turghon يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

ئۆلۈم ئالدىدا تۇرغان ئانىنىڭ ئوغلىغا قالدۇرغان مىراسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turghon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 11:45  

فرېدىينىڭ ئاپىسى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرىدۇ لېكىن ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈ ياشايدۇ: راك كېسىلى نەچچە ئاي ئىچىدە ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىشى مۇمكىن شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كارتىلارنى يېزىپ ئۇنىڭ 21 ياشقىچە بولغان تۇغۇلغان كۈنىنى ھەتتاكى ئۇنىڭ تويىنى تەبرىكلىمەكچى بولىدۇ.
فرېدىي تۇغۇلۇپ بىر ئايدىن كېيىن، روۋېنا ئاغرىق ئازابى تارتىشقا باشلايدۇ. ئاخىرى روۋېناغا ئۈچەي راكى دەپ دېئاگنوز قويۇلغان. ھاياتىنىڭ كۆپ قالمىغانلىقىنى چۈشەنگەن روۋېنا، ئوغلى ئۆزىنى ئەسلەپ تۇرالايدىغان يوللار ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىلىرى ۋە بالىسىغا ئېيتىپ بېرىدىغان ئەللەي ناخشىلىرىنى ئاۋازغا ئېلىپ قويىدۇ. ۋە ئوغلىغا ئاتاپ نۇرغۇن ئاتكىرتكىلارنى تەييارلىغان بولۇپ، ئۇلارغا نۇرغۇن ئادەمگە ئېلھام بېغىشلايدىغان ئۈزۈندىلەرنى يېزىپ قويغان.

ھازىرقى تېدىي ئېيىقچاقلار بەكمۇ ئەقىللىق. مەسىلەن ئۈچ ياشلىق فرېدىي داربىينىڭ ئېيىقى، قارىماققا، قۇچاقلاشقا بەكمۇ ماس كەلگۈدەك، لېكىن ئۇنىڭ ئالاھىدە سېھرىي كۈچىمۇ بار تېخى. ئەگەر شاكىچىك ئاپىسى يوق چاغدا،ئاپىسى بىلەن سۆزلەشمەكچى بولسا، شاكىچىك ئېيىقچاقنىڭ قۇلىقىغا شىۋېرلىسا، خۇددى سېھىرگە ئوخشاش، ئاپاڭ ھەممە نەرسىلەرنى ئاڭلىيالايدۇ.
روۋېنا : مەن فرېدىيگە مەن يوق ۋاقىتلاردا، ئۆزىنىڭ ئېيىقچىقى ئارقىلىق مەن بىلەن ھەرۋاقىت ئالاقىلىشەلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئېيىقچاق بىلەن پاراڭلاشسا ۋە ئۆزى خالىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئېيىقچاققا دېسە بولىدىغانلىقىنى، ئېيىقچاقنىڭ مەيلى مەن قانداق جايدا بولاي، بارلىق گەپلەرنى ئۆزۈمگە يەتكۈزۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتىم ،-دەيدۇ. بۇ ھەرقانداق بىر ئاپىسى ياكى دادىسىدىن ئايرىلىشنىڭ غېمىنى تارتىۋاتقان بالىلارغا ماس كېلىدىغان تولىمۇ گۈزەل، ئەمما ئاددىي بىر ئامال. لېكىن فرېدىينىڭ ئاشۇ پاختا قونچاققا شۇنچە ئامىراقلىقىنىڭ كەينىگە ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر سەۋەب يوشۇرۇنغان. روۋېنا 33 ياش بولۇپ، لانكاشىرنىڭ بولتون دېگەن يېرىدە، فرېدىي ۋە 34 ياشلىق يولدىشى فىل بىلەن بىرگە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ پەقەت بىر قانچە ئايلىقلا ئۆمرى قالدى. فرېدىي تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈچەي راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان روۋېنا، ئۆزىنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە ئوغلى بىلەن بىرگە بولىدىغان ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.
ھازىر، خۇددى دوغا تېككەندەكلا، فرېدىينى ئامال بار يېتەرلىك دەرىجىدە روھىي جەھەتتە تەييارلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن، روۋېنا ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئاخىرقى مېنۇتلىرىنى ئوغلىنىڭ ئۆزىنى ئەسلىيەلىشى ئۈچۈن خىلمۇ خىل مول تەسەۋۋۇرغا ئىگە ئامال چارىلەرنى ئويلاپ تېپىشقا ئاتايدۇ. تېدىي ئېيىقچاق ھېكايىسى پەقەتلا بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى. ئۇ شۇنداقلا يەنە ئوغلىنىڭ نامىدا بىر ئېلخەت ئادرىسى ئېلىپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭ بولغاندا ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئۇ چاغدا ئۇ ئاپىسى ئاغرىق چاغدا ئۇنىڭغا قارىتىپ يازغان ئېلخەتلەرنى ئوقۇيالايدۇ، ۋە ئاپىسىنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيدۇ.

