KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

كارۋانبىز ئەزالىرى ئۆز تەرجىمھالى-نىران

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 20:01  

تەرجىمھال - ماھىر مەمتىمىن نىران

سولدىن بىرىنچى كىشى
بىر ئىللىق مۇكەممەل ئائىلە شارائىتىنىڭ بالىلىق ھاياتقا قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكرارلاش ھاجەتسىز. مەن، تەكلىماكاننىڭ ھىدىدىن نەپەس ئېلىپ كۆكلىگەن، خوتەن دىيارىنىڭ ئەڭ چېتىغا جايلاشقان، نىيە ناھىيىسىدە 1985-يىلى ئەتىيازدا بىر ئىللىق سۈيۈمچان ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 2001-يىلى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئەڭ يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئىككىنچى قارار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتىم. ھاياجان ۋە چەكسىز خوشاللىق بىلەن، ھەر يۇرتلاردىن تاللانغان ئەڭ ئەلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېپىدە، نەنجىڭ شەھىرىدىكى ‹‹جياڭسۇ جياڭپۇ ئالىي تولۇق-ئوتتۇرا مەكتىپى››دە 4 يىللىق ئوقۇشۇمنى باشلىدىم. ئانا تىلدىن باشقا ئىككى تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىش پۇرسىتى ۋە بېسىمىدا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن كۈچلۈك رىقابەت ئىچىدىكى رەھىمسىز بەيگىگە چۈشتۈم. شۇ مەزگىلدە بىلىم ئېلىش يولىدىكى ئىرادەم ۋە ئىشەنچىمنى تىكلىدىم شۇنداقلا بىلىم ئېلىش ھاياتىدىكى نىشانىم ۋە ئىشقىمنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
ئاتا ئانامنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىزىنى بېسىش ئىرادەم بىلەن، 2005-يىلى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىغا دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ھەقسىز ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىندىم. تۆت يىل جەريانىدا ئالدى كەينى بولۇپ <<تاڭشى تەتقىقات مۇكاپات پۇلى>> قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە خەلىقئارادا داڭلىق بولغان ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىدىن بەش تۈمەندىن ئارتۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتىم. بىلىم يولىدا، بىلىمنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشىگە قىزىقتىم ۋە بىلىم دۇنياسىنىڭ چەكسىزلىكىنى كۈندىن كۈنگە تونۇپ يەتتىم. تۇرمۇش يولىدا، دوستلۇققا ۋە چىن مېھرگە دەسمايە سالدىم. غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ پەرقى ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق ۋە ئىزدىنىشتە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن مەن، ئامېرىكىدا داۋاملىق ئوقۇش ۋە چەتئەللەرنى كۆرۈش مەقسىتىدە، ئىنگىلىز تىلىنى ئۆزلىكىمدىن مۇكەممەللەپ، 2009-يىلى ئامېرىكىدىكى ئىككى داڭلىق مەكتەپنىڭ تولۇق ئۇقۇش مۇكاپاتلىق چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغۇچە توختىمىدىم.
يۇقىرىغا ئۆرلەشنى نىشان قىلىپ شوتىنىڭ بىرىنچى بالدىقىغا مۇۋاپىقىيەتلىك دەسسەش ناھايىتىمۇ مۇھىم ۋە مۇشكۈل ئىش. لېكىن شوتىنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە يۇقىرى بالداقلىرىنى ئوڭۇشلۇق ۋە بەل قويۇۋەتمەي داۋاملاشتۇرۇش تېخىمۇ قىيىن ۋە شۇنداقلا غەلىبە قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى. ئامېرىكا ئايداخو شتات ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىدا يۇقىرىلاپ ئوقۇش جەريانىدا سىستېمىلىق تەربىيىلەندىم ۋە بىلىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى شۇ ئىلىم-پەننىڭ ئىشلىتىشچانلىقىدا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. 2014-يىلى يازدا يادرو فىزىكا كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالدىم. ھازىر ئامېرىكىدىكى دۇنيا بويىچە بىردىن-بىر ‹‹ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك زەررىچە تېزلەتكۈچ›› ياساش ۋە سىناق قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان ‹‹نايوۋېيۋ›› شىركىتىدە بىردىن-بىر چەتئەللىك تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن.
كەسىپ جەھەتتىن ئالدى كەينى بولۇپ 10 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالەم نوپۇرلۇق يادرو فىزىكا ژورناللىرىدا ئېلان قىلىندى. 10دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلاردا دوكىلات بەردىم ۋە نوتۇق سۆزلىدىم.  2012-يىلى <<رادىئاكتىپلىق ھاۋا زەررىچىلىرى>> توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجەم <<خەلىقئارالىق ئاتوم ئېنىرگىيە ئاگېنتى>> (IAEA) نىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا ئېلان قىلىندى ۋە شۇ سەۋەبتىن مەن ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق شىتاتنىڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىدىم. ھازىر مەن <<ئامېركا فىزىكا ئىلمىي جەمىيىتى>>، <<خەلىقئارالىق يادرو فىزىكا ئىلمىي جەمىيىتى>>، <<خەلىقئارالىق يادرو مېدىستىنا ئىلمىي جەمىيىتى>> قاتارلىق نوپۇزلۇق يادرو فىزىكا ئىلمىي جەمىيەتلەرنىڭ ئەزاسى.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

