KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

كارۋانبىز ئەزالىرى ئۆز تەرجىمھالى-بىلگە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 20:09  

تەرجىمھال - تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە

سولدىن ئىككىنچى كىشى
ئانامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، مەن 1985-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئازاتباغ دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزىدا تۇغۇلۇپتىمەن. بالىلىق ئەسلىمىلىرىم ئانامنىڭ دەرس مۇنبىرىدە جاراڭلىق سۆزلىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان، ئۈستى ياغاچ ۋە بورىدا يېپىلغان كونا سىنىپقا تۇتىشىدۇ. مەن ئۇ سىنىپتا  ئانچە ئۇزۇن تۇرمايلا باشلانغۇچ ئىككىنچى سىنىپقا قوبۇل قىلىندىم چۈنكى ئانامنىڭ دەرسى قۇلىقىمغا كىرىپ قىلىپ ساۋاتىم چىقىپ قاپتۇ. ئانام سىنىپ مۇدىرىم بولۇپ مېنى تۆت يىل ئوقۇتا-ئوقۇتمايلا دادام مەكتەپ مۇدىرى بولغاچ مېنى باشلانغۇچ 5-يىللىقتىن تولۇقسىزغا ئىمتىھان بەرگۈزدى. شۇنداق قىلىپ بالدۇر ئوقۇشقا بەرگەننى ئاز دەپ نەچچە سىنىپ ئاتلاتقۇزغان بولغاچقا 10 يېشىمدا ۋېلىسپىت پىدالىنى تولۇق ئايلاندۇرۇشقا پۇتۇم يەتمەي يېرىم تاقىلدىتىپ يۈرۈپ توپىلىق يوللار بىلەن مەھەللىمىزدىن تۆت كىلومېتىر يېراقتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقا كىردىم.
ئازاتباغ يېزىسى تەكلىماكاننىڭ بۇرجىكىدىكى قەدىمىي دىيار يەكەننىڭ ئەڭ چەت يېزىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يەكەن دەرياسىنىڭ ئۇ چېتىگە جايلاشقاچ، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا دەرياغا سېلىنغان كۆۋرۈك بۇزۇلۇپ كەتسە شەھەرگە كىرگىلىمۇ بولمايتتى. شۇ سەۋەب كىچىكىمدە شەھەرگە كىرىش ئانچە كۆپمۇ نىسىب بولمىغان بىر سەھرا بالىسى ئىدىم. 1998-يىلى 13 يېشىمدا يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇشقا كىردىم ۋە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇدۇم. مۇنەۋۋەر ئۇستازلارنىڭ تەربىيىسى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمنى ناھايىتى مول-ھوسۇللۇق ئۆتكۈزدۈم ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىغا تولۇق كۇرستا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىندىم. گەرچە خەنزۇتىلى يېزىقچىلىق قابىلىيىتىم يامان ئەمەس بولسىمۇ، تەييارلىق ئوقۇشىنى باشلىغاندا خەنزۇتىلى ئېغىزتىلى سەۋىيەم خېلى تۆۋەن ئىدى، ئەمما بىر يىل قاتتىق تېرىشىش ئارقىلىق خەنزۇتىلىنى راۋان ئىشلىتىشكە باشلىدىم. ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا قىزىقىشلىرىم بەك كۆپ بولغاچ ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشتىن باشقا، يەنە كۆپلىگەن دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە قاتنىشاتتىم. ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتە يامان ئىدىم، شۇڭا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ يىللىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشتىم. كېيىن يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچىلار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولۇپ كۆپ قېتىم ئويۇن قويۇشقا قاتناشتىم. ئالىي مەكتەپ 3-يىللىقىدىن باشلاپ كەسپىمىزدىكى مۇھىم پەنلەردىن گېنېتىكا قاتارلىق دەرسلەر مەن ئۈچۈن بارغانچە قىزىقارلىق بىلىنىشكە باشلىدى ۋە كەلگۈسىدە بىر گېنىتىكاشۇناس بولۇش ئارزۇسىغا كەلدىم. دەرستە ئۆتۈلگەن كەسپىي بىلىملەر قىزىقىشىمنى قاندۇرالمىغاچ  باشقا ئىشلارنى تاشلاپ تەجرىبىخانىغا كىرىپ شىنجاڭدىكى ئوخشىمىغان تۇپراقلاردىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەردىن باكتىرىيە تۈرلىرىنى DNA ئارقىلىق ئېنىقلاشقا باشلىدىم. ھەش-پەش دېگۈچە ئوقۇشۇم پۈتۈپ قالدى ۋە 2006-يىللىق «مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدىنت» بولۇپ باھالاندىم. شۇ يىلى فاكۇلتېتىمىزدىكى خەنزۇ ۋە مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە دەرس ۋە ئېنگىلىز تىلىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەم ئالاھىدە ئورۇندا تۇرغانلىقى ئۈچۈن فاكۇلتېتنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن زوئولوگىيە كەسپىگە ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىندىم. بۇ جەرياندا ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى ياخشى قىلسا مۇكاپاتلىنىدىكەن ۋە پۇرسەتلەر ھەر ۋاقىت كۈتۈپ تۇرىدىكەن دېگەننى چوڭقۇر چۈشەندىم.
ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمنى باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تەتقىقاتنى يەنىلا ئامېرىكىغا ئوخشاش تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئوقۇغان ياخشىكەن دېگەن ئويغا كەپ كەلدىم ۋە مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان گېنىتىكا ياكى تۆرەلمەشۇناسلىق ئىلىمى بويىچە ئىنسانلار ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر يۆنىلىشتە ئامېرىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئىرادىسىگە كەلدىم. ئامېرىكىدا ئوقۇش ئارزۇيۇم ئۈچۈن ئۇدا ئۈچ يىل قاتتىق تېرىشتىم. ھەپتە ئاخىرلىرىدا ئۈرۈمچىدىكى ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۇدا ئىككى يىل ئېنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ نۇرغۇن ئوتتۇرا-ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا جانلىق ئېنگىلىز تىلى دەرىسى ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئۆزۈمدىكى چەتئەلدە يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئىشتىياقىنى سالدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتىم ۋە ئاتا-ئانامغا ئوخشاش ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىمنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ كەلگۈسىدە بىر مۇنەۋۋەر مائارىپچى بولۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
2009-يىلى كۆپلىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس بىر يىل بولدى. ئۇزۇن مەزگىللىك تىرىشچانلىقىمنىڭ نەتىجىسىدە، 2009-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ مولېكۇلا ۋە ھۆجەيرە بىئولوگىيىسى كەسپىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن قوبۇل قىلىنىش شەرىپىگە ئېرىشتىم ۋە شۇ يىلى 8-ئايدا ئۇ ئۆز كەسىپىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن يۈكسەك غايە بىلەن ئامېرىكىغا يول ئالدىم. ئامېرىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغان مەزگىلدە، مەن قىزىقىشلىرىمنى بىرلەشتۈرىدىغان تۆرەلمىشۇناسلىق ۋە گېنىتىكا ئىلىمى كېسىشىدىغان بىر ساھەدە تەتقىقات قىلىۋاتقان، دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئالىمى دوكتور سىتىۋىن فوردنىڭ قاتتىق تەلەپ ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن تەربىيىلىشىگە مۇيەسسەر بولدۇم. ئۇ ماڭا كۆپ قېتىم تەتقىقات تۈرلىرىگە ئىلتىماس قىلىش، ئىلمىي يىغىنلاردا دوكلات بېرىش، ژورناللارغا سۇنۇلغان ئىلمىي ماقالىلەرنى باھالاپ بېكىتىش ۋە ئۆز ئالدىغا تەتقىقات تەجىرىبىلىرىنى لايىھەلەش قاتارلىق پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى. بۇ جەرياندا بىلىمگە بولغان تەشنالىقىم قانماقتا يوق ئۇلغىيىپ باردى ۋە بارغانچە ئۆزۈمنىڭ ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. دوكتورلۇق ئوقۇشىنىڭ 3-4-يىللىرىدا مەن ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا 2 مەۋسۈم «سېلىشتۇرما ئاناتومىيە ۋە فىزىئولوگىيە» دەرىسى ئۆتۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتىم.
