dunya يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

«كەسپى ئائىلە»



«كەسپى ئائىلە»


(ھىكايە)

«ھىلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ،ئىچىدىن سېرىقى چىقماس»

-     خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن.

بىر ھەپتىدىن بېرى مىنى قۇمدا پۇتى كۆيگەن ئادەمدەك تىنىم تاپماي يۈگۈرتمەكتە.مىھمان كۈتۈش تەييارلىقىغا كېتىدىغان ئۇششاق-چۈشەكلەرنى تەييارلاپ بولۇپ،بۈگۈنكى يەكشەنبىدە سىمىز پاخلاندىن بىرنى ئالىدىغان ئىشلا قالغانىدى.شوڭا تەپتىدىن ئوت يېنىپ تۇرغان تۇمۇز ئىسسىققا قارىماي،مال بازىرىغا چاپتىم.
  - سودا قىلىشمۇ بىر ھۈنەر،-دەيتتى ئاغىينىلەر،-بۇ ھۈنەرنىمۇ ئۈگۈنۈپ قويساق بولغىدەك.
ئاغىنىلىرىمنىڭ بۇ گىپى ئىسىمگە كىلىپ سودىغا پىششىقراق بېرەرسىنى تاپاي دىگەن نىيىتىمدىن يالتىيىپ،بۈگۈنكى سودىنى ئۆزۈم بىر قىلىپ بېقىپ بۇنىمۇ ئۈگۈنۈپ قوياي زادى دىگەن نىيەتكە كەلدىمدە چارۋا بازىرىغا شۇڭغۇپ سودا قاينىمىغا كىرىپ كەتتىم.
مىنىڭ قوزا-پاخلانلارغا قاراپ تەنھا بازار ئارىلاۋاتقان قىياپىتىمنى كۆرگەن ساتارمەنلەر ھە دەپ ئۆز مېلى ئۈچۈن خېرىدار چاقىرىشاتتى.
-كەلسىلە،كەلسىلە...قوي ئالاملا؟ مانا ماۋۇ ئۆز قولۇم بىلەن باققان پاخلان.....
ـ  مانا بۇ قوينى كۆرۈپ باقسىلا،ئۈچ ۋاق ھەلەپكە تۇز قوشۇپ بىرىپ باققان قوي،گۈشى بەك تەملىك...
- مانا ماۋۇ ئەركەك قوي،ئۆزلىرىمۇ خېلى ئەركەك يىگىتتەك تۇرىلا،كەلسىلە...كەلسىلە..سودىدا كىلىشىپ قالىمىز.
-  كەلسىلە..كەلسىلە...قوي بولسىلا ھىساپ ئەمەس،مانا بۇ قوي گاڭ كۆممە قوناقتا باققان قوي،
- مانا بۇ مەكىتنىڭ قۇيى،قېنى كەلسىلە،ئالمىسىلىمۇ كۆرۈپ قويسىلا،....
تەرەپ-تەرەپتىن چاقىرىشلار مىنى سەل گاڭگىرىتىپمۇ قويدى،لېكىن مەن بازار ئارىلاپ كېتىۋەردىم.كىتىۋېتىپ توساتتىن مۆمىن چىراي بىر كىشى تۇتۇپ تۇرغان بەش-ئالتە قوينىڭ ئىچىدە يۇڭلۇق ئالا پاخلاندىن بىرسىگە كۆزۈم چۈشتى-دە،ئۇدۇللاپ پاخلاننىڭ قېشىغا كەلدىم.پاخلاننىڭ دۈمبىسىنى تۇتۇپ كۆرۈپ مىھمانغا يارايدىغانلىقىنى قىياس قىلىپ مال ساتقۇچىدىن سورىدىم:
- قېنى ماۋۇ پاخلانلىرىغا نىمە دەيمىز؟،-مال ساتقۇچى كەم سۆز ئادەمدەك كۆرۈنەتتى،ئۇ باشقا ساتارمەنلەرگە ئوخشاش ۋاقىراپ-جاقىراپمۇ كەتمەي بىرخىل جىمىخورلۇق بىلەن باش-ئايىقىمغا ئوبدان بىر سەپ سېلىۋەتكەندىن كىيىن سۆزگە كىرىشتى:
- قوينى ئوبدانراق كۆرۈپ باقسىلا ئۇكام،قارىغاندا خېلى مال تونۇيدىغان يىگىتتەك تۇرىلا،باھانى ئاسمان-پەلەك قويىۋالغاننىڭ پايدىسى يوق-،ئۇ بېشىنى قاشلاپ ئۇيان-بۇيان قاراپ قويۇپ سۈزىنى داۋام قىلدى،-پاخلانغا بىرمىڭ ئالتە يۈز كوي بىرىلا.
