kvqlvk يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئابلىز ھېزىموۋ مەسەللىرىدىن بىر قانچە پارچە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kvqlvk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 15:24  

بۇ مەسەللەر ئابلىز ھېزىموۋنىڭ «تەتۈر كىرپىك» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى.

ئىككى چىۋىن

كۆڭلى ئاق، دەپ،
ئۇ ھەممىدىن پاك، دەپ،
ماختىغاندا چىۋىن چىۋىننى،
كۈلكە قاپلىدى يىغىننى.

بۇرۇتنىڭ تۈزىتىشى

قۇرۇق سۆزنى
ئارتۇق كۆرگەن كەبى ماقالدىن،
ئالىسىلەر تىلغا مىنى،
ئالىسىلەر كىيىن ساقالدىن.
ئېيتىڭلار،
ئۇ ئېگىز،
            يا مەن پەسمۇ،
بايقىساڭلار،
مىنىڭ ئورنۇم ئۈستۈن ئەمەسمۇ،
شۇڭا ئاتاش توغرا كەلسە،
«بۇرۇت-ساقال» دىيىش كېرەك.
كىمنىڭ ئورنى قەيەردە؟
بىلىش كېرەك.

ئېشەكنىڭ ئۇيى

ئىشقا ئېشىپ مۇددىئايىم،
مۆڭگۈز بەرسە خۇدايىم،
يۈرەتتىم مەن مۇلايىم.
ھەممە ۋاقىت،
ھەر دائىم.
لېكىن ئاتنى، قېچىرنى چۈشۈرمەيتتىم ئىزىمغا،
«باش ئەگ، دەيتتىم، تىزىمغا!»

پالتا بىلەن دەرەخ

پالتا: «سېپىم يوق مىنىڭ،
شۇڭا بىرەر ئىشقا ئېپىم يوق مىنىڭ»،
دەپ يالۋۇرۇپ،
ئاھ ئۇرۇپ،
تۆكۈپ يېشىنى،
كۈندە قاتۇرغاچقا دەرەخنىڭ بېشىنى،
دەرەخ پالتىغا ساپ بېرىپتۇ،
پالتا بىردىن كۆكرىكىنى كېرىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن كۆپ ئۆتمەي،
ھەي، ھەي،
ھىچ نەرسە كۆرۈنمەي كۆزىگە،
ھۇجۇم قىپتۇ دەرەخنىڭ ئۆزىگە...
شاخلىرىدىن ئايرىلغان،
گۇيا قۇشتەك قانىتىدىن قايرىلغان،
دەرەخ دەپتۇ شۇ چاغ،
كۆڭلىدە غەش-داغ:
«ئۆزەم تاپقان بالاغا،
نەگە باراي دەۋاغا؟»

پۇتنڭ ئەرزى
پېقىرنى
داپ داراڭلىغان يەردە،
ئېشەك ھاڭرىغان يەردە
يۈرىدۇ، دەپ
تارقىتىپتۇ گەپ...
بىراق ماڭا
باش باشلىققۇ،
مەن شۇنىڭغا قاراشلىققۇ...
شۇڭا مېنى ئىتتىرمەي ئوتقا،
باشنى تارتىڭلار سوتقا!

ئابلىز ھېزىموۋ نىڭ «تەتۈر كىرپىك» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى.

macin يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

چوڭقۇر مەنىلىك ئۈگۇتكەن،رەخمەت توللىغۇچىغا

borhan730 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئابلىز ھېزىموۋ دىگەن كىشى كىم ؟ چۈشەنچە بەرسەڭلار

kvqlvk يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

يازغۇچى ئابلىز ھېزىمۇۋ سوۋېت ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۈرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى. يازغۇچىنىڭ ئەمگىكى ئاساسەن بەدىئي ئەدەبىياتنىڭ مەسەللەر ژانىرىدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ......

«تەتۈر كىرپىك» ناملىق بۇ توپلام 1987-يىلى 3-ئايدا نەشىر قىلىنغان ئىكەن. مەسئۇل مۇھەررىرى قۇربان بارات.  
شۇڭلاشقا ئاپتۇر تۇغرىسىدىكى يۇقارقى قىسقىچە چۈشەنچىنى شۇ زامان، شۇ ماكان نوقتىسىدىن چۈشەنگەيسىلەر. «توپلام»نىڭ ئۆزىدىمۇ تۇغۇلغان ۋاقتى دىگەندەك ئۇقۇملار توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە يوق
بەت: [1]
: ئابلىز ھېزىموۋ مەسەللىرىدىن بىر قانچە پارچە