(فىلىم) 7-قىسىم: ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى
2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى 7-قىسىمتۆۋەندىكى ئادرېسنى بېسىپ كۆرۈڭ!
7-قىسىمنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ.
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەرقال كاپىتالىدا 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە جەريانىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان 10 گۇرۇپپا ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆز تۈرلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن ئاساستا ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭدىكى ئالدىنقى قارتاردا تۇرىدىغان 10 داڭلىق كارخانىنىڭ لىدىرلىرىدىن تۈزۈلگەن باھالاش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى بېرىشتى.
مەزكۇر مۇسابىقە فىلىمى جەمئىي 11 قىسىم بولۇپ، ئەرقال تاراتقۇسى تور بېكىتىدە داۋاملىق ئېلان قىلىنىدۇ.
anatil8 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 14:26 static/image/common/back.gif
ۋاي ئانناڭنى ماز گۇي...ئەسلى ئېغىزىمنى بۇزماي دىگەن،لى ...
ئورتاق پىكىر،ئاناتىلنى راۋان سۆزلىيەلمەيدىغان ،ئاناتىل سۆيگۈسى يوق كارخانچىلاردىن ئۈمىد كۈتمەيمىز. ئىتوت قىلىپ ئىشلىگۈدەك سۆزلەيدىكەن ئاۋۇئاشپەز{:87:} turbid يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 15:01 static/image/common/back.gif
ما ئەرقالنىڭ تارتقان سىنلىرنى پەقەتلا خوتەن تەرەپتە ك ...
خوتەننىڭ مەسىلىسىما بۇ ھەي،............ مۇندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ نوتۇقىدا ئامال بار ئاتالغۇلارنى ئانا تىلىمىزدا ئېلىشنى تەلەپ قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئانا تىلىمىزغا بۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلمىساڭلار .ئۇ بارلىق ئۇيغۇرنىڭ ئورتاق تىلى،،،،،قېنى ئانا تىلىمىز بولمىسۇنچۇ،،سىز بىزلەر قانداق قىلار بولغۇيدۇق،،،مەھسۇلاتلىرىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇپ سېتىشتىمۇ،ئىلان،تەشۋىقاتتىمۇ قىسقىسى مانا مۇشۇنداق مۇنازىرلەردىمۇ ئانا تىلىمىزنىڭ پايدىسىنى كۆرۋاتقان تۇرۇپ يەنە ئانا تىلىمىزنى بۇنداق بۇزۇپ سۆزلىسىڭىز قاملىشامدۇ؟
ئەرقال كاپىتالىدا مۇنداق بىر ئىككى تۈرلۈك مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن دەپ ئويلىدىم،،1-ماھىرلار ئارا بىر-بىرىگە بولغان ھۆرمەت يىتەرلىك ئەمەس،ھە دەپ بىر-بىرىنى چۆكتۈرۈش،گىپىگە رەددىيە قايتۇرۇش،مۇنبەرگە چىقىپ سۆزلىگەنلەردە تەمتىرەپ مەخسىدىنى ئىنىق ئىپادىلىيەلمەسلىك بىر قەدەر كۆپكەن..
2-بۇرۇنقى مۇسابىقىلەردە ئانا تىلنى بۇزۇپ سۆزلەش قىلمىشى ئۇنچە ئېغىر ئەمەس ئىدى،لىكىن بۇ قېتىمقىسى بەك چېكىدىن ئېشىپ كىتىپتۇ،،بۇلۇپمۇ ھېلىقى تاماقلىرىنى خۇالىڭغا ئاپىرىپ ساتىدىغان ھېلىقى ئاشپەزنىڭ ئانا تىلغا بولغان ھۆرمىتى قىلچىلىك يوق ئىكەن،ئۇيغۇرچە دىسىمۇ بولىدىغان گەپلەرنى قەستەن خەنزۇچىغا دەپ يۈرىدۇ...
ئىچكىردە نەچچە يىل ياشىغان قېرىنداشلارمۇ ئۇيغۇرچىنى بۇزماي ساپ سۆزلەۋاتىدۇ،سىزلەر ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرۇپمۇ ئانا تىلنى توغرا سۆزلىيەلمىسىڭىز بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك،،،،سىز سۆزلىگەن خەنزۇچىنى بىزمۇ سۆزلىيەلەيمىز،بىراق بىزدە ئانا تىلغا بولغان مەسئۇليەتچانلىق،ھۆرمەت تۇيغىسى بار،شۇڭلاشقا بۇزۇپ سۆزلىمەيمىز،،بۇنداق ئاممىۋىى سورۇندا خەنزۇچە بىلىدىغانلىقىڭىزنى پەش قىلىپ قەستەن ئۇنداق سۆزلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.... مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە جەمىيەتتە ئەبجەش سۆزلەيدىغانلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان كەيپىيات شەكىللەنگەندە بۇنداق سۆزلەيدىغانلار بارا-بنارا ئازلىشى مۇمكىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-9 17:41
چاڭبەيشەن تىغىدا ئاشپەزلىك قىلغانمۇ قانداق ئا بالا، نىمىنداق بۇزۇپ سۆزلەيدۇ تىلنى، يا خەنسۇچىدىلا سۆزلىسۇن، يا ئۇيغۇرچىدا سۆزلىسۇن، سەللىمازا تىتىقسىز تۇيۇلدى.
