yasnjan1527 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

شىنجاڭ تالانت سەھنىسىنى كۆرگەندىن كىيىن ئويلىغانلىرىم

تىخى ھىلىلا تالانت سەھنىسى پىروگراممىسىنى كۆرۈپ بولدۇم ، كۆرگەندىن كىيىن كۆڭلۈم خىلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى ، كاللامغا نۇرغۇن خىياللار كىلىشكە باشلىدى ،  تىلۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا دەسلەپتە ناۋا پىروگراممىسى قويولدى ، ئۇنىڭدىن كىيىن ، يىڭى ناۋا ، ئىستىقبال سەھنىسى ، يىپەك يولى پىروگراممىسى ، تالانىت سەھنىسى قويۇلدى ، سەھنە دەسلەپتە كۆڭۈلدىكى سۆز ، مەدىنىيەت بوستانى قاتارلىق پىروگراممىلار ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا كۆرۈشكە ئىچىۋىتىلگەن بولسا ئاخىرىدا تالانت سەھنىسىگە ئوخشاش مەلۇم جەھەتتە ئىقتىدارى بار خەلق ئاممىسىىنىڭ سەھنىگە بىۋاستە چىقىپ قاتنىشىشىغا ئىچىۋىتىلدى ،تىلۋىزۇردا سەھنە دەسلەپتە نۇرغۇن كىشىلەر كۆرۈشكە تەرەققى قىلىپ ئاخىرىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشىغا تەرەققى قىلدى ، بۇ  شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىز باشقا مىللەت تىلىدىكى يوققىرى ئىنىقلىقتىكى كىنولىرىنى ، باشقا پىروگراممىلىرىنى قويۇپ قويۇپ مۇشۇ پىروگراممىلارنى كۆرىدىغان ھالەت شەكىللەندى (شەخسەن مەن شۇنداق بولدۇم). تىلۋىزۇر كۆرۈرمەنلىرى دەسلەپتە بىر قانال كۆرۈشتىن كۆپ قانال كۆرۈشكە ، ئاز پىرۇگرامما كۆرۈشتىن كۆپ پىروگرامما كۆرۈشكە ، ھازىر بولسا تىلۋىزىيەپىروگرامىسىنى تاللاپ كۆرىدىغان مۇشۇنداق ياخشى ئەھۋال شەكىللەندى ، قىسىقىسى رىقابەت كەسكىنلىشىپ ، شارائىت پىشىپ يىتىلىپ تىلۋىزىيە مىىلتىمىز ئارىسىدا ئۆز رولىنى تىپىشقا ، تىخىمۇ ياخشى جارى قىلىشقا باشلىدى .
مەن سەھنىدە بىر ئۇكىمىزنىڭ موسكۇللىرىنى چىقىرىپ نومۇر ئورۇنلىغىنىنى كۆرۈپ ئويلاپ قالدىم ، بۇنى باشقا ئۇكىلىرىمىز كۆرسە ئۇلارمۇ شۇنداق چىنىقار ھە ، باشقا تىخىمۇ موسكۇللۇق ئاكا - ئۇكىلىرىمىز كىلەر قىتىمدا كىلىپ يىڭىچە ئۇسۇلدا ئۆز موسكوللىرىنى چىقىرىپ نومۇر كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىن ياخشى مەنمۇ بار دەپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويامدۇ تىخى ، بىرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ جومۇ ، كىينكى قىسىملاردا يەنە كىملەر يەنە قانداق نومۇرلارنى كۆرسىتەر؟ يىپەك يولى پىروگراممىسى بولغان بولسا يەنە ناخشا ئىيتىپ چىقىدۇ دىيەلەيتتىم ، لىكىن بۇ تالانىت سەھنىسىدە ھەر كىم ئۆزىنىڭ ھەرقانداق تانتلىرىنى نومۇر قىلىپ كۆرسىتىدىغان بولغاچقا بىر نەرسە دىيەلمەيۋاتىمەن ...
مەن ئادەتتە خەنزۇچە قاناللارنىمۇ كۆرۈپ تۇرىمەن ، خەنزۇچە قاناللارمۇ يوققىردا ئىيتىلغاندەك تەرەققى قىلىپ بىز باسقان بۇ قەدەملەرنى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىسىپ بولدى ،  ئۇلاردا بىزنىڭ قاناللىرىمىزدا تىخى قويۇلمىغان نۇرغۇن ئاممىۋى پىروگراممىلار بار .