توي كۈنى: روۋېنا بىلەن فىلنىڭ تويى كۈنى
ئۇ شۇنداقلا يەنە ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىلىرى ۋە ئوغلىغا ئېيتىپ بېرىدىغان ئەللەي ناخشىلىرىنى بىر پىلاستىنكىغا ئېلىپ قويغان، ئۇنىڭ ھەتتا ئوغلىغا ئاتاپ بالىلار ھېكايىسى يېزىشنى ۋە ئۆزىنىڭ ئاشۇ ھېكايىلەرنى ئوقۇۋاتقان ھالىتىنى فىلىمغا ئېلىپ قويۇشنى پىلانلىغان. ئەڭ تەسىرلىكى بەلكىم روۋېنا ئۆز قولى بىلەن ئوغلى تاكى 21 ياشقا كىرگىچە يەتكۈدەك تۇغۇلغان كۈنى ئاتكىرتكىسى ۋە روژدىستۋا بايرىمى ئاتكىرتكىسى تەييارلىغان. يەنە تېخى ئۇنىڭ مەكتەپكە بارغان بىرىنچى كۈنىگە ئاتاپ يېزىلغان كارتا، ئوقۇش پۈتتۈرگەنگە ئاتاپ يېزىلغان كارتا، ھەتتاكى توي كۈنىگە ئاتاپ يېزىلغان كارتىلارمۇ بار، ئەپسۇسكى بۇ كۈنلەرنى روۋېنا كۆرەلمەيدۇ. ھەربىر ئاتكىرتكىنىڭ ئىچىدە ئاددىيغىنە سۆزلەر يېزىلغان. ئەقلىيە سۆزلەر مەسىلەن « ئەگەر ئۈمىد ئاتا قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلماقچى ئەمەس بولساڭ، ئۇنداقتا ھېچنىمە دېمەيلا قوي....»دېگەندەك سۆزلەردىن تارتىپ ئادەمگە يىغا ئولاشتۇرغۇدەك ھېسسىياتلىق سۆزلەر مەسىلەن« ھەر قېتىم ئاسمانغا قارىغىنىڭدا، مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك. چۇڭقۇر ئېكەنلىكىنى ئەسلىگىن.» غىچە ھەممە گەپلەرنى يازغان. بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ يۈرىكى ئېزىلىپ كەتكۈدەك بىر قىيىن ۋەزىپە. لېكىن روۋېنا مۇنداق دەيدۇ « ئوغلۇمنى ئۆز ۋاپاتىمدىن كېيىنكى ھاياتقا ئوڭۇشلۇق قەدەم بېىشقا تەييار قىلىش مېنى بەرداشلىق بېرىشكە ئۈندەپ كەلدى.» ئۇ مۇنداق دەيدۇ:_ مېنىڭ يېغلاپ يۈرۈپ ئىسراپ قىلىدىغانغا ۋاقتىم يوق، ئەلۋەتتە نۇرغۇن ياش تۆكتۈم ۋە ئەڭ ئاخىرىدا فرېدىيدىن ئايرىلىمەن. لېكىن مېنىڭ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇم يوق، بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن؟ ھەممىدىن مۇھىم ئىش ۋاقتىمنى فرېدىي بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈش، ئۇنىڭغا نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەر قالدۇرۇش، ۋە مەن كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا ياشىيالايدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش. روۋېنا بىر سۇغۇرتا ئانالىزلىچىسى بولۇپ، ئۇ ئەزەلدىن بىر ئانا بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن. ئۇ يولدىشى فىل، بۇرۇن مالىيە مەسلەھەتچىسى بولغان، بىلەن 1999-يىلى يورك ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا تونۇشقان بولۇپ ،بۇ ۋاقىتتا فىل ئۇ يەردە ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن قايتا تەلىم ئېلىۋاتاتتى. ئۇلار نەق 10 يىلدىن كېيىن توي قىلىدۇ. «مېنىڭ بۇرۇندىنلا تۆت پەرزەنتلىك بولغۇم بار ئىدى»دەيدۇ روۋېنا. 2009-يىلى سىنتەبىر، ئۇ ئۈمىد قىلغاندەك فرېدىي تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇراتتى. لېكىن دەل مۇشۇ چاغدىن باشلاپ روۋېنا ئۈچەي راكىنىڭ ئازابىنى تارتىشقا باشلايدۇ.

