KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

رەڭنىڭ ماھىيىتى: ئاق ۋە قارا ئەسلى رەڭ ئەمەس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 18:05  

رەڭنىڭ ماھىيىتى: ئاق ۋە قارا ئەسلى رەڭ ئەمەس
ماھىر مەمتىمىن نىران

رەڭسىز دۇنيادا ياشاشنى بىردەم قىياس قىلىشمۇ بىر ئازابلىق ئىش، چۈنكى دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ رەڭگارەڭ ۋە سەرخىقللىقىدا (بىر ھېكمەت بار!). رەڭنىڭ ماھىيىتى زادى نېمە؟

رەڭ ئەمەلىيەتتە بىر فىزىكىلىق ئۇقۇم ئەمەس، ئۇ پەقەتلا بىزنىڭ نۇرغا بولغان نېرۋىدىكى ئىنكاسىمىز. لېكىن رەڭنى فىزىكىدا نۇرنىڭ چاستوتىسى ياكى نۇر دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.



كۈن نۇرىنى ئېلېكتىر ماگنىتلىق دولقۇن بوغۇمى دېيىشكە بولىدۇ. كۈن نۇرى ئىچىدە ھەرخىل چاستوتىدىكى نۇر دولقۇنلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە 380 نانومېتىردىن 780 نانومېتىرغىچە (بىر مىليارد نانومېتىر بىر مېتىرغا تەڭ) بولغان نۇرلارنى ئادەم كۆزى كۆرەلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىنەپشە رەڭ (400)، كۆك رەڭ (480)، يېشىل رەڭ (530)، سېرىق رەڭ (580)، ۋە قىزىل (700) رەڭ قاتارلىق رەڭلەر بار.

ئادەم كۆزى ئۈچ-رەڭلىك ئورگان، ئۈچ-خىل ئاساسلىق رەڭنى سېزىش ئارقىلىق ھەرخىل رەڭلەرنى پەرق ئېتەلەيدۇ. ئاساسلىق رەڭلەر قىزىل، كۆك، ۋە يېشىل رەڭلەر. ئىككى خىل رەڭنى ئارىلاشتۇرسا يېڭى بىر رەڭنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. كۆزمۇ دەل مۇشۇ پىرىنسىپتىن پايدىلىنىدۇ. كۆزدىكى ئۈچ رەڭ قۇبۇللىغۇچ ھەربىر رەڭلىك نۇرنىڭ مىقدارىنى سېزەلەيدۇ، ئۈچ خىل رەڭنىڭ مىقدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن نېرۋىمىزدا ئوخشىمىغان ئىنكاس پەيدا بولىدۇ، شۇنداقلا ئوخشىمىغان رەڭ ھالىتىنى پەيدا قىلالايدۇ. ئوخشىمىغان رەڭنىڭ چاستوتىسى ئوخشىمىغانلىقدىن، ئېنېرگىيەسىمۇ ئوخشىمايدۇ. كۆزنىڭ رەڭلەرنى پەرق ئىتەلىشى ئەمەلىيەتتە كۆزنىڭ نۇر ئېنېرگىيەسىنى پەرق ئىتەلىگەنلىگىدە ۋە شۇنداقلا نېرۋىغا ئوخشىمىغان ئىنكاس پەيدا قىلغانلىقىدىن بولىدۇ.



رەڭنىڭ ماھىيىتىنىغۇ چۈشەنگەندەك قىلدۇق، شۇ چاستوتىسى ئوخشىمىغان نۇر دولقىنىنىڭ كۆز ۋە مېڭىدىكى تەرجىمىسى ئىكەن. لېكىن قانداق بولۇپ رەڭسىز ھالەتتىكى كۈن نۇرى ھەرخىل نەرسىلەرنى رەڭلىك كۆرسىتىدۇ؟