ئۇلارمۇ دەسلەپتە كەڭ ئاممىغا كۆرۈشكە ئىچىۋىتىلگەن بولسا ، كىيىن ئامما ئىچىدىكى ناخشا ئىيتالايدىغان ئاممىغا قاتنىشىشقا ئىچىۋىتىلدى ، ئۇنىڭدىن باشقا  مۇشۇ تالانت سەھنىسىگە ئوخشاپ كىتىدىغان نۇرغۇن پىروگراممىلار كۆپەيدى ، كۆپ خىللىقتىن ھەتتا مەخسۇلاشتى ، بۇنىڭ بىلەن خەلق ئىچىدىكى كۆمۈلۈپ قالغان نەرسىلەر چىقىشقا باشلىدى ،مەسىلەن خەلق ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالغان مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى ، كۆمۈلۈپ قالغان ناخشىچىلار، كۆمۈلۈپ قالغان نوتۇقچىلار ، كۆمۈلۈپ قالغان ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كىشىلەر..... چىقىشقا باشلىدى . قىسىقىسى تىۋىزۇر پىرۇگراممىلىرى كۈچىنىڭ يىتىشىچە كۆرۈرمەنلىرىنى قىزىشقا ، كۆرۈرمەنلەرگە سىڭىشقا باشلىدى ،
شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ پىروگراممىلارنى تەلپۈنۈپ كۆرىدىغانلار ، مۇشۇ پىروگرامىمىلارغا قاتنىشىدىغانلار ، مۇشۇ پىروگممىلار ئۈچۈن ئورنىدىن قوپقانلار  ، مۇشۇ پىروگراممىلار سەۋەبىدىن ئۆزگىرىش ياسىغانلار كۈندىن -كۈنگە زورايدى ، كۆرۈرمەنلىرى تىخىمۇ كۆپىيىپ نەچچە يۈزمىليۇنغا يەتتى  ، قىسىقىسى بۇ پىروگراممىلار ئۇلارغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى دەپ ئويلايمەن .
مانا ئاخىرى بىزنىڭ تىلۋىزىيە پىروگراممىلىرىمۇ يوققىردا ئىيتىلغان بولۇشقا باشلىدى ، بۇ كۈنلەر بىزگىمۇ ئاخىرى  كەلدى ، مەن بىزنىڭ تىلۋىزىيە پىروگرانمىلىرىمىزنىڭمۇ خەلقىمىزنى ھەرجەھەتتىن توختماي قىزىشىنى ، يىتەكلىشىنى ، ئويغىتىشىنى تىلەيمەن ، ھەم بىر كۈنلەردە شۇنداق بولىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن ،
تىلۋىزۇردا مانا مۇشۇنداق ياخشى بىخلار يىتىلىۋاتقاندا جەمئيىتىمىزدە تەسىرى ، رولى تىلۋىزۇردىنمۇ يوققىرى بولغان ئىنتىرنىت دۇنياسى ئۆز ھولىنى خىلى مۇستەھكەملەپ جىلۋىلىنىشكە باشلىدى ،
دەسلەپتە تور بىكەتلەر بەس - بەستە قورۇلۇشقا باشلىدى ، دەسلەپتە ئاددىي خەتلىك توربىكەتلەردىن  ھازىرقى رەڭگارەڭ تور دۇنياسى شەكىللەندى ، دەسلەپتە توردا قۇرۇق گەپلەر، مەدىيەتسىز مۇنازىلەر بولغان بولسا  ھازىر بارغانچە مەدىنىيلىككە ، ئىلمىيلىققا ، يىڭىلىققا يۈزلەندى ، قىسىقىسى تور تىلۋىزىيە قىلالمايدىغان نۇرغۇن شارائىتلارنى ھازىرلاپ ، نۇرغۇن ئىشلارغا تالانىت سەھنىسىگە ئوخشايدىغان نۇرغۇن سەھنىلەرنى ئىجات قىلىشقا چاقىرىپ قول پۇلاڭلىتىشقا باشلىدى ، گەپنىڭ تىخىمۇ قىسىقىسى تور ئۆز پىروگرامما، سەھىنىلىرىگە تىلۋىزۇر سىغدۇرۇپ بولالمايدىغان نەچچە يۈز مىڭلىغان سەھىنىگە چىققۇچىنى ئۆزىگە بىراقلا سىغدۇردى ، شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا ئىنتىلىدىغانلار تىلۋىزۇرغا ئىنتىلىدىغانلاردىن نەچچە ھەسسە جىق بولدى ، تەسىرىمۇ تىلۋىزۇردىن چوڭ بولدى ، بولۇپمۇ تەرەققى قىلغان ، تور ئومۇملاشقان دۆلەتلەردە تىخىمۇ شۇنداق بولدى، ( مەن بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ شۇنداق بولىشىغا تىلەكداشمەن ، بىر كۈنلەردە شۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن )  .