  ۋاھ!... فىزىكا كەسپىدىن يەنە بىرەيلەن ، بىر يەرلەردە قار ياغسا بىزنىڭ بۇ يەرگە خۇشاللىق يىغىۋاتىدۇ، تىخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ تەبئى-پەن كەسىپلېرىدە دۇنياۋى سەھنىلەرگە چىقىشىغا تىلەكداشمەن.
  بۇرۇن يادرو فىزىكىسى ژىگەن گەپنى تۇنجى ئاڭلىغاندا يادرودا رىئاكسىيە بولغاچقا رىئاكسىيەگە فىزىكىلىق ياردەم قىلىدىغان ئۇخشايدۇ دەپ ئويلىغانتىم، ئۇزۇنغا قالماي بۇ تەرەپتىنمۇ يۈزەكى بىر چۈشەنچىگە ئېرىشكۈدەكمىز...

udun007 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئۇيغۇرلارنىڭ  پەخرى.

ئۈرۈمچىلىك پەخرىيە قىز ئامرىكا خارۋارد ئونۋىرسىتىتىغا قوبول قىلىنپتۇ.  قىرىنداشلىرىم قارىشى ئالغايسىزلەر.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

قارشى ئالىمىز، فىزىكا ئېسىل پەن.

678123 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك زەررىچە تېزلەتكۈچ›رادىئاكتىپلىق ھاۋا   ،،،،،،،،،،، ئىماۋۇ، يولدىكى توك سىمىدىن  سىم تاتماي توك شوراپ ماڭىدىغان ماشىنا باكەن. توك ئىدارىسى ئىشلەتكىلى قويماپتۇ دەۋاتاتتى. شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولمىسۇن يەنە.

مۇبارەك بولسۇن.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتۇر .
ئالدى بىلەن ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بىرىش ئۇچۇن ئاتلانغان سەپىرىڭلارغا كوپ رەھمەت ئېيتىمەن .
مۇمكىن بولسا ، كۈچلۇك ئوز ئارا تەسىر ، ئاجىز ئوزئارا تەسىرنى سېستىمىلىق تەسۋېرلەيدىغان نۇپۇزلۇق خەنچە كەسپى كىتاپلاردىن (دەرسلىك كىتاپ ئەمەس) تەۋسىيە  قىلغان بولسىڭىز .
كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۇرۇش تەتقىقاتىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى يۇنۇلۇشى توغرىسىدا بۇنىڭدىن كىيىنكى يازمىلىرىڭىزدا چۇشەنچە بەرسىڭىز ، رەھمەت .