نىكاھلىق تۇرمۇشنىڭ بەختى: روۋېنا بىلەن فىل 2009-يىلى شىرىنئاي ئۆتكۈزمەكتە
« ھاجەتكە كىرگەن ۋاقتىمدا، قان كېلەتتى، لېكىن ئۇ ۋاقىتتا دوختۇرلار بۇنى ھامىلدارلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشتى.- دەيدۇ روۋېنا_ مەن ئۇلارنى ئەيىبلىمەيمەن. بىر ياش ئايالنىڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىشى ئىنتايىن ئاز ئۇچىرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمەتىمىزدە بۇنداق كېسەللىك تارىخى يوق ئىدى. لېكىن مەن ھازىر بىلگەن نەرسىلىرىمنى ئەشۇ چاغدا بىلگەن بولسام، مەن يەنە باشقا تەكشۈرۈشلەرنىمۇ قىلغۇزغان بولاتتىم.» 2010-يىلى ئىيۇن، فرېدىي تۆت يېرىم كلوگرامدىن ئارتۇق ئېغىرلىق بىلەن تۇغۇلىدۇ. « ئۇ قارىماققا ئۈچ ئايلىق بولغان بالىلاردەك كۆرۈنەتتى،-دەيدۇ روۋېنا كۈلۈپ تۇرۇپ- مەن بەكلا چارچاپ كەتكەن ئىدىم لېكىن فىل ئىككىمىز خوشاللىقتىن ئايغا چىققاندەك بولدۇق. بۇ تۇغۇتۇمدىن بەكلا خوش بولغان ئىدىم، بۇ بەكمۇ خوشاللىنارلىق ئىش بولغان ئىدى، گەرچە كۆڭلۈمدە ئەمدى ئىككىنچى بۇنداق پۇرسەت يوق دەپ ئويلىساممۇ، لېكىن مۇشۇنداق بىر كەچمىشنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكىمدىن بەكمۇ مىننەتدار ئىدىم.» لېكىن دەل شۇ يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ روۋېنا ئاغرىق ئازابى تارتىشقا باشلايدۇ. « توختىماي ئاغرىيدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ماغدۇرۇمنى قويمايدۇ، 24 سائەت توختىماي ئاغرىيدۇ، لېكىن دوختۇرلار بۇنى يەنىلا گىمروي ۋە يارائېغىزىنىڭ سەۋەبىدىن دېيىشتى ۋە ماڭا كۈچلۈك ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى بەردى.» دەيدۇ ئۇ.

ھەممە ئىشلار ئۈمىد قىلغاندەك: روۋېنا، 2009-يىلى سىنتەبىر بوشىنىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇتنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىدىن بەكمۇ خوشال ھەم مىننەتدار ئىدى

بىنورماللىق: روۋېنا يەڭگىپ بىر ئايدىن كېيىن، ئۇ ئاغرىق ئازابى تارتىشقا باشلايدۇ،رەسىمدىكىسى بىر ئايلىق بولغان فرېدىي

