ABC يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

توخۇ يۈرەك

يالقۇنغا ‹‹توخۇ يۈرەك›› دېگەن لەقەم سىڭىپ قالدى، دوستلىرىلا ئەمەس، مۇئەللىم، ھەتتا ئانىسىمۇ بىلىپ – بىلمەيلا نەچچە قېتىم ئۇنى شۇنداق دەپ چاقىردى. تېخى سىنىپىدىكى بالا شائىر دەپ نامى بار ئالىم ئۇنىڭغا ئاتاپ شېئىرمۇ يېزىپتۇ...
   ئۇنىڭ شۇنداق كۆڭلىگە كەلدى، ‹‹نېمىشقا ئۇلار مېنى شۇنداق ئاتىشىۋالىدىغاندۇ؟ ھەتتا ئاناممۇ نەچچە قېتىم كەچتە يالغۇز ھاجەتكە چىقالمىغىنىمغا، مەشكە تالادىن كۆمۈر ئەكىرەلمىگىنىمگە ئۆزىچىلا چالۋاقاپ توخۇ يۈرەك دەپ كېتىدىغاندۇ؟! بىلىمەن، يېقىندىن بېرى كەچلىك مۇزاكىرنى تۈگىتىپ ئۆيۈمگە يالغۇز قايتالماي ساۋاقداشلىرىمغا ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويۇڭلا دەپ يالۋۇرغىنىم راست، يالغۇز قالساملا قورققۇم كېلىدىغىنىمۇ راست، ئەمما ھەر قانچە بولسىمۇ ماڭا بۇنداق لەقەم قويۇشۇۋالسا بولمايدۇ – دە››. يالقۇن تولا ئويلاپ زېھنىنى يىغالمايدىغان، ئۆتۈلۈۋاتقان دەرسلەرنى چۈشىنەلمەيدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى.
   شۇ تاپتا مۇئەللىم دەرس سۆزلەۋاتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەس – يادى ئۆزىگە قويۇلغان ‹‹توخۇ يۈرەك›› دېگەن لەقەم ئۈستىدە ئىدى. توساتتىن مۇئەللىم ئۇنى چاقىردى:
   ــ يالقۇن، سەن دەپ باقە، سۆزلەپ نەگە كەلدىم.
   يالقۇن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى، ئۇ تارتىنىش، قورقۇش ئارىلاشقان كەيپىياتتا جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى.
   ــ نېمە، گەپ قىلمايسەنغۇ؟ سەن سىنىپتا بارمۇ يوق؟ - مۇئەللىمنىڭ تەنە بىلەن قىلغان سۆزىدىن يالقۇننى تىترەك باستى. ئاچچىقى يامان مۇئەللىم مېنى ئۇرارمۇ؟ قاتتىق تىللارمۇ؟ ئۇرسىمۇ، تىللىسىمۇ مەيلى، ‹‹توخۇ يۈرەك›› دەپ سالمىغىيدى. ئۇ شۇلارنى ئويلاشقا ئاران ئۈلگۈردى، ئەپسۇسكى، مۇئەللىم راستىنلا ئۇ ئۈمىد قىلمىغان سۆزنى دەۋەتتى:
   ــ تىلىڭ گەپكە كەلمەي، تىترەپ كەتتىڭغۇ؟ بولدى، قورقما توخۇ يۈرەك، بىلمىسەڭ ئولتۇر، زېھنىڭنى دەرسكە قارات.
   سىنىپتىكى مەسخىرىلىك كۇسۇرلاشلار ئاڭلىنىپ مۇئەللىمنىڭ ‹‹بولدى تىنچلىنىڭلار›› دېگەن سۆزى بىلەن جىمىپ قالدى. يالقۇن ھېس قىلىۋاتاتتى، ‹‹بىلىمەن، بۇ كۇسۇرلاشلار مەن ئۈچۈن چىقىۋاتىدۇ، توۋا، مۇئەللىممۇ يەنە شۇنداق دەۋاتىدىغۇ، مۇئەللىم مۇشۇنىڭ بىلەن مېنى تۆتىنچى قېتىم توخۇ يۈرەك دەپ چاقىردى ... توخۇ يۈرەك دېگەن بۇ سۆزگە شۇنچىلىك ئۆچ بوپ كەتتىم...››. بالىلىق قەلبى يەنە ئازابلانغان يالقۇننىڭ كاللىسىغا كەچكىچە دەرس چۈشمىدى.