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ArislanMemet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 16:21  

كارۋان بىزنىڭ ھەممە تېمىلىرىغا باھا يېزىپ، تارتۇق بېرىۋاتقان ئىدىم، بۇگۈن بىر كۈنلۈك باھالاش ھوقۇقۇمنى ئىشلىتىپ بوپتىمەن.

كارۋان بىز گورۈپپىسى ۋە بىلىمدان تور ژورنىلىنى قوللاپ قۇۋەتلەۋاتقان بارىلىق قېرىنداشلارغا سالام.

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ياشلارغا ئۈلگە بولغىدەك نەتىجىڭىز بىزنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇردى. سىزنىڭ ئىش ئىزلىرىڭىز بىزگە ئىلھام بولغۇسى.

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 14:11 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتۇر .
ئالدى بىلەن ئىلىمنىڭ زاكىت ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رەھمەت.

مەن ئۆزەممۇ كۈچلەرنى بىرلەشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەتقىقات ئىزدىنىشلەرگە قىزىقىمەن، لېكىن خەنچە كىتاپلارنى ئانچە بىلمەيدىكەنمەن. مەن ئازراق ئىزدىنىپ سىزگە خەۋەر بېرەي.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 23:12  

KarwanBiz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 21:53 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رەھمەت.

مەن ئۆزەممۇ كۈچلەرنى بى ...
سىزگە كوپ رەھمەت.
مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۇرۇشتە قېيىنچلىق نىسبەتەن ئېغىر ، بۇنىڭ كونكىرىت ئىپادىلىرى تۇۋەندىكىچە :
1.ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدە  گەرچە ئىنىرتىسىيە ماسىسى بىلەن تارتىشىش كۈچى ماسىسىغا دىققەت قىلغان بولسىمۇ نىمە ئۇچۇن تارتىشىش كۈچى (ماكان-زامان ئەگىرىلىكى) بىلەن ئىنىرتىسىيە كۈچى (خىيالى تەسەۋۋردىكى كۈچ دەپ قارالغان بولغاچقا تا ھازىرغا قەدەر ئۇنى تۇت خىل كۈچلەر قاتارىغا كىرگۇزۇلمىدى) نىڭ ئىپادىلىنىشىدە پەرق مەۋجۇت بۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا يىتەرلىك ئۇچۇر بەرمىگەن ياكى بۇ ھەقتە تۇلۇق ئىزدەنمىگەن ، يەنى ئىنىرتىسىيە كۈچى ماسسا بىلەن تىزلىنىشنىڭ كوپەيتمىسىگە تەڭ ، ئالەملىك تارتىشىش كۈچى ئالەملىك كۈچى تۇراقلىقىغا تارتىشىش كۈچى تەسىرىگە قاتناشقان جىسىم ماسىسىنى كوپەيتىپ ، ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنىڭ كۇۋادىراتىغا بولگەنگە تەڭ دىگەن سەۋىيىدە تۇرۇپ قېلىپ ، ئىككى خىل كۇچنى بىر فورمۇلا بىلەن ئىپادىلەش توغرىسىدا ئېينىشتىيىن ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئالىملار يىتەرلىك ئىزدىنىش قىلمىدى.  ئەڭ يېقىنقى مەلۇماتلار ئىككى خىل ماسسىنىڭ 10 مەنفى 15 دەرىجىسى ئېنىقلىقتىكى تەجىرىبىلەردىمۇ تەڭلىگى دەلىلىلەنگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بىرىلدى .
