GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

دۇنيادا يۈز بەرگەن ۋاقىت ئارقىغا قايتىش ۋەقەلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   GHURUR1992 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 14:21  








قەدىمدە «بۇجايدا بىر كۈن ئۆتسە، ئۇ جايدا بىر يىل ئۆتەر» دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق دۇنيادا شۇنداق بىر ئالاھىدە شارائىت، ئالاھىدە مۇھىت بارلىقىنى قىياس قىلغان، بىراق كىشىلەر بۇ سۆزلەرنى قالايمىقان بىلجىرلاش دەپ قاراپ كەلگەن، دۇنيادا خىلمۇ-خىل ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن، جۇڭگو گۇيجۇدا ۋاقىت كارىدورى پەيدا بولۇپ، ۋاقىتنى ئارقىغا بىر سائەت قايتۇرغىلى بولغان، دۇنيا ھەقىقەتەن مۆجىزىگە تولغاندۇر.

دۇنيادا يۈز بەرگەن ۋاقىت ئارقىغا قايتىش ۋەقەلىرى:







914-نومۇرلۇق ئايروپىلاننىڭ 35 يىلدىن كېيىن قايتا كۆرۈلىشى

1990-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، خېلى بۇرۇنلا ئىشلىتىشتىن قالدۇرۇلغان «دوگلاس» تىپلىق بىر ئايروپىلان ۋېنسۇئېلادىكى بىر ئايرودرومغا قونغان، ئايروپىلان قونۇشتىن بورۇن ئايرودرومدىكى رادار بۇ ئايروپىلاننى بايقىيالمىغان، قوغدىغۇچىلار دەرھال بۇ ئايروپىلاننى قورشىۋالغان، ئايروپىلاندىكىلەر پەسكە چۈشۈپ ئەتراپتىكىلەردىن « نېمە ئىش بولدى، بۇ قەيەر» دەپ سورىغان، ئەتراپتىكىلەر ئۇلارغا بۇ جاينىڭ ۋېنسۇئېلا ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا يولۇچىلار ھەيران قالغان.

پان ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بۇ ئايروپىلانى 1955-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، نيۇيوركتىن فلورىداغا ئۇچقان بولۇپ، 35 يىلدىن كېيىن ۋېنسۇئېلادىكى ئايرودرومغا قونغان، كىشىلەر بۇ ئىشتىن ھاڭ-تاڭ قالغان.

كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئايروپىلاننىڭ ھەقىقەتەن 1955-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى نيۇيوركتىن فلورىداغا قاراپ ئۇچقانلىقى، بىراق تۇيۇقسىز ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن تېپىلمىغانلىقى، كىشىلەر ھازىرغىچە ئايروپىلاننى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن دەپ قاراپ كەلگەنلىكى، سۇغۇرتا شىركتىنىڭ ئايروپىلاندىكى 50 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا ئۆلۈم تۆلىمى تۆلەپ بولغانلىقى ئېنىقلانغان.

ئايروپىلاندىكىلەر ئائىلىسىگە قايتىپ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ بالىلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى قېرىپ كەتكەن، بىراق ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى ھالىتىدە تۇرغان، ئامېرىكا ساقچى تەرەپ ۋە ئالىملار بۇ كىشىلەرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن بۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن راست ئىكەنلىگىنى دەلىللىگەن.







«تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ كاپىتانىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى

1991-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، ياۋروپادىكى بىر دېڭىز تەتقىقات ئورنىنىڭ كېمىسى ئىسلاندىيەنىڭ غەربى جەنۇبىغا 387 كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇندىكى بىر مۇز تاغ ئۈستىدا 60 ياشلاردىن ئاشقان بىر ئەرنىڭ غاڭزىسىنى شوراپ ئولتۇرغانلىقىنى بايقىغان، بۇ ئەر ئەينى ۋاقىتتا كاپىتاننىڭ فورمىسىنى كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇ دەل بۇنىڭدىن 80 يىل بۇرۇن ئاتلانتىك ئوكياندا سۇغا غەرق بولغان «تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ كاپىتانى شىمىس ئىكەن، ئويلاپ باقمىغان بولغىيتىڭىز!

