KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

يانفون قانداق ئشلەپچىقىرىلىدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 02:14  

يانفون قانداق ئشلەپچىقىرىلىدۇ؟
تۇرسۇنجان ياسىن ئەركبول

بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر يانفون ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن قولايلىققا شۇ قەدەر كۆندىكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭسىز ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈشنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقى مۇمكىن.  ئەمما تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بۇ كەشپىياتنىڭ تارىخى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس بولۇپ، ئەمدى تېخى قىرىق نەچچە يىل بولدى.  1973-يىلى ئامېرىكىدىكى موتورولا شىركىتى تۇنجى بولۇپ ئادەتتىكى سىملىق تېلېفونلار بىلەن خەۋەرلىشەلەيدىغان سىمسىز قول-تېلېفونىنى كەشىپ قىلغان. گەرچە ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى كىچىكرەك بىر ئۆتۈكنىڭ چوڭلۇقىدا، توك قاچىلاشقا 10 سائەت كېرەك بولغان باتارىيىسىنىڭ ئۆمۈرى ئاران 30 مىنۇت بولغان بولسىمۇ، ئۇ بىر دەۋر بۆلگۈچ كەشپىيات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر يانفون ئىشلەپچىقىرالايدۇ. شەخسەن مەن شۇنداق شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان، ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋاشىڭتون شىتاتىغا جايلاشقان مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باش شىتابىدا ئانتېننا ئېنژىنېرى (يەنى ئانتېننا لايىھىلىگۈچى) بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن.  مەن ھازىرغا قەدەر بىرقانچە ئىستىمالچىلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئېلېكترونىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئانتېننا لايىھىلەش ئىشلىرىغا قاتناشتىم ۋە شۇ سەۋەبتىن يانفوندەك مەھسۇلاتنىڭ پىلان باسقۇچىدىن تارتىپ زاۋۇتتا چوڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغىچە بولغان پۈتۈن جەريان توغرىسىدا بىرئاز چۈشەنچىگە ئېرىشتىم.  ئەگەر سىز يانفونىڭىز سىزگە تەۋە بولۇشتىن بۇرۇن نېمەلەرنى باشتىن كەچۈرگىنىگە قىزىقسىڭىز، بۇ ماقالىدىن جاۋاب تاپالىشىڭىز مۇمكىن.

يانفوننىڭ قانداق قىياپەت ۋە ئىقتىدارلارغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى پىلانلاش مەھسۇلاتنىڭ قانچىلىك نەتىجە كۆرەلەيدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئالاھىدە ئامىللارنىڭ بىرى. مەسىلەن، ئايفوننىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە قازىنالىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، كىشىلەرنى جەلپ قىلغۇدەك تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە بوۋاق بالىلارمۇ تېزلا ئۆگىنەلىگۈدەك قولاي مەشغۇلات سىستېمىدۇر. ئۆتكەندە تەجرىبىخانىمىزدا ھەر خىل يانفونلارنىڭ ئانتېنناسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەپ سېلىشتۇرغانتۇق، نەتىجەدە نوكىئا يانفونلىرى ئەڭ ياخشى بولۇپ چىققان.  لېكىن نوكىئانىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى تەجرىبە ئىشلىمىگەن بولساق بىزمۇ بىلمەستۇق.  يەنە بىر مىسال بولسا ئامازون شىركىتى يېقىندا ئىشلەپ بازارغا سالغان تۇنجى يانفونى (ئامازون ئاتەش- فون).  تېلېفون ئىقتىدارى ئىستىمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئانچە ماس كەلمىگەنلىكتىن تامامەن مەغلۇپ بولماقتا.  مۇشۇنداق ئومۇمىي لايىھەگە مەسئۇل ئېنژىنېرلار سانائەت لايىھىلىگۈچىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.  ئۇلار بىر تەرەپتىن ئىستىمالچىلارنى كۆزدە تۇتۇپ بازاردا مەۋجۇت بولغان رەقىبلىرىنى يېڭىش ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئويلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئويلاشمىسا بولمايدۇ.  ئەگەر لايىھەنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس بولسا، ياكى مۇمكىن بولغان تەقدىردىمۇ بەدەل بەك ئېغىر (چىقىمى ھەددىدىن زىيادە) بولسا،  لايىھەنى قايتا تەڭشەش ھەتتا بەزىدە ئۆزگەرتىشمۇ كېرەك بولىدۇ.  بۇ باسقۇچ ئادەتتە بىرنەچچە ئاي داۋام قىلىدۇ.