«ئالتە ئايدىن كېيىن، مەن ئىچكى ئەزالىرىمنى تەكشۈرتكەن بولساممۇ ھېچنەرسە چىقمىدى، لېكىن مەن يەنىلا ئاغرىق دەردىنى تارتىۋاتاتتىم. لېكىن 2011-يىلى ماي، مەن چوڭ ئۈچەي تەكشۈرۈشى قىلدۇردۇم. ۋە شۇ چاغدىلا بىر چاتاق چىققانلىقىن بىلدىم چۈنكى بەك قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن ئىدى. تېخىمۇ كۆپ سېكانېرلاش تەكشۈرۈشلىرى قىلىندىم، 2011-يىلى ئىيۇن، فرېدىينىڭ بىرىنچى قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن، مەن ئۆزۈمنىڭ راك بولۇپ قالغانلىقىمدىن خەۋەر تاپتىم.» بۇنداق ئۇشتۇمتۇت دېئاگنوزغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، كۆپىنچە كىشىلەر ئۇلار ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بۇ ھاياتقا قاتتىق قايغۇرىدۇ. لېكىن روۋېنا بۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ ئاللىقاچان كەلگۈسىنى ئويلاشقا باشلايدۇ. « بۇنىڭ غەلىتە ئاڭلىنىدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن مەن راستلا چۈچۈمۈدۈم ياكى تۈگۈشۈپ كەتمىدىم، چۈنكى مەن بۇرۇنلا شۇنداق دەپ گۇمان قىلغان ئىدىم، شۇڭا مەن ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلىپ بولغان ئىدىم،-دەيدۇ ئۇ- مېنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى ھەممىدىن مۇھىم ئىش قانداق داۋالاش قىلدۇرسام، كېسەلنى يېڭەلەيدىغانلىقىم ئىدى. مېنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئويلانغىنىم ئۆلۈم ياكى فرېدىي ئەمەس، بەلكى يەنە باشقا بالىلىق بولالامدىم يوق دېگەن ئىدى. لېكىن مەن راكقا قارشى داۋالاشنىڭ بۇنداق مۇمكىنچىلىكنى يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلدىم.» فىلمۇ ئوخشاشلا ئويدا ئىدى. چۈنكى مەن بۇ دېئاگنوزغا ئېرىشكۈچە نۇرغۇن ۋاقتىم كەتتى، ۋە بىز بۇ جەرياندا بارلىق گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دېيىشىپ بولغان ئىدۇق. بىز مەن ئۆلۈپ كەتسەم نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. بىز خاپا بولۇشتۇق، ئازابلاندۇق، چۈشكۈنلەشتۇق لېكىن بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يەڭدۇق. شۇڭا دوختۇرلار دېئاگنوزنى مۇقۇملاشتۇرغان ۋاقىتتا، بۇ بىزگە ئاسان چۈشكەن ئىدى. بىز ئىككىلىمىز ئوخشاشلا ‹ نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟› دەپ ئويلىدۇق، لېكىن نەق تەلىيىمىزگە،  ئىككىنچى كۈنى ئەگەر مەن پروبىركىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن تۇخۇمۇمنى توڭلىتىپ ساقلاپ قويماقچى بولسام ئۇرغۇزۇشۇم كېرەك بولغان ئوكۇلنى ئۇرىدىغانغا  دەل مېنىڭ مەزگىلىمنىڭ  توغرا پەيتى ئۇدۇل كەلگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭ ئۈچۈن يولغا چىقتۇق. فىلنىڭمۇ كەلگۈسىدە يەنە پەرزەنتلىك بولغۇسى بار ئىدى. ئۇلار 11 تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئاجىرتىپ ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى.  بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئەگەر مەن ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرۈپ قالسام، بىز پروبىركىدا ھامىلە يىتىلدۈرۈش ئارقىلىق يەنە بىر پەرزەنتلىك بولالايمىز. مەن بۇنداق مۇمكىنچىلىكنىڭ بەكمۇ كىچىك ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن سىز ئۈمىدسىز ياشىيالمايسىز.» روۋېنا خېمىيىلىك دورىلار ئارقىلىق داۋالاش ۋە ئۆسمىنى ئېلىپ تاشلاش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغاندىن كېيىن يەنە رادىئاكتىپ داۋالاشنىمى قىلدۇرىدۇ. 2012-يىلى يانىۋار، روۋېنا ئۈچەي مۇجۇپ ئاغرىش تۈپەيلى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە كىرىپ قالىدۇ ۋە شۇندىلا دوختۇرلار ئۇنىڭ تۇخۇمدانىدا بىر خالتىلىق ئىششىقنى بايقايدۇ ۋە ئۇنىڭغا بۇنىڭ راك بولۇشى مۇمكىن ئېكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن شاكىچىك: بىر ياشلىق فرېدىي سوۋغاتلىرىنى ئاچماقتا

