چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىش بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ...
چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىش بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىقئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى بالىلارنىڭ مەكتەپتە چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىشى ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش، ئىش – پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل سۇسان خالىم: ‹‹ چالغۇ چېلىش ئادەمنىڭ سول مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، چالغۇ چېلىشنى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئادەتتە، ئۇچۇرلارنى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى 5/1 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىچىك مۇزىكا ئەترىتىدە چالغۇ چېلىش بالىلارنىڭ بىر – بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى، ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىنى چەكلەپ تۇرۇشىغا پايدىلىق ›› دېگەن.
خالىمنىڭ بۇ تەتقىقاتى ئەنگلىيە بالىلار، مەكتەپ ۋە ئائىلە مىنىستىرلىكىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ نۇرغۇن بالىنىڭ چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىشىگە ئىلھام بەرگەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر مەكتەپ ئىچى – سىرتىدا 330 مىليون فوندستېرلىڭ مەبلەغ سېلىپ، بالىلارنىڭ چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىشىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بەرگەن. ھازىر ئەنگلىيە مەكتەپلىرىدە 1 مىليون ئۆسمۈر چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىۋېتىپتۇ.
ئەنگلىيە بالىلار، مەكتەپ ۋە ئائىلە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ئەيدى بارس: مۇزىكا ئەنگلىيە مودا مەدەنىيىتىنىڭ يادروسى، بالىلار قىزىقىدىغان مۇھاكىمە تېمىسى. بىز مۇزىكىنىڭ مەكتەپ تۇرمۇشىدا، شۇنداقلا بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، دېدى.
شىنجاڭ گېزىتىدىن ناتايىن دەپ ئىنكاس يىزىپ قويسام، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىمىگەن دەپ پىپەن قىلنماسمەن مەھەلە كومىتتىتا؟… .
419 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 13:13 static/image/common/back.gif
ناي نايغا ئامراق بىز خەقنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يۇقۇرى ...
:lol :lol ئىش قىلىپ ئۆي دىگەندە بىە چالغۇ تۇرمىسىمۇ بولمايدۇ، ئانچە-مۇنچە ئۈگۈنۈپ قۇيۇشنى قوللايمەن. مۇشۇ ئىزدىنىشتا بىلىمخۇمار ئاكىمۇ ياكى بىلگەجانمۇ بىرسى ناخشا مۇزىكا ۋە چالغۇنىڭ ئەقلى ئىقتىدارغا تەسىرى يوقلىقىنى، ئانچە تەسىرى يوقلىقىنى بىر تېمىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك ئېسىمدىغۇ ؟
لېكىن بىرەر تال چالغۇنى چالالايدىغان بولۇش ، بىر ئۆيدە بىرەر تال چالغۇ بولۇشنى مەن قوللايمەن، مەدەنىيەتلىك ئىلمى ئائىلىدە بىرەر تال ساز بولۇشى كېرەك iltersh يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 14:02 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئىزدىنىشتا بىلىمخۇمار ئاكىمۇ ياكى بىلگەجانمۇ بىر ...
تاشپولات: مۇزىكا تەربىيىسى بالىلارنىڭ كالىسىنى ئۆتكۈر قىلالمايدىكەن
http://bbs.izdinix.com/thread-56180-1-1.html
تاشپۇلات دوكتورنىڭ بىر پارچە ماقالىسىدا بۇ ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن تۈنۈگۈن بىر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بىلەن پاراڭلىشىپ قېلىپ مىنىڭمۇ بىرە تال ساز چېلىشنى ئۆگەنگـۈم بارلىقىنى لىكىن نوتا سىزىمى يوقمۇ ئۆگۈنەلمىگەنلىكىمنى سۆزلىسەم ...... بىرە ئىشقا بپەرۋا قارايدىغان ئادەملەر ئاسانراق ئۆگۈنەلەيدۇ دىدىغۇ .... ئۆزىچە isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 15:12 static/image/common/back.gif
تۈنۈگۈن بىر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بىلەن پاراڭلىشىپ قېلىپ ...
شۇڭلاشقا ئۈگۈنەلمەپتىكەنمەندە ،بىپەرۋا بولىمەن دەپلا بولىۋالغىلى بولمىسا يا.;P چالغۇ ھېچىنېمىنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ.
ئاۋۇ گەپنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. iltersh يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 14:02 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئىزدىنىشتا بىلىمخۇمار ئاكىمۇ ياكى بىلگەجانمۇ بىر ...
مەدىنىيەتلىك ئىلمى ئائىلىنىڭ مۇنداق ئۆلچىمىمۇ بار دەپ قويۇڭ.ئاڭلىمغان يىڭى پاراڭكەن. ئالما ئۇسسۇلىغا تەرەققى قىلىۋاتىدىغۇ ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىرى ئاخىر؟ سەھنىلەرنىڭ ياخشى تاللىنىشى، تەرەت بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشكۈدەك مەسچىت ئالدى isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 15:12 static/image/common/back.gif
تۈنۈگۈن بىر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بىلەن پاراڭلىشىپ قېلىپ ...
قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، مەنمۇ ئىلىكتىرونلۇق رىئال چىلىشنى ئۈگنىۋالغانتىم بىر ناخشىغا چىلىپ باقتىم، بىرەنى ئېپ قويسام دەپ ئويلاۋاتىمەن بالامغا... گىتار دىۋدى ئېپ بەرسەم تارىنى ئۈزۋىتىپ تاشلاپ قويدى، قىزىقمىغىنىمىكىن...
ھازىر ھەممىسى كۈرۈك ماركىلىقنى چالىدىكەن، يېزىلاردىمۇ شۇ، ئەمما ئۈگەنگىلى ئادەتتىكىلېرى بولسىلا بۇلىدۇ.
بەت:
[1]