2. ئىلىكتىر ماگىنىت كۈچى توغىرىسىدىكى ئىزدىنىشمۇ پىلانىك ۋە ماكسىۋىل دەۋرىدىكىدىن جېق ھالقىپ كىتەلمىدى ، مەسلەن :  ئىلىكتىر ماگىنىت كۇچىمۇ ئارىلىقنىڭ كۇۋادىراتىغا تەتۇر تاناسىپ ، زەرەت (ئىلىكتىر )مىقتارلىرى ۋە ئېلىكتىر ماگىنىت كۇچى تۇراقلىقىلىرىىنىڭ كوپەيتىمىسىگە  ئوڭ تاناسىپ دىيىلسىمۇ بۇ قانۇن ئېلىكتىرۇن ئوربىتىدا ھەرىكەتلەنگەندە كۇۋانتلىشىش تۇپەيلىدىن كۇچتىن قالىدۇ يۇ نىمە ئۇچۇن شۇنداق بولىدىغانلىقى توغىرىسىدا ئىزدىنىش نىسبەتەن كەم ، بىر قىسىملىرىنى ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپىغا ئارتىپ قويسا يەنە بىر قىسمىلىرىنى ئېھتىماللىقا يۇكلەپ قۇيىدۇ ، مىنىڭچە ، بۇ ھەقتە ئىزدىنىشنىڭ ئەھمىيىتى بار.
مىنىڭچە ، ماكسىۋىل تەڭلىمىلىرىگىمۇ قايتا قاراپ چىقىپ ئۇنى مەيلى يادرو ئىچى بولسۇن ياكى يادرو سىرتى بولسۇن ۋە ياكى ماكرو دۇنيادا بولسۇن ، ھەممە يەرگە ماس كىلىدىغان قىلىپ يىزىش كېرەكتەك تۇرىدۇ.
3.ھەممەيلەنگە مەلۇمكى مىكرو دۇنيادا سىپىن زەرەت ، ماسسا ۋە ئىنىرگىيىلەرگە ئوخشاشلا مۇھىم بولسىمۇ ، لىكىن ، سىپىننى تەسۋىرلەشتە نىسبەتەن قىيىنچىلىق ئېغىر ، سىفىن بىلەن ئىنىرگىيە ، سىفىن بىلەن ھەرىكەت تىرايىكتۇرىيىسى ئېھتىماللىقلىرى ۋە ماگنىت قۇتۇپلىرى ، ماگىنىت مومنىتىغا قۇشۇدىغان تەسىرلىرى دىراك تەڭلىمىلىرى ۋە ئالاقىدار تەڭلىمىلەردە ئەكىس ئەتسىمۇ بىراق بۇنىڭ سەۋەبىنى تىگى - تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىلمەيمىز .
4. ھەرىكەت جەرىيانى ياكى تارتىشىش كۈچى مەيدانىدىكى ماددا دولقۇندا دوپلىر ئىففىكىتى بۇلىدىغانلىقىنى تەجىرىبە ۋە كۇزىتىش ئارقىلىق بىلدۇق ، بۇنى نۇقۇل ھالدا ، ۋاقىت ئوزگىرىشىگىلا باغلاپ قۇيۇپ ئۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە ، قانداق ئىچكى مىخاينىزىم بارلىقى ھەقتە ، تېخى ‹‹چالا ساۋات ›› ، ئەمىلىيەتتە دوپلىر ئىففىكىتى كۇچلەر ئوردىسىغا كىرىشتىكى ئىشىك بېلىتى بۇلۇشى مۇمكىن ، مەسلەن ، ئېلىكتىرۇن ئاتۇم يادروسى سىرتىدىكى بىر ئوربىتىدىن يەنە بىر ئوربىتىغا سەكرىگەندە  دوپلىر ئىففىكتىدەك چاستوتىدا كۈچۈش يۇز بىرىدۇ  ، ئېنىقراق ئېيتقاندا ، ئاتۇمنىڭ مۇقىم بۇلۇشى ئۇچۇن ئىلىكتىرۇننىڭ خاس چاستوتىسى بىر ئوربىتىدا ئوزگەرمەسلىكى يەنى ھازىرقىدەك ‹‹ خالىغان ئېھتىماللىقتىكى ئۇرۇن›› دا ‹‹ قانۇنسىزلىق›› قىلىپ يۇرمەسلىگى كېرەك .
5.ئېينىشتىيىن ، فىنمان ، ئابدىسالاملار ، گىلاشاۋلارنىڭ مودىللىرى بولسۇن ياكى ساكاتا مودىلى بولسۇن ۋە ياكى ئەڭ يېقىنقى قېلىپلاشقان مەيدان نەزەرىيەلىرىدە بولسۇن ، تەسىر كۈچ ، گىراۋىتۇن ، فۇتۇن ، گىلۇئۇن ، , w ، z بوزىئۇن قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ دەپ قارىلىپ ، بۇ جەرىياندىكى كونكىرىت مىخاينىزم ، ماسسا ، ئىنىرگىيە ئوزگىرىشلىرى تۇلۇق تەسۋىرلىنىشتىن تېخى يىراق ، گەرچە ، بىرقىسىم يېرىم تەجىرىبىۋى فورمۇلىلار بولسىمۇ ، بىر يادروغا ماس كەلسە ، ياكى بىر ھالەتكە ماس كەلسە يەنە بىر ھالەتكە تازا ماس كەلمەيدۇ .