خوشال پەيتلەر: روۋېنا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىم ئىش فرېدىيگە نۇرغۇنلىغان ئۇلار بىرگە بولغان چاغلاردىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇش.  بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە مەن ئۇلار ماڭا دېمىسىمۇ بۇنىڭ مېنىڭ جېنىمغا زامىن بولىدىغانلىقىنى بىلدىم،-دەيدۇ ئۇ خۇددى مۇشۇنداق بولۇشى مۇقەررەردەك تەلەپپۇزدا- مەن ئاڭلىق ئىنسان. مەن بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئوقۇغان ۋە ئۆزۈمدە قانچە پىرسەنت ئۈمىد قالغانلىقىنى بىلىمەن. ھېچقايسىمىز تۈگۈشۈپ كەتمىدۇق دېسەك بەلكىم غەلىتە ئاڭلىنىشى مۇمكىن، لېكىن ھېچقايسىمىز ئۇنداق بەك زىيادە ھېسسىياتچانلىق قىلىپ كەتمىدۇق. بۇ بەلكىم بىزنىڭ نىمىشقا بۇنچە ياخشى ئۆتەلىشىمىزنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بىز بەك ئەمەليەتچىل. لېكىن دوختۇرلار يەنىلا ئوپىراتسىيە قىلىشتا ئۈمىد بار دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن 2012-يىلى ئاپرىلدا مەن پۈتۈن داس بوشلىقىنى تازىلاش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇردۇم. ئۇلار ھەممىلا نەرسىنى ئېلىپ تاشلىدى- مېنىڭ تۇخۇمدانىم، بالىياتقۇم، ئۈچىيىم ۋە ئاشقازىنىمنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىپ تاشلىدى.  بۇلار مەن ئۈچۈن بەرىبىر. بۇ مېنىڭ ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرۈپ، فرېدىي ۋە فىل بىلەن بىللە بولۇش ئۈچۈن، مەن قىلالايدىغان بىردىن بىر ئىش. مەن مۇنداق ئويلىغان ئىدىم:- ئەگەر بۇ تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتتىن دېرەك بېرىدىغان ئىش بولسا، بولدى بۇلاردىن ۋاز كەچ. لېكىن تۆت ئايدىن كېيىن، روۋېنا راكنىڭ ئۆپكە، جىگەر ۋە يانپاش سۆڭەكلەرگە تارقىلىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت شۇم خەۋەرگە ئېرىشىدۇ. روۋېنا مۇنداق دەيدۇ:- بۇ خەۋەر ماڭا قاتتىق زەربە بولدى. كاللامدىن چاقماقتەك ئۆتكەن ئوي پەقەت فرېدىي ۋە شۇنداقلا فىل ئوغلۇم بىلەن يالغۇز قالغىچىلىك يېتەرلىك تەييارلىق قىلىپ قويۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك دېگەن بولدى. ئۇلاردىن ئايرىلىدىغانلىقىمنى ئويلىسام كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولاتتى. لېكىن مەن تېزلا ئۆز بېشىمغا كېلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قۇبۇل قىلىشنى قارار قىلدىم. ئااچچىقلانسام، يىغلىسام ۋە چۈشكۈنلەشسەم، بۇنىڭ ماڭا ھېچقانداق پايدىسى يوق. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىپتىنچ قۇبۇل قىلىشىم كېرەك.

ئائىلە رىشتىسى: فرېدىي تېخى ئاپىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ تېخى ئۆلۈم دېگەن ئۇقۇمنى چۈشەنمەيدۇ.

