rita1028 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

كۆچۈرۈلمە-تۈركىيە ئېلىكترونلۇق ساياھەت ۋىزىسىنى بېجىرىش ئۇسۇلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rita1028 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 17:47  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بەلكىم خەۋىرىڭلار بولۇشى مۇمكىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ چىقارغان يېڭى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇ يىلدىن باشلاپ رەسىمىي پاسپورتى بولغان جۇڭگو پۇقرالىرى تۈركىيە ساياھەت ۋىزىسىنى توردىن بېجىرىۋالسا بولىدۇ. يەنى، بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەت ۋىزىسىنى ساياھەت شىركەتلىرى ياكى كونسۇلغا بېرىپ يۈرمەي توردىن ئۆزى بېجىرىۋالسا بولىدۇ. بۇنى خەلق ئىچىدە تۈركىيە ئېلىكترونلۇق ساياھەت ۋىزىسى دېيىلىدىغان بولۇپ،  بۈگۈنكى يازمامدا مۇشۇ ۋىزىنى قانداق بىجىرىش ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكۈسىمەن.

تۈركىيە ئېلىكترونلۇق ساياھەت ۋىزىسىنى بېجىرىشكە كېتىدىغان ماتىرىياللار
1. ئىناۋەتلىك ۋاقتى 3 ئايدىن ئۇزاق بولغان، جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارقاتقان نورمال پاسپورت؛
2. نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىغان، توردا پۇل تۆلەش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلگەن ۋە ئىناۋەتلىك ۋاقتى بولغان ئىناۋەت كارتىسى(كرېدىت كارتا)،  60 دوللار چىقىم قىلالىشى كېرەك؛
3. تورغا باغلانغان كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلىدىغان نورمال كاللا؛

تۈركىيە ئېلىكترونلۇق ساياھەت ۋىزىسىنى بېجىرىشنىڭ باش-ئاخىرى
1.  ئەڭ ئاۋۋال تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېلىكترونلۇق ۋىزا ئىلتىماس قىلىش سېستىمىسىغا كىرىمىز( بىرەر خاتالىق چىقماسلىقى ئۈچۈن زىيارەت قىلىشتا Chrome، Firefox دېگەندەك ئىلغان توركۆرگۈلەرنى ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز)، ئادرېسى:

https://www.evisa.gov.tr/en/

2. ئادرېسنى ئاچقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنۈش چىقىدۇ، كۆرۈنۈشدىن Apple Now دېگەن خەتنى چىكىمىز:

ئەسكەرتىش: ناۋادا سىزنىڭكىدە بۇنداق كۆرۈنمىسە، دەرسلىكنىڭ توغرا كۆرۈپ چىقىشىڭىز ئۈچۈن تىلنى ئىنگىلىزچىگە تەڭشەڭ. يەنى، ئوڭ تەرەپتىكى يەرشارى بەلگىسى بار يەردىن تىلنى English قىلىپ تاللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.  يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

. بەت ئېچىلغاندىن كېيىن، Country/Region, Travel Document, Security Verification قاتارلىق ئۈچ تاللاش چىقىدۇ.  Country/Region دېگەن تاللاشدىن China دېگەننى، Travel Document دېگەن تاللاشدىن Ordinary Passportنى تاللايمىز، Security Verification دېگەن ئۈچۈنچى بوشلۇققا بوشلۇقنىڭ ئاستىدا كۆرۈنگەن ھەرپلەرنى توغرا ۋە ئېنىق كىرگۈزىمىز. يەنى رەسىمدىكىدەك:

ئەسكەرتىش:  Security Verification دېگەن ئۈچىنچى بوشلۇققا تولدۇرىدىغان مەزمۇن ھەر قېتىمدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بوشلۇقنىڭ ئاستىدىكى يەردە سىزگە نېمە چىققان بولسا شۇنى توغرا تولدۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ، بولمىسا كاللىڭىز ئېلىنىدۇ(چاقچاق ھە…)