ۋايومىڭ ئۇنىۋېرستېتىدا دوكتورلۇقنى پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا ئامېرىكىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋاندېربېلت ئۇنىۋېرسىتېتى، تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق كۆپلىگەن داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلىق خىزمىتىگە بەس-بەستە تەكلىپ قىلىندىم. 2013-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا تەبئىي پەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم ۋە شۇ يىلى 9-ئايدا ئۆز قىزىقىشىم بويىچە تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ساغلاملىق پەنلىرى مەركىزىدە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدىم. 2014-يىلى 3-ئايدا مەن يازغان بىر تەتقىقات تۈرى دۇنياغا داڭلىق تېكساس بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ «كوۋېل مۇكاپاتى» دەپ ئاتىلىدىغان يىلدا پەقەت بىر كىشىگە بېرىلىدىغان تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ شۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىزمەت تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالدىم ۋە 2014-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ تېكساس بىئو-مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ گېنېتىكا فاكۇلتېتىدا دوكتور ئاشتى بولۇپ تەتقىقاتىمنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن. مانا، ئون يىل بۇرۇنقى گېنىتىكاشۇناس بولۇپ قالسام دېگەن ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى.
مېنىڭ نۆۋەتتىكى تەتقىقات تېمىلىرىم ئاساسلىقى يېڭى ئەۋلاد گېن تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ پرىماتلار ھامىلە مېڭىسىنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلاردىكى يېتىلىش جەريانىدىكى گېنېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى تەتقىق قىلىشقا مەركەزلەشكەن. بۇ تەتقىقات تېمىسىدا بىز مايمۇننى تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىپ تۇرۇپ، ئانىلاردىكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، روھىي بېسىمغا ئۇچراش قاتارلىق پاسسىپ ئامىللارنىڭ ھامىلە مېڭە يېتىلىشىگە بولغان پاسسىپ تەسىرلىرىنى تەتقىق قىلىمىز.  بۇ خىل تەتقىقاتلارنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ھامىلىدار ئانا دۇچ كېلىدىغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە روھىي بېسىم قاتارلىق مۇھىت ئامىللىرىنىڭ بالىياتقۇدا يېتىلىۋاتقان ھامىلە مېڭىسىگە بولغان تەسىرلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئارقىلىق بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش ۋە نېرۋا كېسەللىرىنىڭ كىلىپ چىقىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ ۋە چوڭلاردىكى ھەر خىل نېرۋا كېسەللىرىنىڭ ھامىلە يېتىلىش مەزگىلىدە كىلىپ چىقىشىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ ساغلام ئەۋلادلارنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇشتەك مۇھىم ئىشقا ھەسسە قوشقىلى بولىدۇ.
مەن ھازىرغا قەدەر خەلىقئارالىق ئىلمىي يىغىن ۋە ئىلمىي ژۇرناللاردا 20 پارچىغا يېقىن ماقالە ئېلان قىلدىم. 2014-يىلى 7-ئايدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالەم «كۆپىيىش ئىلمىي جەمئىيىتى» ئەڭ ياخشى يېزىلغان ماقالىلەرنى تاللاپ بېرىدىغان «لالور فوندى تۆھپە مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. يېقىندا 3 پارچە ئىلمىي ماقالەمنى ئېلان قىلىشقا تاپشۇردۇم. مەن يېزىشقا قاتناشقان «ھورمونلۇق دورىلارنىڭ تۆرەلمە يېتىلىشىگە بولغان تەسىرى» ناملىق ئىلمىي كىتاب 2014-يىلى 7-ئايدا ئامېرىكىدا نەشىر قىلىندى. مەن ھازىر خەلىقئارالىق نوپۇزلۇق ئىلمىي جەمئىيەتلەردىن «كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيتى»، «نېۋرولوگىيە ئىلمىي جەمئىيتى»، «كۆپىيىش كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتى» ۋە «تېكساس گېنىتىكا ئىلمىي جەمئىيتى» قاتارلىقلارنىڭ ئەزاسى.