پاراخوتتىكىلەر كاپىتان شىمىسنى قۇتقۇزۇپ پاراخوتقا ئېلىپ چىققان ۋە ئۇنى دەرھال ئوسلوغا ئاپارغان، داڭلىق روھىي كېسەللەر دوختۇرى ھاللېت شىمىسنى تەكشۈرگەن بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ناھايىتى ساغلام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

بۇ قېتىمقى ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، دۇنيا خەلقىگە تۈرلۈك ئىسپاتلار ۋە خاتىرىلەرنىڭ بۇ قېتىم قۇتقۇزۇپ چىقىلغان كىشىنىڭ دەل تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ كاپىتانى شىمىس ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ يىل 140 ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.







بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان بىرەيلەننىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار شىمىسنى بايقاپ ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولغاندا شىمىس رەت قىلىپ ئۆزىنىڭ تىتانىكتىكى كىشىلەر بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالغان، شىمىس تىتانىك ماركىلىق پاراخوتنى تېخى تۈنۈگۈن چۆكۈپ كەتتى دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئالىملار بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشتە«ۋاقىت كارىدورى»دىن پايدىلانغان، يەنى شىمىس ۋاقىت ئارقىغا قايتىش ھالىتىدە تۇرغان.







قەدىمكى مىسىرغا قايتىپ پرامىدانىڭ ياسىلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن بىر قىسىم مەخپىي ھۆججەتلەر ئاشكارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئىشنى تىلغا ئالغان. 1971-يىلى 8-ئايدىكى بىر كۈندە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇچقۇچىسى ئالىكساندىر مىگويان 21 تىپلىق ئايروپىلاننى ھەيدەپ ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، مەقسەتسىزلا قەدىمكى مىسىرغا «كىرىپ قالغان». ئۇچقۇچى بىر قۇملۇققا كېلىپ ئۆز كۆزى بىلەن پرامىدانىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقى، باشقا بىر قىسىم پرامىدانىڭ ئەمدىلا ئۇل سېلىنغانلىقى ياكى يېرىم ياسالغانلىقىنى كۆرگەن...ناۋادا بۇ ئۇچقۇچى يالغان گەپ قىلمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىدىمۇ؟







مىسىر قەدىمى قەبرىسىدىكى تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە سۇ ئاستى پاراخوتى

1848-يىلى بىر بىر ئارخىلوگ قەدىمى شەھەر ئابدۇستىكى قەبرە ئاغزىدا بىر قىسىم غەلىتە بەلگىلەرنى بايقىغان، ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىم ئۇ بەلگىلەرنىڭ نېمە نەرسىنى تەسۋىرلىگەنلىكىنى بىلمىگەن. 150 يىلدىن كېيىن، ئارخىلوگلار ئاندىن ھەيران قالغان ھالدا ئۇ 3000 يىل ئىلگىرىكى قەدىمى مىسىرنىڭ سۈرەتلىرىنىڭ تىك ئۇچار ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ مودىلىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ زادى دەل كېلىپ قېلىش ياكى ئالدىن بىشارەت؟







يوقالغان مېھمانساراي

بىر كەڭ تارقالغان ساياھەت ۋەقەسى، 1979-يىلى ئۆكتەبىر، Simpsons سىمپىسون ۋە Gisbys گىسبى ئىككى جۈپ ئەر ئايال ماشىنا ھەيدەپ فرانسىيەدىن ئىسپانىيەگە بارىدىغان دەم ئېلىش سەپىرىدە ۋاقىت ھالقىغان، ئۇلار بىر غەلىتە كونا پوسۇندىكى مېھمانسارايدا بىر كېچە تۇرغان، قايتىش سەپىرىدە ئوخشاش شۇ مېھمانسارايدا ئازراق ئارام ئېلىشنى قارار قىلغان، ئەمما بۇ مېھمانساراينى تاپالمىغان. ئۇلار مېھمانسارايدا تۇرغان ۋاقىتتا سۈرەتكە تارتىۋالغان، ھەتتا يۇيۇپ چىقارغان سۈرەتنىڭ نىگاتىۋىمۇ كۆرۈنمىگەن.