4.  ئالدىدىكى يەرنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن save and continue دېگەن تۈگمىنى بېسىپ كەينىگە ئۆتىمىز. كېيىنكى باسقۇچتا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆز ئالدىڭىزغا نامايەن بولىدۇ( ناۋادا سىزنىڭكىدە نامايان بولمىسا، خاپا بولماي بلوگدىن چىقىپ،  ۋىزا ئىلتىماس قىلىش سېستىمىسىغا كىرگەيسىز، مېنىڭ بلوگىمدا ۋىزا ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدۇ!!!!!!!!!!!!):


ۇ قەدەمدە، Arrival Date in Turkey دېگەن خەت بار تاللاشنىڭ مەنىسى قاچان تۈركىيەگە كېلىسىز دېگەن گەپ. بىز بۇ يەردىن  تۈركىيەگە كېلىدىغان ۋاقتىمىزنى تاللىساق بولىدۇ. ئادەتتە، ئېلىكترونلۇق ۋىزىنىڭ مۆھلىتى 180 كۈن بولۇپ، سىز ۋىزا ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ 180 كۈن ئىچىدىكى خالىغان بىر ۋاقىتنى تاللاپ، تۈركىيەگە كىرىش ۋاقتىڭىزنى بېكىتسىڭىز بولىدۇ. چىگرىدىن كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ۋىزىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 30 كۈن بولۇپ، مەن تۈركىيە چىگرىسىغا قاچان كىرگەن بولسام، شۇ كۈندىن باشلاپ تۈركىيەدە 30 كۈن قانۇنلۇق قالالايمەن، ئوتتۇز كۈندىن ئېشىپ كەتسىچا؟ مۇش يەيلا، مۇش يېيىشدىن بۇرۇن تاموژنىدىن بىر مۇنچە جەرىمانە تۆلەيلا، مۇشنى ئۆيگە بېرىپ يا خوتۇنلىرىدىن يا ئەرلىرىدىن يەيلا( ما گەپ قىززىقمىكە؟ قىززىق بولمىغان بولسا چانداماي ۋىزا ئېلىشنى داۋام قىلايلى).

يۇقارقى رەسىمدىكى گەپكە كەلسەك، مەن 2015-يىلى 9-مارتتا تۈركىيەگە كېلىمەن دەپ تاللىدىم، سېستىما ماڭا دېدىكى، تامام ئوغلۇم، سەن 9-مارتتىن 4-سىنتەبىرگىچە بولغان 180 كۈن ئىچىدە خالىغان ۋاقىتتا تۈركىيەگە كەلسەڭ بولىدۇ، چىگرىدىن قاچان كىرسەڭ مەيلى، لېكىن كىرگەن كۈنۈڭدىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تۈركىيەدىن كەتسەڭ بولىدۇ. ۋىزىنىڭ ئىلتىماس قىلىش ھەققى 60 دوللار، چوقۇم ئىناۋەت كارتىسىدا بىجەرمىسەڭ بولمايدۇ دەيدۇ.

ئوقۇرمەنلەرنى زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ، «قىزىم ساڭا ئېيتاي، كىلىنىم سەن ئاڭلا» ئۇسلۇبىدا يازدىم.  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئىش، يۇقارقى ئۆرنەكتىكى گەپ بويىچە، مېنىڭ ۋىزامنىڭ ۋاقتى 4-سىنتەبىر توشىدۇ، مەن 2-سىنتەبىر تۈركىيەگە قەدەم قويغان تەقدىردە، ۋىزىنىڭ ۋاقتى ئاران ئىككى كۈن قالغان بولىدۇ، ھەرگىزمى 4-سىنتەبىر تۈركىيەگە كىرسەم يەنە بىر ئاي قالالايمەن دېگەن گەپ ئەمەس. بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز.