مەن ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا بۇ يەردىكى ئالىملارنىڭ ئاممىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە زور كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقاپ، مەنمۇ كېيىن خەلقىمگە بىلىم تارقىتىشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم. شۇ ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە، مەن 2013-يىلى 5-ئايدا دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرگەندىن باشلاپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بىلگەجان نامىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئىلىم-پەنگە ئائىت ئاممىباب ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىشقا باشلىدىم. مانا ئەمدى ئامېرىكىدا تونۇشقان ئوخشاش ئارزۇدىكى دوستلىرىم بىلەن بىرلىشىپ بىلىمدان تور ژۇرنىلىنى تەسىس قىلدۇق. مەن  ئۇيغۇر تىلىدا  خەلقىمگە بىلىم تارقىتىشقا ھەسسە قوشالىغىنىمدىن  پەخىرلىنىمەن ۋە بۇ يولدا ھەرگىز توختاپ قالمايمەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

  ئەسلى بالا كىچىك ۋاختىدا ھەرىپلەرنى ئانچە-مۇنچە تۇنىغاندا ئۈزۈلدۈرۈپ قويمىسا ياخشى بۇلامدۇ ياكى؟!...
  مەن كىيىن بىششى ئاغرىيدىغان بۇپ قالمىسۇن، تورسو، تورسودىن چىقىپ يەنە نەچچە ئون يىل ئۇقۇش بۇلۇپ ئۇقۇشتىن زېركمىسۇن دەپ ئەركىن ئوينىغىلى قۇيىۋەتكەنتىم. خىيالىمدا 13 ياشلارغا كەلگەندە بىرە دەرىسلىككە قىزىقتۇرۇپ قويسان شۇ دەرىستە بۈسۈپ چىقسا دەپ ئويلاۋاتقانتىم.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ياخشى باشلىنىش، ئەمدى بىر مېخانىكا ساھەسىدىن بىر دوكتورنى ئەكىرىۋالساق بولاتتى.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alim012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 11:52  

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 11:14 static/image/common/back.gif
ئەسلى بالا كىچىك ۋاختىدا ھەرىپلەرنى ئانچە-مۇنچە تۇنى ...

بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان پىكىرلەر بەك جىق. مەسىلەن گېرمانىيىنىڭ باشلانغۇچ مائارىپ تەربىيىسىدە بالىلارغا ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇن بىر نەرسىلەرنى ئۆگىتىش جىنايەت ھىساپلىنىدىكەن(بۇ توغرۇلۇق ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە  تېمىلار يوللانغان).بالىارنى ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇن ئەركىن قويىۋېتىش،بىر نەرسە ئۆگىتىشكە زورلىماسلىق غەرپ ئەللىرىدە ئومۇملاشقان ئەھۋال ئىكەن.
لېكىن ئەكسىچە بولغىنى «كارل ۋېتىرنىڭ ئائىلە تەربىيىسى»ناملىق كىتاپتا ئۇنىڭ بوۋاق ۋاختىدىن باشلاپلا دەرس ئېلىىشنى باشلىغانلىقى 3 يېشىدا ئاتا تىلىدا سۆزلش ھەم يېزىقچىلىق قابىليىتى يېتىلگەنلىكى،5يېشىدا 2خىل چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىپ بولغانلىقى 7يېشىدا.......9يېشىدا.....ئاشۇنداق ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشلەر نەتىجىسىدە ئۇ بېرلىن ئۈنۋېرستېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىپ 14يېشىداماتېماتىكا،پەلسەپە،تىلشۇناسلىق قاتارلىق كۆپلىگەن پەنلەرنىڭ ھەر قايسىسىدا پراففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلىكى يېزىلىدۇ.لېكىن ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتى كىتاپتا تىلغا ئېلىنماپتۇ.

987908650 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

  بىلگەجاننى بالىلىرىمغا ھەتتا ئوقۇغۇچىلىرىمغىمۇ سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ،   ئۇلارنىڭ بىلگەجاننى ئۈلگە قىلىشىنى داۋاملىق تەكىتلەپ كىلىۋاتىمەن. سىلەر ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ پەخرىمىز.  مۇشۇ ‹كارۋان بىز› گۇرۇپىسىدىكى ئالىملىرىمىزنىڭ تەرجىمال ۋە مۇشۇ ژورنال توغرىسىدىكى يازمىلىرىنى   بىر يازمىغا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولماسمۇ ؟

