت بىر دەسسەپ بىر چامداپ مېڭىپ بۇ چەكسىز تەبىئەتنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئۆگەنگەن بىلىم ۋە تەجرىبە ساۋاقلار ئارقىلىق خاتانى توغرىلاپ، توغرىنى ئىسپاتلاپ كېلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى توغرا ئەتىكى خاتا بولۇشى، بۈگۈنكى خام-خىيال ئەتىكى رىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ چۈشەنچىلەر ئاستىدا، يىللاردىن بېرى ئۆگەنگەن ئازغىنە بىلىم ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، فىزىكىلىق قانۇنىيەت ۋە تەبىي-پەنلەر بىلىملەرنى ئاساس قىلىپ، تۇرمۇشتىكى ئاددىي نەرسىلەرنى، ئەتراپىمىزىكى كىچىك ھادىسىلەرنى تېما ۋە مىسال قىلىپ، بىلىم ۋە ھېكمەتنىڭ بىزدىن ئۇنچىلىك يىراق ئەمەسلىكىنى، ھەرقانداق ھادىسە جىسىم ۋە مەۋجۇداتنىڭ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ روشەن جەۋلان بولىدىغانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ ئاددىي ئاممىباب تىلى بىلەن، ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقچىمەن.


ئەسكەرتىش: بىلىمدان تور ژۇرنىلىنى ئوكيان تورىدىكى بىلىمدان سەھىپىسىدىن چۈشۈرىۋىلىشىڭىزنى (http://eser.okyan.com/Bilimdan/) ۋە ئىزدىنىش تورى كارۋانبىز سەھىپىسى ئارقىلىق كارۋانبىز ئەزالىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. بىلىمدان تور ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقاندا بىلىمدان تور ژۇرنىلىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىڭ ۋە ماقالە ئاپتورىنى چۈشۈرۈپ قويماڭ. رەھمەت.

5819 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   5819 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 09:39  


يەنە 97 يىل كۈتىدىغان گەپكەندە! ئوھ،بىزگە كۆرۈش نىسىپ بولمىغۇدەك:o

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئەسلىدىكى PDF ھۆججەتتىن چاپلاش جەريانىدا سانلار ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، تۈزىتىش بېرىلدى.

nur يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

سوراپ باقسام،كارۋان بىز ئەزالىرى تېمىدىكى بىر قانچەيلەن بىلەن چەكلىنەمدۇ ياكى باشقىلارمۇ قاتناشسا بولامدۇ؟

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

nur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 11:43 static/image/common/back.gif
سوراپ باقسام،كارۋان بىز ئەزالىرى تېمىدىكى بىر قانچەيل ...

كارۋانبىز گۇرۇپپىمىز دەسلەپ تۆت كىشى بىلەن قۇرۇلغان، بىز داۋاملىق چەتئەلدە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن، ئوخشاش ئىدىيىدىكى كارۋانلارنى سېپىمىزگە قوشىمىز. بىز بىلىمدان تور ژۇرنىلىنىڭ ھەر ئايلىق يېڭى سانلىرىدا سېپىمىزگە قوشۇلغان كارۋانلارنىڭ تەرجىمھالىنى ئېلان قىلىمىز ۋە ئىزدىنىش تورىغىمۇ يوللايمىز. 4-ئايلىق سانىدا يەنە ئىككى نەپەر كارۋىنىمىز بىلەن تونۇشىسىلەر. رەھمەت.
بەت: [1]
: «بىلىمدان» كىرىش سۆزى