ئەرقال مۇشۇنىڭغىمۇ ئەسكەرتىش بەرمەمسىلە ؟ ئارىلاش سۆزلىگەننى كۆپ كۆرگەن، ئەمما مۇنداق بۇزۇپ سۆزلەيدىغىنىنى تۇنجى كۆرۈشۈم، ئادەمنى بەك بىئارام قىلىۋېتىدىكەن، نەچچە مىنۇت كۆرۈشكە ئاران چىدىدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا cooloff تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-9 19:33
:victory: تەكلىپنى چىرايلىق بەرگىلىمۇ بولىدۇ. ئەرقال ياخشى ئىش قىلىۋاتىدۇ. ھەرھالدا ئېغىزنى بۇزماي ،تەنە قىلماي - چىرايلىق تەكلىپ بېرىڭلار...
قانداق پىكىر بىرىشكە كەسكەكلىك قىلمىساڭلامۇ بولىدۇ.
تەخسىكەشسىمان خۇشامەتچىلىك قىلغاندىن گەپنى يۈزدە دىگەن ياخشى.
پىكىر قانداق بىرىشنى بىلىمىز. يازغۇچىلار تورىغا يوللىساڭلا چىرايلىق پىكىر بىرىپ بىرىدۇ. :) ماۋۇ بالا خەنزۇچە ئوقۇغان ئوخشايدۇ ،ئىچىم ئاغرىدى.
ئەمما يەنىلا سىلىق گەپ قىلىشنىڭ تەرەپتارىمەن. قوپاللىق قىلىپ خۇش بولالايدىغان بايقۇشلار بولسا ، باشقا پىكرىم يوق. كۆتۈرەپ كۆنەپ قالغانلاغا باشقا گىپىم يوق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-10 09:22
مېنىڭ نەزىرىمدىن ئەڭ چۈشۈپ كېتىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بار:
بۇلارغا قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلسىڭىز ئېشىۋالىدۇ. بىكاردىن قىلغان قوپال ئازارلىرىنى سەۋر بىلەن كەچۈرىۋەتسىڭىز ،مەن «كۈچلۈك» دەپ قالىدۇ. سىز ئۇلارنى كەچۈرگەنسىرى ئۇلار سىزنى دۈشمەن قىلىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى رەشك ئاداۋەت شۇنچىكى قاتتىقكى ، قاچانكى بىر چاغلاردا ، سىز ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئىشلار ئۈچۈن پەيت كۈتىدۇ ،چىمدىۋىلىشنى ، چېقىۋىلىشنى ئىستەيدۇ. گوياكى ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلىسىڭىز ،مېنى ئۇرىۋاتىدۇ دەپ بىلىدۇ. ئۇلارغا مېھىرلىك كۆز بىلەن قارىسىڭىز ، ئالىيىۋاتىدۇ دەپ بىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ياش تۆكسىڭىز ، مېنى زاڭلىق قىلىپ كۈلىۋاتىدۇ دەپ بىلىدۇ....
ئومۇمەن بۇ خىلدىكىلەر بىلەن ئەپ ئۆتمەك مۈمكىن بولمايدۇ. ئۇلارغا ھېچنىمە دېمىسىڭىزلا بولىدۇ. كۆزىڭىزگە ئىلىشىڭىزنىڭمۇ ھېچ ھاجىتى يوق. گەپ سۆزلىرىنى ئېتىبارغا ئېلىشىڭىزنىڭ تېخى ھاجىتى يوق.
چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ خىلىڭىزدىكىلەر ئەمەس.
شۇڭا مەن ھەرۋاقت ئۇلارغا پاكىز سۆز قىلالايمەن. ئۇلار ئۈچۈن دۇئامۇ قىلالايمەن.
ئەمما ئۇلاردىن يىراقراق تۇرۇشنى ئىستەيمەن. گەپلىرىنى ھەم پىسەنتىمگە ئېلىپ قويمايمەن. باشقىلارنىڭ كاللىسدا ئىجارە تۆلىمەي ياشاۋىتىپتىمەن.:lol ئا ئاشپەزنىڭ ئانا تىلىمىزنى بۇزۇپ سۆزلەيدىغان ھوقۇقى يوق،،سەت ئىچىم ئاغرىدى ئۇ بالىغا بىر چىرايلىق تىلنى سۆزلىيەلمەي گاچىدەك كېكەشلەپ خەنزۇچىنى قۇشۇپ يۈرۈپتۇ..نېمىدىگەن تېتىقسىزلىق بۇ؟ Uyghur يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 09:16 static/image/common/back.gif
مېنىڭ نەزىرىمدىن ئەڭ چۈشۈپ كېتىدىغان بىر تۈركۈم كىشىل ...
توغرا دەيسىلە!:lol
بەت:
[1]
2