KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

كارۋانبىز ئەزالىرى ئۆز تەرجىمھالى-بورلۇق

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 20:02  

تەرجىمھال - سادىق سېتىنىياز بورلۇق

ئوڭدىن بىرىنچى كىشى
مەن، سادىق سېتىنىياز بورلۇق، 1982 - يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ كېچىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدا تۇغۇلدۇم. كېچىك تۇرپان شەھرىنىڭ 37 كىلومېتىر غەربى شىمالىغا جايلاشقان جاي بولۇپ، مېنىڭ بوۋام ئەڭ دەسلەپكى ئولتۇراقلىشىپ ئاچقان جاي ئىكەن. كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن جاي بولغاچقىمۇ، بۇ يەرگە شۇنداق مېھرىم بار. دەسلەپتە كېچىك باغۋەنچىلىك مەيدانى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇدۇم. بۇ مەيداندا خەنزۇلار جىق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، قوشنىلىرىمىز خەنزۇلار ئىدى. شۇڭا كىچىكىمدىن خەنزۇچىنى ئوبدان سۆزلەيتتىم.
كېيىن 1989 - يىلى ئائىلەم بىلەن تۇرپان شەھەر ئىچىگە كۆچۈپ كېلىپ، تۇرپان شەھەرلىك 4 - باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇدۇم. 1995 - يىلىدىن 1999 - يىلىغىچە تۇرپان شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى قوش تىللىق تەجرىبە سىنىپىدا تولۇقسىزدىن ۋە تولۇق بىرىنچى يىللىققىچە ئوقۇدۇم. 1999 - يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلۇپ، تەجرىبە سىنىپلار بۇ مەكتەپكە يۆتكەلگەنلىكتىن، تەجرىبە ئوتتۇرادا ئوقۇدۇم.
كىچىكىمدىن كائىناتقا قىزىقاتتىم. كائىناتنى كېزىپ، باشقا يۇلتۇزلار ۋە پىلانېتلارنى كۆرۈشنى ئويلايتتىم. شۇڭا ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكىغا قىزىقتىم ۋە تىرىشىپ ئۆگەندىم. 2001 - يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىپ ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسى بويىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. 2001 - يىلىدىن 2003 - يىلىغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىقتا ئوقۇدۇم. خەنزۇتىلى ئاساسىم ياخشى بولغاچقا، تەييارلىقتا ئوقۇغان چاغدا زېھنىمنى ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشىگە قاراتتىم. ئىنگلىز تىلى كۇرسلىرىغا قاتناشتىم. قىزىقىشىم يۇقىرى بولغاچقا، قاتتىق تىرىشىپ ئۆگەندىم. شۇ چاغلار ناھايىتى خۇشاللىق ۋە مەنىلىك ئۆتۈپتىكەن. بىر ئاغىنەم بىلەن بىللە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنەتتۇق. دائىم ئىنگلىز تىلى كورنېرلارغا بىرگە باراتتۇق، يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلىنىڭ تېكىستلىرىنى يادلايتتۇق، ئىنگلىز تىلى رادىيوسى ۋە ناخشىلارنى ئاڭلايتتۇق. تىلىمىز كەلسە - كەلمىسە ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشەتتۇق. نەتىجىدە سەۋىيەم خېلى ئۆستى، ئىنگلىزچىنى ياخشى سۆزلەيدىغان بولدۇم. 2003 - يىلى ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى 4 - دەرىجە ئىمتىھانى بېرىپ ئۆزۈمنى سىناپ باقتىم ۋە ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتتۈم.
2003 - يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىدە تولۇق كۇرستا ئوقۇدۇم. بۇ جەرياندا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئوقۇدۇم. شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسى پەرقى بولغاچقا قىينالدىم، سىنىپىمىزدا يۈزگە يېقىن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە كەينىدە قالدىم. ھەتتا 4 پەندىن قايتا ئوقۇشقىمۇ قالدىم. لېكىن ئۈمىدسىزلەنمىدىم، شۇنداق شارائىتتىمۇ داۋاملىق تىرىشتىم ۋە چەتكە چىقىش ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچمىدىم. ئادەتتىكى دەرسلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە داۋاملىق ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىپ ماڭدىم. ئىككىنچى يىللىقتا ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز 6 - دەرىجە ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم. تىرىشىشىم نەتىجىسىدە، تولۇق كۇرس پۈتتۈرۈش ماقالەم فىزىكا فاكۇلتېتىدىكى يۈزگە يېقىن ماقالىلەر ئىچىدىن تاللانغان 3 ماقالە قاتارىغا كىرىپ ۋە مۇنەۋۋەر ماقالە بولۇپ باھالاندى.
ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا توفىل ۋە GRE ئىمتىھانلىرىنى بېرىپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلدىم. بۇ جەريانمۇ پۈتۈنلەي ئوڭۇشلۇق بولمىدى. بەزى مەكتەپلەردىن رەت قىلىندىم. بەزى مەكتەپلەرگە پۈتۈن ئوقۇش مۇكاپاتسىز قوبۇل قىلىندىم. لېكىن مەن پۈتۈن ئوقۇش پۇلى بولمىسا بارالمايتتىم. ئادەم ئەگەر ئۈمىدىنى ئۈزمەي تىرىشسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا قىيىنچىلىقلاردىن كېيىن كەڭ يول ئاتا قىلىدىكەن. ئاخىرى ئامېرىكا ئايداخو شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (Idaho State University) فىزىكا فاكۇلتېتىغا تولۇق ئوقۇش مۇكاپىتى بىلەن قوبۇل قىلىندىم. شۇنىڭ بىلەن 2007 - يىلى تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى پۈتۈرۈپ، ئامېرىكا ئايداخو شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا باردىم.
ئامېرىكىدىكى ئوقۇش ھاياتىمدىكى مول ھوسۇللۇق بىر باسقۇچ بولدى. ئوقۇشنىڭ تۇنجى يىلى ئۆزۈمنىڭ ئوقۇشى بىلەن تەڭ تولۇق كۇرستا ئوقۇيدىغان بالىلارغا فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە تەجرىبە دەرسلىرى ئۆتتۈم. نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇم. << باشقا كەلگەندە باتۇر >> دەپتىكەن كونىلار، ئەمدى مېنىڭ چېكىنىش يولۇم قالمىغاچقا بار كۈچۈم بىلەن تىرىشتىم. ئىنگلىز تىلى سەۋىيەم تېز ئۆستى. باشقا دەرسلەردىمۇ ئىلگىرلىدىم. خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىپ ماقالىلەرنى ئېلان قىلدىم. تەجرىبىلەرنى ئىشلەش جەريانىدا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىق قىلىشلارنى ئۆگەندىم. ئاخىرى تۆۋەن ئېنىرگىيىلىك تۈز سىزىقلىق ئېلېكتىرون تېزلەتكۈچ ئارقىلىق پوزىترون ئىشلەپ چىقىرىش ئۈنۈمىنى تەتقىقاتى توغرىسىدا دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيە ياقىلاپ، 2014 - دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالدىم.
2014  - يىلى 3 - ئايدىن تارتىپ ھازىرغىچە كورېيە ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا دوكتور ئاشتى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. ھازىر ئېلېكتىرون تېزلەتكۈچ بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىمەن. ھازىر مەن تۇرۇۋاتقان دېجىئون شەھىرى كورىيەنىڭ پەن - تېخنىكا شەھىرى بولۇپ، مەن تېخنىكا جىلغىسى دېگەن جايدا تۇرىمەن. بۇ جايدا نۇرغۇن پەن - تېخنىكا شىركەتلىرى زىچ ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. مېنىڭچە كورىيەنىڭ ئىقتىسادى مانا مۇشۇنداق مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان پەن - تېخنىكا شىركەتلەر بولغاچقا تەرەققىي قىلىپ كىچىككىنە تەبىئىي بايلىقى كەمچىل دۆلىتىدە نۇرغۇن داڭلىق ماركىلارنى ياراتتى ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ماللىرىنى ساتالىدى. ئادەم قىلغاننى بىزمۇ قىلالايمىز، بىزنىڭ خەلقىمىزمۇ تىرىشسا، ئۆزىنىڭ يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق شىركەتلىرى بولىدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