ئائىلە ساياھىتى: داربىي ئائىلىسىدىكىلەر بۇ يىل ياۋروپا دېسنىي باغچىسىغا ساياھەتكە باردى.
بۇ بىر جۈپلەر روۋېنا ۋاپات بولغاندىن كىيىن قىلالايدىغان ئىشلارغا كېرىشىپلا كەتتى. ئۇلار ۋەسىيەت ۋە تېلەكلەرنى قالدۇرۇشتى، بىر بانكا ھېساباتى ئاچقۇزدى، ۋە دەپنە مۇراسىمىنى پىلانلاشتى. بىراق دەل مۇشۇ جەرياندا، روۋېنا ئۆزى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئوغلىنىڭ تۇرمۇشقا ئوڭۇشلۇق يۈزلىنىشى ئۈچۈن قانداق ياردەملەرنى قىلالايدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئۆزىدىن:-فرېدىي شۇنچە كىچىك تۇرسا، ئۇ كېيىن مېنى ئەسلىيەلەرمۇ؟ رىئال ئەسلىمىلەردىن نېمىلەر بار؟ -دەپ سورايدۇ. «ئۇ مېنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمنى تېخى بىلمەيدۇ چۈنكى ئۇ ئۆلۈمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېخى چۈشەنمەيدۇ. لېكىن بىر كۈنى فرېدىي مۇنداق دەيدۇ:- ئاپا مەن سېنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن چۈنكى سېنى بەك سېغىنىپ كېتىدىكەنمەن. بۇ سۆز مېنىڭ يۈرىكىمنى ئىزىۋەتتى. روۋېنا دوختۇرخانىدا خېمىيىلىك داۋالاش قىلدۇرۇش جەريانىدا ئۆزى تەييارلىغان ئاتكىرتكىلارنى ياساشقا باشلايدۇ. بۇ كارتىلارنى ئۇنىڭغا ئوخشاش بولمىغان پەيتلەردە سوۋغا قىلىپ بېرىدۇ، تاكى 21 ياشقىچە بار. ئۇنىڭ 21 ياشقا كىرگەن تۇرقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش شۇنچە ئازابلىق بىلىنىدۇ. قايسى كۈنى بىر فىلىم كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭدا يار بىر ئوغۇل بالا ئۆزىنىڭ تۇنجى سۆيگىنىنى تاپىدىكەن، مەن ئويلىدىم:- ئاھ خۇدا، فرېدىيمۇ بىر كۈنلەردە شۇنداق قىلىدۇ، لېكىن مەن بۇلارنى كۆرەلمەيمەن. ئەگەر بۇ ئىشلار ئويلىغاندەك بولماي قالسا، مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشالمايمەن ۋە ئۇنى باغرىمغا باسالمايمەن. ئۇ ئىشلارنىڭ ئازابلىق يېرى دەل مۇشۇ يەردە. لېكىن بۇ دەل مېنىڭ نېمىشقا ئۇنىڭغا بۇ كارتىلارنى بەرمەكچى بولغانلىقىمنىڭ سەۋەبى. ئۇ مېنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا بولۇشۇمنى ئۈمىدا قىلغان ۋاقىتلىرىدا، بۇ كارتىلارغا قارىسا بولىدۇ، ۋە مېنىڭ ئۇنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمنى بىلەلەيدۇ.