گۈيجۇ زۈنيىدە «ۋاقىت تونىلى» پەيدا بولدى: بىر سائەت ئارقىغا سۈرگىلى بولىدۇ

گۈيجۇ ئۆلكىسى زۈنيى شەھىرى مەركىزىدە بىر تونىل بار، مەلۇم تېلگىراف شىركىتىنىڭ يانفونىنى ئىشلەتكەن كىشى بۇ تونىلدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يانفونىدىكى ۋاقىت «بىر سائەت ئارقىغا سۈرۈلۈپ كۆرۈنگەن.» ئىگەللىنىشىچە، بۇ خىل ھادىسە بىر يىلغا يېقىن داۋاملاشقان، مۇخبىرمۇ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن، 10 قېتىمدا سەككىز قېتىم مۇشۇنداق نەتىجە چىققان، بۇندىن سىرت، ئىككى قېتىملىق سىناق نورمال كۆرۈنگەن. تۈنۈگۈن بۇ تىجارەت شىركىتى سىناق قىلغاندا غەيرى ئەھۋال كۆرۈلمىگەن.

بۇ كىشلەر تەرىپىدىن «ۋاقىت تونىلى» دەپ ئاتالغان تونىل زۈنيى شەھىرى خوڭخۇاگاڭ رايونىدىكى گۈنجىڭنەن تونىلىغا جايلاشقان. ئىگەللىنىشىچە، بۇ تونىل 400 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، قۇرۇلغىلى بىر قانچە يىل بولغانكەن، ئەمما ئەڭ بۇرۇنقى يانفونىدىكى ۋاقىت «بىر سائەت كەينىگە سۈرۈلۈپ كۆرۈنۈش»نى بايقاش ئۆتكەن يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يۈز بەرگەن.







كۆپلىگەن ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئۇلار ئىشلەتكىنىنىڭ ھەممىسى مەلۇم تىجارەت شىركىتىنىڭ يانفونى بولۇپ، يانفون نومۇرىمۇ بۇ تىجارەت شىركىتىگە قارايدىكەن. «تونىلغا كىرگەن ۋاقىتتا، ناۋادا سائەت چۈشتىن بۇرۇن 9:00 بولغان بولسا تونىلدىن چىققان ۋاقىتتا 8:01 گە ئۆزگىرىدۇ.» دېگەن بىر نەپەر بېشىدىن ئۆتكۈزگۈچى، ئۇ يېقىن ئەتىراپتا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ھەركۈنى بۇ تونىلدىن ئۆتىدىكەن، ھەركۈنى دېگۈدەك بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىدىكەن، ئەمما ھەر قېتىم بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمەيدىكەن.

moberly-jourdain ۋەقەسى

1901-يىلى، ئىككى نەپەر ئەنگىلىيەلىك ئايال چارلوت موبېرلى ۋە ئالېنور جوردەيىن، ئوكىسفورد ئۇنۋېرسىتىتى سانىت خىيۇج ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى، خەۋەردە دېيىلىشىچە ئۇلار تاسادىپى ھالدا قەدىمكى دەۋرگە ھالقىغان. ئۇلار ئىككىسى ۋېرسال سارىيىدىكى بىر كىچىك قەلئەنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، ئۆزلىرىنىڭ فرانسىيە چوڭ ئىنقىلابى مەزگىلىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، فرانسىيە پادىشاھى لۇيىسنىڭ خانىشى MarieAntoinette ۋە گراف Vaudreuil ھەم يەنە بىر قىسىم فرانسىيە چوڭ ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى باشقا شەخسلەرنى كۆرگەن.