ئومۇمىي لايىھە مۇقىملاشقاندىن كېيىن ھەقىقىي ئېنژىنېرلىق باشلىنىدۇ.  كەم دىگەندە بىر يىل كېتىدىغان بۇ جەرياندا مېخانىكا، قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال ئېنژىنېرلىرىدىن ئىبارەت كەسپ ئىگىلىرى ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.  مېخانىكاچىنىڭ ۋەزىپىسى شۇكى، جەزملىشىپ بولغان ئومۇمىي لايىھەگە كاپالەت قىلغان ئاساستا يانفوننىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىمكانقەدەر مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.  قاتتىق دېتالچىلىق ئېلېكترونلۇق (توك ۋە سىگنال يوللىرىنى سىزىش)، رادىئو چاستوتا (ئانتېنناغا سىگنال يەتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭدىن سىگنال چۈشۈرۈۋېلىش)، ئانتېننا (ھاۋا بوشلۇقىغا سىگنال تارقىتىش ۋە ئۇنىڭدىن سىگنال قوبۇل قىلىش) قاتارلىق قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  يانفوندىكى چەكلىك ھەجىم ئىچىدە قاتتىق دېتاللارنىڭ ھەممىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئەڭ يۇقۇرى چەككە يەتكۈزۈپ لايىھىلىمەك ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار ئارىسىدا تالاش-تارتىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.  شۇنداق زىددىيەتلەرگە ئانتېنناچى چېتىلىشى مۇمكىن.  مەسىلەن، ئانتېنناچى چوڭراق ھەجىم ئىستەيدۇ، چۈنكى ئوخشاش ئانتېنناغا قانچە چوڭ ھەجىم بېرىلسە شۇنچە يۇقۇرى ئانتېننا ئۈنۈمىنى ياراتقىلى بولىدۇ.  لېكىن پەقەت ئانتېننانى دەپ يانفوننىڭ باتارىيىسى كىچىكلىتىلسە ئېلېكترونچى ۋە مېخانىكاچىلەر قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى باتارىيەنىڭ توك تەمىنلەش ئىقتىدارى سىغىمىغا باغلىق.

بۇ ئىككىنچى باسقۇچتا ئىككى-ئۈچ ئايدا بىر قېتىم بولۇپ جەمئىي بەش-ئالتە تۈركۈم يانفوننىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى زاۋۇتقا ئىشلەتكۈزۈش لازىم بولىدۇ.  بۇلارنىڭ مىقدارى كىچىك (تەخمىنەن بىرنەچچە يۈز دانە) بولغاچقا، ھەر بىر يانفوننىڭ قىممىتى 5000 دوللاردىنمۇ يۇقۇرى بولىدىكەن.  بىراق چوڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىنغان ھېچقانداق يانفوننىڭ قىممىتى 250 دوللاردىن ئاشمايدىكەن.  يانفون كىچىك كۆرۈنگەن بىلەن مۇرەككەپ بىر سىستېم بولغاچقا، ئۇنىڭدىكى ئېكران، ئانتېننا، كامېرا ۋە مىكروفوندىن ئىبارەت ئۆز-ئارا يېقىن جايلاشقان تەركىبىي قىسىملار بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ كۈتۈلمىگەن خاتالىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.  بۇنداق مەسىلىلەرنى پەقەت قايتا-قايتا تۈزىتىش ۋە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.  يانفوننى رەسمىي مەھسۇلات سۈپىتىدە ئىشلەپچىقىرىشقا يوللاشتىن ئاۋۋال، يانڧون ھەر جەھەتتىن ئومۇمىي لايىھەدىكى بارلىق ئۆلچەملەرگە يېتىشى ۋە ھەر خىل تەكشۈرۈش-سىناقلار (مەسىلەن يۇقۇرى ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇراغا بولغان بەرداشلىق سىنىقى) دىن ئۆتۈشى شەرت.

