KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

قىزىل ھاراقنىڭ راستىنلا پايدىسى بارمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 19:56  

قىزىل ھاراقنىڭ راستىنلا پايدىسى بارمۇ؟
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە


قىزىل ھاراقنىڭ ياشارتىش رولى بارلىقى ۋە ياكى بىر قىسىم داڭلىق ئارتىسلارنىڭ كۈندە بىر ئىستاكان قىزىل ھاراق ئىچىپ قويۇشىنىڭ ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پاراڭلارنى بەلكىم سىزمۇ ئاڭلىدىڭىز. ئۇنداقتا قىزىل ھاراقنى كىشىلەر نېمە ئۈچۈن سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ قارىغان؟ بۇ گەپنىڭ رستىنلا ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟ ئامېرىكا ئالىملىرى يېقىندا بۇ ھەقتە ئىلىپ بېرىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.
ئالدىنقى ئون يىل مابەينىدە، بىز قىزىل ھاراق ياكى قارا شاكىلات ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق دېگەنگە ئىشەندۈرۈلدۇق. چۈنكى بىر قانچە تەتقىقات نەتىجىلىرىدە قىزىل ھاراق، شاكلات ۋە باشقا بىر قانچە يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا رېزۋىراتول (resveratrol) يۈرەك كېسىلى، راك ۋە بىر قانچە ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرنىڭ خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە .
جون-خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى ۋە دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىتالىيەدە ياشاۋاتقان 800 كىشىنى تەتقىق قىلغاندا، ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېزۋىراتول مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغۇچىلار بىلەن بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ يۈرەك كېسىلى، راك ۋە ئۆمۈر كۆرۈش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك پەرق يوقلۇقىنى تېپىپ چىقتى.
ئىلىم-پەننىڭ رېزۋىراتولغا بولغان قاتتىق قىزغىنلىقى 1990-يىللاردىن باشلانغان. بۇ ۋاقىتلاردا تەتقىقاتچىلار مۇنداق بىر پارادوكسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى:
فىرانسىيىلىكلەر گەرچە سارماي، ئىرىمچىك، چوشقا گۆشى ۋە باشقا تويۇنغان مايلار ۋە خولېسترول يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشىغا قارىماي، ئۇلاردا تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن. نېمە ئۈچۈن؟
يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئاز كۆرۈلۈشى فىرانسىيىلىكلەر ياخشى كۆرىدىغان يەنە بىر نەرسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەز ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ دەل قىزىل ھاراق. بىر ناھايىتى كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا رېزۋىراتول ئاخىرى قىزىل ھاراق، كوكا، قىزىل ئۈزۈم ۋە ھەر خىل شىرنىلىك مېۋىلەر ۋە يىلتىزلاردىن ئايرىۋىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، كۆپلىگەن ھۈجەيرە ۋە ھايۋانلارنى مودېل قىلىپ ئىشلەنگەن تەتقىقاتلاردا رېزۋىراتولنىڭ يۇقۇملىنىشنى ئازلىتىدىغانلىقى ۋە ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىدىن قوغدايدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلدى.
گەرچە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار يۇقىرى مىقداردىكى رېزۋىراتول تەركىبلىك ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلغان ئاز ساندىكى كىشىلەرنى قىسقا مۇددەتلىك تەتقىق قىلىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما لۇگى فىررۇچى ۋە رىچارد سېما قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى رېزۋىراتولنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىلىرى بىر نورمال يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغان چوڭراق كىشىلەر توپىنى ئۇزۇن مۇددەت تەكشۈرگەندىمۇ يەنىلا شۇنداق بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ باقماقچى بولغان.
1998-يىلى، فېررۇچى «چىئانتى قېرىلىق تەتقىقاتى»نى باشلىغان بولۇپ، بۇ تەتقىقات ئوتتۇرا ئىتالىيەنىڭ قىزىل ھارىقى داڭلىق بىر رايونىدىكى 65 ياش ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى 783 نەپەر كىشىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان. ئۆتكەن 16 يىلدىن بۇيان، بۇ پىدائىيلار ساغلام قېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قانچە ئامىللارنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشكە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا قان، سۈيدۈك تەقدىم قىلغان، قەرەللىك ھالدا ساغلاملىق تەكشۈرۈتكەن ۋە ئىستېمال ئادىتى ۋە تۇرمۇش شەكلى توغرىسىدىكى سوئال-جاۋابلىق سىناققا قاتنىشىپ تۇرغان.
ئەڭ يېقىنقى تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار «چىئانتى تەتقىقاتى» قاتناشچىلىرىدىن 1998-يىلى يېغىۋىلىنغان ۋە كەلگۈسى تەتقىقات ئۈچۈن توڭلىتىپ قويۇلغان سۈيدۈك ئەۋرىشكىلىرىدىكى رېزۋىراتولدىن كەلگەن مېتابولىزملىق قالدۇق ماددىلارنىڭ مىقدارىنى تەكشۈرگەن. تەتقىقاتچىلار يۇقىرى مىقداردىكى رېزۋىراتول بايقالغان كىشىلەر تېخىمۇ ساغلامراق بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىغان. ئەمما، ئۇلار يۇقىرى رېزۋىراتول ۋە تۆۋەن رېزۋىراتول ئىستېمال قىلغان كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىدا ھېچقانداق يوق پەرق يوقلۇقىنى بايقىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتچىلار 1998-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ئۆلۈپ كەتكەن 268 نەپەر كىشى ئىچىدە ئاز ۋە كۆپ رېزۋىراتول ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنداق قىلىپ، تەتقىقاتچىلار يۇقىرى مىقداردىكى رېزۋىراتول ماددىسى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئىنسانلارنى كېسەلدىن ساقلىمايدۇ ھەم ئۆمۈرنى ئۇزارتمايدۇ، دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان.
نۆۋەتتە رېزۋىراتولنىڭ ھەقىقىي كىشىلەر دۇنياسىدىكى پايدىلىرى كونترول قىلىنغان تەتقىقات مۇھىتىدا ئېرىشىلگەن نەتىجىلەردەك كىشىنى روھلاندۇرىدىغان بولۇپ چىقماسلىقىدىكى سەۋەب يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈشنى كۈتمەكتە. بىر مۇمكىنچىلىكى بار بولغان چۈشەندۈرۈش بولسا: رېزۋىراتولنىڭ مىقدارى. ئادەتتىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى رېزۋىراتولنىڭ مىقدارى، مەسىلەن بىر ئىستاكان قىزىل ھاراقتا 1 مىللىگرام رېزۋىراتول بار، بەلكىم بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىشكە بەك ئازلىق قىلىشى تامامەن مۇمكىن. يۇقىرى مىقداردىكى رېزۋىراتول (250-500 مىللىگىرام) ئىشلىتىپ قىلىنغان ئىنسانلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا رېزۋىراتولدىن ئىبارەت بۇ ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىنىڭ قاندىكى شېكەر (گلۇكوزا)، يامان خولېستىرول ۋە ياللۇغلىنىشنى ئازايتىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا، يەنە بىر قىسىم ئوخشاش تەتقىقاتلار رېزۋىراتولنىڭ رولىنىڭ ئۇنچىۋالا كۆرۈنەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قىزىل ھاراق تەركىبىدە رېزۋىراتولدىن باشقا يەنە 40 نەچچە خىل خېمىيىلىك تەركىبلەر بولۇپ، «فىرانسىيەلىكلەر پارادوكسى»دىكى يۈرەككە پايدىلىق تەركىبلەرنىڭ بىر ياكى بىر قانچىسىنىڭ ئورتاق تەسىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