5. كىرىدىغان ۋاقىتنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، save and continue دېگەن تۈگمىنى بېسىپ كېيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز. كېيىنكى قەدەمدە ھەممە تاللاشنى تاللىغاندىن كېيىن، يەنە save and continue دېگەن تۈگمە كۆرۈنىدۇ ۋە ئۇنى بېسىپ كېيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز. رەسىمدىكىدەك:

6. بۇ قەدەمدە ئەمدى قولىڭىزغا پاسپورتىڭىزنى ئېلىپ تەييار بولۇڭ ۋە تۆۋەندىكى رەسىم بۇيىچە ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولدۇرۇڭ:

ئەسكەرتىش: يۇقارقى ئۇچۇرلاردىكى  Mother’s Name, Father’s Name, Type of Supporting Doc. قاتارلىقلاردىن باشقا ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى پاسپورتىڭىزدىن تاپالايسىز، شۇڭا قالغان مەزمۇنلار بىردەك پاسپورتىڭىزدىكى ئۇچۇرلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ كېرەك،  بەكرەك بىلمىسىڭىز پاسپورتىڭىزدا Date of Birth, Place of Birth, Passport Number, Passport Issue Date, Passport Expiry Date دېگەن خەتلەر بار، شۇ خەتلەرنى تېپىپ، ۋىزا ئىلتىماس قىلىش بېكىتىدىكى ئوخشاش خەتلەرنى تېپىپ مۇناسىۋەتلىك يەرلەرنى توغرا قىلىپ تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا دىققەت قىلىدىغان بىر ئىش، كونا پاسپورتتا ئىسىم – فامىلە ئۇلاپ چىقىدىغان بىر ئەھۋال بار، بۇ ئەھۋالدا پاسپورتىڭىزدىكى First Name سىزنىڭ فامىلىڭىز، Surname بولسا سىزنىڭ ئىسمىڭىز بولىدۇ. Surname ئىنگىلىزچە فامىلە، First Name ئىنگىلىزچە ئىسىم دېگەن گەپ بولۇپ، يەنى كونا پاسپورتتا بۇ ئىككىسى ئالمىشىپ، ئىسمىڭىز فامىلە بولۇپ، فامىلىڭىز ئىسىم بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن: مەمەت تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئەركەكنىڭ كونا پاسپورتتىكى يېزىلىشى MAIMAITI TUERXUN بولۇپ، پاسپورتتىكى ئەھۋال بۇيىچە بۇ كىشىنىڭ ئىسمى(First Name) تۇرسۇن، يەنى TUERXUN  ، فامىلىسى(Surname ) بولسا مەمەت، يەنى MAIMAITI  بولىدۇ.

يەنە مەسىلەن: نورمال ئىسم- فامىلىسى زۇبەيدە تۇرسۇن بولغان بىر ئايالنىڭ پاسپورتتىكى ئىسىم – فامىلىسى تۇرسۇن زۇبەيدە بولىدۇ. ناۋادا پاسپورتىڭىزدىكى ئىسىم – فامىلىڭىز ئۇلاپ يېزىلغان  شۇنداقلا ئىسىم(First Name) ۋە فامىلە(Surname ) ئايرىلمىغان بولسا يۇقارقى ئۇسۇل بۇيىچە ئالماشتۇرۇپ يازسىڭىز بولىدۇ.

7. ئەمدى قالغان ئۈچ بوشلۇق قالدى، E-mail address دېگەن بوشلۇققا ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى، Phone Number دېگەن يەرگە بىر تېلىفون نومۇرنى، Address دېگەن يەرگە ئادرېسىڭىزنى يېزىڭ. بولۇپمۇ ئېلخەتكە ئۆزىڭىز مۇقىم ئىشلىتىدىغان ئېلخەتنى يېزىڭ:

8. يۇقارقى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ بولغان بولسىڭىز، save and continue دېگەن تۈگمىنى باسسىڭىز بىر كۆزنەك سەكرەپ چىقىدۇ، ئۇ كۆزنەكتىكى ئۇچۇر سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىز ۋە تۈركىيەگە كېلىدىغان ۋاقتىڭىز ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بولۇپ، تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىشىڭىز كېرەك.  مەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، تۆۋەندىكىدەك:

اۋادا ئۇچۇرلىرىڭىزدا خاتا بولغان جاي بولسا كۆزنەكنىڭ ئاستىدىكى Edit دېگەننى بېسىپ تەھرىرلەشكە ئۆتسىڭىز بولىدۇ. خاتالىق بولمىسا، Verify دېگەن خەتنى بېسىڭ.

