xjrawan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 17:05:32

خوتەن ئىلىم چېيى لېكسىيەسىدىن تەرمىلەر

خوتەن ئىلىم چېيى لېكسىيەسىدىن تەرمىلەر
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:خاراكتېر خاسلىقى    پاسسىپ بىخەتەرلىك    كارخانا مائارىپى   ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت   خاراكتېر كۈچى   ھەمكارلىق  تور سودا پۇرسىتى    مىكرو تىپلىق كارخانا   سودا قېلىپى  


2015-يىلى 3-ئاينىڭ7-كۈنى خوتەندىكى شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە بىر قىسىم مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى ئارقىلىق يەنە بىر مەيدان ھەقسىز ئېلىم چېيى لېكسىيەسى سۆزلەندى. لېكسىيەگە تەكلىپ بىلەن ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئاتاقلىق ئەربابلىرىمىزدىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرىستېتى تىل-ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ پىروفېسسورى، ماگىستىر ئاپىرانت يېتەكچىسى، جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئەدىب ۋە مەدەنىيەتتەت قىقاتچىسى، شۇنداقلا زامانىمىز ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيەسىنىڭ مۇھىم باشلامچىلىرىدىن بىرى، ئۆتۈكەن سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىم ۋە شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرىستېتى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى ئېلېكتىرونلۇق سودا كافېدىراسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ خۇارۈيتەي ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى،تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باش دېرىكتورى، مالىيە باش نازارەتچىسى، ئۆتۈكەن سودامەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، 27 يېشىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېلېكتىرون سودا پەنلىرى دوكتۇرىئابدۇراخمان ئابدۇغېنى  قاتارلىق ئىككەيلەن كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ نادىر نوتۇقلىرىنى كەڭ ئىشتىراكچىلارغا  سۇندى. لېكسىيە ئاڭلاشقا كىرگەن 450 دەك كىشى زالغا لىق تولغان بولۇپ، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى، كىشىلەر بۇ قېتىملىق لېكسىيەدىن خېلى كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.




چۈشتىن بۇرۇن، ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىم ئۆزىنىڭ «كارخانا باشقۇرغۇچىنىڭ خاراكتېر كۈچى توغرىسىدا» تېمىسىدىكى لېكسىيەسىنى سۆزلىدى. تولىمۇ مەنتىقىلىق، ئاممىباب سۆزلەنگەن بۇ نوتۇق ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، چاۋاك سادالىرى ئارقا-ئارقىدىن ياڭراپ تۇردى. ئابدۇقادىر مۇئەللىمنىڭ ئېيتقان ھەربىر سۆزلىرى بىر ھېكمەت بولۇپ، ھەقىقەتەن ئاڭلىغان كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇراتتى.