دېمەك، قىزىل ھاراق ساغلاملىققا پايدىلىق دېگەن قاراش پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. ئىلىمىي تەتقىقاتلارنىڭ جەمىئىيەتتە مودا بولغان كۆز-قاراشلاردىكى خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىشى بىزگە ئىلمىي تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرۇشنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىددىيىسىنى ئۆزگەرتىشتە بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مەنبەلەر:
Resveratrol Levels and All-Cause Mortality in Older Community-Dwelling Adults. Semba RD, ]1[ Ferrucci L, Bartali B, Urpí-Sarda M, Zamora-Ros R, Sun K, Cherubini A, Bandinelli S, Andres- .Lacueva C. JAMA Intern Med. 2014 May 12
Resveratrol, an extract of red wine, inhibits lipopolysaccharide induced airway neutrophilia and ]2[ inflammatory mediators through an NF-kappaB-independent mechanism. Birrell MA, McCluskie K, .Wong S, Donnelly LE, Barnes PJ, Belvisi MG. FASEB J. 2005 May;19(7):840-1
Regulation of inflammation and redox signaling by dietary polyphenols. Rahman I, Biswas SK, ]3[ .Kirkham PA. Biochem Pharmacol. 2006 Nov 30;72(11):1439-52
Resveratrol improves health and survival of mice on a high-calorie diet. Baur JA, Pearson KJ, ]2[ Price NL, Jamieson HA, Lerin C, Kalra A, Prabhu VV, Allard JS, Lopez-Lluch G, Lewis K, Pistell PJ, Poosala S, Becker KG, Boss O, Gwinn D, Wang M, Ramaswamy S, Fishbein KW, Spencer RG, Lakatta EG, Le Couteur D, Shaw RJ, Navas P, Puigserver P, Ingram DK, de Cabo R, Sinclair DA.
.Nature. 2006 Nov 16;444(7117):337-42
http://directorsblog.nih.gov/201 ... h-claims/#more-302

