chataxchi يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

زەھەر تاشلىتىش دورىسى راسلا شۇنداق ئۈنۈمگە ئىگىمۇ؟

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار . مۇشۇ ئۈندىدارلاردا  ئېلانىنى  بېرىۋاتقان زەھەر تاشلىتىش  دورىسى  راسلا  شۇنداق  ئۈنۈمگە ئىگىمىدۇ ؟ بۇلتۇر تىلفۇن قىلىپ  سورىسام سەككىز كۈندە زەھەرنى تازلاپ بۇلىدۇ   دىگەنتى  ، باھاسىنى سورىسام سەل قىممەتكەن  سەككىز كۈنگە ئونبەشمىڭدەك  كەتكۈدەك . بۇ قىتىم  قىممەت بولسىمۇ ئالاي  دەۋاتىمەن . زەھەر چىكىپ ئۇكۇل  ئۇرىدىغان باسقۇچقا كىلىپ  قالغان  ئادەمنى  قۇتقۇزىۋالغىنى بۇلارمۇ ؟ .  زەھەر تاشلىتىش  ئورۇنىنىڭ   پايدىسى بۇلارمۇ ؟بۇ تۇغۇرلۇق  بىلىدىغان تۇرداشلار بولسا  مەسلەھەت  بەر  سەڭلار.   باشقۇرغۇچىلار ياردەم قىلىپ تەستىقلاپ قويساڭلار  ...

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

chataxchi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 22:04 static/image/common/back.gif
تەستەقلاپ قۇيۇڭلا چۇ

سىز دېگەن دورا بىر دانىسى 750 يۈەندىن سېتىلىۋاتقان دورا شۇمىكىن. باغداش مۇنبىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىنى كۆرۈپ بېقىڭە. زەھەر تاشلىتىش دورىسىغا ئالدانغان غۇلجىلىق، دېگەن تېما.

newyork يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

بۇرادەر زادى نىمە ئىش بۇ؟ نىمە سەۋەبتىن زەھەرگە ئۆگىنىپ قالغان؟
غولجىدا نىمىشقا زەھەرنىڭ يامرىشى تىز،باشقۇرۇش بوشمۇ نىمە

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

پايدىلىق تەكلىپلەر بولسا بەرسەڭلار، ئارتۇق پاراڭلار بولۇنمىسا

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 09:11 static/image/common/back.gif
سىز دېگەن دورا بىر دانىسى 750 يۈەندىن سېتىلىۋاتقان دور ...

ھە  شۇ  ئوخشايدۇ ، مەن  تىلفۇن قىلغاندا  بىر  مەسكاللا  ئاداش  ئىلىپ بىرمۇنچە  ئىزىپ  چۈشەندۈرۈپ كەتكەنتى  شۇ  ۋاقىتتا ئۆزىمۇ  بىرنەرسە چىكىۋالغاندەكلا  تۇيۇلغان  ماڭا  . مەن  تۇرۇۋاتقان  شەھەرنىڭ  50%باللىرى  ئاق  چىكىدىكەن  ھازىر .بۇ ئىش غۇلجىدىن  ھالقىپ  كەتكىنى  نەكەم  جەنۇپنى  بىلمىدىم .  شىمالدا ھازىر  ھەممە  شەھەرگە يامىراپ كەتتى  . بۇرۇن  نەشە  چەككەنلەر  ھاز ئاققا  ئاساسەن  كۈچۈپ بولغان  ئوخشايدۇ  . ياشلاردىكى  بۇ ئىش  بەك  ئېغىرلاپ  كىتىۋاتىدۇ. تۇلۇقسىزدا  ئۇقۇۋااتقان  باللاردىمۇ  دورا  يەيدىغانلار  كۆپكەن   كۈنىگە بىريۈزنى  يەۋىتىدۇ  دىيىشىۋاتىدۇ  خەقلەر . بۇ  ئىشلار  تۇققانلىرىمنىڭ  ئارسىلدا بۇلۇپ قالار دەپ  ئويلىماپتىكەنمەن ..كاللام قۇپ قۇرۇق  بەك  ئازاپلىنىپ كىتىۋاتىمەن   ھازىرقى ھىسىياتىمنى  تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن ..باغداشتا  بىرى ئۇيغۇر تىبابەتتە  داۋالايدۇ  دەپ  تىلفۇن نۇمۇر قالدۇرۇپ  قۇيۇپتىكەن ئۇرسام  ئىتىككەن  .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