- سىلىمۇ يامان دىمىدىلە،-دىدىم مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ رازىمەنلىك بىلدۈرۈپ،-ساتارمەننىڭ مېلىنى كەمسىتكەن ئىش ئوبدان ئىش ئەمەس،قويلىرغا بىرمىڭ ئۈچ يۈزنى سانايمۇ؟-دىدىم مەن ناھايتى ئالدىراپ.باھادا سەل تىز كەتتىممۇ قانداق دىگەن ئوي بىلەن ئەتراپىمغا قاراپ قويدۇم.
ئىككىمىزنىڭ سودىسىنى تاماشا قىلىۋاتقان بازارچىلار غۇژژىدە ئەتراپىمىزغا ئولاشتى،سالا باشلىنىپ كەتتى.
-     ئوبدان دىدى،بىرىۋېتەيلى...
-     يەنە يۈزنى قوشىۋېتىڭە يىگىت....
-     بوپتۇ يەنە يىگىرمىنى قوشسۇن...
-     ئەللىك كوي......
-     ......
-     .....
لىكىن ساتارمەن ھېچكىمنىڭ سالاسىغا كىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، دەل شۇ پەيتتە شاپ بۇرۇت بىر سالاچى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ سۆزلەشكە باشلىدى:
-     قوللىرىنى ئەكەسىلە،-دىدى ئۇ ساتارمەننىڭ قۇلىنى تارتىپ،ئىككىسى قول ئىشارەتلىرى بىلەن بىر نەرسىلەر دىيشىۋىدى،ساتارمەن يەنىلا باش چايقىدى.شاپ بۇرۇت سالاچى ئاچچىقلانغان قىياپەتتە ماڭا قاراپ:
-     ئۇكا ئەكەسلە، پۇللىرىنى سانىسىلا،-دىدى.
-     مەن ئۇ ئادەمگە ئۆزۈمنىڭ باشتا دىگىنى بۇيىچە بىر مىڭ ئۈچ يۈزكوي ساناپ بەردىم.شاپ بۇرۇت پۇلنى ساناپ كۆرگەندىن كىيىن ماڭا قايرىلىپ نارازى بولغان قىياپەتتە:
- ئۇكا، بۇ ئىشلىرى بولماپتۇ،يەنە يۈزنى سانىسىلا،-دەپ بۇيرۇق ئاھاڭدا سۆزلىدى،مەن ئۆزۈمچە كۈندە بازاردا يۈرۈپ ئېلىم بىرىمغا ئۇستا بوپ كەتكەن بۇ كىشىلەر قوينىڭ ئەھۋالىنى پەملىمىسە مۇنداقمۇ دىمەس،دەپ ئويلۇدۇم-دە،يەنە يۈز كوينى قۇلىغا تۇتقۇزدۇم.شاپ بۇرۇت بىرمىڭ تۆت يۈز كوينى قوي ئېگىسىگە تۇتقۇزىۋىدى،ئۇ يەنىلا بېشىنى چايقاپ ئۇنىماي قويدى.ئەتراپتىكىلەرنىڭ سالاسى يەنە قىزىشقا باشلىدى:
- يەنە ئەللىكنى قوشىۋېتىڭە يىگىت....
-     ياق...يۈز دەڭلا...يۈز...
-     لىكىن بۇنىڭغىمۇ ساتارمەن يېقىن كەلمەي كەينىگە داجىشقا باشلىدى.شاپ بۇرۇت يەنە ئوتتۇرىغا چۈشتىدە سالادا كۈچەشكە باشلىدى:
- ئۇكام،بۇ قوينىڭ كېمى مەلۇم بوپ قالدى،يەنە يۈز كوي ئالسىلا،بىر مىڭ بەشيۈزكوي،سودا پۈتۈنلا بوپ كەتسۇن زادى ئاسلا..ئاسلا،- مەن قوينىڭ بەك قىممەت كىتىشىدىن ئەنسىرەپ يەنە يۈز كوينى يانچۇقتىن چىقارغىم كەلمەي كەينىمگە داجىدىم.شۇ چاغدا قاياقتىندۇر بىر ئايال پەيدا بولدى-دە،مىنىڭدىن سورىدى:
- يىگىت،سىز سودىدىن ياندىڭىزمۇ؟
- ياندىم.-مەنمۇ كەسكىن جاۋاپ بەردىم.لىكىن قويدىن كۆزۈمنى ئۈزمەيتتىم.
- بوپتۇ،-دىدى ئايال،-ئەگەر سىز سودىدىن يانغان بولسىڭىز بۇ سودىغا ئۆزۈم چۈشىمەن،- دىدى-دە ساتارمەنگە سۆزلەشكە باشلىدى:
- خوتۇن كىشى جېنىمدا سىلى بىلەن بىر سودا قىلىپ باقاي،نۇرغۇن خېرىدارنى قاچۇرىۋەتتىلە،مەن بىلەن سودىدا كىلىشەلمىسىلە،سىلە بىلەن كىلىشەلەيدىغان خېرىدار بۇ بازار تەۋەلىكىدىن چىقمايدۇ،قويلىرىنى ماۋۇ ئۇكام بىرمىڭ تۆتيۈز قىلدى،مانا مەن بىرمىڭ بەشيۈزنى بېرىمەن، ئەكەسلە!
