tawpik يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

باشلىقنىڭ بالىسى ... (مىكرو ھىكايە )

تېخى يېڭىلا بالامنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ ئىشخانىغا كېلىپ تۇرۇشۇمغا يان يېلىفۇنۇم ئەنسىز سايراپ كەتتى ، قارىسام بۇ ئوغلۇمنىڭ مۇئەللىمىنىڭ نومۇرى ئىكەن  ، تېلىفۇننى ئېلىشىمغا ئۇ مېنىڭ مەكتەپكە كېلىپ كېتىشىمنى ئېيتتى ، تۇيۇقسىز كۆڭلۈمنى بىر خىل ئەنسىزچىلىك قاپلىۋالدى ،تېخى يېڭىلا ئۇنى ئاپىرىپ قويغان ئىدىم ، يەنە كېلىپ بۇ خەنزۇ مۇئەللىم بىرەر ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئاسانلىقچە ئائىلە باشلىقلىرىنى چاقىرتمايتتى ... تىت – تىتلىق ئىچىدە بۆلۈم باشلىقىمىزغا ئېيتىپ قويۇپ بالامنىڭ مەكتىپىگە قاراپ چاپتىم.
يولدا كېتىۋاتىمەن ، كاللامدا ئاللىقانداق خىياللار كەزمەكتە ئىدى ، بالام يىقىلىپ چۈشكەنمىدۇ ياكى قىزىپ قىلغانمىدۇ ؟ ئەتىگەننىڭياقىغۇ ناھايىتى ياخشى ، ناشتىلىقنىمۇ ئوبدان يېگەن ، ياكى ... ئانا دېگەن ھەممە نېمىگە چىدايدىكەن ئەمما بالىغا چىدىمايدىكەن ،شۇ تاپتا قانىتىم بولغان بولسا ئۇچۇپ بېرىپ بالامنى كۆرگەن بولسام ئەنسىزلەنگەن كۆڭلۈم جايىغا چۈشەر بولغىيمىدى -،ھە ؟
مانا مەكتەپكىمۇ كەلدىم ، ئوغلۇمنىڭ سىنىپى بىرىنچى قەۋەتنىڭ ئەڭ ئىچكىرىدىكى سىنىپ ئىدى ، يۈگۈرۈپ دېگۈدەك سىنىپنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، كېلىپ تۇرۇشۇمغا بالامنىڭ :« - ئاپا ! » دەپ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم ، بالام كارىدورنىڭ قارشى تەرىپىدىكى تازىلىق ئۆيى تەرەپتىن چىقىپ كېلىۋاتاتتى ، جىددىيچىلىكتە ئۇنىڭ پاكىزە يۇيۇلغان مەڭزىنىڭ ئىششىپ قالغانلىقى ھېس قىلدىم ، ئۇ مېنى كۆرۈپ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى .
بالامنى بەزلىگەچ ئۇنى قۇچىقىمغا ئالدىم ، گەرچە ئۇ يەتتە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما ئېرىم ئىككىمىز يېشىمىز خېلى بىر يەرگە بارغاندا پەرزەنت يۈزى كۆرگەچكە بەزىدە ئۇنى ھەقىقەتەن ئەتىۋارلاپ قالاتتۇق ، بالامنىڭ سول مەڭزىدىن سىرغىپ ئېقىۋاتقان سۇس قان تېخىچە توختىمىغانىدى ، ئۇنىڭغىچە بالامنىڭ سىنىپ مۇدىرى بىر يەردىن چىقىپ كەلدى ۋە ماڭا :
- كەچۈرۈڭ ، بالىلار سىنىپتا ئوينىشىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن جۈرئەتجاننىڭ يۈزىگە ساۋاقدىشىنىڭ تىرنىقى كىرىپ كېتىپتۇ ،مەن ئۇ ئوقۇغۇچىغا تېگىشلىك تەربىيە بەردىم ، بالىنى ئېلىپ كېتىپ دوختۇرغا كۆرسىتىپ باققان بولسىڭىز ، يۈزى ياللۇغلىنىپ قالمىسۇن ، مەن ئاپىراي دېسەم سىنىپتا يەنە نۇرغۇن بالىلار مېنىڭ دەرس ئۆتۈشۈمنى كۈتۈپ تۇرىدۇ ، شۇڭا سىزگە تېلىفۇن قىلغان ئىدىم ، بالىڭىز چۈشتىن كېيىن دەرسكە قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ ، دوختۇرغا كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيدە ياخشى ئارام ئېلىپ ئەتە كەلسىمۇ بولىدۇ دېدى .
مەن مۇئەللىمگە يا ئاچچىقلىنىشىمنى يا كۈلۈمسىرەپ قارىشىمنى بىلەلمىدىم ، گەرچە ئۇنىڭدا خاتالىق بولمىسىمۇ ، بالىلارنىڭ كۈندە ئۇرۇش – تالاش قىلىپ يەنە دوست بولۇپ  ئوينايدىغىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما بالامنىڭ بارغانسېرى ئىشىپ كېتىۋاتقان سول مەڭزىگە قاراپ ئىچىم سېرىلىپ كەتتى ، .ئۆزۈم ئالىي مەلۇماتلىق بىر زىيالىي بولساممۇ ، بىر ئانا بولساممۇ ئەمما مۇئەللىمنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا بالامنىڭ يۈزىگە « تىرنىقى كىرىپ كەتكەن » شۇ بالىنى كۆرۈپ باققۇم كەلدى ، بەلكىم ئىچىم ئاچچىق بولىۋاتقان بولسا كېرەك ، مەن يەنىلا ئۆزۈمنى بېسىپ بالىنى يېتىلەپ سىرتقا قاراپ ماڭدىم ، مۇئەللىم تېز – تېز قەدەملەر بىلەن بىزنى ئۇزىتىپ چىقتى ، بىز كارىدورنىڭ ئالدىدا مۇئەللىم بىلەن سوغۇقلا خوشلاشتۇق ، بالام تېخىچە ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى .
مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمىزگە بالامنىڭ مۇئەللىمى تېلىفۇندا جىددىي تەلەپپۇزدا سۆزلەشكىنىچە ئىتتىك قەدەملەر بىلەن مېڭىپ ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كەتتى ، مەن بالىنى ئېلىپ ئاپتوبۇس بېكىتى تەرەپكە مېڭىشىمغا بالام :
-ئاپا ، مېنىڭ يۈزۈمنى چىشلىۋالغان شاھزاتنىڭ ئاپىسى ، ئۇ دائىم مەكتىپىمىزگە كېلىدۇ ، مەن ئۇنى تونۇيمەن ،قارا ، ئۇلارنىڭ ماشىنىسى دېدى .
قارىسام مۇئەللىم ئۇ ئايالغا قاراپ بىر نېمىلەرنى سۆزلەۋاتاتتى ، مەنغۇ بالام چوڭ بۇلۇپ مۇشۇ كەمگىچە بالا  ئارىسىغا كىرىپ باققان ئايال ئەمەس ، گەرچە شۇ تاپتا بالامغا ئىچىم ئاغرىغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ھېسىياتىمنى ئوغلۇمدىن يوشۇرۇپ تۇرۇپ قالدىم ، تۇيۇقسىز بالام :
-ئاپا ، بولدى ، قايتىپ كېتەيلى ، سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ ، ئۇنىڭ دادىسى چوڭ باشلىق ئىكەن بىز بەرىبىر ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيمىز ...
بالامنىڭ مەيۇس چىرايىغا قاراپ ئۆزۈمنى بىر مەغلۇبىيەتچىدەك ھېس قىلىپ قالدىم  ، ئەجىبا بىز چوڭلار ئارىسىدىكى باشلىقلارنى « ئەزىزلەش » مانا بالىلىرىمىز ئارىسىدىمۇ ...