مەن مۇشۇ مىللى كارخانىلىرىمىزغا چىڭ ئۈمۈد باغلاپ تۇرىۋاتىمەن ، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ شاپائىتى بىلەن كارخانىلىرىمىز تىخىمۇ تەرەققى قىلسا ، تىخىمۇ بىيىسا ، تىخىمۇ كۆپەيسە ، تىخىمۇ كىڭەيسە ، تەسىرى تىخىمۇ زۇرايسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە...! يەنە مۇشۇ تالانت سەھنىسىگە ئوخشاش خەلقىمىزنىڭ غىدىقلىنىشىغا، ئويغىنىشىغا ، ھەركەت قىلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان پىرۇگراممىلارغا تىخىمۇ كۆپ كارخانىلار تىخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالسا ... كارخانىلار ئۆز تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەرنى تىىخىمۇ تەرەققى قىلغان جايلارغا ، چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقارسا ھە...
مەن مۇشۇ مىللى كارخانىلىرىمىزنىڭ رولىنى تىخىمۇ چۈشەنگەندەك بولىۋاتىمەن ، كارخانىنىڭ مىللەت تەرەققىياتىدا ، مىللەتنىڭ ئۆزلىكىنى ساقلاپ قىلىشىدا ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئىنتايىن بەك تەكىتلەپ ئۆتىمەن ، مىللىتىمىز ئارىسىدىكى ئالى مەلۇماتلىق كىشىلەرنىڭ مۇشۇ مىللى كارخانىلانىڭ تەرەققىيات ئىشىنى موھىم ئىشلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مىللى كارخانىلارنى  ھەرجەھەتتىن قوللىشىنى ، غىدىقلىشىنى ، چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ يول كۆرسىتىشىنى سەمىمىي تەكلىپ قىلىمەن ، مىللىتىمىز ئىچىدىكى شۇ ئالى مەلۇماتلىق كىشىلىمىزنىڭ (گەپ ئىگىسىنى تاپسۇن) ئۆزلىرى ئۆگەنگەن بىلىملىرىگە ، كەسپىگە خۇددى مۇناسىۋەتىسزدەك كۆرۈنىدىغان ئاشۇ تىڭىرقاۋاتقان ، بىخلىنىۋاتقان (ياكى بوش قىلىۋاتقان كەسپنى دەپ بولسىمۇ) مىللى كارخانىلىرىمىڭ ئەمىلىيەتتە ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىىكىنى ھىسىقىلىشىنى ، شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىنى تىپىپ ياردەم قىلىشىنى ، كۆڭۈل بۆلىشىنى ، يىتەكلىشىنى ، قەلەم تەۋرىتىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .
مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ جاپا تارتسىمۇ (ئازىراق زىيان بولسىمۇ ) خوددىي خەنزۇ يولداشلارنىڭ تىلۋىزىيەپىرۇگراممىلىرىدەك ئەلنى غىدىقلايدىغان پىرەراممىلارنى تىخىمۇ بارلىققا كەلتۈرىشى ، شۇنداق پىرۇگراممىلارنى ئويلاپ چىقىشىنى ، تىلۋىزۇردىكى ئاشۇنداق پىرۇگراممىلارغا سالغان مەبلەغنى ئىنتىرنىت تورغىمۇ سىلىشىنى ، توردا تىلۋىزىيە پىرۇگراممىلىرىدەك نادىر پىروگراممىلارنى مەيدانغا كەلتۇرىشىنى تەكلىپ قىلىمەن ھەم شۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