2111 - يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىپ ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسى بويىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. 2111 - يىلىدىن 2113 - يىلىغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىقتا ئوقۇدۇم.
بىزدىن يۈز يىل ئالدىغا كېتىپسىز :lol
رەھمەت، فىزىكا بىلىملىرىدىن ئاممىباپ ۋە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇر تىلىدا داۋاملىق ماقالە ئېلان قىلىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

  خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق ، تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن !  نۇرغۇن جايلاردا يىلنامى خاتا يېزىلىپ قاپتۇ .

servi يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

مۇبارەك بولسۇن، تېخىمۇ چوڭ نەتىجە قازىنىشىڭىزغا تېلەكداشمەن، ئامان بولۇڭ:)

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

مومكىن بولسا ۋاقىتلارنى بىر تەھرىرلىۋەتكەن بولساڭلار

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئەسلىدىكى PDF ھۆججەتتىن چاپلاش جەريانىدا سانلار ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، تۈزىتىش بېرىلدى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

قارشى ئالىمىز، ئېسىل ئەسەرلەرنى كۈتىمىز..

muhakima يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتۇر .
كۇرىيەدىكى خىزمىتىڭىز ۋە تەتقىقاتىڭىز شۇنداقلا تۇرمۇشىڭىزنىڭ كۇڭۇللۇك بۇلۇشى ، بىزگە بىلىم تارقىتىش ئۇچۇن ئاتلانغان سەپىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى تىلەيمەن .
گالىلىي ،رېنتىگىن ، لاۋرىنىسلار ماڭغان يولدىكى قەدەملىرىڭىز ئۇڭۇشلۇق بولغاي !.
مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە بىز ئىلىكتىر - ماگىنىت كۈچى توغرىسىدىكى چۇشەنچە جەھەتتە ماكسىۋىل ۋە پىلانىك دەۋرىدىن جېق ھالقىش ھاسىل قىلالمىدۇق ، دىمەكچى : ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق قىلىپ بۇلالمىدۇق ، مەسلەن ، كىلاسىك ئىلىكتىرماگىنىتىزىم بۇيىچە بولغاندا ئاتۇم يادرو سىرتىدا  يادرونى ئايلىنىپ ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئىلىكتىرۇن (ياكى باشقا لىپتۇن ، مىزۇنلار) لار ئىلىكتىر ماگىنىت كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئاخىرى يادروغا چۇشۇپ كىتىشى كېرەك ئىدى ، بىراق ، ‹‹ پىلانىك ›› لار بىلەن كىلىشىۋالغاندەك مۇئەييەن ئوربىتىدا ھەرىكەتلەنگەندە ئىنىرگىيە ئوزگىرىشى يۇز بەرمەي يۇقۇرىدىكى ئەھۋالغا ‹‹ يول قۇيۇلمىدى ›› ، ئوربىتىلار ئىنىرگىيىگە ئاساسەن كۇۋانتلاشتى ، مىنىڭچە بىر مۇكەممەل نەزەرىيە يۇقۇرىدىكى ئەھۋاللارنى تۇلۇق نەزەرگە ئېلىش كېرەك ئىدى ، ھازىرقى ئەھۋالدا بولسا كۇلۇن كۇچى ئوربىتىدا ‹‹ يوقاپ كىتىپ ›› يادرودا تەخمىنەن 7 نىيوتۇن چامىسىدىكى سالماق بىلەن ‹‹ پەيدا ›› بۇلۇپ قالىدۇ ، بۇنىڭغا ، جەزمەن جاۋاپ بىرىلىشى كېرەكمۇ قانداق ؟
بۇنىڭدىن كىيىنكى يازملىرىڭىزدا مۇمكىن بولسا ، تىزلەتكۈچنىڭ تارىخى ، تۇرلىرى ، ھازىرقى ئىشلىتىلىۋاتقان تۇز سىزىقلىق ۋە ئايلانما تىزلەتكۈچنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە كەلگۇسىدە قۇرۇلماقچى بولغانلىرى ، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىشىڭىزنى ئۇمىت قىلاتتىم . رەھمەت.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

يەنە پۇرسەت بولسا يېغىلىپ توپ ئوينىساق بولاتتى:lol
:handshake:handshake

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:21

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 15:26 static/image/common/back.gif
يەنە پۇرسەت بولسا يېغىلىپ توپ ئوينىساق بولاتتى
:handshak ...

ھاھا ،ئوينايلى ، پۇرسەت كەلسە . ھازىرمۇ ئوينامسىز ؟

Ataman2009 يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 14:05

ئاداش،ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي......

ablimitt يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:10

  بىزلەر يېزىلاردا ئىلىكتىرون تىزلەتكۈچ دىگەن ئاتالغۇلارنى تىلۋىزورلاردىن تورلاردىنلا كۆرۈپ قالىدىكەنمىز، ئىلىكتىرون مىلتىقى ئارقىلىق توپلاشتۇرۇلغان توك يوللېرىدا كەپشەرلەش ئىلىپ بارىدىغانلىقىنىمۇ ماتىرياللاردىن ئانچە-مۇنچە كۆرگەن، بۇلارنى ئانچە-مۇنچە چۈشىنىش پۇرىتىنىڭ يىقىنلاپ قالغانلىقىدىن خوش بولدۇق.
بەت: [1]
: كارۋانبىز ئەزالىرى ئۆز تەرجىمھالى-بورلۇق