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ PDF نۇسخسىنى بىلىمدان مەخسۇس سەھىپىسىدىن چۈشۈرۋالالايسىز (http://eser.okyan.com/Bilimdan/). بىلىمدان تور ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقاندا بىلىمدان تور ژۇرنىلىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىڭ ۋە ماقالە ئاپتورىنى چۈشۈرۈپ قويماڭ. رەھمەت.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتچىلار 1998-يىلىدىن 2119-يىلىغىچە ئۆلۈپ كەتكەن 268 نەپەر كىشى ئىچىدە ئاز ۋە كۆپ رېزۋىراتول ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.
______________________________________________________________________
2110 دېگەن يىلنامە ئەسلى 2009 بولغىيمىدى؟ تەھرىرلەپ قوياي دېسەم جەزىملەشتۈرەلمىدىم.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ياخشى تېما بوپتۇ، ئىلىم پەن تەتقىيقاتى چوڭقۇرلاشقانچە ھەقىيقەتلەرنىڭ ھەقلىگى شۇنچە ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن . ئەمما زە مۇنبەرنى ئەخلەت قىلىپلا يۈرىيدىغان بەزى داشقاللار بۇ تېمىنىمۇ پېتىقلاپ يۈرمىسە بولاتتى.

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 08:53 static/image/common/back.gif
ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتچىلار 1998-يىلىدىن 2119-يىلىغىچە  ...

2119 دۇ، بىلگەجاننىڭ قولى ئىتتىكلىشىپ كىتىپتۇ مۇشۇ كەمدە. ئالدىراش ئوخشايدۇ.

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بەكلا ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى ئوقۇدۇم. مۇشۇنداق ئويلايدىغان كىشىلەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. مەنمۇ مۇشۇ خىل قاراشتا ئىدىم. ئەمدى چۈشەندىم. بىزدە مۇشۇنداق ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن خاتا چۈشەنچىلەر ئاز ئەمەس ئوخشايدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

TEWBE يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 17:17 static/image/common/back.gif
2119 دۇ، بىلگەجاننىڭ قولى ئىتتىكلىشىپ كىتىپتۇ مۇشۇ كەم ...

تۈنۈگۈن بىلىمداندىكى ماقالىلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلىغان ئىدىم، مەنمۇ ئەكىلىپ PDF نۇسخىسىدىن كۆچۈرۈپتىمەن. مانا ھازىر ۋورد نۇسخىسىدىن كۆچۈرۈپ قايتا چاپلاپ قويدۇم.:)

ziyali يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

فىرانسىيەدىكلەرنى ۋايننى تولا ئىچىپ ياش تۇرۇپلا جىگەر كىسەللكلىرىدە ئۈلۈپ كەتكەچكە يۈرەك كىسىلىدە ئۈلىدىغانلار ئاز سالماقنى ئىگەللەيدۇ دەپتۇ.:lol

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 06:16 static/image/common/back.gif
فىرانسىيەدىكلەرنى ۋايننى تولا ئىچىپ ياش تۇرۇپلا جىگەر ...

ياپونلۇقلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈرى كۆرۈشى گۈرۈچ ھارىقىنى جىق ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 09:08 static/image/common/back.gif
ياپونلۇقلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈرى كۆرۈشى گۈرۈچ ھارىقىنى جى ...

تىبابەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ۋاقتى ۋاقتىدا ئۇمىمىيۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش،تاماقلىنىش ئادىتى،كىلىمات..........دىگەندەك ئۇزۇن ئۈمۈر كۆرۈشكە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنى قويۇپ قويۇپ تۇرۇپ گۈرۈچ ھارىقىنى تىلغا ئالغىنىڭىزنى:lol ھاراق ئىچكەنگە ئۇزۇن ئۈمۈر كۆرىدىغان ئىش بولسا روسلار ۋوتكىغا چىلىشىپ ياتىدۇغۇ،ئوتتۇرىچە ئۈمرى 60قا بارمايدۇ.


بەدەن تىمپىراتورىسىنىڭ نورمال تىمپىراتورىدىن ئازراق ئۆرلىشىنى سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق دەيدىغان پاراڭلار جىق ئۇچرايدىكەن.قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ مىتابولىزىمغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەيدىكەن.ھاراقنىڭ بەدەن قىزىتىش رولى بار.مۇۋاپىق دەرىجىدە ئىچىپ بەرسە بەلكىم سالامەتلىككە پايدىلىق بولىشىمۇ مومكىن:lol
بۇ دىگىنىم مىنىڭ ھاراق ئىچىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرمەيدۇ.
بەدەننى قىزىتىش ئۈچۈن ئانچە مۇنچە ھەركەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن:lol

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 06:16 static/image/common/back.gif
فىرانسىيەدىكلەرنى ۋايننى تولا ئىچىپ ياش تۇرۇپلا جىگەر ...

ھاھاھاھ.... قىززىق يۇمۇر بوپتۇ. ياپونلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ئۇلارنىڭ كۆپ ھەرىكەت قىلىشى، تاماقنى ئازراق يېيىشى ۋە ئورۇق تۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمىكىن دەپ ئويلايمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 09:38 static/image/common/back.gif
ھاھاھاھ.... قىززىق يۇمۇر بوپتۇ. ياپونلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈ ...

ياپۇنلارمۇ قاقشاپ قويىدىكەن 3 ئادەمنىڭ بىرى راكتا ئۈلىدۇ دەپ.
ئەزالار كېرەكتىن چىقىپ راك بولمىغىچە جېنى چىقمىسا يەنە نىمە ئۈلىمىدە ئۆلسە بولىدىكىن{:136:}

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 09:37 static/image/common/back.gif
تىبابەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ۋاقتى ۋاقتىدا ئۇمىمىيۈزلۈ ...

رۇسلارنىڭ ئىچىدىغىنى ۋوتكا، ياپونلارنىڭ گۈرۈچ ھارىقى. گۈرۈچ ھارىقىنىڭ تەركىبىنى ۋوتكىدىن ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونلۇقلار ھېلىقىندا ئۇششاق رۇمكىلىرىغا قۇيۇپ پەيزى بىلەن ئىچىدۇ، رۇسلار سۇ ئىچكەندەك ئىچىپ جىگىرىنى قاتۇرۇۋالىدۇ دەپ يېزىپتىكەن، بىر ماتېرىيالدا. شۇڭا سوراپ باققانتىم.{:148:} {:195:}

alip يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 09:40 static/image/common/back.gif
ياپۇنلارمۇ قاقشاپ قويىدىكەن 3 ئادەمنىڭ بىرى راكتا ئۈل ...

راكنى ئەزالارنىڭ (ھۈجەيرەنىڭ) كېرەكتىن چىققىنى ئەمەس، كونترولسىز تەرەققى قىلىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ دەپ چۈشىنىمەنغۇ ئۆزەمچە

SAYPULLAH يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بىلگەجان ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز، ھەق گەپكە ئىشەنسىمۇ، لېكىن ئەمەل قىلمايدىغان  بىر تۈركۈم كىشىلەر بار. ئۇلار ئىلم پەندە ئىسپاتلانغاندىن كېيىن تىزلا قوبۇل قىلىپ ناچار ئىللەتلىرىنى تاشلايدىغان. بىز ۋە شۇنداق كىشىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ماقالىكەن. ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

alip يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 09:58 static/image/common/back.gif
راكنى ئەزالارنىڭ (ھۈجەيرەنىڭ) كېرەكتىن چىققىنى ئەمەس ...