ئەمەلىيەتتە يانفوننى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانىدا كەم بولسا بولمايدىغان باشقا گۇرۇپپىلارمۇ بار.  ئاخىرىغا كەلگەنسېرى ھەممىدىن ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغانلار تەكشۈرۈش-سىناق گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى يانفوندا مەۋجۇت بولغان ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەر (قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتاق ۋە قاتتىق-يۇمشاق ماسلىشىشتىكى مەسىلىلەر) نى تېپىپ چىقىش. بۇنىڭدىن باشقا گۇرۇپپىلار ئارىسىدا كۆۋرۈك رولىنى ئوينايدىغان پروگرامما باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا پروژېكت تەرەقىياتىنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشىغا كاپالەت قىلىش.  ئەگەر ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولۇپ يانفون مەھسۇلات بولۇشقا تەييار بولسا، بازار ئېچىش بۆلۈمى ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

كىچىككىنە ئەمما مۇرەككەپ بولغان يانفوننى قەغەز ئۈستىدىكى لايىھە ھالىتىدىن ئىستىمالچىلارنىڭ قولىدىكى مەھسۇلات ھالىتىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، نەچچە يۈزلىگەن ئوخشىمىغان ساھەدىن كېلىپ چىققان كەسپىي خادىملىرىنىڭ ئورتاق نىشانغا بىرلىكتە بىر-ئىككى يىل تىرىشىپ ئىشلىشى لازىم بولىدۇ.  ئەمەلىيەتتە نى-نى چوڭ ئىشلارغا قارىغاندا، يانفون ئاددىي بىر نەرسە.  بىراق شۇ ئاددىي نەرسىنىمۇ باشقىلار بىلەن ھەمكارلاشماستىن ھېچكىم يالغۇز ياساپ چىقالمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ PDF نۇسخسىنى بىلىمدان مەخسۇس سەھىپىسىدىن چۈشۈرۋالالايسىز (http://eser.okyan.com/Bilimdan/). بىلىمدان تور ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقاندا بىلىمدان تور ژۇرنىلىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىڭ ۋە ماقالە ئاپتورىنى چۈشۈرۈپ قويماڭ. رەھمەت.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

  دىمىسىمۇ ئەقلى يانفون ئىشلەشكە قارىغاندا ئادەتتىكى تىلۋىزورلارنى ئىشلەش كۆپ ئاسان.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

ناھايتى ياخشى تېما بوپتۇ. سىز ھازىر مىكرو سوفىت شىركىتىدە ئىشلەۋىتىپسىز ، بىر ئىشنى سورىۋالسام ، سىزنىڭچە wp سېستىملىق يانفۇن مەغلۇپ بولامۇ ؟ wp يانفۇن ئالسام قايسسى ياخشىراقتۇ ؟

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

مىكروسوفت شىركىتى نوكىيانى سېتۋىلىپ تۈزۈك پايدا تاپالمىدىغۇ دەيمەن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

almida arqa ishik ber deydighu, mesilen SIM karta selinmisimu, melum konupkilarni bassa bu telifun sayraydiken dep anglighan .