لېكسىيە ۋاقتى ئۇزۇن، ھەم ھەممە سۆزلىرىنى خاتىرىلىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزۈم يېزىۋېلىشقا ئۈلگۈرگەن بەزى قىسقا مەزمۇنلارنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم. بۇلار پەقەت ئۆزۈم ئاڭلاش جەريانىدا تېرىپ، دانلاپ يېزىۋالغان مەزمۇنلار:
1.      يانچۇقىنىڭ قۇرۇقلىقى بىر ئادەمنى ھالاك قىلىۋېتەلمەيدۇ، ئەمما ئىلىمىنىڭ قۇرۇقلىقى بىر مىللەتنى ھالاك قىلىۋېتەلەيدۇ.
2.      لېكسىيەلەرنىڭ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلىشى مەرىپەت جەھەتتە پىشقان خەلقنىڭ بارلىققا كېلىشىگە كاپالەت بولالايدۇ.
3.      مۇشۇ كۈنلەردە جېق ئادەملەردە خارەكتېر يوقتەك بىلىنىدىغان بولۇپ كەتتى، كىشىلەردە خارەكتېر خاسلىقى يوق.
4.      باشقۇرۇلۇش بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن جەمئىيەتتە ئادەمنىڭ خارەكتېر خاسلىقى يوقاپ كېتىدۇ.
5.      خارەكتېرى يوق ئادەملەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى بىرئاپەت. بۇ ھەم سىياسىي، ئىجتىمائىي، ھەم ئىقتىسادىي ئاپەت.
6.      دۇنيادا كېرەكسىز ئادەم يوق. ئۇنى كېرەكسىز قىلىدىغىنى ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئىجتىمائىي مىخانىزىم.
7.      بىر ئادەم قانچە باشقىلارغا ئوخشىۋالسا شۇنچە بىخەتەر ھېس قىلىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ پاسسىپ خاتىرجەملىك، پاسسىپ بىخەتەرلىك.
8.      زىيالىي دۇنيانى خەرىتىدىن چۈشەنسە، سودىگەر ئۆز قەدىمى بىلەن چۈشىنىدۇ.
9.     «ماڭغان-دەريا، تۇرغان-بورىيا». جېق يەرلەرنى ئايلىنىپ كۆزىنى ئېچىپ تۇرىدىغان ئادەم دەريادەك بولىدۇ، جايىدا جىم تۇرىۋالغان ئادەم بورىدەك ئاخىرىدا چىرىپ يوقايدۇ.
10.   بۈگۈنكى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە يەر، ئەمگەك ۋە كاپىتال بايلىق بولالمايدۇ. پەقەت بىلىملا ھەقىقىي بايلىق بولالايدۇ.
11.   ئىجادىيەت - بۇندىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ ماتورى.   –جۈسۈف
12.   بىزلەردە بەزىبىر تارىخىي كەچۈرمىش نەتىجىسىدە بىر خىل قوغدىنىش پىسخىكىسى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. شۇڭا ھەممەيلەن ئۆي سېتىۋېلىشنىلا ئويلايدۇ. ئۆيى بولسا، بىر جايدا مۇقىم قاپسىنىۋالسىلا بولىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.بىراق بالىغا ئۆي ئېلىپ بەرگەندىن كۆرە، ئۆينى سېتىۋېتىپ بالىنى ئوقۇتۇش خاتالاشمايدىغان ئىش.
13.   ئىنسانىيەتكە تۆھپە يارىتىش ئۈچۈن چەكلىك بولغان مەھەللىۋى دائىرىلەردىن ھالقىپ چىقىش كېرەك.
14.   بىزنىڭ كارخانىلىرىمىز كۆپىيىۋاتىدۇ، خوتەننىڭ ئۆزىدىمۇ ئەنگە ئېلىنغان كارخانا تۆت مىڭدىن ئاشىدىكەن. بۇ كارخانا مائارىپىنىڭ بولمىسا بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
15.   كارخانا بولۇپ، كارخانا مائارىپىنىڭ بولماسلىقى ھەقىقىي زامانىۋىي تەرەققىي قىلغان كارخانىنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
16.   بەزى ئادەملەرنىڭ پەقەت نوپۇسىلا ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بىراق ئادىمى مەۋجۇتلۇقتىن دېرەك بېرەلمەيدۇ.
17.  «كاپىتالنىڭ سىرى» (روكفىللېرنىڭ تەرجىمىھالى) دېگەن كىتاپتىن:
بىر شىركەتنى شەكىللەندۈرىدىغىنى پەقەت كاپىتال، زاۋۇت ۋە كەسكىن مەنىدىكى ماددىي بايلىقلارلا بولماستىن، يەنە كىشىلىك پەزىلەت، كىشىلىك قەدىر-قىممەت ۋە ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى شىركەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئامىلى.   –روكفىللېر
18.   كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ئومۇمىي خارەكتېرى:
(1)     تەۋەككۈلچى. بۆرە روھىغا خاس تەۋەككۈلچىلىك بار.
(2)     قەيسەر. قانچە ئېغىر زىيان تارتسىمۇ ئۆلۈۋالغان،ئىنسانىيىتىنى ۋەيران قىلىۋالغانلار يوق.
(3)     پاراسەتلىك. بىلىملىك ئەمەس، لېكىن پاراسەتلىك.
(4)     قولى ئوچۇق. تۇققان-قېرىنداشلىرىنى يۆلەيدۇ.مۇشۇ سىخىيلىقنى ئەقلىيلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرسەك، قىلغان ئىشىمىز بىردەملىك ئەمەس،بىر ئۆمۈرلۈك تەسىر قالدۇرسا...
چەتئەلدە بايلار ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ قالغان پۇلنى ئۆزىنىڭ دەپ قارىمايدۇ، جەمئىيەتنىڭ دەپ قارايدۇ.
(5)     يەككە پارتىزان. چوڭ ئىشلاردا پەقەت شەخسنىڭ كۈچىگىلا تايىنىپ، يەككە-يىگانە ياشايدىغان ۋاقت كەتتى(-روكفىللېر). يەككەپارتىزان شەكلىدىكى تىجارەت خەتەرلىك، رىقابەتتە ئاسانلا يەم بولۇپ كېتىش خەۋىپى بار.
(6)     ئۆگىنىش تىپىدىكى كارخانىچىلار ئەمەس.
كىتاپ ئوقۇشقا ۋاقتىڭ يەتمىسە، ئوقۇيدىغانلارنى دوست تۇت.
(7)     ھەمكارلىشالمايدۇ. ھەمكارلىق جەھەتتە بەك ئاجىز.ئىنسانىيلىقتا ئىللىتى بار. ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى، ھەمكارلىق جەھەتتىكى بۇرچىنى تونۇپ يېتەلمىگەن.