مەنمۇ تۈزۈك چۈشەنمەيدىكەنمەن.:lol
نەچچە يىل بۇرۇن مۇھىت بۇلغىغۇچى ماددىلار ۋە  راكنىڭ سەۋەبى توغرىسىدىكى دەرسكە قاتناشقان ئىدىم.شۇ ۋاقىتىكى چۈشەنچەمگە ئاساسلانغاندا ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىپ پارچىلىنىش جەريانىدا خاتالىق يۈز بېرىدۇ،بۇنى بەدەن ئۇدۇللۇق توغۇرلاپ ماڭىدۇ.خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ مەلۇم ئەزاغا توپلىنىپ مېڭىشى بەدەننىڭ خاتالىق ئوڭشىشىغا ياكى خاتالىقنىڭ كۆپىيىشىگە تەسىر قىلىدۇ..........بۇ خىل خاتالىق توپلىشىپ ئاخىرىدا راكقا ئۆزگىرىشى مومكىن.......
دىگەندەك چۈشۈنۈپ كەپتىكەنمەن:lol  

ئادەم يا ئۇ خىل سەۋەپ يا بۇ خىل سەۋەپ.......ئىشقىلىپ بىر نىمىلەرنى قىلىپ ئۈلىدۇ.
ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە باشقا خىلدىكى ئۈلۈش سەۋەپلىرىنى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشۈرگەن.باشقا سەۋەپلەر بىلەن ئۆلمىگەندىن كىيىن ئۇزۇن ئۈمۈر كۆرسە  ئۈستىدە دەپ ئۆتكەن ھۈجەيرىلەرنىڭ خاتا كۆپىيىپ- بۈلۈنۈپ قېلىش مومكىنچىلىكىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ دەيمىزمۇ ياكى دەريا بويىدا ئوينىسا ھۆل بولىشى ۋاقىتنىڭ مەسلىسى دەيمىزمۇ:L
ئادەم ئىشقىلىپ بىرنىمىلەرنى قىلىپ ئۈلىدۇ:L

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

راك كېسىلى نورمال ھۈجەيرىنىڭ راك ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ ئۆتەتتىم مەن دەرسنى

alip يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

oqmeas يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 15:46 static/image/common/back.gif
راك كېسىلى نورمال ھۈجەيرىنىڭ راك ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىش ...

شۇ راك ھۈجەيرىسى قانداق پەيدا بولىدۇ؟
ھۈجەيرە پارچىلىنىپ كۆپىيىش جەريانىدا كونترولسىز كۆپىيىپ كەتسە راك بولىدۇ. يۈرەك ھۈجەيرىلىرى پارچىلىنىپ كۆپەيمەيدۇ، شۇڭا يۈرەك ئۆسمىسى (راكى) دەپ كېسەل بولمايدۇ.

Arkzat يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

نېمىلا بولمىسۇن، ھاراق ئارقىلىق كېسەل داۋالاش بىزدە كۆپ تەشەببۇس قىلىنمىغىنى ياخشى.

feruq7 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:01

ھۈجەيرىنى بۆلۈنۈپ كۈپىيىدۇ دىسەك توغرا بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە يۈرەك راكى مەۋجۇت، ئەمما بەك ئاز ئىكەن.

راك ھۈجەيرىسى قانداق پەيدا بولىدۇ دىسە، نورمال ھۈجەيرە گىنىدا ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ، بۇ ئۆزگۈرۈش ھۈجەيرىنىڭ بىنورمال ۋە كونتىرولسىز كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن پەيدا بولىدىكەن.  

xariqyultuzi يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:13

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 09:09 static/image/common/back.gif
ياخشى تېما بوپتۇ، ئىلىم پەن تەتقىيقاتى چوڭقۇرلاشقانچە ...

ئىلاھىم ئېيتقىنىڭىز كەلگەي، ئاللاھنىڭ سۆزىگە قايىل بولـماي ئامرىكىنىڭ،ياۋروپانىڭ تەتقىقاتلىرىدىن كەلگەن جاۋاپلارغا قايىل بولىدىغانلار ئۈچۈنمۇ ياخشى تېما بوپتۇ.ئەمدى ئۇلار ھېچبولـمىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:«جانابى ئاللا سىلەرنى پەقەت زىيانلىق نەرسىلەردىنلا چەكلىدى»دېگەن سۆزى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ «سىلەرگە پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردىم» سۆزىنىڭ تېگىگە يېتەر!!!(ئايەت ـ ھەدىسنىڭ ئۆزىنى ئەمەس ،مەزمۇنىنى ئالدىم)
بەت: [1] 2
: قىزىل ھاراقنىڭ راستىنلا پايدىسى بارمۇ؟