KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

كارۋانبىز ئەزالىرى ئۆز تەرجىمھالى-ئەركبول

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 19:58  

تەرجىمھال - تۇرسۇنجان ياسىن ئەركبول

ئوتتۇرىدىكى كىشى
مەن 1977-يىلى12-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1985-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغان.  1996-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 6 يىللىق ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرۈپ، بېيجىڭدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكترونىك ئېنژىنېرلىق فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىندىم.  مەن ئۆزۈم قىزىقىپ تاللىغان سىمسىز خەۋەرلەشمە كەسپىدە 2001-يىلى باكالاۋۇر، 2004-يىلى ماگىستىر ئۈنۋانلىرى بىلەن چىڭخۇادىكى ئوقۇشۇمنى تاماملىغان.  ئارىدا ئۇدا 3 يىل مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىي تىللار فاكۇلتىتىنىڭ ئىنگىلىزچە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇيغۇرچە سىنىپلىرىغا دەرس بەردىم.  ئەگەر چىڭخۇادا بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بىلىم ئېلىش ئېھتىياجىمنى قاندۇرغان بولسام، مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا زىيالىيلارنىڭ ئۆز خەلقىگە بىلىم بېرىشى بۇرچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
مەن ماگىستىرلىق ئوقۇشۇم تۈگىگەندىن كېيىن چىڭخۇا توڭفاڭ گۇرۇھىغا تەۋە بىر شىركەتتىن خىزمەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ شۇ يەردە جەمئىي 3 يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن.  بۇ جەرياندا مەن ئوخشىمىغان ساھەدە پەرقلىق سەۋىيىدىكى كىشىلەر بىلەن بىرگە ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.  مېنىڭ ئىشقا كىرىشىم شىركەتنىڭ كېڭىيىپ راۋاج تاپقان ۋاقتىغا توغرا كەلگەچكە، كۆپ قېتىم چەتئەلگە چىقىش ۋەزىپىلىرىگە تەيىنلەنگەنتىم.  ئاياغ ئىزلىرىم يەتكەن دۆلەتلەر قاتارىدا، ياۋرۇپادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان سىلوۋاكىيە، نۆۋەتتە خەلقى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئازاب چېكىۋاتقان سۇرىيە، قورالنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئومۇملاشقىنىدىن ھەتتا ئۆسمۈر بالىلارمۇ كوچىلاردا مىلتىق ئېسىپ يۈرىدىغان يەمەن، يېقىنقى يىللاردا دۇنياۋى ساياھەت مەركىزىگە ئايلانغان دۇبەي ۋە ئۇيغۇر دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈش كەتمەيدىغان تۈركىيە بار.  شۇ ئالتۇندەك بىرنەچچە يىللىق ياشلىقىمدىكى كەچۈرمۈشلىرىم ماڭا ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئۆگىتىپ قالماستىن ئۆزۈمنى ئۆزۈمگە قايتىدىن تونۇتتى.  مەن ئۆزۈمگە كېرەك بولغان نەرسىنىڭ ئۆمۈر بويى بىلىم ئېلىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنپ يېتىپ، ئامېرىكىدا ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇش قارارىغا كەلدىم.