   ئۇ بۈگۈن كەچلىك مۇزاكىرىگە قاتناشمىدى، چۈنكى ئۇ كەچتە ئۆيىگە يالغۇز قايتىشقا پەقەتلا ئىشەنچى يوق! ئۇ ساۋاقداشلىرىغا ئىشىكنىڭ يېنىغىچە ئاپىرىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈشتىن تېخىمۇ قورقىدۇ، يەنە ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن ‹‹توخۇ يۈرەك›› دېگەن سۆزنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ...
   ئۇ ئانىسىغا نېمىلەرنى دېيىشنى ئوبدان ئويلىۋالغانىدى، ئۇنىڭ كەچلىك مۇزاكىرىگە بارمىغانلىقىنى كۆرگەن ئانىسى ئۇنىڭدىن يېنىشلاپ سەۋەبىنى سورىدى، ئۇ:
   ــ بۈگۈن كەچلىك مۇزاكىرە قىلمايدىغان بولدۇق، مۇئەللىم ئۆيۈڭلەردە تەكرار قىلىڭلار دېگەن، - دەپ ئانىسىنى ئىشەندۈردى. بىر مەھەلدىن كېيىن كەچلىك تاماق پىشتى:
   ــ موماڭلارغا تاماق ئەكىرىپ بەرگىن، - دېدى ئانىسى.
   ئۇ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدى.
   ــ يەنە قورقۇۋاتامسەن. توخۇ يۈرەك، - ئانىسىنىڭ ئۇنى ‹‹توخۇ يۈرەك›› دەپ چاقىرىشى بەشىنچى قېتىملىقى ئىدى. ئۇ گەپ قىلماي تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇردى.
   ــ ئەمىسە مەن ئەكىرىپ بىرەي – ھە. سەن تاماق يەپ تۇرغىن،-  ئانىسى تاماق كۆتۈرۈپ سىرتقا مېڭىشى بىلەن تەڭ يالقۇنمۇ سۇڭدىشىپلا ماڭدى
   ــ ھەي توخۇ يۈرەك. يا ئۆزۈڭ يالغۇز ئاچىقالمايسەن، يا ئۆيدە يالغۇز بىر دەم ئولتۇرالمايسەن. ساڭا جىن چاپلىشىۋالمىغاندىكىن ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇر.
   بۇ ئانىسنىڭ مۇشۇ كەچتە ئۇنى ئىككىنچى قېتىم، ھازىرغىچە جەمئىي ئالتە قېتىم ‹‹توخۇ يۈرەك›› دەپ چاقىرىشى ئىدى. ئۇ ئىچ – ئىچىدىن ئازابلانغاچ ئامالسىز ئۆيدە يالغۇز تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
   ئۇ ئانىسىنىڭ ئېغىزىدىن ‹‹جىن›› دېگەن سۆزنى ئاڭلاپلا ئۆزىنىڭ بىر دوستى بەرگەن ئامېرىكىنىڭ بىر نەچچە قورقۇنچلۇق كىنوسىنىڭ لېنتىسىنى ئاتا – ئانىسىنىڭ يوقلۇقىدىن پايدىلنىپ ئوغرىلىقچە بېرىلىپ كۆرۈش جەريانىنى ئەسكە ئالدى. ئۇ، بۇ كىنولارنى كۆرۈۋېرىپ مۇشۇنداق قورقۇنچاق بولۇپ قالغانىدى. خۇددى ئاشۇ كىنولاردىكى ئاجايىپ – غارايىپ، ۋەقەلەر، ئالۋاستىلار ئۇنىڭ كەينىدىن سايە تاشلاپ ئەگىپ يۈرگەندەك قىلاتتى. قان تەپچىپ تۇرغان ئۇزۇن تىرناقلىق قوللار خۇددى ئۇنىڭ گېلىدىن بوغۇپ، تىرىك پېتى قېنىنى شورايدىغاندەك، پارچىلاپ يەۋېتىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. شۇ سەۋەبلىك ئۇ ئاخىرى توخۇ يۈرەك دېگەن لەقەمگە قالغانىدى، لېكىن ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى بۇنداق ئاتىشىنى ئادالەتسىزلىك ھېسابلايتتى، بالىلىق قەلبى خورلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى، ھەر قېتىم مەيلى دوستلىرى، مۇئەللىمى ياكى ئانىسى مۇشۇنداق ئاتىغاندا تېخىمۇ قورقاتتى، كىنو كۆرۈش ئۇنىڭغا نىسبەتەن تەبىئەتتىن، يالغۇزلۇقتىن قورقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ‹‹توخۇ يۈرەك›› دېگەن بۇ لەقەمنىڭ قويۇلۇشى ئۇنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى، پۈتكۈل بالىلىق قەلبىنى قورقۇتۇۋاتاتتى، شۇڭىمۇ ئۇ قورقۇنچاق بولۇپ قالماقتا ئىدى.