بۇ ئەڭ كەڭ تارقالغان، ئەڭ بۇرۇنقى ئۆتمۈشكە قايتقان مىسال.  







فىلادىلفىيە تەجىربىسى

فىلادىلفىيە تەجىربىسى بولسا دېڭىز ئارمىيەنىڭ بىر قېتىملىق ھەرىكىتى، ئىگەللىنىشىچە ئامېرىكا دېڭىز  ئارمىيەسى ئىجرا قىلغان بولۇپ، ئورنى فىلادىلفىيە ھەربىي پاراخوت ياساش زاۋۇتىغا تەسىس قىلىنغان، ۋاقتى 1943-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەتراپىدا.

ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوغدىغۇچى پاراخوتى دېرىك ناملىق دۈشمەن تەرەپنىڭ ئەسلىھەسىدىن ئۆزىنى دالدا قىلىپ يوشۇرۇنۇش ھالىتىدە ۋېرگىنىيە شىتاتىدىن پىنسىلۋانىيە شىتاتىغا يەتكۈزۈلگەن. مەلۇم خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ پاراخوت ئون نەچچە سىكۇنتتىن كېيىن قايتىپ كەلگەن، ئارقىدىن مودا مەدەنىيەت غايەت چوڭ ۋاقىت ھالقىش دەپ تەسۋىرلىگەن.









ئۆتمۈشتىن كەلگەن ۋەقە تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى

1950-يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا، نىيويورك دەۋر مەيدانىدا، رۇدلوف فېنىز ئىسىملىك بىر ئەر 19-ئەسىردىكى كىيىمنى كىيىپ ماشىنىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، 30 يېشىدا قازا قىلغان.

نىيويورك ساقچى تەرەپ ئېلىپ بارغان بىر قاتار تەكشۈرۈش دوكىلاتىدىن قارىغاندا، بۇ ئەر 1876-يىلى يوقاپ كەتكەن، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ 29 ياشتا ئىكەنتۇق. ئۇنىڭ مال-مۈلۈك تىزىملىكى بىر ئىستاكان پىۋىنىڭ مىس مېدالى، بىر پارچە ئات باقىدىغان تىزىملىك ۋە بىر ساندۇق ئالماشتۇرىدىغان يۇيۇلغان كىيىم، بىر پارچە 1876-يىلىدىكى كونۋېرت، 70 دوللار ۋە ئاتكىرىتكا ماركىسى، ھېچقانداق دەۋر ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتمىگەن بۇ ئەر 1876-يىلىدىن 1950-يىلىغا بىۋاستە ھالقىغان.









19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئوپتىك دېسكا ۋەقەسى

بىر پارچە 1800-يىلىدىكى ماي بوياق رەسىمدە بىر ئەرنىڭ قولىغا بىر پارچە قارىماققا يۇقىرى دەرىجىلىك CD تەخسىسىگە ئوخشايدىغان نەرسىنى كۆتىرىۋالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەڭ دەسلەپكى پىلىيونكا شەكىلىدىكى CD تەخسىسى 1800-يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئاندىن كەشىپ قىلىنغان ھەم پىرىسلانغان CD  تەخسىسى 1980-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى پىلاستىر 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدا كەشىپ قىلىنغان، ئوپتىك دىسكا 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئاندىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.  







بىر ۋاقىت ساياھەتچىسى چارلىز چاپلىن سېرىك ئۆمىكىنىڭ DVD پىلاستىنكىسىدا، كىشىلەر 1928-يىلىدىكى لوس ئانجىلىس گرۇمان جۇڭگو تىياتىرخانىسىدا تۇنجى قېتىم قويۇلغان فىلىم ۋە سۈرەتكە ئېرىشكەن. بۇ فىلىمدە، بىر كىشى قارىماققا كۆچمە يانفون ئېلىۋالغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋاقىت ساياھىتىنىڭ راسىتلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. چۈنكى 1928-يىلى ئەينى ۋاقىتتا كۆچمە تېلېفون يوق ئىدى.









