tawpik يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

بۇ يۇمۇر ئەمەس

ئولتۇرۇشقا كېچىككەنلەرنى ساقلىغاچ پاراڭغا چۈشكەن بىر نەچچىسى باشتا گەپنى كىشىلەرنىڭ ۋاقىت قارىشىنى سۆكۈشتىن باشلاپ، ئاخىرىدا سۆز تېمىسىنىڭ قانداق بولۇپ خوتۇن، بالىغا يۆتكەلگەنلىكىنىمۇ تۇيماي پاراڭلىشىۋاتاتتى.
    — بالىمىزنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى توغرىسىدا دەتالاش قىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا خوتۇنۇم بىلەن باغلاشتىم. ئەگەر بۇ بىر مەۋسۈم مەن باشقۇرغاندا بالامنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ھەممە پەندە 90 غا چىقسا، خوتۇنۇم بىر يىل يېڭى كىيىم-كېچەك ۋە ھەر قانداق زىبۇ-زىننەت ئالماي ئايلىق مائاشىنى ئۆيگە ساق ئەكىرىدىغان، ئەگەر 90 غا چىقىرالمىسام، بىر يىل ئىچىدە مەن ھەر قانداق چاي، ئولتۇرۇش، سەيلە-ساياھەتكە بارمايدىغان بولۇپ كېلىشتۇق، — دەپ ھەممىنى ئاغزىغا قارىتىپ سۆزلەۋاتقان كازىم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — زامان تەرەققىي قىلغانسېرى چوڭ ئادەم تۈگۈل ئۇششاق بالىلارنىڭمۇ قىممەت قارىشىغا بىر نەرسە دەپ بولمايدىكەن. شۇ سەۋەبلىك بالام بىلەنمۇ ئاسانلا كېلىشىۋالدىم. «بىر نومۇرغا بىر يۈەن بەرسەڭ چوقۇم ئانامنى يېڭىۋېلىشىڭغا تولۇق كۈچ چىقىرىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەنتى. مېنىڭ زېرەك، بودەك ئوغلۇم دېگەندەك ھەممە پەندە ئىمتىھان نەتىجىسى 90 دىن چۈشمەي، مەندىن پۇل، مەكتەپتىن تەقدىرنامە بولۇپ ھەممە پايدىنى شۇ ئالدى. خوتۇنۇم بولسا يېڭى كىيىم، زىبۇ-زىننەت ئالماي، مائاشىنى ئۆيگە ساق ئەكىرگىنى بىلەن ھەر پەسىلدە ئىدارىسىدىن ئالىدىغان بىر تالاي مۇكاپات پۇلىنى ماڭا كۆرسەتمەي قويدى، — دەپ تۇرۇشىغا غالىب ئۇنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تەپتى.
    — كازىم راست گەپ قىلدى. بۇ كەمنىڭ بالىلىرى بەك زېرەك بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟! شۇڭا ئۇلارنى كىچىك دەپ سەل قاراشقا زادى بولمايدىكەن. بولمىسا بەزىدە ئۆزىمىز ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالىدىكەنمىز. بىر ئايچە بولدى. باشلانغۇچنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئوغلۇمنى مەكتىپىدىن ئېلىپ كېتىۋېتىپ، مەھەللىدىكى مەسچىت ئالدىغا كەلگەندە، ئەزان توۋلاۋاتقان مەزىننى كۆرگەن ئوغلۇم: «دادا، ئۇ ساقاللىق داداشنىڭ بېشىغا يۆگىگىنى نېمە؟ ئۇ نېمىشقا توۋلايدۇ؟» دەپ سورىدى. مەن بالامنىڭ قىزىقىپ سورىغان سوئاللىرىغا مەستلىكىم كەلگەن ھالدا: «بالام، ئاۋۇ ساقاللىق داداش بولسا مۇشۇ مەسچىتنىڭ مەزىنى، ھازىر ناماز ۋاقتى بولغاچقا، بۇنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئەزان توۋلايدۇ. بېشىغا يۆگىگىنى ‹سەللە› دەپ ئاتىلىدۇ».
    غالىب گېلىنى بىر قىرىۋېتىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
    — ئىككى ھەپتىدىن كېيىن خوتۇنۇم بىلەن ئۈچىمىز بىر سەنئەت كېچىلىكىگە بېرىپ ئويۇن كۆردۇق. ناخشا-ئۇسسۇل ئارىسىدا كۆرسىتىلگەن مۇقامدىن ئارىيەدە مۇقامچىنىڭ مۇقامنى شۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇشىدىن ھوزۇرلىنىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ ئولتۇرسام، تۇيۇقسىز ئوتتۇرىمىزدا ئولتۇرغان ئوغلۇم «دادا، دادا» دېگىنىچە يېڭىمدىن تارتىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا مېنى چاقىرغىنىچە قولى بىلەن مۇقامچىنى كۆرسىتىپ: «ئاۋۇ ئاكاشمۇ مەزىنمۇ، بېشىدا سەللىسى باركەنغۇ؟» دەپ سوراپ، مېنى ناھايىتى ئوڭايسىز ئەھۋالدا قويدى.
    ئۇ شۇنداق دېيىشىگە سورۇندىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشتىيۇ، غالىبنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈلكە شۇئان توختىغان بولسىمۇ، غالىب ئۇلارغا جىددىي تەلەپپۇز بىلەن: «بۇ دېگەنلىرىم يۇمۇر ئەمەس، راست گەپ. ئەگەر مېنىڭ ئورنۇمدا سىلەر بولساڭلا، بالىنىڭ سوئالىغا نېمە دەيتتىڭلار؟!» دېدى.
مەنبە: شىنخۇا تورى

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

ھاھاھا... گەرچە بۇ يۇمۇر بولمىسىمۇ يۇمۇردىن قىلىشمىغۇدەك قىززىق گەپ ئىكەن.

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

مۇقامچىلار سەللە ئورىمىسۇن

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

Tuwatur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 15:55 static/image/common/back.gif
مۇقامچىلار سەللە ئورىمىسۇن

شاھلارنىڭ كەچلىك كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن ئوردىغا كېلىپ  ئېيتىلغاچقا، سەللە -تون كىيىپ ئېيتىپتىكەنمىشقۇ.

Adilkozeynek يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

مېنىڭچە بىز بالىلىرىمىزنى ئۆرپ ئادەتلىرىمىز جەھەتتە تەربىيەلىشىمىز لازىم
بەت: [1]
: بۇ يۇمۇر ئەمەس