مەسىلەن، بىر قىزىل رەڭلىك ماشىنىغا قارىساق، كۈن نۇرى ماشىنىغا چۈشۈپ، كۆزىمىز ماشىنىدىن قايتقان ئەكس نۇرنى كۆرۈش ئارقىلىق قىزىل رەڭ ئىكەن دەپ ئىنكاس بېرىدۇ. تەھلىل قىلىپ باقايلى، ماشىنىغا چۈشكەن كۈن نۇرى ھەرخىل چاستوتىلىق نۇرلارنى، جۈملىدىن ھەرخىل رەڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تۇرسا، قانداق بولۇپ، ماشىنىدىن قايتقان ئەكس نۇر پەقەت قىزىل نۇرغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟ مەسىلە دەل مۇشۇ، ماتېرىياللار نۇرنى تاللاپ سۈمۈرۋالىدۇ ۋە تاللاپ ئەكس نۇرىنى قايتۇرىدۇ. قىزىل ماشىنىنىڭ ئۈستىگە يالىتىلغان سىر ياكى ماتېرىيال دەل شۇ قىزىل رەڭنىڭلا (700 نانومېتىرلىق نۇر چاستوتىسىنى) ئەكسى نۇرىنى قايتۇرۇپ، باشقا چاستوتىدىكى نۇرلارنى (باشقا رەڭلەرنى) سۈمۈرۋالىدۇ.

بىر مەسىلە ئېنىق بولۇشى كېرەك: بىز نەرسىلەرنى كۆرەلىشىمىز ئۈچۈن، شۇ نەرسىلەردىن نۇر چىقىشى كېرەك. ئىككى خىل نۇر چىقىش مېخانىزىمى بار: بىرسى ئۆز ئىچىدىن نۇر تارقىتىش، يەنە بىرسى سىرتتىن كەلگەن نۇرنى ۋاستىلىق تارقىتىش. لامپۇچكا نۇرنى ئۆزى تارقىتىدۇ، لېكىن بايا مىسال قىلغان ماشىنا كۈن نۇرىدەك تاشقى نۇرنى ئەكس قىلىپ تارقىتىدۇ.

رەڭنىڭ يۇقىرىقى ئېنىقلىمىسىغا ئاساسلانغاندا، قارا دېگەن رەڭ ئەمەس، قارا دېگەن نۇر يوق دېگەنلىك. لېكىن نېمىشقا قارا رەڭلىك ماشىنا بار؟ بۇ خىل سىر ياكى ماتېرىيال كۆز كۆرگىلى بولىدىغان نۇرنىڭ ھەممىسىنى سۈمۈرۋالغانلىقىدىن، كۆزىمىز ھېچقانداق رەڭنى سېزەلمەي قارا دەپ ئىنكاس بېرىدۇ. ئاق رەڭمۇ رەڭ ئەمەس، ئۇ پەقەت يەتتە خىل رەڭنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كۆزىمىزگە كىرىپ مېڭىمىزدە ھاسىل قىلغان ئىنكاسى.

ئەمدى قىزىقارلىق سوئاللار جىق:
1.        سۇ، مۇز، ۋە قار ھەممىسى بىرخىل ماددا تۇرۇپ نېمىشقا رەڭگى ئوخشىمايدۇ؟
2.        ئىككى رەڭنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭى رەڭ ھاسىل قىلىش قانداق گەپ ئەمدى؟ 700 نانومېتىرلىق قىزىل رەڭ ۋە 530 نانومېتىرلىق يېشىل رەڭ بىرلىشىپ 580 نانومېتىرلىق سېرىق رەڭگە ئايلىنىپ قالامدۇ ياكى بۇيەردە باشقا سىرلار بارمۇ؟

يۇقۇرىقى سوئاللارغا قىزىقسىڭىز ئىزدىنىپ كۆرۈڭ ياكى بىلىمداننىڭ كېيىنكى سانلىرىغا دىققەت قىلىڭ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ PDF نۇسخسىنى بىلىمدان مەخسۇس سەھىپىسىدىن چۈشۈرۋالالايسىز (http://eser.okyan.com/Bilimdan/). بىلىمدان تور ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقاندا بىلىمدان تور ژۇرنىلىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىڭ ۋە ماقالە ئاپتورىنى چۈشۈرۈپ قويماڭ. رەھمەت.

mihin يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

بۇرۇن فىزىكىدا مۇنداق بىر سۇئال قويۇلغانكەن   يەنى رەڭلىك سايە بامۇ ؟

678123 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

رەڭ يەتتە خىل دىۋىدى، نىمىشقا يەتتە خىل بۇ ؟ ياكى ئالتە ياكى سەككىز بولماي دەپ ئويلاپ قالدىم.

قارا رەڭ  مىجازى تۇپراقمىكى، قىزىل رەڭنى ئوت دەيدىكەن. بەزى ئۆسۇملۇكلەرنىڭ رەڭگىگە قاراپ مىجازىنى ئايرىيدىغان ئىشلار بار. كۆك رەڭ سۇ، بولسا كىرەك.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

مەن ئويلايما جىسىم ئەسلى رەڭسىز، ئۇ قايتۇرغان نۇر رەڭلىك قايتقاچقا ئادەمگە رەڭلىك كۈرىنىدۇ دەپ.