1962-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا تارتىلغان سۈرەتتىكى يانفون

1962-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چىلىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن كېيىن، برازىلىيەلىك گارىنچا دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن، ئەكىسچە ئۇنىڭ ئالدىدىكى كىشى خۇددى قولىغا يانفون ئېلىۋېلىپ سۈرەتكە تارتىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن.







جەنۇبى قۇتۇپ ئاسمىنىدىكى «ۋاقىت ئىشىكى»

1995-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا فىزىكا ئالىملىرى جەنۇبى قۇتۇپ ئاسمىنىدا ئۈزلۈكسىز پىرقىراۋاتقان كۈلرەڭ ئىس-تۈتەكنى بايقىغان. ئەڭ دەسلەپتە، ئۇلار بۇ پەقەت ئادەتتىكى تەبىئەت ھادىسىسى دەپ قارىغان، ئەمما تەتقىقاتچىلار تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر مىترولوگىيە شارى قويۇپ بەرگەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھالدا شارچىنى قايتۇرۇپ كېلىپ بۇ شارچىنىڭ ۋاقىت ھېسابلىغۇچىنىڭ 1965-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنىنى كۆرسەتكەنلىكىنى بايقىغان. كېيىنكى بىر بۆلۈك ۋاقىتتا، تەتقىقاتچىلار يەنە بىر قانچە قېتىم شارچە قويۇپ بەرگەن، ئەمما ۋاقىت ھېسابلىغۇچنىڭ ۋاقتى ھەممىسىدە 30 يىل كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن. بۈگۈنگىچە ھېچكىم بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن.







20 مىنۇت قەيەرگە كەتتى

1994-يىلىنىڭ بېشىدا، ئىتالىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئافرىقىنىڭ شەرقى دېڭىز قىرغىقى ئاسمىنىدا تۇيۇقسىز راداردىن يوقاپ كەتكەن. 20 نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئاندىن قايتىدىن راداردا پەيدا بولغان. ئەمما ئايرودرومغا كەلگەندە، ھەربىر يولۇچىنىڭ سائىتى 20 مىنۇت ئاستىلاپ قالغان.








بېرىش بار قايتىش يوق سىرلىق ئارال

كېنىيەنىڭ شىمالىدا بىر Envaitenet ئېنۋايتېنېت دەپ ئاتىلىدىغان سىرلىق كىچىك ئارال بار، يەرلىك كىشلەرنىڭ تىلىدا بېرىش بار قايتىش يوق دېگەن مەنىدە. كۆپ يىللار ئىلگىرى، بۇ كىچىك ئارالدا كۆپلىگەن كىشلەر تۇرغان. ئۇلار بېلىق تۇتۇش، ئوۋ ئوۋلاش ۋە ئارال سىرتىدىكى كىشلەر بىلەن ئالاھىدە مال ئالماشتۇرۇشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئەمما بىر مەزگىل ئارالدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتكەن ھەم قايتا پەيدا بولمىغان. ئۇنداقتا ئارالدىكى كىشلەر قەيەرگە كەتتى. بەزى كىشلەر بۇ كىچىك ئارال بىر ماكان-زامان ئىشىكى، كىشلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە كەلگەندە باشقا بىر ماكان-زامانغا ھالقىپ كېتىدۇ، دەپ قارىغان.
مەنبە: نۇر تورى

esir يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

باشلانغۇچتىكى ۋاقىتلىرىمدا ھاڭ- تاڭ قالاتتىم بۇ خىل خەۋەرلەرگە.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

قانچىلىكى راس بۇلارنىڭ

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بىرەسى راست بولۇپ قالسا ئاغزىمنى مۇنداق ئېچىپ قالاتتىم ئۈچ كۈن تاماق يىمەي...:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o:o

APSUN يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بەلكىم راستۇر ، بىىزمۇ .ئۇنى يالغان ياكى راست دەپ ئسپاتليالمايمىز ئەمەسمۇ