ئەمىلىيەتتە ئىنتىرنىت تورىدا مۇشۇنداق پىروگراممىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ  تىلۋىزۇردىكىدەك ئىلان ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدىغان بولۇپ بۇ ئۈنۈم ھەم ياخشى ھەم ئەرزان بولۇپلا قالماي جەمىيەتكىمۇ بولغان تەسىرى ئىنتايىن ياخشى ، شۇڭا مىللى كارخانىلىرىمىزنىڭ ئىنتىرنىت تورىدا مۇشۇنداق پىروگراممىلارنى كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ شۇ ئارقىلىق ئىلان مەخسىتىگە يىتىشىنى ، ھەم مۇنىڭغا يۈزلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . تور ئىلانلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ، ئۇسۇلىغا ئائىت كۆپلەپ ماقالىلارنىڭ ئىلان قىلىشىنى ، كارخانىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ياشىلىرىمىزنىڭ تىخىمۇ جاسارەتلىك بولىشىنى توردا مۇشۇنداق ئەلنى غىدىقلايدىغان سەھىپىلەرنىڭ تىخىمۇ كۆپلەپ بارلىققا كىلىشى ئۈچۈن تىخىمۇ كۈچ چىقىرىشىنى،   توردىكى  ھەرخىل غاجاشلاردىن قوقماسلىقىنى  ئۈمۈد قىلىمەن ، (‹‹‹‹‹ئىت ھاۋشار، كارۋان يۈرەر .ئەگەر كارۋان ماڭمىسا قۇمغا كۆمۈلۈپ كىتەر، چۈنكى ئەمىلىيەتتە ئاخىرقى مەخسەت بىر ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ ئۇنداق - مۇنداق سۆزلىسىمۇ يەنە شۇ بىر نىشان ،يەنە شۇ بىر مەخسەت ئۈچۈن سۆزلەيدىغۇ ؟ ھىچكىم سىزنى باغلاپ سۆرەپ ماڭغىنى يوق ، ئۇمۇ ئۆز قاراشلىرى ، مىغىزىنى قوبۇل قىلىپ ، شاكىلىنى چىقرىپ تاشلايمىزدە، شاكالدىن قوقسىڭىز ،مەڭگۈ مىغىزنىڭ تەمىنى تىتىيالمايسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاڭلىغۇچى ئۇنداق دۆت ئەمەس››› )
ئىنتىرنىتقا مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ بايراقدار بولۇپ ئالدى بىلەن مۇشۇنداق يىڭى سەھىپىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىشىنى ، توردا ، ھەم تىلۋىزۇردا تور ئىلانى توغرىسىدا ئىلان  ئىشلىشىنى ، تور ئىلانىنىڭ ئەھمىيىتى ، موھىملىقى ، تەسىرى ، ئۇسۇلى توغرىسىدا ، قىسقا كىنو ، كارتون فىلىم ، مۇسابىقىلارنى ئورۇنلاشتۇرىشىنى ، مۇنازىرەلەرنىڭ بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . (بۇنداق قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور ، مەن شۇنداق قارايمەن ، مىللىتىمىز ئىچىدىكى بايلار ، كارخانىلار خالىسانە مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە )
ئاخىرىدا يوقارقى ماقالەمنىڭ ئۆزەمنىڭ كۆزقارىشى ئىكەنلىكىنى ، ھىچكىمنى باغلاپ تارتىپ ماڭمىغانلىقىمنى ، مىنى قوللايدىغان ، ياكى ئوخشاش پىكىردىلەرنىڭ مىنىڭ ئۈمۈدلىرىم ، ئارزۇلىرىم ئۈچۈن مەن بىلەن تەڭ ئازراق ھەركەت قىلىپ قويىشىنى ، ئۈمۈد قىلىمەن . مۇنازىرلەشكەندە ‹‹ مىنىڭچە ... ›› دەپ باشلىشىنى ، ھەرگىزمۇ تەرەپۋازلىق ، ئاڭسىزلقىنى ، مۇنازىرىنىڭ ئۇسۇلى ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەي قالايمىقان سۆزلىمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن .



  

Qamcha يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

نېمىشقىكىن مۇشۇ ناۋا دەيمىز ، يىپەك يولى دەيمىز . پەقەت ناخشا ئۇسسۇللا بار پىروگراممىغا پەقەت قىززىقمايمەن . لېكىن كۆرىدىغان ئادەملەر بەك جىق ئىكەن(ئۇلارنىڭ قىزىقىشىغىمۇ ئەلۋەتتە ھۆرمەت قىلىمەن) .

لېكىن ماۋۇ تالانت سەھنىسىنى ياقتۇرۇپ قالدىم ، سىزنىڭ نىمىدە تالانتىڭىز بولسىلا سەھنىگە چىقسىڭىز بولىدىكەن. شۇڭا مەن نەق مەيدانغا بېرىپمۇ كۆرۈپ كەلدىم ، ئىشقىلىپ مىللىتىمىز ئارىسىدا بۇ پىروگرامما يېڭىلىق بولغاچقىمىكىن نەق مەيداندىن كۆرسە بەك قىززىيدىكەن . بەزى يەرلىرىگە كۈلۈپ تېلىقىپ قالىدىكەن كىشى ...
باھالىغۇچىلار ئارىسىدىكى ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكىمىزنىڭ قورسىدىكى بىلىمىگىمۇ قايىل بولدۇم !

لېكىن تىلۋىزوردا قويغاندا ھېلىقىدەك قىزىقارلىق كۆرۈنۈشلەرنى (بىئەپ يەرلەرنى) كىسىۋىتىپ ئاندىن قويۇپتۇ . شۇڭا شارائىت يار بەرگەنلەر نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

attir يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

نىمانداق قىسقىكىن دەيمەن ،
ھەممىسى كىسۋىتىپتۇ كۆپ يىرىنى دەيدۇ،ئەركىن پىرگۇرامما بولغاندىن ئۇنچە بەك زىغىرلاپ كەتمىسىمۇ بولاتتىغۇ،
خەنزۇلارنىڭ بىر پىرگۇراممىسى بولدىغان  باھالىغۇچى( پىرگۇرامما باشلانغاندا ئالدىراپ ئوبىرنىگە كىرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن) دەپ كىرىپ چىقىققانلىرىنىمۇ كىسىۋەتمەي قويۇپتىكەن ،ئىشقىلىپ ئالامەت قىززىق بولىدىكەن ئەركىن بولغانسىرى،
يەنە بىرى تاماشىبىنلارنى قەتتى سۇرەتكە ئالمايدىكەن ،مۇشۇ ئىشلارنى ئوڭشاپ كەتسە تىخىمۇ قىززار ئىدى.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

مەن CCTVنىڭ  « ئىجاتچىلار چۈشى» (发明梦工场) ، «ئىگىلىك ياراتقۇچى قەھرىمانلار ئۇچرىشىشى ( 创业英雄汇) دەك پىروگىراممىلارنى  ئاالاھىدە قىزىقىپ كۆرۈمەن،
1.ئىجاتچىلار چۈشى (发明梦工场) پىروگىراممىسا، ئىجاتچىلار ئىجات قىلغان كەشپىياتلىرىنى نەق مەيدانغا ئەكىلىپ تونۇشتىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى قىزىقتۇرىدۇ ، مەبلەغ سالغۇچى بايلار ياندا ئولتۇرۇپ كۆرۈدۇ، ئاخىرىدا بۇ كەشپىياتنى بازارلاشتۇرۇپ مەبلەغنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە قىزغىن كىمئارتۇق بازىرى بولۇپ كېتىدۇ، ئاخىرىدا كەشپىياتچى بىلەن مەبلەغچى كېلىشپ( نەق مەيدانغا كىلەلمىگەن باشلىقلاردىن مەقۇللۇق ئېلىش ئۈچۈن تېلىفۇنخانىمۇ سەپلەنگەن) نەق مەيداندا توختام تۈزىشىدۇ .
2.«ئىگىلىك ياراتقۇچى قەھرىمانلار ئۇچرىشىشى» ( 创业英雄汇) پىروگىراممىسىدا، بۇرۇن ئىگىلىك يارىتىپ ئۇتۇق قازانغان كارخانىچىلار [ مەسىلەن: مايۇن(ئالى بابا) ، لىياۋ چۈەنجى(لىيەنشىياڭ)،لېي جۈن(شىياۋ مى) ...] نەق مەيداندا تۈر مەبلەغ يىتىشمىگەن بىراق ئاشۇ ئەكەلگەن  ئوي-خىياللىرى ئىستىقباللىق بولغان بۇ مىكرو-كىچىك كارىخانىلارغا قانچىلىك مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا باھا بېرىدۇ، تەكلىپ بېرىدۇ، بىر چەتتە ئولتۇرغان پۇلدارلار شۇنىڭغا قاراپ مەبلەغ سېلىش ئىستىكىنى تۇرغۇزۇپ قوللايمەن كۇنۇپكىسىنى باسىدۇ ۋە دە تالاش قىلىشىدۇ  ۋە ئەڭ ئاىىرىدا كىم مۇۋاپىق باھا ۋە پىلان بىلەن تەمىنلىيەلىسىە ، ئاشۇ ئوي-خىيالچى مىكرو كارخانىچىلار شۇ مەبلەغچى بىلەن كېلىشىدۇ ۋە نەق مەيداندا  مەبلەغ سېلىش توختىمى  ئىمزالىنىدۇ.
==============
ئويلىشىمىز كىرەككى، دىيارىمىزدا پۇلىنى نەگە مەبلەغ سېلىشنى بىلمەي يۈرگەن بايلار كۆپ، پۇلى يوق كارخانىچى ئەقىلدارلارمۇ ئاز ئەمەس، مۇشۇنداق بىر سۇپا ھازىرىلانسا، مىللى كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىشىغا مەلۇم تۈرتكىلىك رول ئوينار ئىدى.