chataxchi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 10:10 static/image/common/back.gif
ھە  شۇ  ئوخشايدۇ ، مەن  تىلفۇن قىلغاندا  بىر  مەسكاللا   ...

ئەڭ ياخشىسى مۇنتىزىم زەھەر تاشلىتىش ئورۇنلىرىنى ئىزدەڭ. زەھەر خۇمارىنى يېرىم ئايدىن بىر ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈگىتىدىكەن، بىراق كېيىنكىسى شۇ ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق ئوخشايدۇ. خۇددى تاماكا تاشلىغىلى بىر يىل بولغان ئادەم تاماكىنى كۆرسە تۇرالماي قالغاندەكلا ئىش ئوخشايدۇ. ئىشقىلىپ زەھەر تاشلاپ بەكلا ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان ئىشكەنمىش.

dawud19 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dawud19 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 12:27  

مىنىڭ بىر تۇنۇشۇم بۇلىدىغان ئىچكىرىسىدە ‹تىجارەت ›قىلىدىغان ، بۇلتۇر  ئۇرۇمچىدا ئۇچۇرشۇپ قىلىپ ،تاماق يىگەچ رەھەرنىڭ گىپى چىققاندا ئۇ مۇنداقدىگەن ئىدى،مەن بىلىدىغان زەھەر تاشلىتىش دورىسى سىتۋاتقانلار  بولسا زەھەر سودىگەرلىرى ۋە ئىچكىردىن شىنجاڭغا  قاچقان قارا گۇرۇھنىڭ ئادەملىرى، زەھەر تاشلىتىش دۇرىسى ئەمىليەتتە شۇ زەھەرنىڭ ئۇزى

13899857644 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

زەھەر تاشلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك دۇرىسى،كۈچلۈك ئىمان ،  پۇلاتتەك مۇستەھكەم ئىرادە.زەھەر تاشلاش  ئۈچۈن ئىچ ئىچىدىن مۇستەھكەم ئىرادە تۇرغۇزماي تۇرۇپ ھەر قانداق دۇرا يىيىش.نۆلگە تەڭ.   خۇددى ناماز ئۇقۇش ئۈچۈن 10تاھارەت ئېلىپ،1نى ئۇساسا ھېچنىمىسى قالمىغاندەك ئىش.خلى ئۇزۇن يىل زەھەر چەككەن ،سىز دىگەندەك تۇمۇرغا ئۇكۇل ئۇرۇش باسقۇچىغا كەلگەن بىر قانچىسىنىڭ تاشلايمەن، دەپلا تاشلىغىنىنى كۆرگەنىدىم.   دەپ بىرىشىچە 3   4كۈن قاتتىق قىينىلىدىكەن، گەپ ئىرادىڭىزنىڭ ئاشۇ قىينىلىشتىن غالىپ كىلەلىشىدە. تاشلايمەن دەپ ئىرادە تىكلىمەي تۇرۇپ،دۇرا يەپ تاشلىغىنىڭىز بىلەن ،كىيىنچە كۆرسىڭىز يەنە چەككۈڭىز كىلىدۇ ئۇ بىر نىمىنى.تەۋسىيەرىم،  ئالدى ئىمانىڭىزنى مۇستەھكەملەڭ،تاشلاشقا كۈچلۈك ئىرادە تۇرغۇزۇڭ،ئاشۇ زەھەر چىكىدىغان دوسلىرىڭىزدىن يىراق تۇرۇڭ. پاكىز ئىمانلىق،ئىسىل پەزىلەتلىك ئادەملەردىن دوسىت تۇتۇڭ.   قاغا بىلەن ئۈلپەت بولساڭ،يەيدىغىنىڭ پوق.(ماقال تەمسىل).   كىشى ئۈزىنىڭ قانداقلىقىنى بىرسىدىن سۇراش بىھاجەت.    ئارلىشىدىغان دوسلىرىغا قاراپ باقسا، ئۈزىنىڭ قانداقلىقىنى بىلەلەيدۇ.