muhakima يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىلگەجان دوكتۇر ، سىزنىڭ نادىر يازمىلىرىڭىز بىلەن كارۋان بىز سەھپىسىدە  داۋاملىق بىلىم ئالىدىغانلىقىمىز ئۇچۇن ئىنتايىن خۇشالمەن ، كارۋانبىزنىڭ ئەل ئۇچۇن تارتقان سەپىرى كۇڭۇللۇك بولغاي .
سىز تور ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئىسىل يازمىلارنى يوللاپ توردا پەننى ئۇمۇمىلاشتۇرۇشنىڭ كۈچىنى كورسىتىپ بىر قاتار مۇلچەرلىگۇسىز ئاكتىپ تەسىرلەرنى قوزغىدىڭىز ، سىزگە كوپ رەھمەت.
مۇمكىن بولسا ، كارۋان بىز گۇرۇپپىسىدەك نەچچە يۇزلىگەن كارۋان بىز گورۇپپىسى چىقىپ ، خەيرلىك سەپەرگە ئاتلىنىشقا تورتكىلىك رول ئوينىشىڭىزنى ئۇمىت قىلىمەن .
راك ۋە ئەيدىز جەمىيىتىمىز دۇچ كىلىۋاتقان ئىككى چوڭ كېسەل (مىنىڭ ئاناممۇ ئاشقازان راكى بىلەن 3 باسقۇچلۇق خېمىيىلىك داۋالاشنى باشتىن كەچۇرۇپ ئاخىرى ئۇ دۇنياغا كىتىپ قالدى ، ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي !) بۇلۇپ ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرى ، كېسەللىك ئىپادىلىرى توغىرىلىق يازمىلار نىسبەتەن كوپ ، ئەمما ، راكنىڭ كسەللىك مىخاينىزىمى ، پەيدا بۇلۇشىغا كورسىتىدىغان ئامىللار ، ھوجەيرىنىڭ كوپىيىش كونتىروللىقىنى يوقىتىش سەۋەبى قاتارلىقلار توغرىسىدا چۇشەنچىمىز تازا مۇكەممەل ئەمەس، مۇمكىن بولسا مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ سېستىمىلىق چۇشەنچە بىرىشىڭىزنى تولىمۇ زور ئۇمۇت بىلەن كۇتىمەن ، رەھمەت سىزگە.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بىلگىجان سىلەرنىڭ ئىشىلىرىڭلاردىن ھەممەيلەن  سويۇندۇق ،سىلەردىن مەھەللىدىكى ھەممەيلەن پەخىرلىنىمىز مەنمۇ پەخىىرلىنىمەن ..سىلەرنىڭ ياخشى ئىشلارنى جۇملىدىن بىزگە ئەمەلىي نەپ يەتكۇزدىغان  قولاققا ياقىدىغان ياخشى گەپلەرنىم يىڭىلىقلارنى قىلىپ بىرىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمىز ،مۇنۇ ماختاش ھەممىڭلارغا ئورتاق .ھەممىڭلارنى ئايرىم-ئايرىم ماختاپ ئىنكاس يازاي دىسەم گەپ يىتىشمەيدۇ ....:funk:

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

كارۋان بىز گورۇپپىسىدىكى بىلگەجان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بىر سۆزنى ئېسىمگە ئالدىم. «مېنىڭ يازغانلىرىم پەقەتلا ئۆزەمنىڭ شەخسى قىزىقىشى، ئەزەلدىن مىللەت ئۈچۈن دەپ ماقالە يازمايمەن»
قىلغانلىرىم مىللەت ئۈچۈن دەپ داۋراڭ سالمىسىمۇ، كۆزى ئوچۇقلارنىڭ ھەممىسى، كارۋان گورۇپپىسى ۋە بىلىمدان تور ژورنىلى خالىس ئەمگىكىنىڭ، قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن.

رەھمەت، بىلگەجان، رەھمەت كارۋان گورۇپپىسى، ئېسىل ئەمگەكنىڭ ياخشى نەتىجە بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھەممىڭلارنىڭ خالىس ئەمگىكىگە يەنە بىر قېتم تەشەككۈر.

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TEWBE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 17:07  

ھەقىقەتەن كىشىگە ئۈلگە بولغۇدەك تىرىشچانلىق يولى ئىكەن. كەسپىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن!

august يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئەتە تۇغۇلغان كۈنىڭىز بولىدىكەن، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

987908650 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 14:39 static/image/common/back.gif
بىلگەجاننى بالىلىرىمغا ھەتتا ئوقۇغۇچىلىرىمغىمۇ سۆزل ...