newyork يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 08:32 static/image/common/back.gif
مەن CCTVنىڭ  « ئىجاتچىلار چۈشى» (发明梦工场) ، «ئىگىلىك ياراتق ...

بۇرادەر سىز دېگەن بۇ پروگراممىلارنى قايسى ۋاقىتتا قۇيىدۇ؟سىزنىڭ ئونىۋېرسال بىلىمىڭىزگە مەن قايىل .ئادەتتە ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىز قانداق؟تەجرىبىڭىزنى بىلگىم كەلدى؟

koknur يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koknur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 09:33  

شەخسەن مەنمۇ بۇ تېمىنى قوللايمەن .بەزەنلەر ئۆزىنى بەك بىلىمدار چاغلامدۇ ،شۇنداق بىر يېڭىلىق بولسا قۇسۇر تاپماي قويمايدىكەن شۇلار بىر ئىشلەپ شۇلار بىر ئىجاد قىلىپ باقسا كۆرسەك ،بىزنىڭ يېزىلىرىمىز ئۇنچىلىك سەۋىيەگە تېخى ۋاقىت بار ،ھەربىر ئىشنىڭ باشلىنىشىدا ئانچە -مۇنچە سەۋەنلەك كورۇلۇپ تۇرىدۇ .‹‹بەش بارماق تەڭ ئەمەس ››ھەركىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى  بولىدۇ ،شۇنىڭغا ئاساسەن نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۇرگەن .ئۆزىمىزنىلائويلىمايلى ،ما زامانىۋى شەھەرلەردە ياشاۋاتقانلار يېراق يېزا _قىشلاقلىرىمىزدىكىلەرنىمۇ ئويلاپ قويۇڭلار..........

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anatil8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 09:49  

بەلكىم مۇشۇ پىراگىراممىغا رىياسەتچىلىك قىلۋاتقانلار، مۇشۇ پىراگىراممىنى ئۇيۇشتۇرغانلار تالانت دىگەن بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ئانچە بىلىپ كەتمىسە كېرەك.

،،،،پەقەت سىھرىگەرلىكتە،ناخشا-سازدا ئانچە-مۇنچە قابىليىتى بارلارنى تالانتلىق دىمەيمىز،ئىنساننىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىقلارنى يارىتالايدىغان،دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگرى سۈرەلەيدىغان كەشپىيات، ئىختىرالارنى بارلىققا كەلتۈرگەنلەرنى تالات ئىگىسى دەيمىز.

بەلكىم بىزنىڭ بۇ تالانت سەھنىمىزنى چەتئەللىكلەر كۆرسە كۈلۈپ كىتەر،ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىدىكى تالانت پەقەت ناخشا-سازغىلا قارىتىلغانىكەن دەپ..بۇ پىراگىراممىنى يولغا قۇيۇشتىن بۇرۇن تالانت دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى ياخشى چۈشۈنۈش كېرەك.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 09:29 static/image/common/back.gif
بۇرادەر سىز دېگەن بۇ پروگراممىلارنى قايسى ۋاقىتتا قۇ ...