6.زەررىچىنىڭ تۇزۇلۇش مەسلىسى : ھازىرقى كۇۋارك مودىلى بىر ئەر ئومىرى ۋاقىتنى باشتىن كەچۇرۇپ ، مۇتلەق نۇپۇزغا ئىگە بولغان بولسمۇ ئەركىن كۇۋاركنى تۇتۇش پورسىتىگە ئىگە بولمىدۇق ، بۇرۇنقى ئىككى ، ئۇچ كۇۋاكلىق قۇرۇلما ئاددى بۇلۇپ قالغاندەك 4 كۇۋاكلىك ، 5 كۇۋاكلىق تۇزۇلمىلەر چىقىۋاتىدۇ ، بىراق ، ماس ھالدىكى لىپىتۇنلار نىيتىرۇنوسىنى قوشقاندا ئاران 6 خىل ، كۇۋارك رەڭ تەم ئۇرۇنلىرىنى نەزەرگە ئالغاندا36 خىل ، زەررىچە سانى ۋەكەڭ بەلباغقا ئىگە تەۋرىنىش گىراپىكلىرىدىن رىزونانىس ھالەتتكى زەررىچە بار دەپ قارالغان زەررىچە  خىل سانى  بىرەر مىڭدىن ئېشىشى مۇمكىن ، كۇرۇنۇپ تۇرۇپتىكى بۇ ئىنتايىن بىنورمال بىر ھادىسە ، كۇۋارك تەجىرىبىلىرىدە  دانچىسىمان چېچىلدۇرۇش مەركەزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغىرىسىدىكى مەلۇماتلار مەيدانغا كەلگىلىمۇ 30 يىلدىن ئاشتى ، زەررىچە فىزىكىسىدا ئانتى ئاتۇمنى ياساشقا بولدىيۇ كۇۋاركنى تاپالمىدۇق ، ۋاستىلىق ئىسپات بەرىبىر تۇلۇق ئىسپات بۇلالماسلىقى مۇمكىن ، ھالىبوكى ، كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ئاخىرقى ھىساپتا زەررىچە تۇزۇلۇش مەسلىسىنىمۇ ھەل قىلالىشى كېرەك ئىدى ، ناھايەت بۇگۇنكى كۈنگە قەدەر ، مۇكەممەل بولغان بىر زەررىچە تۇزۇلۇش مودىلى يوقنىڭ ھىسابىدا .
7. زەررىچە بۇسۇغىسىغا قەدەم قويغىنىمىزدا ئادەممۇ يۇلۇقىدىغان بىر مەسىلە ئومۇر مەسلىسىگە يۇلۇقىمىز ،  ئۇمۇر مەسلىسىنى تەسۋىرلەشتە مىنىڭچە كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك ئامىللىرىنى ئويلىشىشنىڭ زۇرۇرىيىتى بار بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى ئىنتايىن زۇرۇر، بۇنى ماسسا ئوزگىرىشلىرى بىلەن بىرلەشتۇرگەندە ئاجايىپ بىر ماسلىقنىڭ يەنى خورىغان ماسسىنىڭ قانچىلىك چوڭ بولسا ئومىرىنىڭ شۇنچىلىك مۇقىم ، بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۇق ، بىراق مەسىلە شۇ يەردىكى  يۇقۇرى تىزلىكتىن باشقا ئەھۋالدىكى يۇقۇرى ئىنىرگىيە فىزىكىسىدا نىسبىيىلىك ئىففىكىتلىرى شۇنداقلا ئالەملىك تارتىش كۈچى تىلغا ئالىغۇچىلىكى يوق دەپ بىر تاياقتا ھەيدىلىپ سىرتتا قالدۇرۇلماقتا ، بۇ ئىنتايىن بىنورمال ھادىسە.
8.دولقۇن -زەررىچىلىك مەسلىسى ، بۇ مەسلە دىبىروگلى تەرىپىدىن 90 يىللار بۇرۇن ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بولسىمۇ ، بۇنىڭ كىلىپ چىقىش مىخاينىزىمى تا بۇگۇنگە قەدەر ئېنىقلانمىدى دىيىشكە بۇلىدۇ ،  دولقۇن زەررىچىلىك كىلىپ چىقىدىغىنىنى بىلسەكمۇ نىمە ئۇچۇن كىلىپ چىقىدىغىنى ‹‹ ئاسفىكىتنىڭ مۇشۇكى ›› ھالىتىدە ، ئېھتىمال بۇ مەسلىلەر ھەل بولسا ، ئېينىشتىيىننىڭ ‹‹ خۇمارى ›› چىقار .