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

يانفۇننى كەشىپ قىلغان موتورولا بىلەن كۈچلۈك يانفۇن ئىمپىرىيەسى قۇرغان نوكىيانىڭ ۋەيران بۇلىشى ئاساسلىقى نىمە سەۋەپتىن بولغان ؟

turbid يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 11:13 static/image/common/back.gif
ناھايتى ياخشى تېما بوپتۇ. سىز ھازىر مىكرو سوفىت شىركىت ...

شەكلى ۋە چوڭراقىنى ئېلىشنى ئويلىسىڭىز 1520 ئالسىڭىز بولىدىكەن ، مەندە ئاقچا ئازراق بولغاچقا 925 ئالدىم بۈگەن ئەتە تاپشۇرۇپ ئالىمەن .
http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=37969
1520 بىرىنجى يانفون شۇ

Erkbol يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 11:13 static/image/common/back.gif
ناھايتى ياخشى تېما بوپتۇ. سىز ھازىر مىكرو سوفىت شىركىت ...

كېلەچەكتىكى ئىش توغرىسىدا بىر نەرسە دېمەك تەس. ئەمما مېنىڭچە مىكروسوفت ھەرگىزمۇ ئەقلىيفون ساھەسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.  ھەتتا يېقىندا بازارغا سالغان ئەقلىي-سائىتى (Microsoft Band) دەك مەھسۇلاتلىرىغىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىدۇ.  شىركەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىرادىسىنى يېڭى باش ئىجرا قىلغۇچىسى ساتيا نادېللا (Satya Nadella) نىڭ شۇئارىدىنمۇ بىلىۋالغىلى بولىدۇ.  ئۇ مۇنداق دېگەن، كۆچمە بىرىنچى ۋە بۇلۇت بىرىنچى (Mobile First, Cloud First).  بۇ ئىدىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەم قاتتىق دېتال ھەم يۇمشاق دېتاللىرى بولۇشى كېەرك.  شۇڭا ۋىندوسفونلىرى خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى مۇمكىن.

يانفون ئېلىشقا كەلسەك، ئاۋۋال ئىنتېرنېتتە ئۆزىڭىز قىزىقىپ قالغان بىرنەچچە خىل يانفوننىڭ ئىستېمالچىلار تەرىپىدىن بېرىلگەن باھاسىنى ئوقۇپ بېقىڭ.  بەلكىم توغرا قارار بېرىشىڭىزگە پايدىسى بولار.

Erkbol يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 11:16 static/image/common/back.gif
مىكروسوفت شىركىتى نوكىيانى سېتۋىلىپ تۈزۈك پايدا تاپال ...

مەيلى مىكروسوفت بولسۇن ياكى نوكىئا بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى ئەقلىيفون تەرەققىياتىغا كېچىكىپ كىرگەنلەر.  نوكىئانىڭ يانفون بۆلۈمى مىكروسوفت تەۋەلىكىگە ئۆتۈشتىن بۇرۇنلا پايدا ئالالمايدىغان ھالەتتە ئىدى.  شۇڭا بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى نوكىئا بىلەن تەڭ مىكروسوفتقا ئۆتكەن 25،000 خىزمەتچىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتقان.

Erkbol يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

buyukturn يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 14:30 static/image/common/back.gif
يانفۇننى كەشىپ قىلغان موتورولا بىلەن كۈچلۈك يانفۇن ئى ...

مېنىڭچە بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ئەقلىيفون تەرەققىياتىغا بولغان ئىنكاسىنىڭ ئاستىلىقى تۈپەيلى ئۇلار ھازىرچە ئالما ۋە سامسۇڭ شىركەتلىرىگە قارىغاندا ئارقادا قالدى.  ئەمما قايتا كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن، چۈنكى تارىختا بۇنداق ئىش تولا يۈز بەرگەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بەك ياخشى مەلۇماتلار ئىكەن، ئالىملىرىمىزغا تۈگىمەس ياخشىلىقلار نەسىپ بولغاي!
بەت: [1]
: يانفون قانداق ئشلەپچىقىرىلىدۇ؟