9.  Verify  دېگەن خەتنى باسقاندىن كېيىن، تۆۋەندىكىدەك بىر كۆزنەك چىقىپ، مەشخۇلاتلارنىڭ تامام بولغانلىقىنى، ئەمدى ئېلخەتنى تەكشۈرۈپ بېقىشىڭىز كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. تۆۋەندىكىدەك:

ئەمدى دەرھال جەدۋەلنى تولدۇرغاندا ئېلخەتنى تەكشۈرۈڭ،  ئون مىنۇتقىچە ئېلخەت كەلمىگەن بولسا Resend e-mail دېگەننى بېسىپ قايتا تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا ئېلخەت  يەنە كەلمىگەن بولسا ياكى ئېلخەت ئادرېسىنى خاتا يازغانلىقىڭىزنى ھىس قىلغان بولسىڭىز ئېرىنمەي يۇقارقى 1-باسقۇچدىن باشلاپ قايتا كېلىڭ. ماڭا كەلگەن ئېلخەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

10. ئەمدى «بۇرادەرلەر» دەيدىغان يەرگە كەلدۇق.  ئېلخەت كەلگەندىن كېيىن، پاسپورتىڭىزنى ئىنتايىن چىڭ بىر يەرگە تىقىپ، تىقىپ قويغان ئىناۋەت كارتىڭىزنى چىقىرىپ تەييار بولۇڭ. بۇ قەدەمدە ئېلخېتىڭىزگە كەلگەن خەتتىن، Approve دېگەن تۈگمىنى بېسىڭ ۋە تۆۋەندىكى جايغا ئىناۋەت كارتىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ Make Payment دېگەن خەتنى بېسىپ، پۇل تۆلىسىڭىزلا بولىدۇ:

11. پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئېلىكترونلۇق ۋىزىڭىزنى ئەۋەتىدۇ، تۆۋەندىكىدەك:

مۇشۇنداق ئۇچۇر كەلگەن بولسا، دېمەك سىزنىڭ ئېلىكترونلۇق ۋىزىڭىز تەييار بولدى دېگەن گەپ. ئەمدى سىز Download دېگەن يەرنى بېسىپ ۋىزىڭىزنى چۈشۈرۈۋالسىڭىز ئاندىن ئۇنى A4لۈك قەغەزگە بېسىپ چىقىرىۋالسىڭىز بولىدۇ. تۈركىيەگە كەلگەندە جۇڭگو چىگرىسى ۋە تۈركىيە چىگرىسىدىكى تاموژنىلارغا شۇ ۋىزىنى بېسىپ چىقىرىۋالغان قەغەزنى كۆرسەتسىڭىزلا بولىدۇ.
ئاخىرقى سۆز
تۈركىيە ئېلىكترونلۇق ساياھەت ۋىزىسىنىغۇ بېجىرىۋالدىڭىز، ۋىزىنى كۆتۈرۈپلا تۈركىيەگە كېلىۋەرسىڭىز بولامدۇ؟ بىلمەيمەن، توردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا تۈركىيە چىگرىسىدىن، ئىككى ھەپتىلىكمۇ ياكى بىر ئايلىقمۇ ئىشقىپ، قانچىلىك تۇرۇشنى پىلانلىغان بولسا شۇنچىلىك ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەدىكى بىر مېھمانخانىلاردىن ياتاق زاكاس قىلغانلىق ھۆججىتى(ياتاقلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى كۈنلىكى 50 دوللار)، تۈركىيەدىن جۇڭگوغا قايتىش بېلىتىنى سورايدىكەن، بۇلارنى كۆرسەتمىسىڭىز چىگرىدىن كىرگۈزمەيدىكەنمىش. شۇڭا ھەر ئېھتىمالغا قارشى كېلىشدىن بۇرۇن، شۇ ئەھۋاللارنى ئوبدان سۈرۈشتۈرۈپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