بىلسەڭلار، ھازىر،ھەمكارلىق- پەرز خارەكتېرلىك ئىش.
(8)     كونسىرۋاتىپ، جاھىل. پەقەت پۇلنىلا ئۈنۈم دەپ قارايدۇ. ئىسلاھ قىلمايدۇ.
(9)     ۋاقت باشقۇرۇش ئېڭى ئىنتايىن ناچار. نىلسون ماندىلا: ئەتتىگەندە ئورنۇمدىن ساق-سالامەت تۇرۇپ، سالقىن ھاۋادىن نەپەس ئېلىۋاتقىنىمدا، ياراتقۇچىدىن يەنە باشقا نەرسە تەلەپ قىلىشقا ھەققىم بارمۇ؟
ۋاقت ياراتقۇچىنىڭ ھەممە ئادەمگە ئوخشاش بەرگەن نېمىتى. روكفىللېر: پەرۋەردىگار بىزگە بۇغداينى بەردى. لېكىن ئۇنىڭدىن بولكا ياسامدۇق ياكى موما ياسامدۇق ئۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىشى.
24 سائەت ۋاقت ھەممىمىزگە ئوخشاش بېرىلدى، نېمىلەرنى قىلىش ئۆزىمىزگە باغلىق.
بەلكىم ۋاقتنى خارلىغانلىقىمىز ئۈچۈن نۇسرەتتىن بىخەۋەر يۈرۈۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن.
(10)  تەسىر كۈچى ئاز.
19.   ئارخىمىد:« ماڭا بىر تايىنىش نوقتىسى بەرسە،پىشاڭ بىلەن يەرشارىنىمۇ ئۆز ئورنىدىن قوزغىۋېتەلەيمەن» دېگەن. ئالىم، مۇتەپەككۇر،ئاقىل كىشىلەر سىزگە شۇنداق پىشاڭ بولالايدۇ، تايىنىش نوقتىسى تەمىنلەپ بېرىدۇ.
20.   خارەكتېر كۈچى- ھېس قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر خىل كۈچ.
21.   سىزنى ھۆسىن-لاتاپىتى بىلەن جەلىپ قىلغان ئايالدىن، خاراكتېر كۈچى بىلەن جەلىپ ئايال ياخشى چىقىدۇ.
22.   بىزدە ھۆسۈن تۈزەيدىغان ئادەملەر(美容店) كۆپ بولۇپ كەتتى. قەلبنى تۈزەيدىغانلارمۇ تەڭ كەلسە نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى!
23.   مارتىن ئۆزىنىڭ «مۇۋەپپەقىيەت پىرىنسىپلىرى»ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن: جەلىپكار خاراكتېرنىڭ كۈچى ھەرقانداق ئەقىل،بىلىمدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.
24.   لىدىر دېگەنلىك ھەممىنى بىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس،ئىنسانىيلىقتا ھەممىنى سۆيۈندۈرىدۇ دېگەنلىك.
25.   بىزگە بېرىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىب ېرىلىپ بولغان. گەپ قانداق تەسەۋۋۇر قىلىشتا، قانداق تونۇشتا.
26.   جەلىپكار خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە تەسىر قىلىدىغان نەرسىلەر:
(1)    تەقۋالىق. يەنى، ئۆز پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرالايدىغان بولۇش.
(2)    بىلىم. بىلىمنىڭ كۆپ بولۇشى خاراكتېر جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرىدۇ. بىلىمنى سۆيۈش كېرەك، لېكىن بىلىمنىڭ قۇلى بولۇپ قالماسلىق كېرەك.
(3)    قىزغىنلىق. قىزغىن ئادەملەرنىڭ روھىي ساپاسى يۇقىرى بولىدۇ.
تەبىر: مەدەنىيەت -بىر خىل كۈلۈمسىرەشتۇر.
كەيپىيات يۇقىدۇ.
قىزغىنلىق ۋە ئاكتىپ مۇئامىلە ھەرقانداق پاسسىپ مۇئامىلە ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ.
(4)    كەڭ قورساق بولۇش. كانت: ئاچچىقلاش باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئارقىلىق ئۆزىنى جازالاش.
(5)    تەشكىللەش ئىقتىدارى بولۇش.
(6)توغرا بولغان ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بولۇش.
27. روكفىللېر: بارلىق ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ پۇل تېپىش ئۈچۈنلا پۇل تېپىشتىنمۇ نۇمۇس ئىش بولمىسا كېرەك.
28.سېنىڭ ئەقىدەڭ، دىنىڭ ھاياتىڭدىكى ھەربىر قىلىق، ھەرىكىتىڭگە ئايلانمىسا ئۇنداق دىننىڭ نېمە كېرىكى!؟
29.خالىس نىيەت بىلەن قىلغان ئەرزىمەس بىر ياخشىلىق تۈپەيلىدىن بىر ئۆمۈرلۈك ساۋاپقا ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن. قىلغان ھىممىتىڭىز سىز كۈتمىگەن باشقا بىر ئادەمدىن يانىدۇ.ئەجىرنى دەجلە دەرياسىغا قىلساڭ، مېۋىنى باياۋاندىن ئالىسەن.
30.جەلىپكار خاراكتېر يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن:
     (1) قول ئاستىڭىزدىكىلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى قۇرۇڭ.
     (2) پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئۇستا بولۇڭ.
     (3) ئادەمنىڭ قەلبىنى پاكىز قىلىپ تۇرىدىغان نەرسە: ئىبادەت ۋە ساخاۋەت.
         باشقىلارغا بېرىشنىلا ئويلايدىغان ئادەم ئالىيجاناپلىقنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان بولىدۇ.
         ئىبادەت تۆۋە مەزمۇنلىرىغا ئىگە بولمىسا بىكارغا قىلىنغان ئىبادەت.
     (4) كىتاپ ئوقۇش.
     (5) ساياھەت قىلىش كېرەك. بۇ تىرىك كىتاپ ئوقۇش بىلەن تەڭ. تارىختا ئېكىسپىدىتسىيە تەرەققىي قىلغان مىللەتتە تەرەققىياتمۇ تېز بولغان.
31.ھەممە نەرسىنىڭ تەقلىد نۇسخىسىنى كۆرۈپ كۆنۈپ كەتكەنلەر ھاياتنىڭمۇ تەقلىد نۇسخىسىدا ياشايدۇ.
32.كارخانىچىلىق- زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ ماتورى.