678123 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

ئەمىسە مەنمۇ ھەيران، نىمىشقا ئاق رەڭگە قارا رەڭنى قاتسا كۆك بۇلىدۇ.

pervaz يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

جىسىملار نىڭ قانداق رەڭدە كۆرۈنۈشى توغرىسىدا ئەمىلىي تەجىربە بارمۇ؟  گېلەم قىزىل نۇرنى قايتۇرغاچقا قىزىل كۆرۈنىدۇ ، قارا ماشىنا ھەممە نۇرلارنى سۈمۈرىۋالغاچقا قارا كۆرۈنىدۇ دېگەندەك گەپلەرنى پەقەتلا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ ..نۇرلارنى سۈمۈرسە نېمىشقا سۈمۈرىدۇ ؟ قانداق سۈمۈرىدۇ ؟
خامىلىيوننىڭ رەڭ ئۆزگەرتىشىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش .. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى قايسى خېمىيەلىك ماددا ھەرخىل رەڭگە ئۆزگىرىپ ئەتراپتىكى مۇھىتقا ماسلىشالايدۇ دېگەنمۇ مېنىڭچە خېلى قىزىقارلىق سۇئال.

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 12:24 static/image/common/back.gif
رەڭ يەتتە خىل دىۋىدى، نىمىشقا يەتتە خىل بۇ ؟ ياكى ئالتە ...

رەڭلەرنىمۇ تادۇلاپ بوپسىز مانا.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

     رەسىم دەرسىدە كۆك ، قىزىل ، سېىرىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭنى ئانا رەڭ دەپ قارايدۇ ، ئۈچ خىل رەڭدىن دۇنيادىكى  بارلىق رەڭلەرنى تەڭشىگىلى بولغاچ ، قالغان رەڭلەر ئانا رەڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ ..
     فىزىكىدىكى ئۈچ قىرلىق پىرىزما تەجرىبىسى ، ھەسەن ھۈسەن رەڭگى قاتارلىقلارغا ئاساسەن تەبىئەت دۇنياسىدا ئاق نۇردىن يەتتە خىل رەڭلىك نۇر ئاجرىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ ، شۇڭا سىر دۇكانلىرىدا ئاق رەڭلىك سىرنى يەتتە رەڭلىك سىر دەپمۇ ئاتايدۇ ....
    تېما ماۋۇزۇسى ئانچە قايىل قىلارلىق ئەمەس .....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

    ئاساسلىق رەڭ قاتارىدا يېشىل رەڭ يوق ، سېرىق بىلەن كۆكنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېشىل رەڭنى پەيدا قىلىشقا تامامەن بۇلىدۇ ، قىزىل ،سېرىق ، كۆك ئۈچ خىل رەڭ ئارقىلىق باشقا رەڭلەرنى تەڭشەپ چىقىرىشقا بۇلىدۇ ...

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

مېنىڭچە يۇقىرىقى يازمىنى يەنە بىر ئوقۇپ چىقسىڭىز بۇ سۇئالىڭىزغا جاۋاپ چىقىدۇ. بۇنى «سايە دېگەن نېمە دېگەن» سوئالدىن باشلاڭ.

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

mihin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 08:29 static/image/common/back.gif
بۇرۇن فىزىكىدا مۇنداق بىر سۇئال قويۇلغانكەن   يەنى رەڭ ...

يەتتە خىل رەڭ دىيىلىشى ئاساسلىقى ئادەملەرنىڭ ئىنكاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. لېكىن يۇقىرىقى يازمىغا ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ باقسىڭىز، ئەمەلىيەتتە كۈن نۇرىنىڭ ئىچىدىكى نۇر دولقۇن چاستوتىسى قانچە خىل بولسا رەڭنىڭ سانى شۇنچە.

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 19:01 static/image/common/back.gif
ئەمىسە مەنمۇ ھەيران، نىمىشقا ئاق رەڭگە قارا رەڭنى قاتس ...

ئوخشىمىغان ماتىرىياللارنىڭ ئوخشىمىغان رەڭنى سۈمۈرىۋېلىشى ئۇلارنىڭ زەررىچە تىزىلىش قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدا مەن كىلەچەكتىكى يازمىلاردا توختىلىمەن.