   بۈگۈنكى ئون نەچچە مىنۇتلۇق يالغۇزلۇق ئاخىرى ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزىگە قويۇلغان بۇ لەقەمدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىدى. ئۇ ئاخىرى قەتئىي نىيەتكە كەلدى، ‹‹ھەرگىزمۇ توخۇ يۈرەك بولمايمەن›› دەپ قەسەم ئىچتى ئۇ ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلاپ.
   ئۇ ئەتىسى دوستى بەرگەن ھېلىقى جىن – ئالۋاستىلار ھەققىدىكى كىنو پىلاستىنكىلرىنى مەشكە سېلىپ كۆيدۈرۋەتتى ھەم ئاشۇ كىنولاردىكى قورقۇنچلۇق ۋەقەلىكلەرنىمۇ ئويلماستىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دەرسكە بېرىلدى، كەچتە مۇزاكىرىدىمۇ ئۆيىگە يالغۇز قايتتى. بۇ جەرياندىمۇ مۇئەللىم ئۆتكەن دەرسلەرنىلا ئويلىدى، كەينىگە پات – پات قاراپ قويىدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلمىدى. ئۇنىڭغا سايە تاشلاپ ماڭغاندەك قىلىدىغان مەۋھۇم قورقۇتقۇچى ۋە جان ئالغۇچى جىن – ئالۋاستىلارمۇ يوقالدى. ئۇنىڭ توخۇ – يۈرەكلىكىگە ئاستا – ئاستا خاتىمە بېرىلىشكە باشلىدى. ئۇ كەچلىرى مۇزاكىرىدىن يانغاندا قورقماي ئۆزى يالغۇز ئۆيىگە قايتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن دوستلىرى ئۇنىڭغا: ‹‹يالقۇن، ئەمدى ئەجەب قورقمايدىغان بوپ قاپسەن، ئاناڭ ساڭا توخۇ يۈرەكلىك كېسىلىنىڭ دورىسى دەپ يولۋاسنىڭ يۈرىكىنى يېگۈزمىگەندۇ – ھە؟›› دېيىشسە، مۇئەللىم دەرستە ئۇنىڭ ئۆزى سورىغان سوئاللارغا تەمكىنلىك بىلەن جاۋاب بەرگىنىنى كۆرۈپ: ‹‹توخۇ يۈرەكلىكىڭ يوقىلىپتۇ – دە. ساڭا نېمە بولدى؟›› دېدى. ئانىسىمۇ ئاخشاملىرى ئۇنىڭ يالغۇز سىرتقا چىقىپ ئەركىن ھەرىكەت قىلغىنىنى كۆرۈپ: ‹‹بالام يالقۇن، توخۇ يۈرەكلىكىڭ نەگە كەتتى؟ قىزىق ئىش...›› دەپ ھەيران قالدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى تەكرار ئاڭلاپ، مەن تولۇق ئۆزگەرگەن تۇرۇپمۇ يەنە نېمىشقا بۇ لەقەمدىن قۇتۇلالمايمەن؟ نېمىشقا كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا باھا بېرىش ئۇسۇلى ئۆزگەرمەيدىغاندۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلايدىغان بولدى.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

tirkax يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

تارىم غۇنچىلىرىدا كۆرگەندەك قىلغان .

moltoshey يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بۇ يالقۇن روزىنىڭ پارىڭى ئەمەستۇ ھە

bariber يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

ئۆزگىرىش تېزكەن -ھە؟
بەت: [1]
: توخۇ يۈرەك