ئارقىدىن ئابدۇقادىر مۇئەللىم تۆۋەندىكى ئىشتىراكچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى:


سوئال سورىغۇچى: شىرىكلىشىشىتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ئابدۇقادىر جالالىدىن: بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك: (1) نىشان ئايدىڭ بولۇشى كېرەك. نىشانىغا ماس كېلىدىغان ياراملىق، قابىل كىشىلەرنى تېپىش كېرەك. (2) مەنپەئەت ئورتاقلىقىنى ئويلىشىش. (3) پىرىنسىپ، توختام تۈزۈش.  (4) ھەمكارلىق جەريانى ۋە باسقۇچلىرىنى پىلانلاش.
سوئال سورىغۇچى: كارخانىچىلارنىڭ ئۆزى بىلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن پەرزەنىتلىرىنى كىچىكىدىن خەنزۇتىلى مۇھىتىدا تەربىيىلىشىگە قانداق قارايسىز؟
ئابدۇقادىر جالالىدىن: نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنىشىنى ئويلاشقاندا توغراھېسابلىنىدۇ...
سوئال سورىغۇچى: كارخانىچىلار كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقمايدۇ، بۇنى قانداق قىلىپ ئوڭشاش كېرەك؟
ئابدۇقادىر جالالىدىن: كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش ئەسلى مائارىپنىڭ ۋەزىپىسى...مەكتەپتىن سىرت،جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مائارىپتىن ئۆگىنىش كېرەك...بىر كىتاپنى ئوقۇپ چۈشەنمىگەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىشنىڭ ئۆزى كاتتا چۈشىنىش...
سوئال سورىغۇچى: بەزى كارخانا خوجايىنلىرى قول ئاستىدىكى ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىگە ئىتىبار بەرمەيدۇ، جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئابدۇقادىر جالالىدىن: جاھىللارنىڭ ئالدىدا سەۋىرچان بولماق لازىم...