شۇنىڭ بىلەن 2008-يىلى 8-ئايدا ئايالىم بىلەن ئامېرىكىغا قاراپ سەپەرگە چىقتىم ۋە ئانتېننا-ئېلېكتروماگنېتىك كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن يۇتا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور رەيھان بەكتۇرنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىىغا قېتىلدىم.  گەرچە بۇ مەكتەپ ئامېرىكىدىكى دۇنياغا مەشھۇر بىلىم يۇرتلىرىدىن بولمىسىمۇ، مەسئۇلىيەتچان پروفېسورلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇتۇش شارائىتى مەن بۇرۇن ئوقۇغان چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىنمۇ ياخشىدەك بىلىنگەن ئىدى.  بۇ مەكتەپ جايلاشقان لوگان شەھىرىنىڭ ئەللىك-مىڭغا يەتمەيدىغان نوپۇسىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك مەكتەپكە تەۋە بولۇپ، شەھەرنىڭ ئومۇمىي ئىجتىمائىي مۇھىتى ئىنتايىن ئىلمىي ۋە تىنچ ئىدى.  مۇشۇنداق مۇھىتنىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن يۇتا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بولغانلىقى چوقۇم مۇناسىۋەتلىك.  لوگاندا بەش يىل ياشىغاندىن كېيىن مىجەزىمدىكى بەزى چۇسلۇقمۇ يوقاپ كەتكەندەك بولدى.
2013-يىلى كۈزدە مېنىڭ مىكروسوفت شىركىتىدىن خىزمەت تەكلىپى ئالغانلىقىم سەۋەبلىك ئائىلە بويىچە شىركەتنىڭ باش شىتابى جايلاشقان ۋاشىڭتون شىتاتىنىڭ رېدموند شەھىرىگە كۆچۈپ كەلدۇق.  ھازىرغىچە بولغان قىسقىغىنا بىر يېرىم يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارنى ئۆگىنىشىم بىلەن بىرگە ئەمەلىي تېخنىكىلىق تەجرىبىلەرگىمۇ ئىگە بولدۇم.  بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن پەن-تېخنىكا جەھەتتە دۇنيانى يېتەكلەپ كېتىۋاتقىنىنى چۈشىنپ يەتتىم.  شۇنىڭ بىلەن ئۆز خەلقىمنىڭ ئامېرىكىلىقتەك ئىلغار مىللەتلەرنى ئۈلگە (ھېچ بولمىغاندا پەن-تېىنىكا جەھەتتە) قىلىپ ئىلگىرىلەش يولىدا ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشۇش ئارقىلىق ھاياتىمنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىلمىي ماقالىلەر:
كەسپىي يىغىن ۋە ژۇرناللاردا 10 پارچىدىن كۆپ ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان.
مۇكاپاتلار:
IEEEنىڭ ئانتېننا ۋە پروپاگاتسىيە شۆبىسىنىڭ 2012-يىللىق دوكتورلۇق ئاسپىرانت تەتقىقات مۇكاپىتى.
يۇتا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى 2012-يىللىق كۆزگە كۆرۈنەرلىك دوكتورلۇق ئوقۇغۇچى دىسسېرتاتسىيە مۇكاپىتى.
2011-يىللىق خەلقئارا كىچىك تىپتىكى سۈنئي ھەمرا ئىلمىي يىغىنى ئوقۇغۇچىلار ماقالە مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجە
2000-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى 3-دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى.
1996-يىللىق جۇڭگو تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىلىق مېخانىكا مۇسابىقىسىدە مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجە (شىنجاڭدىكى رايونلۇق تاللىنىشتا بىرىنچى) .  