udun007 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

يەنىلا شۇ جەمىئەتتىكى خوشامەتچىلەرنىڭ باشقىلارغا قىلغان زىيىنىنى تارتىپسىز.

يەسلى مۇئەللىمىدە خۇشامەتچىلىك پىسخىكىسى بولمىسا، ئوقوغۇچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.

madina118 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

مىنىڭچە ،تىرنىقى ئۆسۇپ كەتكەن شۇ شۇمتەككە ئۆز كۆزىڭىز بىلەن بىر ئالىيۋىتىپ چىقسىڭىز بوپتىكەن .:...

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

تېلېفونوم ئەنسىز سايراپ كەتتى دېگەن قانداق گەپ؟

safiya816 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

تىمىڭىزنى ئوقۇپ كۆڭلۈم بىرخىللا بولۇپ قالدى، باشلىقنىڭ بالىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلسە، مەمۇرلۇق ئىمتىھاندا شۇنىڭغا ئۆلچەپ كىسىپ سان چىقىرىپ بىرىدىكەن، ئىشلەۋاتقان ئورنىدىن رازى بولمىسا يۆتكەلمىكى ماۋۇ ئىشخانىدىن ئىۋۇ قوشنا ئىشخانىغا يۆتكەلگەندەك ئاسان بولىدىكەن، ئۆسمىكى تېخى راكىتانىڭ سۈرئىتىدەك تىز. ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ بالىلىرى ھەممە ئىشتا ئۆزىگە تايانمىسا ئامال يوق. ھەي~ كىيىن بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق ئىشلارغا دۇچ كەلسە، ئۇلارغا قانچىلىك سەلبىي تەسىرى بولار دەيمەن.

419 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

بەت: [1]
: باشلىقنىڭ بالىسى ... (مىكرو ھىكايە )