مەزكۇر دەرسلىكدىكى بىر قىسىم رەسىملەردىكى خەتلەر تېلىفوندا ياخشى كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا يازمىنى كومپىيۇتېردا كۆرۈشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز، بلوگىمىزنىڭ ئادرېسى: www.uyghurbeg.cn

ئۇنىڭدىن باشقا، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېلىكترونلۇق ۋىزىنى بىجىرەلمىگەنلەرگە مەن خالىس ئەمەس، ھەق ئېلىپ ۋىزا ئىلتىماس قىلىپ بېرىشنى خالايمەن. ھەقلىق مۇلازىمەت لازىم بولغانلار uyghurbeg@yahoo.com ئادرېسىدىكى ئېلخەت بىلەن ئالاقە قىلساڭلار بولىدۇ. چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا، بلوگدا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز ۋاقتىمنىڭ چىقىشىچە جاۋاب بەرگۈسىمەن.

كۆچۈرۈلمىنىڭ مەنبەسى: ئۇيغۇربەگ تور تۇراسى

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

ئاۋۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئارتۇق چىقىۋالغان رەسىمنىڭ قەيەردىن قوشۇلۇپ قالغىنىنى ئەجەب ئىزدەپ كەتتىم دېسە {:103:}

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarim222 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 18:13  

ھەجەپ ياخشى بولدى،نۇرغۇن كىشىلەر شۇ تۈركىيەگە بېرىش ئاتايىتەن ئامېرىكىنىڭ ۋىزىسىنى قويدۇرۇپ ئاۋارە بولۇپ يۈرگەن ئىدى.

President يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

كۆچۈرگەندىكى «ئەسكەرتىش:  مەزكۇر يازما ئۇيغۇربەگ تور بەگلىكىگە مەنسۇپ، ھەرقانداق شەخىسلەر ۋە ئورگانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت يوق. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلدى» دېگەن يەرنىمۇ قوشۇپ كۆچۈرمەي...{:99:}{:99:}

President يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا


ئەسلى تىمىغا قارىسىڭىز «ئاتمىش دوللارنى تۆلىمەي بېجىرىش ئۇسۇلى» بار.
مەنزىل: http://www.uyghurbeg.cn/5582.html

(يۇقارقى گەپكە ئىشىنىپ بلوگىمغا كىرىدىغانلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن)...

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

President يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 20:31 static/image/common/back.gif
ئەسلى تىمىغا قارىسىڭىز «ئاتمىش دوللارنى تۆلىمەي بېجى ...

بۇنداق دەپ قىزىقتۇرمىسىڭىزمۇ سىزنىڭ بلوگىڭىز مەزمۇنى تورداشلارنى تەبىيلا ئۆزىگە تارتىيدۇ. ئېلىكترونلۇق ۋېزا بېجىرىش ئۇسۇلنى بەكلا ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپسىز. قېرىنداشلار سىزنىڭ يازمىڭىزدىن ئاز بولمىغان نەپلەرگە ئېرىشىدۇ. بۇنىڭ ساۋابي سىزگە بۇلىدۇ.

muztag يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

قاچاندىن تارتىپ يولغا قويۇلدى، ئىنىق ۋاختىنى بىلىدىغانلار بارمۇ ؟

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

مىنىڭكىدەك ماڭدامدا بىر ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈلۈپ چاتىقى يوقلىقى ئىسپاتلىنىۋاتقان كىملىكىلام بار ئەدەم ئاشۇنداق پاسپارىتنى بىجىرەلەرمۇ؟