Hechkim يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

يىللار خاتا بولۇپ قاپتۇ.

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئەسلىدىكى PDF ھۆججەتتىن چاپلاش جەريانىدا سانلار ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، تۈزىتىش بېرىلدى.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

  بۇ تەرجىمھالنى كۆرۈپ خوش بولدۇق، ئەمىلى پەنلەردە تەتقىقات ئىلىپ بارىدىغان قېرىنداشلېرىمىزنىڭ بىرى كۈپىيىشىلا بىزگە چوڭ خۇشاللىق ۋە كەلگۈسى ئۈمىت...
  بىز بۇ يەردە يۇقىرى چاستوتىلىق تەجىربە ئىشلىمەكچى بولساق يانفوننىڭ قۇۋۋەت لامپىسىنى ئايىم ئىشلىتىش ئۈچۈن قانداق قىلساق بۇلاركىن. ئادەتتە ئۇ قىسمى توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلىنىڭ ئىچىگە ئىلىنىپ كىتىدىكەن، ئەسلى نەچچە يىل ئىلگىرى  نەچچىنى يانداش ئىشلىتىپ يۇقىرى چاستوتىلىق ئىتىلداق ۋە خام گۆشلەرنى پىشۇرىدىغان نەرسىنى قىپ باقماقچى بولغانتىم. ئادەتتىكى لامپىلار چاستوتىسى تۈۋەن بولغاچقا قۇناقلاردا ئىندوكسىيلىك تەسىر پەيدا قىلالمايدۇ.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتۇر ، كارۋانبىز بىلەن ئاتلانغان سەپىرىڭىزگە قۇتلۇق بولسۇن ، ئالغان قەدىمىڭلاردىن گۇل ئۇنسۇن!.
ھازىر جەميىتىمىزدە موتلەق كوپ كىشىلىرىمىز تېلفۇندىن ئايرىلالماس ھالەتكە يەتتى ، مۇشۇنداق بىر پەيتتە سىزدەك بىر كەسىپ ئىگىسىنىڭ كارۋانبىز گورۇپپىسىغا ئەزا بۇلۇپ بىزگە بىلىم بىرىشكە ئاتلانغىنىڭىز بىز ئۇچۇن ياخشى ئوگىنىش پورسىتى ، سىلەرگە كوپ رەھمەت ۋە ئالى ئېھتىرام!.
مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تېلفۇننىڭ تەرەققىياتىنى ئانىتانىڭ تەرەققىياتى دىسەك ، مىنىڭچە كوپ خاتالاشمايمىز ، سىزنڭ يازمىلىرىڭىزدا تۇنجى تىلگىرامما ئاپىراتىنىڭ ئانتىناسىدىن ھازىرقى تېلفۇننىڭ ئانتىناسىغىچە تارىخى جەىيانلار ۋە ئۇنىڭ كەلگۇسىدىكى يۇزلىنىشى توغرىسىدىكى مولچەرلەرنى بىلىشنى ئومىت قىلىمىز .
نەزەرىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ‹‹كۇۋانت ئورالمىسى ›› ئارقىلىق چەكسىز يىراق ئارىلىققا ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت (نۇر تىزلىكىدىن ھالقىغان تىزلىكتە )ئىچىدە ئالاقە سىگىنالىنى يوللاپ ئالاقىلەشكىلى بۇلۇشى مۇمكىن ،  شارائىت يار بەرسە مۇشۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھىرلەندۇرسىڭىز .
تىسلا - فىزىكا تارىخىدىكى سىرلىق (مىنىڭ بىلىشىمچە ئۇنىڭ بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىلىرى ھازىرغا قەدەر ئامىرىكا مەخپىيەتلىك تارماقلىرىنىڭ قوغداش ئوبىكتى ئىكەن ، تۇڭگۇستىكى پارتلاشنىمۇ بەزىلەر ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىكەن) ، ئەمما ، ئۇنتۇلماس توھپە قوشقان  گىگانت شەخس ، ئۇنىڭ ئالاقىلىشىش ۋە ئىلىكتىر ئىشلىرىغا قوشقان توھپىسىمۇ ناھايىتى زور ، بۇ ھەقتىمۇ تەپسىلى مەلۇمات بىرىشكە بۇلارمۇ؟
رەھمەت.

Erkbol يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 10:52 static/image/common/back.gif
بۇ تەرجىمھالنى كۆرۈپ خوش بولدۇق، ئەمىلى پەنلەردە تەت ...

يۇقىرى چاستوتىلىق ئېلېكتروماگنېتىك دولقۇن يېمەكلىكنى ئىچىدىكى قۇتۇپلاشقان مولېكۇلىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىسىتىدۇ ياكى ئىشۇرىدۇ.  بۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن چاستوتىلار 915 MHz ۋە 2.45 GHz دىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ، چۈنكى قايسى چاستوتىنى نېمىگە ئىشلىتىش خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.  بىز تۇرمۇشىمىزدا قوللىنىدىغان مىكرو دولقۇنلۇق دوخوپكىلارنىڭ كۆپى 2.45 GHz چاستوتىدا ئىشلەيدۇ.

لامپىلاردىن چىقىدىغان نۇرنىڭ چاستوتى 400دىن 789 THz بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئىنسان كۆزى پەقەت مۇشۇ چاستوتىلاردىكى نۇر (ياكى ئېلېكتروماگنېتىك دولقۇنى)نىلا كۆرەلەيدۇ.  يېمەكلىك ئىچىدىكى مولېكۇلىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە ئۇنداق يۇقىرى چاستوتىلىق نۇر ئۈنۈملۈك ئەمەس.  بولمىسا بىز ئاپتاپتا پىشىپ قالساق توغرا بولاتتى.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-12 08:56  

Erkbol يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 02:58 static/image/common/back.gif
يۇقىرى چاستوتىلىق ئېلېكتروماگنېتىك دولقۇن يېمەكلىكن ...