تراگېدىيە: روۋېنا بىلەن فرېدىي، ئۈچەي راكى ئۈچۈن داۋالىنىۋاتقان ۋاقتى

ئۇ كارتىلارغا يازىدىغان خەتلەر ئۈستىدە ئۇزاق ۋە قاتتىق ئويلىنىدۇ. «مەن ئۆزۈمنىڭ 50 كارتىنىڭ ھەممىسىگە شەخسىي گەپلىرىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىپ بولالمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن. بۇ مەيلى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن بەكمۇ ئېغىر بىر ئىش،-دەيدۇ روۋېنا- بۇنىڭ ئورنىغا، مەن ئادەمگە ئىلھام بولىدىغان سۆزلەرنى ئىزدىدىم ۋە ئۇلارنى كرېدىت كارتا چوڭلۇقىدىكى ۋاراقچىلەرگە پرىنتلاپ چىقتىم، بۇنداق بولغاندا، ئۇ بۇلارنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. كېيىنكى قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىدە- ھازىرقى ئۈمىدىم شۇنىڭغىچە ياشىيالىسام- ئۇنىڭغا بىر كارتا بېرىمەن، ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىقلىق ‹ تۆت نەرسە بولسا بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ھەممىدىن مۇھىمى مۇشۇ تۆت نەرسىدىن ھوزۇرلىنىش. تۆتنى بەش قىلىش ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.› ئون ياشقا كېرگەن ۋاقتىدا مۇنداق بىر كارتىغا ئېرىشىدۇ ‹ھاياتنىڭ پەقەت %10تى بىزلەرنىڭ نېمە ئىشلارغا دۇچ كەلگەنلىكىمىزگە باغلىق، %90تى بىزنىڭ ئاشۇ ئىشلارغا قانداق مۇئامىلىدە، پوزىتسىيىدە بولغانلىقىمىزغا باغلىق.› چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، ئۇ بەلكىم مېنىڭ يوقلۇقۇمدىن ئىبارەت پاكىت بىلەن قىينىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ توي كۈنى، ئۇ مۇنداق بىر كارتىنى قۇبۇل قىلىدۇ ‹ مۇھەببەت ئەبەدىيلىك، مەڭگۈلۈكنىڭ سىمۋولى. مۇھەببەت بارلىق ۋاقىت چۈشەنچىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئىلگىرىكى بارلىق ئەسلىمىلەر ۋە خاتىمىگە بولغان بارلىق قورۇقۇشلارنى بىتچىت قىلىپ تاشلايدۇ.›  بۇنىڭ مەن ئاشۇ يەرنىڭ ئۆزىدە بولغىنىم بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. لېكىن ئۇنىڭ بۇلار ئارقىلىق مېنىڭ ئۇنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمنى بىلەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
مەن يەنىلا ھايات تۇرىۋاتقان ۋە فرېدىي بىلەن بىرگە بولالايدىغان بارلىق كىشىلەرگە ھەۋەس قىلىمەن، ئۇنىڭ مېنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن مەن شۇنداق بىر نەرسىلەرنىڭ بولۇشىغا مۇھتاج.
گەرچە روۋېنا بۇ سۆزلەرنىڭ، ئۆزى قەبرە ئاستىدا ياتسىمۇ،  ئۇنىڭغا تەسەللىي ئېلىپ كېلەلىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە سەزگۈرلۈك بىلەن شۇنى بىلىپ تۇرۇپتىكى، بۇلار بەلكىم دەل ئەكىسچە تەسىر ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن. يېقىندا، بىر دوستۇم ماڭا « فرېدىينى سەن ئۈچۈنلا ياشايدىغان قىلىپ قويما. ھۆرمەت تاختىسى ئېلىپ قويۇلغان كىشى بولما. ئۇ سېنىڭمۇ كەمچىلىك، خاتالىقلىرىڭ بارلىقىنى بىلىشى، سېنىڭمۇ مۇكەممەل ئەمەس ئىكەنلىكىڭنى بىلىشى كېرەك.» بۇ ھەقىقەتەن مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئويلىغانلىرىمنى ئېچىپ بەردى ۋە شۇ چاغدىن باشلاپ مەن فرېدىيگە ئۆزۈمنىڭ قانداق بىر ئادەم ئىكەنلىكىم ھەققىدە سەمىمىي ھالدا ئېلخەت يېزىشقا باشلىدىم. مەن ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ ئاچچىقىنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىمنى،  دائىملا ئويلىمايلا بەزى بىر گەپلەرنى قىلىپ قويۇپ، باشقىلاردىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. مەن ئۇنىڭغا فىل بىلەن قىلغان جېدەللىرىمنى ئېيتىپ بېرىپ، مېنىڭلا توغرا بولۇشى ناتايىن ئېكەنلىكىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلدىم. مېنى مۇكەممەل دەپ قارىسا، بۇ فرېدىي ئۈچۈن چوڭ بېسىم بولۇپ قالىدۇ. كېشىلەر دائىم ئۆلۈكلەر توغرىسىدا ئەنە شۇنداق دېيىشىدۇ، مەن فرېدىينىڭ مەن ئەمەلىيەتتە مۇكەممەل ئەمەس تۇرۇپ، مېنى مۇكەممەل دەپ قارىشىنى ئۈمىد قىلمايمەن.  ئۇ بۇنىڭغا مېسال بولسۇن دېگەندەك، ئۇ ئۆزى تەييارلىغان خاتىرە بۇيۇملىرىنىڭمۇ پۈتۈنلەي شەخسىيەتسىز ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇنداق بىر شەخسىي غەرىزى بارلىقىنى سۆزلەيدۇ: مېنىڭ ھاممام بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن ۋاپات بولدى، لېكىن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاسى خۇددى مۇنداق دېگەندەك بولدى « بۇ ھەقىقەتەن كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدۇ، لېكىن ئۆلۈم دىگەن بولۇپ تۇرىدۇ، سىز ھامان ئالغا مېڭىشىڭىز كېرەك.» كاللامدا مۇنداق ئويلىدىم «بۇنداق دېمەڭلار! سېلەرنىڭ مەن ئۈچۈن نەچچە ئايلارغىچە قايغۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!» «ھازىر، ئېنىقكى، مەن كېشىلەرنىڭ مەن ئۈچۈن ئايلاپ قايغۇرۇشىنى خاھلىمايمەن. لېكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى شۇنى ئۈمىد قىلىدۇ.»