..............
قىسقىسى كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۇرۇش جاپا-مۇشاقەتلىك ، ئەگىرى -توقاي ، ئۇزاق مۇددەتلىك سېستىما خىزمىتى ، سىزنىڭ شۇنداقلا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ جەرىياندا نى - نى ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن .
ئاتىكاچىلىق قىلىپ ‹‹ بىلجىرلاپ ›› قويدۇم ، كەچۇرەرسىز. رەھمەت .
   

678123 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ماۋۇ يەرگە ئىنكاس يازماي دىسەم تىخى ،يازاي دىسەم تىخى. ھاۋا دەپ تۇرىدۇ. ھاۋا مۇ تۆت تادۇ نىڭ بىرسى. كونىلار يەل دەپ قويىدۇ.
پەلسەپىدە، ھاۋا دىگەنلىك يەتتە دىگەن گەپ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،  يەنە قەۋەت دىگەن گەپمۇ بار.
ئاسماندا يەتتە يۇلتۇز باردىسەك، بۇلارنىڭ رەڭگى ، يەتتە خىل رەڭنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. يەنى ئاۋالقى رەڭنىڭ ماھىيتى توغرىسىدىكى يازمىدىكى يەتتە خىل رەڭ. ئاندىن ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكىي ئەزا ، ئۆپكە، بۆرەك، يۇرەك، جىگەر  تال ئاشقازان ئۇچەي ماۋۇ يەتتە ئەزامۇ ،بەلكىم يەتتە خىل رەڭنى كۆرسەتسە كىرەك.ياكى يەتتە خىل رەڭدە بۇلىشى مۇمكىن. ئاندىن ماكاندىكى يەتتە ئىقلىممۇ يەتتە خىل رەڭ بىلەن پەرىقلىنىشى مۇمكىن.
ھاۋانىڭ تۇرىمۇ يەتتە خىل مۇ تىخى، ئوكسىگىن ھىدىروگىن  ئازۇت ......دىگەندەك. تىخى ناۋادا يەتتە خىل بولسا، بىرىنجىسىنىڭ پەيدا قىلىش خۇسيىتى بولىدۇ، ئىككىنجىسىنىڭ توشۇش خۇسيىتى بولىدۇ، ئۇچۇنجىسىنىڭ كۆيدۇرۇش خۇيى بولىدۇ. تۆتىنجىسى يۇرىتىدۇ، بەشىنجىسى سوغىتىدۇ، ئالتىنجىسى پارىتلايدۇ، يەتتىنجىسى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

ئازىراق پەلسەپىگە سەپ قويدۇم.

بەت: [1]
: كارۋانبىز ئەزالىرى ئۆز تەرجىمھالى-نىران