كەينىدىن، ئابىدە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇتەللىپ نۇرمەھەممەت سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كارخانا ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئاخىرىدامەلۇم بىر شەخسنىڭ ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كارخانىسىغائايلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا «ئەلدىن ئەلگە نەپ» دېگەندەك، خەلققە جاۋاپ قايتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.




چۈشتىن كېيىن دوكتۇر ئابدۇراخمان ئابدۇغېنى ئۆزىنىڭ مەخسۇس تەييارلىقى «تورسودىسىنىڭ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىغا ئېلىپ كەلگەن پۇرسىتى ۋە خىرىسى» تېمىسىدىكى نوتۇقىنى سۆزلىدى. دوكتۇر ئابدۇراخماننىڭ نوتۇقىنىڭ كەسپىي سالمىقى يۇقىرى بولۇپ، ئەتراپلىق مۇلاھىزە ۋە ئەمەلىي مىساللارئارقىلىق سۆزلەنگەچكە كىشىگە نەپ بېرىدىغان، چۈشىنىشلىك بىر مەيدان دەرس بولدى.كىشىلەر تور سودىسىنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىشنى بىلىۋالدى. بولۇپمۇ، دوكتۇر ئابدۇراخماننىڭ جۇڭگۇدىكى ھەرقايسى تور سودا كارىانىچىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تاكتىكىلىرى، ئۆز-ئارا سېلىشتۇرما تەھلىللىرى مېنىڭ تور سودىسىغا بولغان چۈشەنچەمنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرىۋەتتى. تۆۋەندىكىسى مەن لېكسىيە جەريانىدا خاتىرلىۋالغان جۈملىلەر:
1. ھازىر تور سودىسىغاسەل قارىغان ھەرقانداق كارخانا 5-10 يىلدا دەۋىر تەرىپىدىن شالللىنىپ قالىدۇ.
2. جۇڭگۇ بويىچە بىرىنچى باي مايۈننىڭ 150 مىيارد پۇلى بار. كۈندە5 مىليون خەجلىسىمۇ 86 يىلدا خەجلەپ بولىدۇ.
3.تور سودىسى كەسپ ئەمەس، سودا قېلىپى.
4.تېخنىكا ياكى ئالاھىدە مەھسۇلات بىلەن بازار ئاچىدىغان دەۋىر ئۆتۈپ كەتتى. نوكىيا،موتورولا شىركەتلىرىنىڭ بۈگۈنكى  ئەھۋالى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.
5.ھازىر ئىدىيە پۇل تاپىدىغان دەۋىر.
6.مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانى... 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى بىر كۈن ئىچىدە تاۋباۋ تور بېتىدىكى سېتىۋېلىش سومممىسى 57 مىليارد بولغان.
7.تاۋباۋدىكى مەھسۇلات بىرسىمۇ ئۆزىنىڭ ئەمەس.
8.ھەقسىز- ئەڭ چوڭ ھەقلىق دېگەنلىكتۇر.
9. كەلگۈسى كىچىك مىكرو تىپلىك كارخانىلارغا تەۋە.
10.لاڭ شىيەنپېڭ: ھەر ئون يىلدا بىر يېڭى ئىدىيە پەيدا بولىدۇ، مۇشۇ ئىدىيىنى تۇتۇۋالغانلار  بېيىپ كېتىدۇ.
11.ھازىر مەن تاۋباۋدا دۇكان ئاچماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، ھازىر ئۇنىڭدا 13مىليون دۇكان بار.
12.ھازىرقى تور سودا قېلىپى مۇنداق تۆت خىل: (1) B2B (2) B2C    (3) C2C     (4) 020
13. شىياۋمىي تېلېفۇنىنىڭ ئېلانى يوق، ۋاكالەتچىسى يوق، زاۋۇتى يوق. لېكىن بىر يىلدىلا 12 مىيارد پۇل تاپقان.
14.ئەنئەنىۋى سودىدىكى مونوپوللۇقنى ئېلىۋالغان ئۈچ ساھە: نىفىت، تېلېگىراف ۋە بانكا. بۇنىڭ ئىچىدە ھازىر تېلېگىراف بىلەن بانكا ئاللىقاچان تور سودىسىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىپ بولدى.
15.تور سودىسى مۇنداق بەش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ: (1) كۆچمە تور سودىسى.تېلېفۇندا سودا قىلىش. (2) تور سودا پۇل مۇئامىلىسى. (3)  O2O سودا قېلىپى. (4) چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى.  (5) C2B (ئىستىمالچىلار بىلەن كارخانىچىلار سودىسى)
16.باشقىلارنىڭ بىر ناننى يېگىنىنى كۆرۈپ، مەنمۇ شۇ ناننى يەيمەن دېسىڭىز،باشقىلاردىن ئاشقان ناننى يەيسىز.
17.تور سودىسىدا ئىستىمالچىلارنىڭ ئىدىيىسى ئېچىلىپ كەتتى، ئەمما كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسى ئېچىلىپ بولالمىدى.
18.مايۈن نېمە ئۈچۈن شىنجاڭغا كېلىدۇ؟ سەۋەبى: (1) شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى» دىن مايۈن غايەت زور سودا بوشلۇقىنى كۆرۈپ يەتتى ۋەشىنجاڭ ھۆكۈمىتى بىلەن كىلىشىم ئىمزالىدى. (2) يەرلىك مەھسۇلاتلارنى تور ئارقىلىق تارقىتىش. (3) شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، يەنى نىفىت قاتارلىقلارنى ئويلاشقان.(4) كىلىمات جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى مۇلازىمىتىر قويۇشقا پايدىلىق. (5) يەنە سىياسەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكنى تونۇپ يەتتى.
19.تور سودىسىنىڭ مىللىي كارخانىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسىتى: (1) تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش. (2) تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرىنى قۇرۇش. (3) ھەرخىل مەھسۇلاتلارنى تور ئارقىلىق سېتىپ چىقىرىش. (4) ساياھەت بايلىقلىرىمىزنى تور ئارقىلىق سېتىپ چىقىرىش. (5) كەسپلەشكەن تور سودا شىركەتلىرىنى قۇرۇش.
20.بىز ۋاكالەتچىنى يوقىتىپ، پايدىنى ئىستىمالچىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەندە ئاندىن تېز تەرەققىي قىلالايمىز.
21.ھەربىر كارخانىچىدا توشقانغا ئوخشاش سۈرئەت، تاشپاقىغا ئوخشاش سەۋىر، ئىزچىللىق بولۇشى كېرەك.
22.ھەمكارلىشىش ئارقىلىق كۆلەملەشكىلى بولىدۇ.
23.بىلىمنىڭ يېرىمى پىكىرلىشىشتىن كېلىدۇ.