MSM يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئېچىلمىغان سىرلار دەپ بىر كىتاب بولىدىغان، مۇشۇنداق ئىشلار بەك كۆپتى، زادى راستمۇ يالغانمۇ كىم بىلەركىن{:92:}

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 15:24 static/image/common/back.gif
قانچىلىكى راس بۇلارنىڭ

تورداشلارنىڭ يالغان ئىشلارنى ئويدۇرۇپ تورغا يوللاپ يۈرگىدەك  شۇنچە كۆپ  بىكار ۋاختى بار دەپ ئويلامسىز؟

بۇ تىمىنى ئوقۇپ كىتىۋېتىپ بەزى جايلىرىغا كەلگەندە،،كاللامدا تۇيۇقسىز  بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن دىگەن تۇيغۇ چاقماق تىزلىكىدە پەيدا بولدى،لىكىن بۇ گۇمانىمنى رەت قىلۋەتتىم...دۇنيادا ئەنە شۇنداق ئاجايىپ-غارايىباتلار مەۋجۇت،،..مانا بۇ ئاللاھنىڭ كارامىتى،ئاللاھ ئۆزىنىڭ يەككە-يىگانە ،ھەرقانداق ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.

سىز مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيىتىڭىز ئورنىدا تۇرۇپ مۇنداقلا بىر گەپلەرنى قىلىپ قويسىڭىز،ھەممە ئەگىشىپ گىپىڭىزنى قوللايدىغان خامېلىئۇن ئادەملەر ئازلاپ كەتتى ھازىر.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

چەتئەل يۇمۇرلىرى  ئىكەن،

mastura يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئەمما بۇ چاقچاقلارنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن نېمە ئالاقىسى بارلىقىنى بىلەلمەي بېشىم قېتىپ كەتتى.

aqturk يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

مۇشۇنداق تايىنى يوق نىمىلەرنىمۇ تىما دەپ يوللاپ -تەستىقلاپ ئىزدىنىشنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرىۋاتىسىلەر .

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بۇ پەقەت كاللسىسى قىززىپ كەتكەن خەۋەرچىلەرنىڭ بەزى فىزىكىلىق  نەزىيەلەرنى تاساددىپى ھادىسلارغا بىرلەشتۈرۈپ ئويلىۋالغان ھىكايىسى خالاس . بۇلارنىڭ ھەممىسى 95 -يىلدىن بۇرۇنقى خاتىرلەر ئىكەن ، ناۋادا مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكىلى بىر يىل بولغان ئايرۇپىلانى ساق سالامەت تېپىلسا مەن بۇ ۋاقىت تونىلىغا ئىشىنىشىم مومكىن.
ئوخشاش بىر يەرشارىدا تۇرۇپ ئۇنىڭدا يەنە ۋاقىت ئەگرىلىنكنى ھېس قىلىش پەقەت نەزىرىيە جەھەتتنلا مومكىن بولسا كېرەك

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 16:11 static/image/common/back.gif
تورداشلارنىڭ يالغان ئىشلارنى ئويدۇرۇپ تورغا يوللاپ ي ...

تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنىمۇ ئاللاھ ياراتقان. ھەممە ئىش شۇ قانۇنىيەت بويىچە بولىدۇ. ئۇ قانۇنىيەتنى بۇزدۇم دېگۈچىلەر ياكى ئۇنىڭدىن ھالقىغان ئىشنى كۆرۈدۈم دېگۈچىلەرگە مەن ئىشەنمەيمەن.

attir يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ۋاقىت ئارقىغا قايتىش مەندىمۇ يۇز بەرگەن ،
لىكىن بۇ مىنىڭ مىڭەمدىكى ۋاقىت ئارقىغا قايتىپ كەتكەن ،بىر كۇن ئەتراپىمنى ئۇنتۇپ كىچىك ۋاقتىمدىكى ئەسلىمە ئورۇن لار كاللامدىن كەتمىگەن  ،لىكىن ئەتىسىلا ئوڭشىلىپ قالغان باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمغۇ دەيمەن ،
بۇ ۋاقىت ئارقىغا قايتىشقا كىرەمدۇ يوق بىلمەيمەن.،