xjbc1190 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

مىنىڭ تەكلىۋىم ...شۇ دۇرىغا كەتكەن پۇلغا ،،،شۇ تاماكا چەككۈچىنى ئېلىپ ،،،يېراق دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلەرگە بېرىپ ،،،15 كۈنچە ئويناپ كىلىڭ .... ئاشۇ نىچىس بار يەردىن يىراق تۇرسا ،،،ئاندىن ئىرادە بولسا بۇ قىيىن ئىش ئەمەس ،،،،   
ئالارمەن بۇلدىكەن ساتارمەن چۇقۇم بۇلىدۇ ،،ئاۋال ساتارمەنى تازلاپ ،،،،ئالارمەن تاپالمىغاندا ئۆزلىگدىن تۇگەيدۇ بۇ !ئىشلار ،،،،، ئازنىڭ كۈچى چەكلىك ،،،،ئەڭ ياخشىسى پاكىت توپلاپ ساتىدىغانى يۇقتىدىغان ئىشنى قىلساق بىر ئادەمنىلام ئەمەس بىر مىللەتنى قۇتقۇزۋالغان بۇلىمىز !

Comeon يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

ئەلساغلام ماركىسىدىكى زەھەر تاشلاتقۇزۇش دورىسىنى مېنىڭ بىر تونۇشۇم چىقىرۋاتىدۇ .بىلىشىمچە گۇاڭجۇدا ۋە ئۈرۈمچىدە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بار . خۇرۇچلىرىغا ئاساسى جەھەتتىن خوتەندىن توننىلاپ مىللى تىبابەت دورىسى خۇرۇچلىرى ئېلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ . 10 يىللىق ئاقچىلارنى تاشلاتقۇزغان دەيدۇ . تاشلىغانلارنىڭ ئورۇن-تۇققانلىرى رەھمەت ئېيتىپ قىلغان تېلفونلىرىنى تاپشۇرۋېلىپ تۇرىدىكەن . لېكىن ئىرادىسى بوشلار ياكى تاشلاشنى ئويلاشمىغانلار يەنە چېكىۋېرىدىكەن . ئىچسىلا ساقايتىۋېتىدىغان دورا بولمىغاندەك ، ئىچسىلا زەھەر تاشلاتقۇزۋېتىدىغان دورا يوق . لېكىن بۇ دورىنىڭ بەدەندىكى زەھەرنى تازلاش ، خۇمارنى ئازايتىش دېگەندەك ئۈنىمى خېلى يۇقىرى بولسا كېرەك .  دورىنىڭ شۇخىل ئۈنىمىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئىرادىنى بىرلەشتۈرۈپ تاشلىۋالسا مەيلى ئەمەسمۇ ؟ ...