ئانا مۇھەببىتى: روۋېنا ئۆز قولى بىلەن تاكى ئوغلى 21 ياشقا كىرگۈچە يەتكۈدەك تۇغۇلغان كۈنى ئاتكىرتكىسى ۋە روژدىستۋا بايرىمى كارتىسى تەييارلىدى.


يۈرەكنى ئېزىدىغان ۋەزىپە: روۋېنا ئىلھام بەخىش ئۈزۈندىلەرنى تېپىپ ئۇلارنى فرېدىي ئېلىپ يۈرەلىگۈدەك قىلىپ كىچىك كارتىلارغا پرىنتلاپ چىققان.

روۋېنا بىلەن فىل كەلگۈسى توغرىسىدا نۇرغۇن پاراڭلىشىدۇ. گەرچە فىلنىڭ باشقا بىرى بىلەن بىرگە ئۆتۈشى بەكمۇ ئېغىر كەلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يالغۇز ئۆتۈشىنى خاھلىمايدۇ. فرېدىينىڭ يېڭى ئاپىسى بولۇشى مۇمكىن، بۇنى ئويلاش بەكمۇ ئازابلىق،- دەيدۇ روۋېنا- لېكىن مەن خۇددى سايىگە ئوخشاش مەڭگۈ «بىرىنچى ئايال» بولۇشنى خالىمايمەن، لېكىن فىل بىلەن فرېدىينىڭ مېنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى ھەم خالىمايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن روۋېنا  ئېرى ۋە بالىسىغا ئاتاپ بىر دەرەخ تېكىپ قويدى ۋە بىر ئورۇندۇق تەييارلاپ قويدى.


بىرگە ئۆتكەن پەيتلەر:فرېدىي بىلەن ئۆتكەن ھەربىر سائەت مەن ئۈچۈن بەكمۇ قىممەتلىك بىر سائەت.

تاختىغا: فىل ۋە فرېدىيگە ئاتاپ... ئەمەلىيەتتە ئۈلۈم مەۋجۇت ئەمەس. كىشىلەر پەقەت بىز ئۇلارنى ئۇنتۇپ كەتكەندىلا ئاندىن ئۆلىدۇ. ئەگەر سەن مېنى ئەسلەپ تۇرساڭلا، مەن ھەرۋاقىت سەن بىلەن بىرگە بولىمەن.» دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇ ئادەتتە ھايات تۇرىۋاتقانلار ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئاتايدىغان ئەستىلەك سۆزلەر ئىدى. لېكىن ئۆزىگە خاس ئەمەلىيەتچانلىق روھى بىلەن، روۋېنا ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى ئېيتىشنى خالىمىدى. ھازىرچە، روۋېنا ھاياتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەممە ئىشنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇ تا ھازىرغىچە 27 قېتىملىق ئىنسان چىدىغۇسىز خېمىيىلىك داۋالاش، ئوپىراتسىيە ۋە رادىئوئاكتىپلىق داۋالاش قىلدۇردى. كۆپىنچە ساقايماس كېسەلگە گېرىپتار بولغان كېشىلەر قانچىلىك ھاياتىم قالدى دېگەندىن بەكرەك ھاياتىم قانداق بىر ھالغا چۈشۈپ قالار دېگەننى ئويلىشىدۇ. لېكىن مەن بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايمەن،-دەيدۇ ئۇ- مەن فرېدىي بىلەن ھەربىر سائەت بەكمۇ قىممەتلىك، مەن بۇ ھەربىر سائەتنى قەدىرلەيمەن.
بەت: [1]
: ئۆلۈم ئالدىدا تۇرغان ئانىنىڭ ئوغلىغا قالدۇرغان مىراسى