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

«زامان ماكان ئويۇنى» دەپ بىر فىلىم بولىدىغان، شۇنى تاپالىغانلار يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن... كىچىك ۋاقتىمدا كۆرگەنتىم ئۇ فىلىمنى...
-ئىسمىڭ نىمە؟
-ئانتون سىكوت،
-نەدىن كەلدىڭ؟
-مىيامىيدىن.
-مىيامىيدىن ئىككى خىل ئادەملەر چىقىدۇ، بىرسى دۆت، يەنە بىرسى كالۋا... سەن قايسى تۈرگە كىرىسەن؟
-قىلىمەن دىگەننى قىلىدىغانلار تۈرىگە كىرىمەن.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ھەراس، ئاۋۇ تىتانىك كاپىتانى تاغ چوققىسىدا يالغۇز نىمە يەپ كۈن كەچۈرگەندۇ؟ ئۇنىڭ كىيىمىغۇ ھەقىقەتەن چىداملىقكەن، 90 نەچچە يىلغىچە ژىتىلمىغاندىكىن{:92:}

dillani يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بۇنىڭ بەزىلىرىنىڭ سەۋەبى ئالاقاچان ئىنىقلانغان ،بەزىسى ئالادامچىقكەن ،بەزىسى يالغانچىلىق ،لىكىن ،بەزىلىرى يەنىلاسىرلىق .

uyghuruqun يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 16:18 static/image/common/back.gif
ئەمما بۇ چاقچاقلارنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن نېمە ئا ...

قۇرئان كەرىمدە مۇشۇنداق ۋاقىت قايتىش  توغرىسىدىكى ئايەتلەر بار . قۇرئان كەرىمنى ئوقوپ باقسىڭىز چۈشىنىسىز ؟

borhan730 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 19:07 static/image/common/back.gif
ۋاقىت ئارقىغا قايتىش مەندىمۇ يۇز بەرگەن ،
لىكىن بۇ مىن ...

يالغان دەپ ۋارقۇرۋەتكۈم بار ئىدى ،بىراق بۇرۇن سىز دەۋاتقاندەك بىر-ئىش ئويلىسام ئەقىلىم يەتمەيدىغان سىرلىق ھالەتتە مىنىڭمۇ بېشىمدىن ئۆتكەن، شۇڭلاشقا بۇ تىمىدىكى ۋەقەلەرنى پۈتۈنلەي يالغانغا چىقىرىپ تاشلىيالمىدىم،

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 16:11 static/image/common/back.gif
تورداشلارنىڭ يالغان ئىشلارنى ئويدۇرۇپ تورغا يوللاپ ي ...

ئاللاھنىڭ كارامىتى مۇشۇنداق يالغان -ياۋداق ئىشلاردا ئپادىلنىكەندە ؟
مىنىڭ بىلشىمچە قۇرئاندا ئىنسانلارنىڭ كوز ئالدىدا بۇلۋاتقان ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىشلار ، مەسلەن شامالنىڭ چىقىشى ، يامغۇرنىڭ يېغىشى ، چاقماقنىڭ چېقىشى دىگەندەك ئىقىلگە ئۇيغۇن بولغان ئىشلاردا ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقى بىلگىلى بۇلىدۇ دىيىلگەن !

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

uyghuruqun يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 20:51 static/image/common/back.gif
قۇرئان كەرىمدە مۇشۇنداق ۋاقىت قايتىش  توغرىسىدىكى ئا ...

قايسى قۇرئاننى دەيدىغاندۇ ما بالا ! ئىسپات كورسىتىڭە ؟
بەت: [1] 2
: دۇنيادا يۈز بەرگەن ۋاقىت ئارقىغا قايتىش ۋەقەلىرى