بىرسىCCTV-10 دە :  ھەر پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 4:45تە باشلايدۇ :
http://baike.baidu.com/view/3501545.htm
يەنە بىرسى CCTV2 دە ،ھەر جۈمە كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:18 دا باشلايدۇ .
http://baike.baidu.com/view/3333355.htm
========
مەن ئادەتتە ناخشا مۇزىكىغا پەقەت قىزىقمايمەن،  شۇ مۇزىكا ئاڭلاشقا كەتكەن ۋاقىتنى توردا خەۋەر، پەن- تەتقىقاتقا ئائىت يېڭى ئۇچۇر، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، ..دىگەندەك مەزمۇنلاردىكى ماقالىلارنى  ئاختۇرۇپ كۆرۈمەن.  ھازىرقى ياشلار قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ تىقىۋېلىپ  مۇزىكىا دىگەننى « پوچى» ئاڭلاپكىتىدىكەن،:P  ھازىر دوڭگا -تاراق بىلەن مىللەتنى زامانىۋىلىققا يۈزلەندۈرۈش شامىلى بەك چىقىۋاتىدۇ، تېلىۋىزۇرلاردا ، ئۇيغۇرچىدىن باشقا تېخى بىرەر مىللەتنىڭ مەخسۇس دۇڭگا-تاراق قويىدىغان قانىلىنى كۆرۈپ باقمىدىم ، بىزنىڭ باركەن ، 41-قانالدا، قاچان ئاچسام شۇ سەكرەپ ،يەرنى تىپىپ ئويناشلار،  ئەينى ۋاقىتتا ئېلىخان تۆرە ئۇيغۇالارنىڭ مۇشۇ يەرنى تىپىپ ئوينايدىغان نايناقلىقىنى بەك تىللاپ كىتىپتىكەن كىتاۋىدا .
ھوي، گەپلەر قېيىپ كەتتىغۇ .:lol

yasnjan1527 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

تۇربىكەت شىركەتلىرىمۇ مۇشۇنداق پىروگراممىلارنى بارلىققا كەلتۈرسە بوللاتتى ....

kanje يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 04:57 static/image/common/back.gif
نىمانداق قىسقىكىن دەيمەن ،
ھەممىسى كىسۋىتىپتۇ كۆپ يىر ...

پىروگىراممىنىڭ  ۋاقىت چەكلىمىسى بولىدۇ ،شۇڭا كەسمىسە باشقا پروگراممىلار قانداق قىلىدۇ ؟بىر پروگراممىدا بىر ئىككى ئادەمنى چىقىرىپ تۇگەتسە كۆرۇرمەنلەرنى ئەخمەق قىلغانلىق بولىدۇ .

amur يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

بولسا ناخشا ئۇسۇل ماھارىتىگە باشقا پروگراممىلار بولغاندىكىن تىقىلىپ كىرىۋالمىسىكەن بۇ سەھنىگە

attir يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

kanje يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 21:56 static/image/common/back.gif
پىروگىراممىنىڭ  ۋاقىت چەكلىمىسى بولىدۇ ،شۇڭا كەسمىسە ...

、ئادەتتە 150مىنۇتىن 140مىنۇتقىچە بولاتتى،بۇنىڭغا قارىسام 70مىنۇت .
شۇڭا قىسقا بىلىندى..

kanje يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:27

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 05:50 static/image/common/back.gif
、ئادەتتە 150مىنۇتىن 140مىنۇتقىچە بولاتتى،بۇنىڭغا قارىس ...

تالانتلىقلار ناخشا ئوقۇيدىغانلارغا قارىغاندا ئاز بولغاندىكىن بىر قىتىمدا جىق چىقارسا ئىتتىك تۇگەپ كەتمىسۇن دەپ ئويلىغان بولسا كىرەك :lol

muztag يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:34

تالانىت سەھنىسى : ئاجايىپ - غارايىپ تالانتى بارلار دەنشىگە چىقىدىغان سەھنىدە بۇ :lol

macin يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:01

بۇ بىر ياخشى باشلىنىش،بارغانچە ئىزغا چۈشىشىگە ئىشىنىمەن،بىزلەرمۇ بىلىم ئىقتىدار قېزىشنى ئۈگىنەيلى،باشقىلار بايلىق قېزىۋاتسا بىزلەر بۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق ناخشا ئۇسۇل قېزىش بىلەن ئاۋارە،
بەت: [1]
: شىنجاڭ تالانت سەھنىسىنى كۆرگەندىن كىيىن ئويلىغانلىرىم