ئىزدىنىشقا ئازراق تەكلىپ (تېخنىكىلىق)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىزدىنىش تورىدىكى ئۆزۈم بايقىغان بەزى ئەھۋاللارنى دەپ قوياي دېدىم، ئاقساقاللىق قىلغان بولسام ياكى بىلمىگەن بولسام ئۆزرە.ئەسكەرتىش: باشقا ئەزالارمۇ ئۆزى بايقىغان تېخنىكىلىق كەمچىللىكلەرنى كۆرسىتىپ قويسا، مۇنبەر ئۈچۈن پايدىلىق بولار.
(تېخنىكىلىق كەمچىللىكلەردىن باشقا ئىنكاس يېزىلمىسا ، باشقا ئىشلارغا پىكىر-تەكلىپ بولسا ئايرىم تېما يوللاڭلار)
1. تېما يوللاش بېتى نورمال ئەمەس.
مەندىلا شۇنداقمىكىن دېسەم بەزى ئىنكاسلاردا ئەزالارنىڭ يازغانلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم. مەندە ئىككى-ئۈچ ھەپتىچە بولدى، كومپيۇتېر سەھىپىسىگە تېما يوللاي دەپ تېما يوللاش بېتىگە تېمىنى يېزىپ بولۇپ، يوللاشنى باسسام بەت ئالمىشىدىغان چاغدا بەتنى ئاچالمىغانلىق ئەرسكەرتىشى چىقىدۇ. ئۆزۈم يېڭىلىسام دەلىللەش نومۇرى ماس كەلمىگەنلىك خاتالىقى چىقىدۇ. بولسا تور بەت تېخنىكلىرى قاراپ باقساڭلار.
2. كومپيۇتېر نۇسخا باش بېتىدە ۋە يانفون نۇسخىدا كارۋان بىز سەھىپىسىنىڭ تېمىلىرى كۆرۈنمەيدىكەن ياكى نورمال ئەمەسكەن. (يېڭى ئېچىلغان سەھىپە بولغاچقا تېخى مۇنبەر ۋە باش بەت قىسمىغا ئۇلانمىغان چېغى)
كومپيۇتېر باش بېتىدە يېڭى تېمىلار قاتارىدا كارۋان بىز سەھىپىسىنىڭ تېمىلىرى يوقكەن، لېكىن تەۋسىيە تېمىلار قاتارىدا باركەن.
يانفون بەتتىمۇ يېڭى تېمىلار ۋە ئىنكاسلىق تېمىلار قاتارىدا كارۋان بىز سەھىپىسىنىڭ تېمىلىرى كۆرۈنمەيدىكەن.
بولسا مۇشۇ سەھىپىلەرنىڭ ئادرېسىنى كومپيۇتېر ۋە يانفون بەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلارغا قوشۇپ قويساڭلار.
3. يانفون بەتنى ئاز تولا گۈزەللەشتۈرۈپ قويساڭلار.
بەزىدە يانفوندا ئىزدىنىشنى ئاچساق شۇ ئادەتتىكىچە، سەل قوپال ئېيتسام بۇرۇنقى ئىپتىدائىي ھالەتتە. مۇمكىن بولسا يانفون بەتكە ئاز تولا ھۆسىن تۈزەپ قويساڭلا.:lol
4. يانفون بەتنىڭ بەزى جايلىرى تولۇق تەرجىمە قىلىنمىغان.
بۇ نۇرغۇن تور بەتلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە، يەنى يانفون بەتنىڭ بەزى جايلىرى خەنزۇچە. مەسىلەن تېما ئىنكاس يوللاش بەتلىرى خەنزۇچە كۆرۈنىدىغان ئەھۋال. ئەمدى شۇ ۋاقتىڭلار چىقسا تەرجىمە قىلىپ قويساڭلار.
بۇ مەسىلىلەرگە مۇمكىن بولسا مۇنبەر تېخنىكلىرىنىڭ ئاز تولا ئىپادە بىلدۈرۈپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنمۇ بىر تەكلىپ بىرەي دىگەن ، ما تىمىنىڭ ئېچىلغىنى بەك ياخشى بوپتۇ .
مەسىلەن مەلۇم تىمىدا بىرەسى سۇئال سورىدى بۇ سوئالغا مەنمۇ قىززىقىمەن جاۋابىنى بىلىشنى ئىستەيمەن شۇ سوئالغا( يەنى ئىنكاسقا ) بەلگە ئۇررۇپ قويسام ، بىرەسى شۇ سوئالغا ( ئىنكاسقا ) جاۋاب يازسا سوئال سورىغۇچى ۋە شۇ سوئالغا بەلگە ئۇرغۇچىغا ئەسكەرتىش بىرىپ شۇ سوئالنىڭ جاۋابى چىققانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىنسا ...... بۇنىڭ ھەم جاۋاب بىرىشنى ئويلىغانلارغىمۇ جاۋاب ئىزدىگەنلەرگىمۇ ناھايتى ياخشى ئىجابى ئۈنۈم ئېلىپ كىلەمدىكى دەپ ئويلۇدۇم ئۆزەمچە ، مۇشۇنى ئويلۇشۇپ باقساڭلار ، ئەگەر سىلەر بىز قىلالمايمىز ياكى بەك زىھنىمىز كىتىدىكەن دەپ ئويلىساڭلار تورداشلارغا ۋاكالىتەن ئەسلى بەت سىستىمىسىنى ياسىغان شىركەتكە تەكلىپ سۇنۇپ قويساڭلار كىيىنكى نەشىرلىرىدە قېتىلىپ قالسىمۇ ئەجەپ ئەمەس .