سىزمۇ ماڭا ئوخشاش قىلىۋىتىپسىز قېرىندىشىم . مەنمۇ ئوقۇغۇچىلارغا بىلگەجان توغرىلىق كۆرگەن يازمىلارنىڭ مەزمۇنىنى  قىسقىچە سۆزلەپ بېرىمەن. باشلانغۇچ  مەكتەپ بالىلىرى بولسىمۇ ،ئۇلارنىڭ  بىلگەجاننى ئۆزىگە ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىپ ،تېخىمۇ تىرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئىككى سىنىپتا 120دىن ئارتۇق بالا، ھەم  ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قۇشۇلۇپ خېلىلا كۆپ ئادەم، بىلگەجاننىڭ  سەمەرىلىك ئىش ئىزلىرىدىن زەرەتلەندى.

bahadir033 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم، بىلگە جان ئاكا شۇنداقلا كارۋان بىز گورۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالار.
سىلەرنىڭ يوللىغان ماقالىلىرىڭلارنى ئۇقۇپ تولىمۇ سۆيۈندۈم ...
داۋاملىق ماقالىلىرىڭلار بىلەن يۈز كۆرشۈشكە ئىنتىزارمەن

Bari يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەدە ئىز.
...........................................................................
ماڭغان يوللىرىڭلاردىن پورەكلەپ گۈللەر ئىچىلسۇن،
كەلگۈسىدە سىلەرمۇ چوڭ كارۋان بولۇپ ئاتالغۇسى،

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

987908650 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 14:39 static/image/common/back.gif
بىلگەجاننى بالىلىرىمغا ھەتتا ئوقۇغۇچىلىرىمغىمۇ سۆزل ...

رەھمەت. بۇ ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىمدان تور ژۇرنىلىنىڭ 1-سانىدىن ئېلىنغان. ماۋۇ ئەسكەرتىشنى چاپلاپ قوياي:
بىلىمدان تور ژۇرنىلىنى ئوكيان تورىدىكى بىلىمدان سەھىپىسىدىن چۈشۈرىۋىلىشىڭىزنى () ۋە ئىزدىنىش تورى كارۋانبىز سەھىپىسى ئارقىلىق كارۋانبىز ئەزالىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. بىلىمدان تور ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقاندا بىلىمدان تور ژۇرنىلىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىڭ ۋە ماقالە ئاپتورىنى چۈشۈرۈپ قويماڭ. رەھمەت.
http://eser.okyan.com/Bilimdan/)](http://eser.okyan.com/Bilimdan/)

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 14:49 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىلگەجان دوكتۇر ، سىزنىڭ نادىر يازم ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مۇھاكىمە قېرىندىشىم،
ئانىڭىزنىڭ كېسەل ئازابى تارتقىنىدىن قايغۇردۇم، ئۇنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!
راك كېسىلى توغرۇلۇق ئاددىي چۈشەنچىلەرنى مەن بىلىمدان ژۇرنىلىنىڭ 5-ئايدىكى سانىدا ئېلان قىلىش پىلانىم بار ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئىزدىنىش تورىغىمۇ يوللىنىدۇ، دېققەت قىلغايسىز. بىلىشىمچە، راك كېسىلى تەتقىقات قىلىۋاتقان ئالىملىرىمىزمۇ يوق ئەمەس، كېيىنچە ئۇلارنى تەكلىپ قىلىپ تېخىمۇ سىستىملىق ئۇچۇر تەمىنلەشنى قولغا كەلتۈرىمىز.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 20:32  

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 20:20 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مۇھاكىمە قېرىندىشىم،
ئانىڭىزنىڭ ...

خەيىرلىك سەھەر بىلگەجان دوكتۇر:
سىزگە شۇنداقلا ئانام ئۇچۇن تىلىگەن گۇزەل تىلەكلىرىڭىزگە كوپ رەھمەت ، مۇمكىن بولسا تېخىمۇ كوپ ئالىملىرىمىزنىڭ كارۋان بىز سىپىگە قۇشۇلۇشىنى ياكى ئىلىم تارقىتىش ، تەربىيلەش قۇشۇنىغا كىرىشىنى قارشى ئالىمىز ، ئەھمىيەتلىك ئىشقا بېسىلغان قەدەملەر توختاپ قالمىغاي ، تەشەككۇر .
تىما ۋە يۇقۇرىدىكى قەۋەتتىكى ئىنكاسلارغا قارىسام بۇگۇن (ۋە ئەتە) سىزنىڭ تۇغۇلغان كۇنىڭىز ئىكەن ، تۇغۇلغان كۇنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

{:112:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ھەممەيلەننىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە ۋە تۇغۇلغان كۈن تەبرىكلىرىگە كۆپ رەھمەت!

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 09:39 static/image/common/back.gif
ھەممەيلەننىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە ۋە تۇغۇلغان كۈن تەبرىك ...

تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن بىلگەجان.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ئەتى بەتى تۇيۇ:lol
بەت: [1]
: كارۋانبىز ئەزالىرى ئۆز تەرجىمھالى-بىلگە