-ياق..ياق كەم بولىدۇ،-ساتارمەن تېخىمۇ چىڭ سۆزلەيتتى.
- ۋاي ئاتام..ئەجەپمۇ چىڭ تۇرۇپ كەتتىلە بۇ سودىدا،«ئۆردەك غاقىلدىسا،پاقا ۋاقىلدارمىش»دەپتىكەن،بولدى،بىرمىڭ بەشيۈز ئەللىك كويغا بەردىلىمۇ؟
- ياق،كەم بولىدۇ.
- دىگەنلىرىگە بەرمىسىلە ئۇنىمايدىغان جاھىل ئادىمىكەنلا،قوينى ئەكەسلە. بىرمىڭ ئالتە يۈز،-ئايال غالىپلارچە گېدىيىپ ئەتراپقا قارىدى،
-بوپتۇ ئالسىلا خېنىم،ئوغۇل بالىدەك ئايالكەنلا،قويغا ئۆزۈم باشتا ئەرزان باھا قويۇپ قويۇپتىمەن.ئېغىزىمدىن چىقىپ كىتىپتۇ،بىرىۋېتەي.
-بەرگەن بولسىلىرى ئالدىم،-ئايال ئىچ يانچۇقىدىن پۇل ئېلىشقا تۇتۇندى،دەل شۇ پەيتتە يىگىرمە ياش ئەتراپىدىكى گازىر يۈز،كۆزلىرى قىسىق،بۇرنى پاناق بىر يىگىت توپ ئىچىدىن سالاچىلار ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ سۆزلەشكە باشلىدى:
- خالايىق، ئىش خاتا بولمىسۇن،قوينىڭ سودىسى ئەمدى پىشتى.دەسلەپتە قويغا كۈزى چۈشكەن يىگىت مانا بۇ،-يىگىت مۈرەمگە قېقىپ تۇنۇشتۇرۇشقا چۈشتى،-بىراۋ قىلغان سودىنى بۇزۇپ مال ئالساڭ ئاش بولماي قالىدۇ،«بازارغا بارساڭ بۇرۇن بار،بۇرۇن بارساڭ ئورۇن بار»دەپتىكەن،ئاچا،سىلى ئوغۇل بالىدىن قېلىشمايدىغان نوچى ئايالكەنلا،ئاخىرىغىچە مەرتلىك قىلاي دىسىلە سودىنى ھېلىمۇ مۇشۇ يىگىتكە ئۆتۈنۈپ بەرسىلە قانداق؟
- «قاش بىلەن كۆز جايىدا بولسا،باشقىسى بازاردا»دىگەن گەپ بار ئۇكا،پۇلۇڭ بولسا بازاردا قوي دىگەن جىق،سودا بۇ ئۇكامدىن ئاشقاندا ئۆزۈم چۈشتۈم،ھېلىمۇ مۇشۇ ئۇكامدىن قالسۇن،يەنىلا ئۆزۈم ئالىمەن دىسە مانا قوي،ئالمايتتىم دىسە مەن ئالىمەن،-ئايال ئۈزىنى تولىمۇ مەغرۇر كۆرسۈتۈشكە تىرىشاتتى.ئايالنىڭ بۇ ئەلپازى راستىنى ئېيتسام مىنى سەل-پەل تەمتىرىتىپ قويىۋاتاتتى.بىر خوتۇن كىشىچىلىك قورقماي سودا قىلالمىسام مىنىڭ نەرىم ئەركىشى بولسۇن!بۇ ئايالنىڭ نوچىلىقى ئەرلىك غۇرۇرۇم ئۈچۈن ھاقارەتتەك تۇيۇلدى-دە:
-بولدى ئالدىم!-دەپ ۋاقىرىۋەتتىم.بىرمىڭ ئالتە يۈز كوينى ساناپ بىرىپ قوينى يىتىلەپ چىقىپ كەتتىم.
مىھمان كەلگەن كۈنى ئالدى بىلەن سودىدا ئۇتقان ياكى ئۇتتۇرغانلىقىمنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن گۆشنى جىڭلاپ ھىساپلاپ كۆرسەم بۇ پاخلاننىڭ سودىسىدا نەق بەش يۈزكوي ئۇتتۇرۇپتىمەن.نەدىن كەلدى ھېلىقى كاسكى خوتۇن؟شۇ كاززاپ خوتۇن كەلمىگەن بولسا مەن بۇ سودىدىن يانغان ئەمەسمىتتىم،ھەي ئىسىت...ھەي ئىسىت..ئايالىمنىڭ تاپا-تەنىسىنى دىمەمسىز تېخى، زىيان دىگەن ئاچچىقكەن،شىرىقلاپ تۇرغان بۇ بەشيۈزكوي ئاز پۇلمىدى؟ ئويلىغانسىرى زىيان ئىچىمنى زەھەردەك ئېچىشتۇراتتى.