لېكسىيەدىن كېيىن، دوكتۇر ئابدۇراخمانمۇ يەنە تۆۋەندىكىلەرنىڭ سورىغان سوئالللىرىغا ناھايىتى ئەتراپلىق، قايىل قىلارلىق جاۋاپلارنى بەردى. ھەمدە كىشىلەرنىڭ تور سودىسى ھەققىدە يولۇققان ھەرقانداق مەسىلىرى بولسا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



ئاخىرىدا بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى لېكسىيەنىڭ ھەقسىز روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچ چىقارغان سەككىز شىركەتنىڭ باشلىقلىرىغا ئۆز كۆڭۈل سوۋغىسىنى بىلدۈردى. رەسىمدە:سوۋغاتلىق كىتاپلارنى دوكتۇر ئابدۇراخمان ئابدۇغېنى تارقىتىپ بېرىۋاتىدۇ.

مۇشۇنداق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى، خەلقنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئىلىم سورۇنلىرىنى ھازىرلاشقا ئىقتىساد ۋە كۈچ چىقىرىپ  كېلىۋاتقان كارخانىچىلىرىمىز بىزنىڭ قوللىشىمىز ۋە مەدىتىمىزگە موھتاج. خەلقنىڭ ماددىي ساپسىنىلا ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يەنە مەنىۋىي ساپاسىنمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن خەيىر- ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان كارخانىچىلىرىمىزغا ئاپىرىن ئېيتىشىمىز، ئالقىشلىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق، ۋە نۇسرەت ياغقاي!
تۆۋەندىكىسى بۇ قېتىملىق ھەقسىز ئىلىم چېيى دەستىرخىنىنى ھازىرلىغان سەككىز شىركەتنىڭ تىزىملىكى:
1.       شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
2.       شىنجاڭ يارام مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى
3.       خوتەن قەلبداشلار دوختۇرخانىسى
4.       خوتەن سەرۋاز سودا چەكلىك شىركىتى
5.       شىنجاڭ يېڭى نىشان تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
6.       شىنجاڭ ئەللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
7.       شىنجاڭ ساپدىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
8.       خوتەن نەۋباھار گىرىم بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى


مەن يۇقارقى شىركەتلەردىن سىرت يەنە بۇ قېتىمقى لېكسىيە ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ، مول مەزمۇنلۇق ياخشى لېكسىيەلىرى بىلەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈۋاتقان ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىم بىلەن دوكتۇر ئابدۇراخمان ئابدۇغېنىغا ئۆز قايىللىقىمنى ۋە چىن قەلبىمدىن تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇشۇمچە، بۇ ئىككەيلەن شەنبە كۈنلۈك لېكسىيەگە خوتەنگە كېلىش ئۈچۈن جۈمە كۈنى مېڭىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ،كۈتمىگەن يەردىن ئايروپىلاننىڭ ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەنلىك سەۋەپتىن ئاۋۋال ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا ماڭىدىغانغا ئالمىشىپ، ئاندىن ئاقسۇدىن ماشىنا بىلەن خوتەنگە كەلگەن.خوتەنگە يېتىپ كەلگەن ۋاقتىدا يېرىم كېچە سائەت 4 بولغان ئىكەن. مۇشەققەتلىك سەپەردىن ئاران يېتىپ كېلىپ نەچچە سائەت دەم ئالمايلا يەنە مۇنبەرگە چىقىپ لېكسىيە سۆزلىدى.چۈشتىن كېيىن سائەت 4-5 لەردە لېكسيە تۈگىگەن ھامان، بۇلار يەنە دوكتۇر ئابدۇراخماننىڭ تۇغۇلغان يۇرتى كېرىيەگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئەتىسى يەكشەنبە، ئۇ يەردە يەنە بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلىمەكچىكەن. ئەگەر كېرىيەدىكى لېكسىيە مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپسام، ئۇ ھقتىكى خەۋەرنىمۇ ئاخىرىدا يوللايمەن.....تارىختا نۇرغۇن بىلىملىك، ئاقىل كىشىلىرىمىز مۇشەققەت ۋە جەبىر ئىچىدە ئۆتۈپتىكەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇنداق بىلىملىك ئالىملىرىمىز نەقەدەر مېھنەتكەش-ھە!

سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا، شۇ ئەزىز كىشىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئەزىز بولۇشىنى تىلەيمەن. ئۇلارنىڭ ماڭغان ھەربىر ئىزىدىن گۈللەر ئۈنگەي!



بۇ قېتىمقى لېكسىيەنىڭ فىلىمى يەنىلا رەتلىنىپ بولغاندىن كېيىن ھەمبەھىر تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ،لېكسىيەگە قاتنىشالمىغان تورداشلار ھەمبەھىر تورىنىڭ لېكسىيە كۆزنىكىگە كىرىپ كۆرۈۋالسا بولىدۇ:http://hembehir.com/

melek يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 17:58:11

بەكلا ئەستايىدىللىق بىلەن خاتىرلەپ مېڭىپسىز، مەن لىكسىيەنىڭ ھەممىسىگە دەپتەر قەلىمىمنى قولتۇقلاپ كىرىمەنيۇ، بىر ئىككى جۈملە يېزىپ قالغان يەردەلىكسىيە بەرگۈچىنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇرۇپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋىتىمەن دېسە...

moltoshey يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 18:25:31

ئەجەپ زېرىكتىم بۇ قاتار چايچىلاردىن، ئۆيلىرىدە باللىرى يالغۇز قالسا چاي دەپ تالاغا قاتىراپ

moltoshey يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 18:25:40

يوقالسۇن قاتار چاي

turbid يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 18:36:23

turbid يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 18:37:44

melek يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 19:27:23

turbid يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 18:37 static/image/common/back.gif
سىزما خوتەندىنما

دادام ئۆينى قەشقەرگە ساپتىكەن...شۇڭا ھازىرچە قەشقەردىن... يۇقىرقى لىكسىيەنى ئەمەس ھەرقانداق بىر لىكسىيىنى كۆزدە تۇتۇپ يازغان ئىۋۇ يۇقىردىكى ئىنكاسىمنى..