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 20:17 static/image/common/back.gif
رەسىم دەرسىدە كۆك ، قىزىل ، سېىرىقتىن ئىبارەت ئۈچ خى ...

يازمىدىكى «ئاساسلىق رەڭ» (قىزىل، كۆك، يېشىل) ئادەم كۆزىدىكى رەڭ قۇبۇللىغۇچ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن. سىز دىگەن قىزىل كۆك سېرىق رەڭلەر بولسا، رەڭ تەڭشەش ئاساسىدا بېكىتىلگەن. تۆۋەندىكى مەنبەرنى كۆرۈپ بېقىڭ:

http://en.wikipedia.org/wiki/Primary_color

mihin يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

KarwanBiz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 23:32 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە يۇقىرىقى يازمىنى يەنە بىر ئوقۇپ چىقسىڭىز بۇ سۇ ...

    سايە دېگىنىمىز  رادىئاتسىيە تارقاتمايدىغان رايون    شۇڭا ئۇ قارا كۆرنىدۇ .
بۇيەردە دەۋاتقىنى قىزىل،يىشىل رەڭلىك سايلەر بامۇ دېمەكچى   بۇ سۇئالغا ھېچقانداق جاۋاپ چىقمايدىغاندۇ يازمىدىن   
چىقسا چۈشەندۈرۈپ قويسىڭز ؟

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

mihin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 09:08 static/image/common/back.gif
سايە دېگىنىمىز  رادىئاتسىيە تارقاتمايدىغان رايون    ...

«سايە دېگەن رادىئاتسىيە تارقاتمايدىغان رايون» دىگەن جاۋابىڭىزنى تەھلىل قىلىپ باقسىڭىز، «سايە رەڭسىز بولىدۇ» دىگەن يەكۈنگە ئېرىشىسىزغۇ دەيمەن. چۈنكى رادىئاتسىيە تارقاتمىدى دېگەنلىك نۇر تارقاتمىدى دېگەنلىك؛ نۇر بولمىسا رەڭ بولمايدۇ.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

جۈزە رەڭ ؟

uyyu يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

كۈن نۇرىنى ئېلېكتىر ماگنىتلىق دولقۇن بوغۇمى دېيىشكە بولىدۇ. كۈن نۇرى ئىچىدە ھەرخىل چاستوتىدىكى نۇر دولقۇنلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە 380 نانومېتىردىن 780 نانومېتىرغىچە (بىر مىليارد نانومېتىر بىر مېتىرغا تەڭ) بولغان نۇرلارنى ئادەم كۆزى كۆرەلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىنەپشە رەڭ (400)، كۆك رەڭ (480)، يېشىل رەڭ (530)، سېرىق رەڭ (580)، جۈزە رەڭ (610)، ۋە قىزىل (700) رەڭدىن ئىبارەت يەتتە خىل رەڭ بار.

ئازراق خاتالىق بامۇ قانداق؟
مەن ھەرقانچە ساناپمۇ 7 خىل رەڭنى چىقىرالمىدىم.



KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

uyyu يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 11:23 static/image/common/back.gif
ئازراق خاتالىق بامۇ قانداق؟
مەن ھەرقانچە ساناپمۇ 7 خى ...

رەھمەت، ئۆزگەرتىپ قويدۇم.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

KarwanBiz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 23:50 static/image/common/back.gif
يازمىدىكى «ئاساسلىق رەڭ» (قىزىل، كۆك، يېشىل) ئادەم كۆ ...

     جىق چۈشىنەلمدىم ، ئەمما پەرق ئەتتىم ، ئادەم كۆزىنىڭ پەرق ئىتىشى RGB رەڭ شەكلىنى ئاساس قىلىدىكەن ، رەڭ تەڭشەش cmyk  نى ئاساس قىلىدىكەن  ، يەنى ئالدىنقىسدا يېشىل رەڭ ، كىيىنكىسىدە كۆك رەڭ ئانا رەڭ قاتارىدا باركەن ....
     بۇرۇن رەسىم لايىھەلىگەندە دىڭبۇ رەسىملەرنى cmyk   دا ، بېيچاۋ رەسىملەرنى RGB  ھالەتتە تۇرۇپ تەھرىرلىسە ئۆلچەملىك بۇلىدىكەنتۇق ....
بەت: [1]
: رەڭنىڭ ماھىيىتى: ئاق ۋە قارا ئەسلى رەڭ ئەمەس