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

مىنىڭ بىر جانجىگەر دوستۇم ئاق تاماكىغا ئۈگىنىپ قالغان، لىكىن ھازىر ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن زەھەردىن قول ئۈزدى. ئۇمۇ ئىلگىرى-كىيىن بولوپ 5 يىل ئەتراپىدا چەكتى بولمىسا،
جەنۇپ تەرەپتە ئاق تاماكا قىممەت بولغاندىكىن بەن قىلىپ چىكىشكە ئىختىساد يىتىشمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرۋاقىت ئوكول قلىپلا ئۇراتتى. ئادەتتە 100 يۈەنلىك تاماكىدىن كۈنىگە 2 نى ،  ئىختىساد ئازلىق قىلمىسا 7-8 نى شىپىرىستا ئىرىتىپلا ئوكول قىلىپ ئۇراتتى.
لىكىن بۇ دوستۇم، گەرچە قەدەمنى خاتا بىسىپ قالغان بولسىمۇ ئۆزى ناچار بولمىغاچقا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن داۋالىنىپ ھازىر تەلتۆكۈس تاشلىدى.
دوستومنىڭ دىيىشىچە خۆتەن شەھەر ئىچىدە ئۇيغۇر تىبابىتى ئاساس قىلغان بىر زەھەر تاشلاتقۇزۇش دوختورخانىسى بار ئىكەن، بۇلار بىمارنىڭ تىنى ۋە پىسخىكىسىنى داۋالاش بىلەن بىرگە ئىرادىسىنىمۇ تەڭ چىنىقتۇردىكەن . دوستۇم دەل مۇشۇ دوختورخانىدا داۋالىنىپ بىر نىجىستىن قۇتۇلدى.  
لىكىن بۇ دوختۇرخانا ئاق تاماك چىكىش جەريانىدا ئەيدىزنى يوقتۇرۋالغانلارى داۋالاشنى رەت قىلىدىكەن، چۈنكى بۇلارنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى تاماكا خۇمارىنى داۋالىغىنى بىلەن ئەيدىزنى ۋىروسىنى كۆچەيتىۋىتىدىكەن.

دوستۇمنىڭ دىيىشىچە ئاتالمىش ‹‹كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش پونكىتى›› دىكىلەر بىرىدىغان ‹‹مىسەنتوڭ›› ئىسىملىك دورىنى ئىچىشتىن ساقلىنىش كىرەككەن، بۇنىڭ خۇمارى(كەيىپى) ئاق تاماكىدىن يامانكەن، مىسەنتۇڭنى جىق ئىچكەنلەرنى داۋالاش قىيىن بولامىش ...

تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، دوستۇمغا ئيتىپ قويسام سىزگە ياردەم قىلىدۇ، ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىپ دوختورخانىنىڭ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۇرۇپ بىقىڭ.

Elcibei يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

مەن  تۇرۇۋاتقان  شەھەرنىڭ  50%باللىرى  ئاق  چىكىدىكەن  ھازىر
-----------------------------------------------
ئۈستىدىكى نىسبەتنى پەرەز دەپ چۈشەندىم ، شۇنداقتىمۇ ئۇنچىلىك كۆپ بولۇشى مۇمكىنمۇ

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

قىممەتلىك  تەكلىپ  مەسلەھەت بەرگەن تورداش لارغا كۆپ رەھمەت . يىغىپ ئېيتقاندا ئېرادىنى چىڭىتسا بولغۇدەك . ھازىر  كىسەللىكلەرنىڭ  ئالدىنى ئىلىش  ئورۇنىغا بېرىپ  شۇ  دورىنى بېرىدىغان ئايال  بىلەن  سۆزلەشتىم  . بۇ  نى  تاشلىيالامدۇ  دىسەم    يا ئاقنى  چىكىدۇ  ياكى  مۇشۇ  دورىنى ئىچىدۇدەيدۇ  . ئىچكىردە  قورساقنىڭ  ئىچىگە بىرنىمە سىلىپ  داۋالىتىپ  كەلگەن بىرى  ساقىيىپ    كەينىدىن يەنە  چىكىۋاپتۇ  دەپ  ئولتۇرىدۇ .

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

Nurlan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 01:06 static/image/common/back.gif
مىنىڭ بىر جانجىگەر دوستۇم ئاق تاماكىغا ئۈگىنىپ قالغان ...

بۇلىدۇ سىزگە ئۇچۇر يوللاي
بەت: [1]
: زەھەر تاشلىتىش دورىسى راسلا شۇنداق ئۈنۈمگە ئىگىمۇ؟