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 19:30:17

ما قەشقەرلىقنىڭ گىپىنى:lol

turbid يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 19:45:37

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 19:55:30

ماندا خىيال سۇرۇپ باقسام ، ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى تەرەققىيات توغرىسىدا لىكسىيە سوزلەۋاتقانلاردىن تالادا ھارۋا ئىشتىرىپ تىجارەت قىلۋاتقان ، قولدا بىر كويلۇق ھول قەغەز سېتىۋاتقان باللانىڭ  رولى چوڭ بولامدىكىن دەيمەن  .

VVV يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 20:25:10

turbid يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 20:25:26

turbid يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 20:26:25

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 20:46:36

ھارۋىكەشلە، قەغەز سېتىۋاتقانلا ھىچ بولمىغاندا  ھالال ئىشلەپ كەلگۇسى ئۇچۇن تىرىشىۋاتىدۇ ، ھېچ بولمىغاندا بىزنى ئەزرزان مال بىلەن ئىشىك ئالدىمىزغا ياكى ئولتۇرغان يېرىمزگە ئەكىلىپ تۇرمۇشىمىزغا قولايلىق يارتىپ بېرىۋاتىدۇ . شۇڭا لىكسىيەچىلەردىن ، نەزىريەچىلەردىن ئەمىلى ئىش قىلۋاتقانلانىڭ جەمىيەت تەرەققىياتىغا قوشقان توھپىسى كوپمىكىن دىدىم . لىكسىيە ئاڭلاپ بېيىپ كەتكەنلە ، كارخانلىرى تەرەققى قىپ كەتكەنلە بارمىدۇ ؟

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 21:02:51

بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم ھەممىسى ئۇلۇغ قۇرۇق گەپلەركەن ، نان يىسە قوساق تۇيۇدۇ دىگەندەك :lol:lol:lol

xjrawan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 21:17:17

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، خورازجان. بۇ لېكسىيلەر شۇنداق بىزنىڭ كىشىلىرىمىزنى مەڭگۈ ھارۋىكەشلىك قىلىپ، قەغەز سېتىپلا ئۆتۈپ كەتمىسۇن دەپ سۆزلىنىۋاتىدۇ. لېكسىيە ئاڭلاپ بېيىپ كەتكەنلەر بارمۇ؟ دەپسىز. مانا مەن لېكسىيە ئاڭلاپ بېيىدىم. مۇشۇ لېكسىيەدىلا لىق بىر ساندۇق بايلىق تېپىۋالغاچقا، بايلىقلىرىمنى كۆز-كۆز قىلاي دەپ بۇ تېمىنى يازدىم. يەنە قايىل بولمىسىڭىز، ئىشىنىمەنكى، ھەرقانداق بىر ئۇتۇق قازىنىپ بېيىغان كارخانىچىلارنىڭ بىرەرسىدىن سىزنىڭ بېيىشىڭىزغا «قۇرۇق گەپلەر» تەسىر قىلىپ باققانمۇ دەپ سوراپ باقسىڭىز، ھەممىسى ياق دېيەلمەيدۇ...

turbid يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 21:33:43

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 21:39:31

turbid يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 21:33 static/image/common/back.gif
سىز بۇلارنى قۇرۇق گەپ دەۋاتامسىز،سىز كىتابنى ھۆرمەتل ...

مەن ئېغىز پالۋىنى بولسام ھىچ گەپ يوق ، مەن ئاددى پۇقرا . لېكىن نامى چىققان زىيالىلا ئېغىز پالۋىنى بوپ قالسا بولمايدۇ. مەن كوپ گەپ قىلغان ئادەمدىن جىمجىت ئىش قىلغان ئادەمنى ياخشى كورىمەن .

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 22:34:38

بۇ ئىش ئەمەسما؟ قانداق قىلسا ئەمەلىي ئىش قىلغان بولىدۇ؟

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 22:44:33

گەپ قىپتىغۇ ، ئاندا قىلسا ماندا بولدۇ دەپ  ، تېمىدا ماندا ئىش قىلدى دىگەن گەپنى قىلماپتىغۇ ..
بەت: [1] 2 3
: خوتەن ئىلىم چېيى لېكسىيەسىدىن تەرمىلەر