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

ما يەدە پاسپورتنىڭ ئەمەس ۋىزانىڭ گىپى بۇلۋاتىدۇ ۋوي :funk:

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

تىل بىلدىغانلارغا ھەقىقەتەن قولايلىقكەن، ئۇيغۇربەگنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايمەن

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

كاللا دىسە پاقالچاق دىمەڭلار پاسپۇرتى بارلارغا تۈركىيەگە كېلىپ ساياھەت قىلسۇن دەيدىغان چاقىرىقنى توردا ئېلىش ئۇسسۇلى تۇنۇشتۇرۇلۇپتۇ

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

تۈركىيەگە ساياھەتكە چىقىدىغان ئەڭ ياخشى پەسىل قايسى ؟{:91:}

MSM يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

پاسپورتى بار، ساياھەتكە چىقىشنى ئويلاشقان دوستلارنىڭ ھازىرچە تۈركىيەگە ساياھەتكە ئالدىرىماسلىقىنى، چىققۇسى بولسا باشقا دۆلەتلەرنى ئويلىشىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. (سەۋەبىنى دەپ يۈرمىسەممۇ بولار)
يۇقارقىسى پەقەت شەخسىي پىكىر.

Estami يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا


مۇھىمى كارتا چوقۇم visa ئىناۋەتلىك كارتا بولۇش كېرەك

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

MSM يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 15:38 static/image/common/back.gif
پاسپورتى بار، ساياھەتكە چىقىشنى ئويلاشقان دوستلارنىڭ  ...

سىز بەك كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز بۇرادەر.ھەقىقىي توغرا يول بىلەن چىقسا نېمە بوپتۇ. بۇنىڭ زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتكۈدەك نېمىسى بار. ھازىر دۆلىتىمىز بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولغاچقا بۇمۇ بىر ياخشى پۇرسەت ئىكەن. ئىقتىزادىمىز يار بەرسە سىرىتلارغا سەيلى ساياھەتكە كۆپرەك چىقىپ ،نەزەر دائىرىمىزنى ئېچىپ كېلەيلى.

MSM يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

iltebir107 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 17:53 static/image/common/back.gif
سىز بەك كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز بۇرادەر.ھەقىقىي توغرا يول ...

بولدى ئارتۇق سۆزلىمەي

yurak يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

بولسا پاسپورت بىجىرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ قويسىڭىز.  پاسپورتنى كىرسەكلا بىجىرىپ بېرەرمۇ؟ پاسپورت بىجىرىپ ئاندىن ۋىزا بىجىرىمىزمۇ ياكى ئاۋال ۋىزا بىجىرىپ ئاندىن پاسپورت بىجىرىمىزمۇ؟

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

yurak يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 19:04 static/image/common/back.gif
بولسا پاسپورت بىجىرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ قويسىڭىز.  پاس ...

ئاۋال پاسپۇرت ئاندىن ۋىزا

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

مۇشۇ پاسپۇرتنىڭ ۋىزىنىڭ گىپى چىقسىلا،  چۈشۈمدە دۇبەيدىكى يەلكەنلىك مىھمانخانىدا يېتىپ، دىڭىز ساھىلدا سۇغا چۈمۈلۈپ چۈش كۈرۈپ چىقىمەن دىسە. ئۈمرۈم يار بەرسە شۇ كۈنلەرمۇ نىسىپ بۇپ قالار.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

President يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 20:29 static/image/common/back.gif
كۆچۈرگەندىكى «ئەسكەرتىش:  مەزكۇر يازما ئۇيغۇربەگ تور ب ...

ئىزدىنىشقا  كۆچۈرۈپ قويىمەن دەپ خەت قالدۇرغانتىم،دىققەت قىلماپسەنمۇ نېمە؟
سەت بوپتۇ لېكىن.
بەت: [1]
: كۆچۈرۈلمە-تۈركىيە ئېلىكترونلۇق ساياھەت ۋىزىسىنى بېجىرىش ئۇسۇلى