يەنە بىرى تىما يوللىسا ئىزدىرەكسىز يوقاپ كىتىدىغان ئەھۋال بار ئىكەن قايسى كۈنى مەنمۇ بىر ياردەم تىمىسى يوللىغان ھېچ بولمىسا تەستىقلانمىغانلىق ئۇچۇرى بولسىمۇ تاپشۇرۇپ ئالسام .... مەن ئىزدىنىشنى باشقا تور بىكەتلەرگە قارىغاندا خېلى مۇكەممەل بىر تور بىكەت دەپ ئويلايمەن..
تورداشلارنىڭ بەرگەن پىكىرلىرى ئورۇنلۇق بوپتۇ،قوللايمەن. ئاخىرىقى ئىككى پارچە رەسىمدىكىسى، تېلېفۇنىڭىزدىكى تور كۆرگۈنىڭ ئىشى، بەتنى سىيرىپ ئەڭ ئاستىدا 退出论坛模式 دەيدىغان بىر خەت بار شۇنى چەكسىڭىز ئەسلى بەتكە كىرىدۇ. ohximas يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 07:44 static/image/common/back.gif
بۇلار قىلالمامدىكى دەيمىنا قىغان بولسا بۇۋاقىتقىچە قى ...
ئۇكېېېېېم، سىلىنى مايكروسوفت شۇنچە يۇقىرى مائاش، تەمىنات بىلەن خىزمەتكە تەكلىپ قىلسا بارماي بۇۋەدە نىمىش قىپ يۈرىلا؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبەرداشلار مەن رەسىم يوللىيالمايۋاتىمەن. بىلىدىغانلار ئۆگىتىپ قويغان بولساڭلار... بەزىدە ئەسكەرتىشنى باسسا ئېچىلماي ئىنكاس يوق تۇرۇۋالىدۇ
بەزىدە مۇنبەرگە كىرمەپسىز دەپ تۇرۇۋالىدۇ
ئىككىلى ئىش يانفون نۇسخىسىدا يەنە بىر تەكلىپ قاپتۇ يەنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە يانفۇن نۇسقۇستا ئىنكاسلارنى تەھرىرلىگىلى بۇلىدىغان قىلىپ لايھىلىساڭلار ناھايتى ياخشى بۇلاتتى ياخشى پىكىر بوپتۇ قوللايمىز...
ھازىر ئۇچۇر كۆچمە ئۈسكۈنلەرگە قاراپ يۈزلەنمەكتە. مۇشۇنداق پەيىتتە ئىزدىنىش تورى نوپۇزلۇق توربېكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرقى ئاندىرويىد نۇسخىسىنى يۇقىرى كۆتۈرسە بولىتى. يانفون تېرمىنالىنى 1080 پ لىق ئېكراندا ئاچسام خەتلىرى پىتتىنمۇ كىچىك چىقىۋېلىپ زادى ئىشلىتەلمىدىم، مەندىلا شۇنداقمۇ يا.
يېڭى نەشرى چىقىدۇ بىر كۈنى دەپ ساقلاپ يۈرىمەن. esir يوللىغان ۋاقتى 2015-3-12 15:16 static/image/common/back.gif
يانفون تېرمىنالىنى 1080 پ لىق ئېكراندا ئاچسام خەتلىرى پى ...
缩小ياكى放大دىن تەڭشىۋالسىڭىزلا بولىدىغۇ.
1.ئەزا ئىسمى بىلەن مۇنبەرگە كىرگەندە «3 سىكنۇتتىن كىين ئاپتۇماتىك كىرىدۇ» دىگەن ئەسكەرتمە رامكىسى بەزى چاغدا يۇقىمايدۇ،ياكى كىرمەيدۇ.بەزى چاغدا نۇرمال.
2.ئىزدىنش مۇنبىرى باش بېتىنىڭ خەت نۇسخسىنى مەزكۇر تېمىنىڭ خەت نۇسخسىغا تەڭشەپ قويساڭلار.....
3.تېما ئىنكاسىمىز يۇقاپ كىتشىنىڭ،ئۈچۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبى بىلەن بىللە ئۇچۇر يوللانسا....«شۇم خەۋەر» دەپلا ئاڭلاپ،سەۋەبىنى بىلمىسەك،ئوخشاش خاتالىق تەكرار سادىر بۇلىدىغان گەپكەن.(بۇغۇ تېخنىكىلىق خاتالىق ئەمەس...شۇنداق بولىسمۇ دىگۈم كىلىپ قالدى)
بەت:
[1]