  مەن تىخى قۇناقنىڭ ئېتىلدۇرۇلغان سىننى كۆرگەندىن كىيىن گۆشنىمۇ شۇنداق ئىچىدىن پىشۇرسا ياكى چالا پىشۇرالىسىمۇ قىلىن كالا گۈشىنىڭ ئۇتتۇرسى خام بۇپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بۇلامىكىن دەپ ئويلىغانتىم.
تۇرمۇشىمىزدا قوللىنىدىغان مىكرو دولقۇنلۇق دوخوپكىلارنىڭ كۆپى 2.45 GHz چاستوتىدا ئىشلەيدۇ.
   微波炉دۇخۇپكا تۇغرىلىق پەقەتلا ماتىريال ئىزدەپ باقماپتىكەنمەن، رەخمەت سىلىگە، چوڭ قۇۋۋەتلىك يۇقىرى چاستوتىلىق لامپا ئىزدىگىنىمگە خېلى بولدى، تاپقىنىم ئارانلا 2.5 ۋات، ئۇنىڭدىن چوڭنى تىپىش بەك تەس ئۇخشايدۇ.
بۇ ماگىنىت دۇلقۇنى ئەمەس نۇر چىقىرىدىغان نەرسىكەن ، ھەم ئىچىدىن قىزىتىش ئېھتىماللىقىمۇ تۈۋەن. ئەسلى بەك خوش بولغانتىم ...

  تۈۋەندىكىسى قايتا تەھرىرلەپ قۇشقانلېرىم.
  ياكى بۇنىڭدىمۇ شۇ يۇقىرى بىسىملىق توكنىڭ ئۇچقۇن ھاسىل قىلىشىدىن تەۋرىنىش ھاسىل قىلارمۇ؟ ئىئونلۇق كىسىش(ھاۋا بىسىمىنى توك ئۇچقۇنىدىن ئۈتكۈزۈپ قىزىتىپ مىتالغا سۇقتۇرۇپ كىسىش) ماشنىسىدىمۇ شۇنداق تەۋرىنىش ھاسىل قىلىپ ئاندىن ئىشچى توكنىڭ ئىككى ئورام تۇكىدا يۇقىرى بىسىم ھاسىل قىلىپ قوزغىتىدۇ.
  دىمەك تۈۋەن بىسىمدا بۇنداق يۇقىرى چاستوتا ھاسىل قىلىدىغان لامپا تەننەرخىمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ. ئەمدى چۈشەندىم. بۇنداق يۇقىرى چاستوتىنى مىنىڭ دۇلقۇن كۆرسەتكۈچۈم كۆرسىتىپ بېرەلمەيتتى. مىنىڭكىسى ئارانلا 20 مىگا گىرتىسقىچە كۆرسىتىدىغۇ دەيمەن....
بۇنداق تەۋرىنىشنىڭ چاستوتىسىنى بۇنچە يۇقىرى دەپ ئويلىماپتىكەنمەن، دىمىسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولمىغىنىدا ئىككى ئورامدا نەچچە مىڭ ۋولىت توك ھاسىل بولمايتتى...

Erkbol يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 15:12 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتۇر ، كارۋانبىز بىلەن ئاتلانغان  ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.  ناھايىتى ياخشى پىكىر بېرىپسىز.  سىز تىلغا ئالغان شۇ تېمىلارنىڭ بەزىلىرىنى مەنمۇ ئويلاپ قويغانتىم.  ئالدىمىزدىكى بىرنەچچە ئاي ئىچىدە شۇ توغرىسىدا يازما تەييارلايمەن.  بۇندىن كېيىنمۇ بىزگە مۇشۇنداق ياخشى پىكىرلەرنى داۋاملىق بېرىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرسۇنجانكا:handshake:handshake

Erkbol يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:37

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 15:33 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرسۇنجانكا

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ۋاراتار ئۇكام:D

TEWBE يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:31

سىزنىڭ ئىنگىلىزتىلىدىن دەرس بەرگەن ۋاقىتلىرىڭىزغا توغرا كىلەلمىگىنىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن.

سوراپ باقاي، ئامرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا جەھەتتىن دۇنيانى يىتەكلەپ كىتەلىشىدىكى سەۋەب نېمىدۇ؟

ئۇندىن باشقا لوگان شەھرىدە تۇرغىنىڭىزدا مىجەزىڭىزدىكى چۇسلۇقنىڭمۇ يوقاپ كەتكەندەك بولىشىدىكى سەۋەبلەر ئىلمىي كەيپىيات ۋە ساپالىق كىشىلەر بىلەن بولغان تۇرمۇش مۇھىتى دەپ كۆرسىتىپسىز، مۇشۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز قانداق، جانلىق مىساللار بىلەن بولسا تېخىمۇ ياخشى.

بەت: [1]
: كارۋانبىز ئەزالىرى ئۆز تەرجىمھالى-ئەركبول