**   **
  بۇ ئىش يۈز بىرىپ ئارىدىن بېرەر ئاي ئۆتمەيلا يانتو توغراق كەنتىگە يېزا خىزمىتىگە تەقسىم قىلىنىپ ئائىلە سۆھبىتىگە كىرىشىپ كەتتۇق.بىر ئائىلىگە كىرگىنىمدە ئۈچ نوپۇسلۇق بۇ ئائىلىدىكى ئائىلە ئەزالىرىغا قاراپ ھاڭ-تاڭ قالدىم.ھەيران قالغىنىمنى بىلىندۈرمەي ئۇلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى،ئائىلە ئەھۋالىنى بىر-بىرلەپ چۈشەندىم. ئۇلارنىڭ بىرسى ماڭا قوي ساتقان ئادەم- بەكرى سوك-سوك،يەنە بىرسى بەكرى سوك-سوكنىڭ ئايالى،قوي سودىسىنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرگەن ھېلىقى خوتۇن-نىسا جاڭ-جاڭ،ئۈچۈنچىسى بولسا بۇ ئايالدىن سودىنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بىرىشكە دەۋەت قىلغان گازىر يۈز يىگىت،ئۇلارنىڭ ئوغلى-تۇرەك پەيدا ئىدى.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

راس دەيسىز ھازىر پاقلانلارنىڭ باھاسى سەل چۈشۈپ كەتتى

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

سىز ئەمدى كەسىپ ئەھلى بولمىغاندىن كېيىن شۇنداق بولىدۇ دە ، مۇنبەردىكى قاسساپنى چاقىرۋالغان بولسىڭىز ئۇلارنىڭ ھېيلىسى ئاقمايتتى، ئەمما ئاۋۇ سالاچىلارمۇ بەك يامان.

419 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

huja يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

نۇر تورىدىن كۈچۇرۇلگەن تىما
بەت: [1]
: «كەسپى ئائىلە»